- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 253
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- UID
- 4341
- يازما
- 253
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- توردا
- 67 سائەت
|
تۈركچىدە «كىمدە، كىمگە، كىمدىن؟ قەيەردە، قەيەرگە، قەيەردىن؟ نېمىدە، نېمىگە، نېمىدىن؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن جۈملە بۆلىكى ۋاستىلىق تولۇقلىغۇچى بولسا، ئۇيغۇرچىدا يۇقارىقى سوئالللارغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن سۆزلەر ھالەت دەپ ئايرىلىدىكەن. بۇنى تۈركچە جۈملە بۆلەكلىرى جەدۋىلىگە قارىسىڭىز بىلەلەيسىز.
ئەگەر خەنچە ۋە ئېنگىلىزچىدا تولدۇرغۇچى دەپ ئايرىلغان بۆلەك ئۇيغۇرچىمىزدا تولدۇرغۇچى بولماستىن ھالەت دەپ ئايرىلغانلىقى تۈپەيلى ئۇيغۇرچە گرامماتكىمىزدا يېتەرسىزلىك باركەن دەپ يەكۈن چىقارغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچىمىزنىڭ بىر تۇققان قېرىنداش تىلى بولغان تۈركچە گرامماتكىدىمۇ يېتەرسىزلىك بولغان بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە تىللاردا سۆز ئاخىرىغا كېلىدىغان قوشۇمچىلار جۈملە بۆلەكلىرىنى ئايرىشتا مۇھىم ئالامەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىدىكى قۇشۇمچىلارنى خەنچە بىلەن سېلىشتۇرغاندا خەنچە قۇشۇمچىسىز يالىڭاچ تىلدەك كۆرۈنىدۇ. بۇنى ئېنگىلىزچە بىلەنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ھازىر سىز to پېئىلىنى «غا، قا، گە، كە» بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپسىز. بۇ قىسمەن توغرا بولغىنى بىلەن oxford advanced learner's dictionary لوغىتىگە قارايدىغان بولسىڭىز، to نىڭ 19 خىل مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ، بۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرچىدا دەل شۇنداق بولۇشى ناتايىن.
مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ باققان. ئوقۇغۇچىلىرىمغا خەنزۇ تىلى گرامماتكىسىنى، بولۇپمۇ ئالدى قوشۇلغۇچى 介词لارنى چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمدا بەزى مەزمۇنلارنى ھېچقانداق قىلىپ چۈشەندۈرەلمەي ئاخىرى ئۇيغۇر تىلى گرامماتكا دەرسىنى مەكتەپتىن ئۆزەم تەلەپ قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بالىلار ئانا تىلىمىزنىڭ گرامماتكىسىغا پىششىق بولمىسا، يات تىلنىڭ گرامماتكىسىنى ئۆگىنەلمەيدىكەن.
بىر قېتىم، ئۇيغۇرچىمىزدىكى «رەۋىشداش، سۈپەتداش، ئىسىمداش» دېگەننى شۇنداق چۈشەندۈرسەم، بالىلار چۈشىنەلمىدى. ئۇلارغا بىر مۇئەللىم مۇنداق چۈشەندۈرۈپتىكەن: «مەھەللىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن بىر خەن توي قىلدى. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالا ئۇيغۇرنىڭ يېنىغا بارسا مەن ئۇيغۇر دەيدۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇر ئەمەس. خەنزۇنىڭ يېنىغا بارسا مەن خەنزۇ دەيدۇ، لېكىن ئۇ ساپ خەنزۇ ئەمەس. بۇلارنى بەزىلەر二转子 دەپ ئاتايدۇ. بۇ رەۋىشداش، سۈپەتداش، ئىسىمداش دېگەنلەرمۇ مۇشۇنداق بىر دەم رەۋىش (ياكى سۈپەت، ىسىم بولىدىغان)، بىر دەم پېئىل بولىدىغان 二转子 سۆز تۈركۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى چۈشەندىڭلارمۇ؟» بۇ چۈشەندۈرۈش گەرچە توغرا بولمىسىمۇ ئەمما بالىلارنىڭ بەك ئېىسدە قاپتىكەن، مەن ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەنتىم. ئىشقىلىپ ئانا تىلىمىزغا پىششىق بولماي تۇرۇپ، يات تىللارنى پىششىق ئۆگەنگىلى بولمايدىكەن. |
|