- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 253
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- UID
- 4341
- يازما
- 253
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- توردا
- 67 سائەت
|
menzil0999 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 04:25 
خاتا دېگىنىم ئەمەس، ئەنئەنە بويىچە دىندىن چەتنىمىگەن ...
1) ئەنئەنە بويىچە دىندىن چەتنىمىگەن ئاساستا ،يۈزىنى ياپمىسا خاتامۇ؟
2) ئاياللار چىرايىنى ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان ،شۇنداق پۈركۈنۋالىدىغانغا ئۇلار نېمە گۇناھ قىلغان؟ ئۇلاردا ئەركىنلىك يوقمۇ؟
3) داڭلىق ئەرەپ سىياسىئون ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى يېپىۋىلىپ تېلىۋۇزۇردا نۇتۇق سۆزلىگىنىنى كۆرگەنمۇ سىز؟دىندا زادى يۈزىنىمۇ كۆرسەتمەسلىك كېرەك دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەنمۇ؟
4) يۈزىنى ياپماي، بەك ئورۇنۋالماي لايىقىدا كىيسە دېمەكچى.
---------------------------------------------------------
توردىشىم، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى 4 جۈملە ئىنكاسىڭىزغا مەن رەت تەرتىپ بويىچە جاۋاب بېرەي:
1) ئەنئەنە بويىچە دىندىن چەتنىمىگەن ئاساستا ،يۈزىنى ياپمىسا خاتامۇ؟
جاۋاب: سىز دەۋاتقان مەسىلە ئىسلام دۇنياسىدا ئىختىلاپ بولۇۋاتقان مەسىلە. بەزى ئالىملار يۈزىنى يېپىش پەرز دەيدۇ. مانا ماۋۇ تور بەتتىكىدەك: http://islamqa.info/tr/ref/11774
يەنە بەزى ئالىملار يۈزىنى يېپىش پەرز ئەمەس دەيدۇ. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق دەلىلى، ئىجتىھادى بار. بۇنداق ئەھۋالدا دىن يولىنى تۇتۇپ يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارنى ئەيىپلەشكە ھەققىمىز يوق.
مەسىلەن: 33-سۈرە ئەزھەب 53-ئايەتتىكى ئەرەبچە ئوقۇلۇشى «ۋە ئىزا سەئەلتۇمۇھۇننە مەتائەن فەسئەلۇھۇننە مىن ۋەرائى ھىجاب» دېگەن ئايەتكە قارىسىڭىز، بۇ يەردە «سىلەر ئۇلاردىن (پەيغەمبەرنىڭ ئۆيىدىكى ئايالى ۋە قىزلىرىدىن) بىرەر نەرسە سورىماقچى بولغىنىڭلاردا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراڭلار» دېيىلگەن. بۇ ئايەتتىكى «ھۇننە» دېگەن ئالماش ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ، كونكىرت پالانى ياكى پۇستانى ئايال ئەمەس. مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن بەزى تەقۋا ئاياللار يۈزىنى يۆگەشنى تاللىغان، ئۇلار ئۆزىنى پەيغەمبەرنىڭ قىزلىرى دەپ ھېسابلىغان، چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بولۇش ئۈچۈن چوقۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇش شەرت ئەمەس. (پەيغەمبىرىمىز «مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بىرى» دېگەن سالمان پارسىي ئىرانلىق پارس ئىدى، ئەرەب ئەمەستى، لېكىن پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئۆزىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بىرى دېگەن، بۇ يەردىكى تەۋەلىك مەنىۋى جەھەتتىكى يېقىنلىقنى ئاساس قىلىدۇ). شۇڭا، ئۆزىنى پەيغەمبەرنىڭ قىزلىرى دەپ قارىغان مۇسلىمە ئاياللار يۆزىنى يۆگەش يولىنى تاللىغان بولسا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارى، بىزنىڭ ئەيىپلەيدىغان ھەققىمىز يوق.
ئەمما يۇقارىقى ئايەتكە ئاساسلىنىپلا «ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش پەرز» دېگەن پەتىۋانى پوككىدە تاللاشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق يەڭگىلتەك پەتىۋا يۈزىنى يۆگىمىگەن نۇرغۇن مۇسۇلمان ئايالنىڭ گۇناھكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.
2) ئاياللار چىرايىنى ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان ،شۇنداق پۈركۈنۋالىدىغانغا ئۇلار نېمە گۇناھ قىلغان؟ ئۇلاردا ئەركىنلىك يوقمۇ؟
جاۋاب: ئاياللار يۈزىنى گۇناھ قىلغانلىقى تۈپەيلى يۆگىمەي، ساۋاب ئىزدەپ يۆگەيدىغاندۇ؟! بەزى ھەددىدىن زىيادە چىرايلىق ئاياللار شۇنداق يۆگەش ئارقىلىق بەزى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ پىتنىسىدىن، زىيىنىدىن ساقلىنىدۇ. ئاياللاردا ھازىر يۆزىنى يۆگەش ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە چەكلىنىۋاتىدۇ، ئەمما يۆگىمەسلىك ئەركىنلىكى قانغۇچە بار. ئەگەر يۈزىنى يۆگەش ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بولسا ئىدى، مەنمۇ ئەتە يۈزۈمنى يۆگەيتتىم. ماڭا نېمىشقا بۇ ئەركىنلىك يوق؟ ھازىر يۈزىنى يۆگەشكە مەجبۇرلايدىغانلار كۆپمۇ؟ ياكى ئېچىشقا مەجبۇرلايدىغانلار كۆپمۇ؟ ئادىل بولايلى قېرىنداشلار.
3) داڭلىق ئەرەپ سىياسىئون ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى يېپىۋىلىپ تېلىۋۇزۇردا نۇتۇق سۆزلىگىنىنى كۆرگەنمۇ سىز؟دىندا زادى يۈزىنىمۇ كۆرسەتمەسلىك كېرەك دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەنمۇ؟
جاۋاب: مىسىردا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسدا ئىشلەيدىغان ۋە ھەرخىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يۈزىنى تولۇق يۆگىگەن ئاياللار بار. سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ نۇرغۇن تەتقىقاتچى دوكتۇر ئاياللار بار، ھەممىسى يۈزىنى تولۇق يۆگىگەن. مەن بۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. پاكىت رەسىم تەلەپ قىلسىڭىز، تېپىپ بېرەلەيمەن، ئىنشائاللاھ.
شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، قۇرئان-كەرىم 24-سۈرە نۇر سۈرىسى 31-ئايەت، 33-سۈرە ئەھزاب سۈرىسى 59-ئايەت، 24-سۈرە نۇر سۈرىسى 60-ئايەتتە دېيىلگىنىگە رىئايە قىلساق، توغرا يولدىن ئازمايمىز.
4) يۈزىنى ياپماي، بەك ئورۇنۋالماي لايىقىدا كىيسە دېمەكچى.
جاۋاب: سىز دېگەن «لايىقىدا كىيىنىش»نىڭ ئۆلچىمىنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟ قانداق كىيىنسە لايىقىدا كىيىنگەن بولىدۇ؟ قۇرئان بەلگىلىگەن ئۆلچەم بىلەنمۇ؟ ياكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىلەنمۇ؟ ياكى سىزنىڭ كۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرىنىدىغان ئۆلچەم بىلەنمۇ؟
شەخسىيىتىم توغرىلىق سورىغان يەنە بىر سوئالىڭىزغا جاۋابىم:
مەن ئۇيغۇر، ئىسلامغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىمىزنى ھۆرمەتلەيمەن. ئەتلەس كۆينەكلىرىم خېلى كۆپ، بىراق بۇ كۆينەكلەر بىلەن سىرتقا چىقققاندا ئۈستىگە ئابايى كىيىمەن، سىرتتا كۆينەكچان ھالدا پىگورا چىقىرىپ يۈرمەيمەن. كىچىك ۋاقتىمدا بېشىمدا دۇپپام بار ئىدى. بىراق ھازىر چېچىمنى تۇلۇق يۆگەيدىغان ياغلىقىم بار. كېرىيەگە بارسام، ياغلىقىم ئۈستىدىن پىيالىدەك چوڭلۇقتا دوپپا كىيىشىم مۇمكىن. باشقا چاغدا بېشىمدا دوپپام يوق.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-18 12:41):
33-سۈرە ئىسمى ئەھزاب ئىدى، ئىملا خاتالىقى سادىر قىپتىمەن. |
|