- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2013-6-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-7
- UID
- 52508
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2013-6-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-7
- توردا
- 0 سائەت
|
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزدىن يەنە بىر خوش خەۋەر
ۋاقىت: 2013- يىل 17- ماي ئاپتور: ئاچىنۇق
شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن خوش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرۋاتىدۇ، ھەم ھەر قىتىم پۈتۈن دۇنيادىكى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىۋاتىدۇ. ئىلىم-پەنگە ئائىت خەۋەرنىڭ باش بەتلەرگە چىقىشى ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس! بۇ، شۇ تەتقىقاتنىڭ سالمىقىنىڭ قانچىلىك ئىغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىتىممۇ CNN، ئەلجەزىرە قاتارلىق قاناللارنىڭ زىيارەت فىلىملىرىدىمۇ شۆھرەتكام ئۆزى سۆزلىدى.
بۇ قىتىم بىزنى تېخىمۇ خوش قىلىدىغىنى، شۆھرەتكام گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى 32 دىن يۇقۇرى بولغان ”ھۆجەيرە“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئاساسى ماقالىسىدىكى ئاپتورلار تېزىملىكىدە يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بار:– دوكتۇر ئالىمجان پولات. بۇ ساۋاقدىشىمىز بىلەن تەييارلىقنى ئۈرۈمچىدە بىلللە ئوقۇغان ئىدۇق. ئۆزى قەشقەر شەھرىدىن، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكترون ئېنژىنېرلىقىدا ئوقۇغان، ھىسابتا فىزىكىچى. 2005-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا شىۋىتسىيەنىڭ گۆتبۇرگ (شىۋىتچە باشقىچە تەلەپپۇز قىلىدۇ) شەھرى چالمېرز تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 18 ئايلىق ماگىسىتىر پروگراممىسىنى تاماملاپ 2007-يىلدىن 2010-يىلىغىچە لىنكۆپىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا (شىۋىتچە تەلەپپۇزى لىنشۆپىڭ، بۇ مەكتەپتىن تېخى يىقىندىلا ئەيساجان ئابىدىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ماتېماتېكا ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالدى، نۆۋەتتە يەنە ئىككى قېرىندىشىمىز ئايرىم-ئايرىم دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتىدۇ) نانو تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. ئالىمجان دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئالغانىدىن كېيىن ئامېركىغا ئائىلىسى بويىچە يۆتكىلىپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ كەلگۈسىدە شۆھرەتكامنىڭ ئىزنى بىسىپ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى تېلەيمەن، ھەم شۇنداق قىلالايدىغالىقىغا ئىشەنچىم كامىل!
|
|