- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 211
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 211
- تىزىملاتقان
- 2012-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- UID
- 28222
- يازما
- 211
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 211
- تىزىملاتقان
- 2012-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- توردا
- 98 سائەت
|
سىز ئەسەر تىمىسىنى «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى بىلەن يات تىللار گىرامماتىكىسىدىكى پەرىقلەر »دەپ بۇنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭىز ،سىزنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىڭىزغا ئاز تۇلا قايىل بۇلار ئىدۇق .سىز مەن ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەپسىز ،«ئوقۇتقۇچى»دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ۋەزىنى بەك ئېغىر .ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى ئاشكارلىماسلىقىڭىز كىرەك ئىدى .مۇشۇ تىما سەۋەبلىك سىزنىڭ «ئوقۇتقۇچى»لىق ئوبرازىڭىزغا تەسىر يىتىدۇ دىسەم چۇقۇم ئىشىنىڭ .سىزچە ھەممە تىلنىڭ گىرامماتىكىسى چۇقۇم ئوپمۇئوخشاش بۇلۇشى كىرەكمۇ ؟«مەكتەپكە »دىگەن سۆزنىڭ ئورۇن ھالىتى ئىكەنلىكىنى تورداشلار پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپتۇ ،مىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق پاكىت كۆرسەتكۈدەك سەۋىيەم يوق .ئۇيغۇر تىلىدا خەۋەرنىڭ ئورنى مۇقۇم ،پەقەت جۈملە ئاخىردىلا كىلىدۇ .خەنزۇتىلىدا ئۇنداق ئەمەس ،خەنزۇتىلىدىكى جۈملىدىكى خەۋەر ئورنى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى خەۋەر ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپلا ئىككى تىل گىرامماتىكىسىنىڭ بىرسىدە يىتەرسىزلىك بار دىيىش سىزچە تۇلىمۇ نادانلىق بولماسمۇ ؟«پەرىق »دىگەن سۆز بىلەن «يىتەرسىزلىك »دىگەن سۆزنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىنى سىز قانچىلىك بىلىسز؟
توغرا ئۇيغۇرتىلى بىزنىڭ داۋاملىق ئىزدنىشىمىزگە ،تۇلۇقلىشىمىزغا ،تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرشىمىزگە باغلىق .
بارلىق تىللار ئۆز مەكتەپلىرىدە گىراماتىكىسىنى دەرسلىك قىلغان .بىراق ئۇيغۇرتىلى دەرسلىكى بولسا مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ مۇستەقىل دەرسلىك بۇلۇش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدى .پەقەت تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىگە قىستۇرۇلغان ،ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىدىكى ئۇقۇملارنىڭ 100دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرۋاتىمىز .ئۇيغۇر تىلى خىرسقا دۈچ كىلىۋاتقان ،بۇيۇن قىسسىپ قىېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى ،گەپ-سۆزلەرنى قىلماستىن ،ئاناتىلىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ،جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن ئاز-تۇلا ھەركەت قىلايلى . |
|