كۆرۈش: 60261|ئىنكاس: 67

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ داڭلىق ماقالىسى (ئۇيغۇرچە تەرجىمە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15718
يازما
66
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
131
تىزىملاتقان
2011-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2014-12-12
توردا
115 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 02:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار، دۇنياغا مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ (Shoukhrat Mitalipov) بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى "Cell"  يەنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس بىئولوگيە ژورنىلى بولغان "ھۆجەيرە" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى. بۇ زور بۆسۈش ئامرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدا كۆپ قىتىملاپ خەۋەر قىلىنىپ، ئالىمنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنى كەلگۈسىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان ئەزالىرىنى يىتىشتۈرۈپ كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ دەپ قارىماقتا. مۇشۇنداق مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تور ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋەر قىلىندى، لىكىن مەزكۇر ئىلىم-پەننى يىڭىلايدىغان بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا تەرجىمە قىلىنپ دەرھال ئېلان قىلىنماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن شۆھرەت ئاكىنىڭ تەتقىقاتلرىغا يىقىندىن ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن بىرەسمىي تەلىم ئالغان بىر ياش بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي ۋاقىت چىقىرىپ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەسلى ماقالە بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىنى باش تارتسام بولمايدىغان بۇرچۇم دەپ قارىدىم. مەن كۆپىنچە بىئولوگىيە دەرسلىرىنى خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە ئوقۇغانلىقىم ھەم تەرجىمە قىلىشتا تەجىربەمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي، شۇنداقتىمۇ كەمىنە كەمتەرلىك بىلەن مۇشۇ ئىشقا ئالدى بىلەن تۇتۇش قىلغاچقا يىتەرسىزلىكلىرىمگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. تۆۋەندە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنىڭ ئەسلى شەكلى ئۇلىنىشى  ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھوزۇرۇڭلاردا:

http://download.cell.com/pdf/PII ... f?intermediate=true

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى



ئاپتۇر: شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىقلار

ئاپتۇر ئامرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى، كۆپىيىش ۋە يىتىلىش بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلگەجان

قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (SCNT, somatic cell nuclear transfer) ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئۈستىدىكى  ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلار تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلۈشى تۈپەيلى مەغلۇپ بولغان ئىدى.  نۆۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى نۇقتىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇق، يەنى ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ۋە مۇۋاپىق ئاكتىپلاشتۇرۇلماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىزنى ئىنسان يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە، پەقەت ئىككى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈلگەن ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسى مۇۋاپىققيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى نورمال جۈپ خىروموسوملۇق ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گىېنلىرى مۇتلەق ھالدا ئاتىلىق بولغان تەن ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنىڭ گېن ئىپادىلىنش ۋە ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئالاھىدىلىكى نورمال تۆرەلمىدىن ئىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ نەتىجە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.


  ئىزاھات: بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى pdf ھۆججىتى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا قىستۇرۇپ يوللاشقا ئامالسىز قالدىم، شۇڭا جامائەتكە ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان ماقالە مەنبەسىنى ئۇلىنىش قىلدىم. ئەگەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىمكانىيتى بولسا ئەسلى ماقالىنى قىستۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن. ھازىرچە ۋاقىت مەسلىسى تۈپەيلى پەقەت ماقالىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى تەرجىمە قىلىندى، كىين ۋاقىت يار بەرگەندە تولۇق مەزمۇنى مۇشۇ تىما ئاسىتىغا يوللىنىدۇ.

مەنبەسى: ئەلداۋا مۇنبىرى

2013-يىلى باھار ئېىينىڭ 19 كۈنى، ئامرىكا


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-22 14:37):
http://www.qutad.biz/forum.php?m ... DU5Mjl8NDcyMw%3D%3D

UID
51365
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-15
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 12:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا ئىش قىپسز.مۇمكىن بولسا شوھرەتكامنى ئۇيغۇرچە زىيارەت قىلىپ  يوللاپ بەرسىڭىز ،مىنىڭچە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئارزۇسى شۇ...ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن..

UID
49403
يازما
34
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-24
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 12:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنى ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان تۇرسۇنجان (تور ئىسمى جەك ) قاتارلىقلار ئىلگىرى زىيارەت قىلغان . مانا بۇ دۆلىتىمىزنىڭ  يوۋ كۇ تورىدىكى سىن ئادرىسى :

http://v.youku.com/v_show/id_XMTY3OTIwMDg=.html


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-20 12:23):
http://v.youku.com/v_show/id_XMTMzNDIwMDA=.html

باھا سۆز

geniablat  سىزگە كۆپ رەخمەت !سالامەت بولۇڭ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 02:33:38

UID
46887
يازما
137
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-23
توردا
195 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 13:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىبان ئاللا ئىگەم   شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزغا سالامەتلىك خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي

UID
47815
يازما
59
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2014-10-30
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 14:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەت ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر سالامەتلىك تىلەيمىز.

UID
51408
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 16:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ  بۇيۇك  قايتا  گۈللىنىشىنى  تولىمۇ  ئارزۇ  قىلىمەن ،ئورلە ئۇيغۇرۇم......

ئۈمىدلىك ئەزا

نىجات ئەكبەر

UID
18576
يازما
139
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
139
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 17:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا خالىسا كېلەر يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى بىزدىن چىققىيتتى ئىلاھىم...

UID
50767
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 18:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە رازى بولسۇن سىزدىن ، قەلەملىرىڭىزنىڭ رەڭلىرى سىزگە چۇقۇم ساۋاپ ئۇقۇيدۇ !

UID
4979
يازما
178
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4923
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-12
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 20:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قىممەتلىك يازما ئىكەن. كۆپ خۇرسەند بولدۇم.
دېمەك ، «يادرو » كۆچۈرۈش ئىشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بوپتۇ.
ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ زۇۋان قۇرۇلمىسىنى «كوپىيالاش» ئىشىنى قىلغىلى بولسا تىلى كەمتۈك ئىنسانلارنىمۇ داۋالىغىلى بولامدۇ- نىمە؟

UID
4979
يازما
178
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4923
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-12
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 20:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان بولسا پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئۇيغۇرنىڭ زۇۋان قۇرۇلمىسىدىن «بەرگى» ئېلىپ ، خۇددىي سورتى ياخشى ئۈرۈك، ئالمىدىن بەرگى ئېلىپ سورتى ناچار ئۈرۈك ، ئالمىلاۆرنىڭ سورتىنى ياخشىلىغاندەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولاتتى.........!!!؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش