- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 253
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- UID
- 4341
- يازما
- 253
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- توردا
- 67 سائەت
|
خەقنىڭ خۇتۇنى، ئاچىسى، سىڭلىسى، ئانىسى، قىزى يۈزىنى يۆگەپ سىزگە كۆرسەتمىسە، ئېچىپ كۆرىدىغانغا ھەققىڭىز بارمىدى؟
سىزنىڭ قىزىڭىز ياكى خۇتۇنىڭىز يېرىم يالىڭاچ يۈرسە، بىرەر روپاش كېلىپ ھاقارەت قىلغانمۇ-يا؟
خەق ئۇزۇن كېيىم كىيسە، كەڭرى كىيىم كىيسە، سىزنىڭ پۇلىڭىزدا كىيمىگەندۇ؟ سىزدىن رەخىت تىلىمىگەندۇ؟
خەقنىڭ خۇتۇنى ياكى قىزىنىڭ مەخسۇس سىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن بەدىنىنىڭ بەزى يېرىنى ئېچىش مەجبۇرىيىتى بارمىدى؟ سىز كىمدىڭىز خەقنىڭ كىيىمىگە ئارىلىشىدىغانغا؟!
ئۇزۇن كىيىمگە، بەدەننى تۇلۇق يۆگەشكە قارشى بولسىڭىز، ئۆلگەن چېغىڭىزدا كىپەنگە يۆگەنمەي يالىڭاچ يېتىڭ، ياكى ئۆيدىكى خۇتۇن قىزىڭىزنى ئۇزۇن كىيىم كىيگۈزمەي، يېرىم يالىڭاچ قويۇپ باشقۇرۇڭ.
باشقىلارنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغانغا تەشۋىقات بۆلۈمى سىزگە مەخسۇس ۋەزىپە تاپشۇرغان بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا.
مەن ئۇزۇن كىيىم كىيىمەن، بېشىمغا چېچىمنى كۆرسەتمەستىن ياغلىق ئارتىمەن، لېكىن يۈزۈمنى يۆگىگەن روپاش ئەمەسمەن.
ئەمما تەقۋا يولىنى تۇتۇپ يۈزىنى يۆگىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇلارنىڭ خالىغانچە كىيىنىش ھەققى ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
روپاش نىقاپلىنىپ جىنايەت سادىر قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئەسلى ھۆكۈمەت ياللانما مىنبىڭلارنى كۆپەيتىپ لالما غالچىلارنى ئاۋۇتۇشقا خەجلىگەن مەبلەغنى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا خەجلەپ، جىنايەت ۋاستىلىرى (خرويىن، ئەيدىز، ئوق دورا پارتلاتقۇچ) قاتارلىقلارنى مانچە مېتىر نېرىدا تۇرۇپ سىزەلەيدىغان رادار، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرالىغان بولسا، بۇنداق يۈزىنى يۆگىگەن خانىم قىزلىرىمىز بىھۇدە گۇمانلىنىشنىڭ قۇربانى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولمىغان، زورودەك كىيىنگەن جىنايەتچىلەرمۇ جەمئىيەتكە زىيان سالالمىغان بولاتتى
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-18 12:30):
مالىك خېنىمغا ئىنكاس: مەن ئۇيغۇر. قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇغىلى 20 يىل بولدى.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-18 12:31):
مالىك خېنىم: مەن ئەرەپچە بىلىمەن. قۇرئاننى ئەرەپچىسىدىن چۈشىنىپ ئوقۇيمەن. |
|