- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-19
- UID
- 50743
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2013-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-19
- توردا
- 2 سائەت
|
مەن بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى.بۈگۈن دەرس ئۆتۈۋېتىپ، ئىنگىلىزچىدىكى to دېگەن سۆز باغلىغۇچى قوشۇمچىنى ئۇيغۇرچىدىكى «غا قا گە كە »دېگەن يۆلىنىش كېلىش قوشۇمچىسىغا ماس كېلىدىكەن دەپ ئويلاپ چۈشەندۈردۈم.ھەم، I go to school دېگەن جۈملىنى مىسالغا ئالدىم. گەپتىن گەپ چىقىپ،بۇ جۈملىدىكى school دېگەن سۆزنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالدۇق.مېنىڭ قارىشىمدا، بۇ جۈملىدىكى school دېگەن ئىسىم جۈملىدە go to دېگەن خەۋەر پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمما،ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ قارىشىمنى ئىنكار قىلىپ، تىل -ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «غا قا گە كە]» قوشۇمچىلىرىنىڭ جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى «مەن مەكتەپكە بارىمەن .» دېگەن جۈملىنى مۇنازىرىلەشتۇق.مېنىڭ قارىشىمدا، بۇ جۈملىدىكى «مەكتەپكە » دېگەن سۆز يەنىلا «بارىمەن » دېگەن خەۋەر پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەن.ئەمما،ئوقۇغۇچىلار يەنىلا گېپىمگە قايىل بولمىدى.بۇ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات خانىمىنى ئىزدەپ ، ئۇ خانىمدىن «مەكتەپكە » دېگەن سۆزنىڭ ئۇ جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىقىشتى.شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىلەنمۇ مۇنازىرىلىشىپ قالدىم.ئۇ «غا قا گە كە» قوشۇمچىلىرى ئىسىمنىڭ كەينىدە كەلسە جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم كىتابنى ئېلىپ كۆرسەتتى.كىتابتا ھەقىقەتەن شۇنداق دېيىلگەن ئىكەن،ھەم ، شۇنىڭغا ئوخشاش جۈملىلەردىكى «غا قا گە كە » قوشۇمچىسى كەلگەن ئىسىملارنى ھەقىقەتەن ھالەت دەپ ئايرىپتۇ.ئەمما،مەن پەقەت قايىل بولمىدىم.
مېنىڭ قارىشىمدا،جۈملىدىكى خەۋەر پېئىلىنىڭ نىشانى،مەقسىتى ياكى ئوبىكتى بولۇپ كېلىدىغان بۆلەك تولدۇرغۇچى بولىدۇ\؛جۈملىدىكى خەۋەر پېئىلىنىڭ ھالىتى،ئورنى ياكى ۋاقتىنى ئىپادىلەپ كېلىدىغان بۆلەك ھالەت بولىدۇ.ئەمما،ئۇ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ماڭا پەقەتلا قوشۇمچە جەھەتتىن چۈشەنچە بەردى،ھەم،تولۇقسىز تىل-ئەدەبىيات كىتابىدىمۇ شۇنداق دېيىلگە ن ئىكەن.ئەمما،بۇ پەقەتلا مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى.تۆۋەندە ئۈچ خىل تىلنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
我去学校
I go to school
مەن مەكتەپكە بارىمەن.
خەنزۇچە جۈملىدىكى 学校 دېگەن ئىسىمنى تولدۇرغۇچى دەپ ئايرىيدۇ.
ئىنگىلىزچە جۈملىدىكى school دېگەن ئىسىمنى تولدۇرغۇچى دەپ ئايرىيدۇ.
ئەمما،ئۇيغۇرچە جۈملىدىكى «مەكتەپكە » دېگەن سۆزنى تىلشۇناسلىرىمىز ھالەت دەپ ئايرىپتۇ.
مەن بۇ يەكۈنگە پەقەتلا قايىل ئەمەس.ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ.ئەگەر ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا «غا قا گە كە » قوشۇمچىلىرى كەلگەنلا بولسا ھالەت دەپ ئايرىساق،ئۇ ھالدا
مەن ئۆگىنىشكە قىزىقىمەن.
مەن جەڭگە قاتنىشىمەن.
دېگەن جۈملىلەردىكى «ئۆگىنىشكە»،«جەڭگە» دېگەن سۆزلەرمۇ ھالەت بولامدا؟بۇلار ئېنىقلا جۈملىدىكى خەۋەر پېئىلىنىڭ مەقسەت-نىشانى تۇرسا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-13 15:00
|
|