- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 66
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 131
- تىزىملاتقان
- 2011-10-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-12
- UID
- 15718
- يازما
- 66
- تېما
- 7
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 131
- تىزىملاتقان
- 2011-10-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-12
- توردا
- 115 سائەت
|
يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ داۋامى:
مۇقەددىمە
بۆلۈنۈش ئىككىلەمچى ئوتتۇرا مەزگىلى (MII, metaphase II) دە توختاپ تۇرۋاتقان تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە كۆچۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى قايتىدىن تۆرەلمە مەزگىلىدىكىگە ئۆزگەرتەلەيدىغان سىتوپلازمىلىق ئامىللار مەۋجۇت. قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا تۇنجى قىتىم بايقالغاندىن تارتىپ (Gurdon, 1962)، تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش (somatic cell nuclear transfer, SCNT) تىېخنىكىسىنىڭ بىر قاتار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا مۇۋاپپىققىيەتلىك بولۇشى يادروسىزلاندۇرۇلغان ۋە ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى چىقىرىۋىتىلگەن تۇخۇم (سىتوپلاست) نىڭ قايتا پروگراممىلاش خۇسۇسىىيىتىنىڭ ھەممە جانلىقلاردا ئۇنۋىرسالىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى (Campbell et al., 1996; Solter, 2000; Wilmut et al., 1997, 2002). بىراق، SCNT تېخنىكىسىنىڭ ھايۋانلارنى كلونلاشتا غايەت زور قوللىنىشچانلىقى بولسىمۇ، لىكىن تۇخۇمدىكى ئامىللارنىڭ قايتا پروگراممىلاش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىخانىزىمى بىزگە يەنىلا ئومۇمەن نامەلۇم.
ئىنسانلاردا، SCNT ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن (Lanza et al., 1999; Yang et al.,
2007). گەرچە ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى سانسىزلىغان سىناقلار ۋە ئۇرۇنۇشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش تېخى غەلبىلىك بولمىغان ئىدى. بۇ يولنى توسۇپ مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقىنى بولسا SCNT ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن ئنسان تۆرلمىلىرى بالدۇر ئۆلۈپ كىتىپ، بۇ تۆرەلمىلەردىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولمىغان. كۆپىنچە ھاللاردا، SCNT تۆرەلمىلىرى 8 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيلا ئۆلۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ كۆچۈرۈلگەن يادرودىكى گېنلارنىڭ ۋاقتىدا ئاكتىپلاشماسلىقىدىن بولغانلىغى پەرەز قىلىنغان (Egli et al., 2011;Noggle et al., 2011). بىر نەچچە قىتىملىق ئەھۋاللاردا، SCNT تېخنىكىسى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن تۆرەلمىلەر گەرچە تۆرەلمە خالتىسى (بلاستۇلا) باسقۇچىغىچە يىتىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تۇراقلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى (ESC) ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ياكى تەتقىقاتچىلار ئايرىپ ئىلىشقا ئۇرۇنمىغان (Fan et al., 2011; French et al.,2008). تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تېخى ئىنىقلانمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلاردىكى ئىنسان تۇخۇمىغا ئىشلتىلگەن SCNT تېخنىكىسى ئۇسۇللىرى (پروتوكول، protocol) پىرىمات تىپىدا بولمىغان ھايۋانلار ئۈچۈن لايھەلەنگەن. ئىلگىرى، بىز SCNT تېخنىكىسىنى پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارغا خاس قىلىپ ياخشىلاش ئارقىلىق گانگې دەرياسى مايمۇنى (rhesus monkey) نىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىنى يادرو يۆتكەش تېخنىكىسى (SCNT) دىن پايدىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتا پروگراممىلاپ چىققان ئىدۇق (Byrne et al., 2007;Sparman et al., 2009). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خۇددى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىسىمۇ چوقۇم قايتا پروگراممىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق.
يىقىنقى بىر نەچچە كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى يادروسىدىكى ئېرسىي ماددىلار (خىروموسوملار) نىڭ ئىلىپ تاشلىنىشى سىتوپلاست (ئۇرچۇق يىپچىلىرى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى) نىڭ داۋاملىق قايتا پروگرممىلاش ئىقتىدارىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەن (Noggle et al., 2011). بىراق، بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ئۆز خىروموسوملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە بولغان بۇ تۇخۇم تەرەققىي قىلىپ تۆرەلمە خالتا باسقۇچىغىچە تەرەققىي قىلالىغان ھەم ئۇنىڭدىن ESC يەنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولغان. بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئېھتىمالغا يىقىن بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولسا ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىدىكى قايتا پروگراممىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىللار خىروموسوم ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان بولۇشى ھەم تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش جەريانىدا بۇ ماددىلار ئىلىپ تاشلانغان ياكى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، SCNT تېخنىكىسى جەريانىدىكى تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش، تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كۆچۈرۈلىشى ياكى سىتوپلاستنىڭ ئاكتىپلىشىشى قاتارلىق جەريانلارنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسى تۇخۇم سىتوپلازما سۈپىتىگە سەلىبىي تەسىر ئىلىپ كىلىپ تولۇق پروگراممىلاش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى جەريانغا باغلىنىشلىق بولغان ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، بىز يىقىندا كۆزەتكەن MII مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ سان كىمەيتىپ بۆلۈنۈشتە توختىشىنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقى ۋە ئاسانلا مىخانىك مەشغۇلاتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق (Tachibana et al., 2013). بۇرۇن بىز سىتوپلاستنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشىگە خاس ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ئارا دەۋرىدە تۇرۋاتقان تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كىينكى قايتا شەكىل رەتلىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق (Mitalipov et al., 2007). بۇ خىل شەكىل رەتلىنىش بىلەن SCNT تۆرەلمىسىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كىينكى تەرەققىياتى ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىشقا ئىگە. شۇڭا، بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلىشى ۋە تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كىرگۈزۈلۈشى جەريانىدا ئىنسان سىتوپلاستىدىكى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئامىللىرىنى ساقلاپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى سىستىمىلىق ھالدا باھالاپ چىقتۇق. شۇنداقلا، بىز ئادەتتىكى ئۆلچەملىك سىتوپلازمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ SCNT ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. دەسلەپتە بىز گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ پىرىماتلارنىڭ مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا يادرو كۆچۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئامىللارنى باھالاپ چىقتۇق. ئاندىن، بىز ساغلام پىدائىيلار تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ SCNT تېخنىكىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللەشتۇردۇق ھەم مىتودتىكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىنسان SCNT تۆرەلمىسىنىڭ تۆرەلمە خالتىسى باسقۇچىغا يىتىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ تۆرەلمىلەردىن بىر قانچە يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە (NT-ESC) لىنىيىلىرىنى ئايرىپ ئالدۇق ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىدىكى DNA نىڭ مۇتلەق ھالدا يادرو تەقدىم قىلغۇچى ئاتىلىق تەن ھۆجەيرىسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز يەنە قايتا پروگراممىلاشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىنسان NT-ESC لىرى ئۈستىدە كۆپ مىقداردىكى كۆپ ھەسسىلىك تەنچە تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ باردۇق.
ئىزاھات: يۇقىرىدىكىسى ماقالىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمى. كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنىڭ نەتىجە، مۇنازىرە ۋە تەجىرىبە جەريانلىرى دىگەن قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىمەن (نېسىب بولسۇن). تورداشلارنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە تەنقدى پىكىر-تەكلىپلىرى ۋە ياكى ياخشى باھالىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندە پۈتۈن ماقالىدە ئىشلىتىلگەن پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار تىزىمىلىكى بىرىلىدى.
پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
Byrne, J.A., Pedersen, D.A., Clepper, L.L., Nelson, M., Sanger, W.G., Gokhale, S., Wolf, D.P., and Mitalipov, S.M. (2007). Producing primate embryonic stem cells by somatic cell nuclear transfer. Nature 450, 497–502.
Campbell, K.H., McWhir, J., Ritchie, W.A., and Wilmut, I. (1996). Sheep cloned by nuclear transfer from a cultured cell line. Nature 380, 64–66.
Choi, I., and Campbell, K.H. (2010). Treatment of ovine oocytes with caffeine increases the accessibility of DNase I to the donor chromatin and reduces apoptosis in somatic cell nuclear transfer embryos. Reprod. Fertil. Dev. 22, 1000–1014.
Daley, G.Q., and Solbakk, J.H. (2011). Stem cells: Triple genomes go far. Nature 478, 40–41.
Danan, C., Sternberg, D., Van Steirteghem, A., Cazeneuve, C., Duquesnoy, P., Besmond, C., Goossens, M., Lissens, W., and Amselem, S. (1999). Evaluation of parental mitochondrial inheritance in neonates born after intracytoplasmic
sperm injection. Am. J. Hum. Genet. 65, 463–473.
Ding, X., Wang, Y., Zhang, D., Wang, Y., Guo, Z., and Zhang, Y. (2008). Increased pre-implantation development of cloned bovine embryos treated with 5-aza-20 -deoxycytidine and trichostatin A. Theriogenology 70, 622–630.
Egli, D., Birkhoff, G., and Eggan, K. (2008). Mediators of reprogramming: transcription factors and transitions through mitosis. Nat. Rev. Mol. Cell Biol. 9, 505–516.
Egli, D., Chen, A.E., Saphier, G., Ichida, J., Fitzgerald, C., Go, K.J., Acevedo, N., Patel, J., Baetscher, M., Kearns, W.G., et al. (2011). Reprogramming within hours following nuclear transfer into mouse but not human zygotes. Nat. Commun. 2, 488.
Fan, Y., Jiang, Y., Chen, X., Ou, Z., Yin, Y., Huang, S., Kou, Z., Li, Q., Long, X., Liu, J., et al. (2011). Derivation of cloned human blastocysts by histone deacetylase inhibitor treatment after somatic cell nuclear transfer with b-thalassemia fibroblasts. Stem Cells Dev. 20, 1951–1959.
French, A.J., Adams, C.A., Anderson, L.S., Kitchen, J.R., Hughes, M.R., and Wood, S.H. (2008). Development of human cloned blastocysts following somatic cell nuclear transfer with adult fibroblasts. Stem Cells 26, 485–493.
Gleicher, N., Weghofer, A., Lee, I.H., and Barad, D.H. (2011). Association of FMR1 genotypes with in vitro fertilization (IVF) outcomes based on ethnicity/race. PLoS ONE 6, e18781.
Gurdon, J.B. (1962). The developmental capacity of nuclei taken from intestinal epithelium cells of feeding tadpoles. J. Embryol. Exp. Morphol. 10, 622–640.
Kim, K., Doi, A., Wen, B., Ng, K., Zhao, R., Cahan, P., Kim, J., Aryee, M.J., Ji, H., Ehrlich, L.I., et al. (2010). Epigenetic memory in induced pluripotent stem cells. Nature 467, 285–290.
Kishigami, S., Mizutani, E., Ohta, H., Hikichi, T., Thuan, N.V., Wakayama, S., Bui, H.T., and Wakayama, T. (2006). Significant improvement of mouse cloning technique by treatment with trichostatin A after somatic nuclear transfer. Biochem. Biophys. Res. Commun. 340, 183–189.
Lanza, R.P., Cibelli, J.B., and West, M.D. (1999). Prospects for the use of nuclear transfer in human transplantation. Nat. Biotechnol. 17, 1171–1174.
Laurent, L.C., Ulitsky, I., Slavin, I., Tran, H., Schork, A., Morey, R., Lynch, C., Harness, J.V., Lee, S., Barrero, M.J., et al. (2011). Dynamic changes in the
copy number of pluripotency and cell proliferation genes in human ESCs and iPSCs during reprogramming and time in culture. Cell Stem Cell 8, 106–118.
Li, J., Svarcova, O., Villemoes, K., Kragh, P.M., Schmidt, M., Bøgh, I.B., Zhang, Y., Du, Y., Lin, L., Purup, S., et al. (2008). High in vitro development after somatic cell nuclear transfer and trichostatin A treatment of reconstructed
porcine embryos. Theriogenology 70, 800–808.
Mitalipov, S.M., Nusser, K.D., and Wolf, D.P. (2001). Parthenogenetic activation of rhesus monkey oocytes and reconstructed embryos. Biol. Reprod. 65, 253–259.
Mitalipov, S.M., Zhou, Q., Byrne, J.A., Ji, W.Z., Norgren, R.B., and Wolf, D.P. (2007). Reprogramming following somatic cell nuclear transfer in primates is dependent upon nuclear remodeling. Hum. Reprod. 22, 2232–2242.
Nakajima, N., Inomata, T., Ito, J., and Kashiwazaki, N. (2008). Treatment with proteasome inhibitor MG132 during cloning improves survival and pronuclear number of reconstructed rat embryos. Cloning Stem Cells 10, 461–468.
Nazor, K.L., Altun, G., Lynch, C., Tran, H., Harness, J.V., Slavin, I., Garitaonandia, I., Mu¨ ller, F.J., Wang, Y.C., Boscolo, F.S., et al. (2012). Recurrent variations in DNA methylation in human pluripotent stem cells and their differentiated derivatives. Cell Stem Cell 10, 620–634.
Noggle, S., Fung, H.L., Gore, A., Martinez, H., Satriani, K.C., Prosser, R., Oum, K., Paull, D., Druckenmiller, S., Freeby, M., et al. (2011). Human oocytes reprogram somatic cells to a pluripotent state. Nature 478, 70–75.
Pellicer, A., Ruiz, A., Castellvi, R.M., Calatayud, C., Ruiz, M., Tarin, J.J., Miro´, F., and Bonilla-Musoles, F. (1989). Is the retrieval of high numbers of oocytes desirable in patients treated with gonadotrophin-releasing hormone analogues (GnRHa) and gonadotrophins? Hum. Reprod. 4, 536–540.
Santos, M.A., Kuijk, E.W., and Macklon, N.S. (2010). The impact of ovarian stimulation for IVF on the developing embryo. Reproduction 139, 23–34.
Solter, D. (2000). Mammalian cloning: advances and limitations. Nat. Rev. Genet. 1, 199–207.
Sparman, M., Dighe, V., Sritanaudomchai, H., Ma, H., Ramsey, C., Pedersen, D., Clepper, L., Nighot, P., Wolf, D., Hennebold, J., and Mitalipov, S. (2009). Epigenetic reprogramming by somatic cell nuclear transfer in primates. Stem Cells 27, 1255–1264.
Sparman, M.L., Tachibana, M., and Mitalipov, S.M. (2010). Cloning of nonhuman primates: the road ‘‘less traveled by’’. Int. J. Dev. Biol. 54, 1671–1678.
Susko-Parrish, J.L., Leibfried-Rutledge, M.L., Northey, D.L., Schutzkus, V., and First, N.L. (1994). Inhibition of protein kinases after an induced calcium transient causes transition of bovine oocytes to embryonic cycles without meiotic completion. Dev. Biol. 166, 729–739.
Tachibana, M., Sparman, M., Sritanaudomchai, H., Ma, H., Clepper, L., Woodward, J., Li, Y., Ramsey, C., Kolotushkina, O., and Mitalipov, S. (2009). Mitochondrial gene replacement in primate offspring and embryonic stem cells. Nature 461, 367–372.
Tachibana, M., Amato, P., Sparman, M., Woodward, J., Sanchis, D.M., Ma, H., Gutierrez, N.M., Tippner-Hedges, R., Kang, E., Lee, H.S., et al. (2013). Towards germline gene therapy of inherited mitochondrial diseases. Nature 493, 627–631.
Takahashi, K., and Yamanaka, S. (2006). Induction of pluripotent stem cells from mouse embryonic and adult fibroblast cultures by defined factors. Cell 126, 663–676.
Takahashi, K., Tanabe, K., Ohnuki, M., Narita, M., Ichisaka, T., Tomoda, K., and Yamanaka, S. (2007). Induction of pluripotent stem cells from adult human fibroblasts by defined factors. Cell 131, 861–872.
van der Gaast, M.H., Eijkemans, M.J., van der Net, J.B., de Boer, E.J., Burger, C.W., van Leeuwen, F.E., Fauser, B.C., and Macklon, N.S. (2006). Optimum number of oocytes for a successful first IVF treatment cycle. Reprod. Biomed.
Online 13, 476–480.
Wakayama, T., Perry, A.C., Zuccotti, M., Johnson, K.R., and Yanagimachi, R. (1998). Full-term development of mice from enucleated oocytes injected with cumulus cell nuclei. Nature 394, 369–374.
Wilmut, I., Schnieke, A.E., McWhir, J., Kind, A.J., and Campbell, K.H. (1997). Viable offspring derived from fetal and adult mammalian cells. Nature 385, 810–813.
Wilmut, I., Beaujean, N., de Sousa, P.A., Dinnyes, A., King, T.J., Paterson, L.A., Wells, D.N., and Young, L.E. (2002). Somatic cell nuclear transfer. Nature 419, 583–586.
Wu, Y.G., Zhou, P., Lan, G.C., Wang, G., Luo, M.J., and Tan, J.H. (2007). The effects of delayed activation and MG132 treatment on nuclear remodeling and preimplantation development of embryos cloned by electrofusion are correlated with the age of recipient cytoplasts. Cloning Stem Cells 9, 417–431.
Yang, X., Smith, S.L., Tian, X.C., Lewin, H.A., Renard, J.P., and Wakayama, T. (2007). Nuclear reprogramming of cloned embryos and its implications for therapeutic cloning. Nat. Genet. 39, 295–302.
Yu, J., Vodyanik, M.A., Smuga-Otto, K., Antosiewicz-Bourget, J., Frane, J.L., Tian, S., Nie, J., Jonsdottir, G.A., Ruotti, V., Stewart, R., et al. (2007). Induced pluripotent stem cell lines derived from human somatic cells. Science 318,
1917–1920. |
|