ئىگىسى: asym12

پۇل جېڭى(روسچىلىد جەمەتى -بايلارنىڭ بېيى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52225
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 12:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور ئەپەندى ئاخىرىنى تېزراق يازغان بولسىڭىز. بەك تەققەززا بوپ كەتتىم.

UID
52225
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 12:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
52225
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 18:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قىنى خەپ لىكىن. ساقلاپ ساراڭ بولاي دىدىم. يا يازمايلا قويماپسىز.

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 10:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nasiri يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 18:28
ئاخىرى قىنى خەپ لىكىن. ساقلاپ ساراڭ بولاي دىدىم. يا ياز ...


UID
52225
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 14:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 15:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-باپ خەلىقئارالىق بانكىرلار ۋە ئامېرىكا پىرزىدېنتىنىڭ يۈز يىللىق كۆرىشى
7.خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم قول سېلىپ، «1857-يىلى ۋەھىمىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى
1836-يىلىدىكى ئامېرىكا ئىككىنچى بانكىسىنىڭ تاقىلىشىغا قارىتا، خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ تۇيۇقسىز ئىنكاس قايتۇرۇشى تۈپەيلى،ئامېرىكىدا ئوبوروت بولۇۋاتقان ئالتۇنلار ئازلاپ،بەش يىل داۋاملاشقان ئېغىر ئىقتىسادى كىرزىس كېلىپ چىقتى.گەرچە 1841-يىلى خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ ۋەكىلى ئىككى قېتىم شەخسىلەشكەن بانكا سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،پايدىسى بولمىدى،ئىككىلى تەرەپ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى،ئامېرىكىنىڭ پۇل قىسچىلىق ھالىتىدە، 1848-يىلىغا كەلگەندىلا سەل ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشى قانداقتۇر خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ غەمخورلۇقىدىن بولغان ئەمەس،ئەلۋەتتە.بۇنىڭ سەۋەبى، 1848-يىلى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا، غايەت زور ئالتۇن كېنى – سان-فىرانسېسكونىڭ بايقالغانلىقىدا.
1848-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا توققۇز يىل ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش مىقدارى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشقان،پەقەت كالفورنىيە شىتاتىدىنلا،500مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇن ئىشلەپ چىقرىلغان.1851-يىلى ئاۋىستىرالىيەدىمۇ ئالتۇن كېنى بايقىلىدۇ،پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش مىقدارى1851-يىلىدىكى144مىليون شىللىڭدىن شىددەت بىلەن ئېشىپ،1861-يىلى 376مىليون شىللىڭغا يېتىدۇ.ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مېتال پۇل ئوبوروتى1840-يىلىدىكى83مىليون دوللاردىن،شىددەت بىلەن ئېشىپ،1860-يىلى 253مىليون دوللارغا يېتىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ئاۋىستىرالىيەدىن ئالتۇنلارنىڭ بايقىلىشى،ياۋروپا پۇل-مۇئامىلىدارلىرىنىڭ،ئالتۇن بىلەن تەمىنلەشكە بولغان مۇتلەق كونتىروللىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.پۇل مەنبەسى مەھكەم قىسىۋېلىنغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى.زور مىقداردىكى ئالتۇن تەمىناتى بازارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى،بانكا قايتىدىن زور كۆلەمدىكى ئىناۋەتلىك قەرىز تارقىتىشقا باشلىدى، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان سانائەت،كانچىلىق،قاتناش،ماشىنسازلىق قاتارلىق دۆلەت بايلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرى،دەل مۇشۇ ئالتۇندەك ۋاقىتتا تاماملانغان.
ئىقتىسادى جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ رولى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خەلىقئارالىق بانكىرلار،يېڭىدىن تاقابىل تۇرۇش ئامالىنى تېپىپ قويغانىدى،ئۇ بولسىمۇ:ئىقتىسادتا چەكلەش،سىياسىي جەھەتتە پارچىلاش.
كىرزىس ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنلا،ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سۈپەتلىك مەبلەغلىرىنى ئەرزان باھادا قولغا كىرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ،1853-يىلى،ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغاندا،چەتئەل مەبلىغى،بولۇپمۇ ئەنگىلىيە مەبلىغى ئامېرىكا فىدراتسىيە زايومىنىڭ 46%نى،ھەرقايسى شىتات قەرز چېكىنىڭ58%نى،ئامېرىكا تۆمۈر يول قەرىز چېكىنىڭ26%نى ئىگەللەپ ،يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ئىقتىسادىغا چۈلۈك سېلىپ بولغانىدى.مەركىزى بانكا تۈزۈمى ئىشقا ئېشىپلا قالسا،ئامېرىكا ئىقتىسادى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش بانكىرلارنىڭ قولىغا قالاتتى.
خەلىقئارالىق بانكىرلار يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىك ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى،يەنى،ئالدىدا كۈچەپ ئىناۋەتلىك قەرىز تارقىتىپ،كۆپۈكنى پۈۋلەپ يوغانتىپ،خەلىقنى ۋە باشقا كەسىپلەرنى كۈچەپ پۇل تاپقۇزۇپ،ئارقىدىن ئىناۋەتىلىك قەرىزنىڭ تورمۇزىنى شىددەت بىلەن دەسسەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كارخانا ۋە خەلىق «قانسىراپ» ۋەيران بولىدۇ،بانكىرلار يەنە بىر قېتىم ئوبدان پايدا ئالىدۇ.دەرھەقىقەت،ھوسۇل پەيتى يېتىپ كەلدى،خەلىقئارالىق بانكىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋاكالەتچىلىرى بىرلىكتە ئىناۋەتلىك قەرىزنى يىغىپ،«1857-يىلى ۋەھىمىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ئەمما،ئۇلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى،بۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنى 20يىل ئاۋالقى ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايىتتى،1857-يىلى ۋەھىمىسى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرەلمىدى،بىر يىلدىلا،ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كەلدى.
ئامېرىكنىڭ ئەمەلى كۈچىنىڭ بارغانسىېرى زورىيىپ،ئىقتىساد جەھەتتە كونتىرول قىلىشنىڭ تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان خەلىقئارالىق بانكىرلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا،ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ،ئامېرىكىنى پارچىلاش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىدى.
8.ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىنى ياۋروپادىكى خەلىقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كۈچلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان
شەك-شۈبھىسىزكى،ئامېرىكىنى ئەمەلى كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان ئىككى فىدراتسىيەگە پارچىلاشنى،ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاشتىن بۇرۇنلا،ياۋروپادىكى پۇل-مۇئامىلە زوراۋانلىرى بېكىتىپ بولغان.
                                    -گېرمانىيە باش ۋەزىرى بىسمارىك.
ئامېرىكا تارىختا ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر دۆلەت،ئۇنىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرىشى ۋە كەڭ تەسىر كۈچى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان.ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى خەلىقئارالىق كۈچلەرنىڭ تەسىرى ۋە سۈيقەستىگە تولغان.بۇنىڭ ھەممىدىن ئىچىدە خەلىقئارالىق ئىقتىسادى كۈچلەرنىڭ  ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇنى تەۋرىتىشى ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدۇ،لېكىن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.
ئامېرىكا تارىخىدا، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور كۆلەمدىكى ئۇرۇش-جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى.تۆت يىلغا سوزۇلغان بۇ قانلىق ئۇرۇشتا،ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ئۈچ مىليون ئادەم بولۇپ،ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10%نى ئىگىلەيدۇ،بۇنىڭ ئىچىدىكى 600مىڭ ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ،سان-ساناقسىز ئادەم يارىلىنىدۇ،ھەددى-ھېساپسىز بايلىق ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولىدۇ،ئۇرۇشنىڭ خەلىققە ئېلىپ كەلگەن جاراھىتى، 140يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېخى تولۇپ ئەسلىگە كەلگىنى يوق.
مانا بۈگۈنكى كۈندە،جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىنىڭ قوزغىلىشى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇرۇشنىڭ ھەق-ناھەقلىقى ،يەنى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنىڭ مۇۋاپىقلىقى توغرىسىدا بولۇنماقتا،خۇددى سىتنى ئېيىتقاندەك:«ئەگەر قۇللۇق تۈزۈم بولمىسا،ئۇرۇش بولمايىتتى.ئەگەر قۇللۇق تۈزۈمگە بولغان ئەيىپلەشلەر بولمىغان بولسا،ئۇرۇش بولمايىتتى.»
ئەمەلىيەتتە،19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئامېرىكىدا،قۇللۇق تۈزۈم توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلاردا،ئىقتىسادى مەنپەئەت بىرىنچى،ئەخلاق مەسىلىسى ئىككىنچى ئورۇندا ئىدى.ئەينى چاغدىكى جەنۇپنىڭ ئىقتىسادى تۈۋرۈكى پاختا تېرىمچىلىقى ۋە قۇللۇق تۈزۈم بولۇپ،ئەگەر قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنسا،دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى ئەسلىدىكى قۇللارغا،ئاق تەنلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ بازار باھاسى بويىچە پۇل بېرىشكە مەجبۇر بولاتتى،ئۇنداقتا،پۈتۈن كەسىپ زىيانغا مېڭىپ،جەمىيەت ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى ۋەيران بولاتتى.
ئەگەر ئۇرۇش سىياسىي كۆرەشنىڭ داۋامى دېيىلسە،ئۇنداقتا،سىياسي مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ كەينىدىكىسى،چوقۇمكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى.بۇخىل ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى كۆرۈنۈش جەھەتتىن جەنۇپ-شىمالنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتتىكى پەرىق بولۇپ ئىپادىلەندى،ئەمما ئۇنىڭ تۈپكى ماھىيتى بولسا،خەلىقئارالىق ئىقتىسادى زوراۋانلارنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى پارچىلاش ئۇچۇن قوللانغان«پارچىلاپ يوقىتىش»سىياسىتى ئىدى.
گېرمانىيە باش ۋەزىرى بىسمارىك ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:« شەك-شۈبھىسىزكى،ئامېرىكىنى ئەمەلى كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان ئىككى فىدراتسىيەگە پارچىلاشنى،ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاشتىن بۇرۇنلا،ياۋروپادىكى پۇل-مۇئامىلە زوراۋانلىرى بېكىتىپ بولغان.»
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول دەل «لوندون،پارىژ ۋە فىرانكىفورىد ئوق مەركىزى»دىكى بانكىرلار.
ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغاش ئۈچۈن،خەلىقئارالىق بانكىرلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەخپىي،ئەتراپلىق پىلان يۈرگۈزگەن.ئامېرىكىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن،ئەنگىلىيەدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇلدارلار تەبىقىسى ئارىسىدا قويۇق سودا مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇپ،ياۋروپادىكى پۇل-مۇئامىلىدارلار دەل مۇشۇ پۇرسەتنى نىشانغا ئېلىپ،كەلگۈسىدە جەنۇپ-شىمال توقۇنۇشىنى قوزغىيالايدىغان مۇناسىۋەت تورىنى ئاستىرىتتىن تەرەققى قىلدۇرغان.ئەينى چاغدىكى جەنۇپتا،ھەممىلا جايدا ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلىدارلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بار بولۇپ،ئۇلار بىلەن يەرلىكتىكى سىياسي كۈچلەر بىرلىكتە فىدراتسىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئورتاق پىلانلاپ،ھەرخىل خەۋەر ۋە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ تۇرغان.ئەپچىللىك بىلەن جەنۇپ-شىمالنىڭ قۇللۇق تۈزۈم مەسىلىسىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ،ئۇنىڭ چوڭايتىپ،كەسكىنلەشتۈرۈپ ۋە ئەسلى ئۇنچە قىززىق بولمىغان بۇ تېمىنى ئۇلغايتىپ،ئەڭ ئاخىرىدا، غەلبىلىك ھالدا، قۇللۇق تۈزۈم مەسىلىسىنى جەنۇپ-شىمال ئىككى تەرەپنىڭ ئوت-بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان ئۆتكۈر زىددىيتىگە ئايلاندۇرغان.
خەلىقئارالىق بانكىرلار تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ،ئۇرۇش پارتىلاپ،چۆنتىكىنىڭ پۇلغا توشۇشىنى ساقلاۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ ئۇرۇش پىلانلاۋاتقان ۋاقتىدا،ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى-ئىككىلى تەرەپكە دو تىكىش.كىمنىڭ يېڭىشىدىن قەتئىينەزەر،غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى دەل بانكىرلارنىڭ ئەڭ مول بىر ۋاقلىق غىزاسى .
1859-يىلى كۈز، بارلىق پىلانلارنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى، فىرانسىيەلىك داڭلىق بانكىر سولومون.روسچىلىد(جامىس.روسچىلىدنىڭ ئوغلى)بىر ساياھەتچى سىياقىدا پارىژدىن ئامېرىكىغا كېلىدۇ،ئۇ ئامېرىكىدا جەنۇپتىن شىمالغا كېزىپ،يەرلىك سىياسى،ئىقتىسادى ساھەدىكى ئەربابلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىدۇ،شۇنداقلا توپلىغان ئاخباراتلارنى ئەنگىلىيەنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق نەۋرە ئىنىسى ناسانىل.روسچىلىدقا ئەۋەتىپ تۇرىدۇ.ئۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە،ئاشكارا ھالدا جەنۇپنى ئىقتىسادى جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى،شۇنداقلا مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن جەنۇپ تەرەپنىڭ، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ شىمالدىكى ۋاكالەتچىسى،«بەشىنچى كوچىنىڭ شاھى»دەپ نام ئالغان يەھۇدىي بانكىر ئاۋگۇست.بېلمونىت.ئۇ فىرانكىفورىت روسچىلىد جەمەتى بانكىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى،شۇنداقلا ئۇشبۇ جەمەتنىڭ كۈيئوغلى.1829-يىلى،ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن ئاۋگۇسىت بانكىرلىق ھاياتىنى باشلىغان،ئۇ دەسلىپىدە فىرانكىفورىتدىكى روسچىلىد بانكىسىدا ئىشلەپ،ناھايىتى تېزلا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان پۇل –مۇئامىلە تالانتىنى نامايان قىلغان.1832-يىلى،ئۇنىڭ خەلىقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كەسپى ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ناپلىستىكى بىر بانكىدا ئىشلەشكە ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ نېمىسچە،ئېنگىلىسچە،فىرانسوزچە،ئىتالىيانچىغا پىششىق.1837-يىلى نىيۇ-يورىكقا ئەۋەتىلگەن،نۇرغۇن ھۆكۈمەت زايومىنى سېتىۋالغان تۈپەيلى،ناھايىتى تېزلا نىيۇ-يورىك پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى داھىي شەخىسكە ئايلانغان،شۇنداقلا پىرزىدېنىت تەرىپىدىن پۇل-مۇئامىلە مەسلىھەتچىلىكىگە تەينلەنگەن.ئۇ ئەنگىلىيە ۋە فىرانكىفورىدتىكى روسچىلىد بانكىسىغا ۋاكالىتەن ،ئىقتىسادىي جەھەتتىن شىمالدىكى لىنكولىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالغا بولغان ھەربىي بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،1861-يىلنىڭ ئاخىرى،ئەنگىلىيە 8000ئەسكەرنى كاناداغا ئەۋەتىپ،جەنۇپنىڭ ھۇجۇمىغا ماسلىشىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇپ،شىمال تەرەپتىن لىنكولىن ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالىدۇ.1862-يىلى،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە ۋە بىرازىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مېكسىكا پورتىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ،ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى چېگرا رايونىدا يىغىلىدۇ،زۆرۆر بولغاندا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا كىرىپ،بىۋاستە ھالدا شىمال تەرەپ بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىدۇ.1863-يىلى10-ئاينىڭ3-كۈنى،فىرانسىيە قوشۇنى يەنە ئۈچ تۈمەن ئەسكەر كۆپەيتىپ،مېكسىكىنى ئىشغال قىلىدۇ.
ئۇرۇش پارتىلىغان دەسلەپكى چاغلاردا،جەنۇپ تەرەپ توختىماي نۇسرەت قۇچىدۇ،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى كۈچلۈك بولغاچ،لىنكولىن ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالىدۇ.بانكىرلار بۇ ۋاقىتتىكى لىنكولىننىڭ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇغدىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ،مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇرۇش ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.1812-يىلى ئەنگىلىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان،ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىدە يىلسېرى قىزىل رەقەم كۆرۈلگەچكە،لىنكولىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خامچوتى قىزىل رەقىمى زايوم شەكلىدە بانكىغا سېتىپ بېرىلگەن،كېيىن بانكىدىن ئەنگىلىيەدىكى روسچىلىد بانكىسى ۋە بالىن بانكىسىغا سېتىپ بېرىلگەن،بۇنىڭغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى سوممىلىق ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك بولۇپ،كۆپ يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان قەرىز ،ھۆكۈمەتنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىغانىدى.
بانكىرلار لىنكولىنغا بىر قۇچاق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانى بېرىدۇ ھەم شەرتىنى ئېيىتىدۇ.بانكىرلاردىن 24%-36%ئۆسۈم تۆلەش كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ،ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپ قالغان لىنكولىن،دەرھال ئىشىكنى كۆرسىتىپ،ئۇلارغا چىقىپ كېتىشنى ئېيتىدۇ.بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان قەبىھ ئامال بولۇپ،لىنكولىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ ھەددى-ھېساپسىز قەرىزنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش