ئىگىسى: asym12

پۇل جېڭى(روسچىلىد جەمەتى -بايلارنىڭ بېيى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 16:34:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىتابنى قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەر،يېقىندىن بۇيان خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن،داۋامىنى تەرجىمە قىلىشقا قىلچىلىك ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە،ئازراق ئارامچىلىق بولغانىدى،داۋامىنى ئاز بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.ئىنشائاللا،بۇندىن كېيىن توختىماي يوللاپ تۇرىمەن،سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار،ماڭا مەدەتتەرجىمە ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىنىپ،ئۇدۇللۇق يوللىنىپ تۇرغاچقا،ئىككىنچى قېتىملىق پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن،خاتالىقلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىشى مۇمكىن،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 16:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiba يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 17:18
ئاپىرىن! مەن بۇ كىتاپبىڭ خەنزۇچىسىنى ئوقۇۋاتىمەن، ئوق ...

ئۆزۈم كەسپى تەرجىمان بولمىغاچ،كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشتەك نىيەت بولغان بىلەن،جۈرئەت يوق.

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 16:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarim315 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 10:59
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى ، مەركۇز ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچ ...

سىلەرنىڭ شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ئاخىرىنى ۋاقتى -ۋاقتىدا يوللاپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.سىلەردەك ئوقۇيدىغانلاردىن يەنە جىقراق بولسا،تولىمۇ ياخشى بولاتتى،داۋامىغا دىققەت قىلغايسىلەر

UID
12103
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1342
تىزىملاتقان
2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 17:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىكى ئادەمگە نەپ تەگمەيدىغان، ئاق تاغلىق قارا تاغىلىق بۇلۇشىدىغان تىمىلارغا تەمى يوق، قىممىتى يوق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان پۇچەك ئىنكاسلار دۆۋلىشىپ كېتىدىكەن، مانا مۇنداق  دات باسقان كاللىنى ئازراق چاقلاپ قويدىغان تىمىغا ھىچ كىم بىر نەرسە دىمەپتۇ. بەزى تىمىلارغا قارىسا  ئالامەت ئىستدات ئېگىسىدەك، قاتتىق مۇتەپپەككۇردەك پىكىر قىلىشىپ كەتكەن بىلەن ئەتىراپىدا بۇلۋاتقان،  يانچۇقدىن ئىبارەت بۇ شەخسى«بانكا»نىڭ ئوبىروت ئەھۋالىنىڭ نىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۋاتقانلىقىغا كاللا قاتۇرۇپ بىرەر تال ئىنكاس يېزىشمىغان. زور كۈپۈنچىسى يازمايدۇ ئەمەس يازالمايدۇ................ يالتىراق سۇلياۋلار

UID
52412
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 21:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاغنە ئاخىرغا چىقىرۋىتىڭە بەك قىززىق كۈرۋاتاتتىم ، قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن، مەن مۇشۇ ئىقتىسادى ئىشلارغا بەك قىزىقىمەن ، ئاخىرغا تەشنامەن

UID
5684
يازما
229
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5480
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
63 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 22:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم قىنى ئاخىرىنى يازمام سىز

UID
11421
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
719
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 14:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزلەرگە ئوخشاش تىنىم تاپماي تىرىشىدىغان، قىلغان ئەمگىگىگە قىلچە ۋاسىمايدىغان ، كىشىلەرنى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشكە، پۇتۇن زىھنىنى سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ گىنى قانداق تۇزەلگەندۇر دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۇر دىيىشتىن باشقا بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلمىگەنىمگە خىجالەتمەن .
ئىسمىڭىزنى بىر سورىۋالاي، ئاسيم12 مۇ ياكى باشقا مەناسى بارمۇ ؟

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 10:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇرۇش لىنىيەسى:«مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسى»
1837-يىلى،پىرزىدېنىت جېكسون زور كۈچ بىلەن قوللىغان ئىز باسارى مارتىن .ۋان بۇرېن Martin VanBuren)ئاقساراينى قولىغا ئالغاندا،ئۇ دۈچ كەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق –خەلىقئارالىق بانكىرلارنىڭ پۇل بىلەن تەمىنلەشنى قىسىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر كىرزىسنى قانداق ھەل قىلىش بولدى.ئۇنىڭ قوللانغىنى «مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسى»قۇرۇپ چىقىش تەدبىرى بولۇپ،بۇنىڭدا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونتىروللىقىدىكى پۇللار شەخسى بانكىدىن چىقىرىۋېلىنىپ،مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ سېستىمىسىدا ساقلىناتتى.تارىخچىلار بۇنى«مالىيە بىلەن بانكىنىڭ ئاجرىشىشى»دەپ ئاتاشتى.
مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسى پىرزىدېنىت جېكسون ئامېرىكا ئىككىنچى بانكىسىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قارشى چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھۆكۈمەتنى بانكىدىكى پۇللىرىنى چىقىرىۋېلىپ،ھەرقايسى شىتاتلاردىكى بانكىلارغا قويۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان.كىم ئويلىغان دەيسىز،ئالدىدا روسچىلىدنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىلەن،كەينىدىكى شىتات بانكىلىرى ئۇنچە يۇۋاش ئەمەس ئىكەن.ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى جۇغلانما قىلىپ تۇرۇپ،كەينىدىن زور كۆلەمدە ئىناۋەتلىك قەرىز تارقىتىپ،مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن،بۇ 1837-يىلى ۋەھىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر تۈرلۈك سەۋەپ بولۇپ قالغان.مارتىن ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ پۇلىنى پۇل –مۇئامىلە سېستىمىسى بىلەن ئايرىۋېتىش تەدبىرى ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىنى قوغداش بولۇپ،يەنە بانكىنىڭ خەلىق تاپشۇرغان باجدىن پايدىلىنىپ زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ ،قەرىز تارقىتىشىنىڭ ئىقتىسادتىكى ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىمۇ ئويلاشقانىدى.
مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسان مالىيە سېستىمىسىغا كىرگەن بارلىق پۇللار چوقۇم ئالتۇن-كۈمۈش بولىشى كېرەك،شۇنداق بولغاندا ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش تەمىنلەش مىقدارىغا نىسبەتەن تەڭشەش نوقتىسى بار بولاتتى،شۇنداقلا ياۋروپا بانكىرلىرىنىڭ ئامېرىكنىڭ پۇل تارقىتىشىنى كونتىرول قىلىۋېلىشىنى توسىيالايىتتى.بۇ تەدبىرنى ئۇزاق مەزگىلگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا دانالىق دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ،قىسقا مەزگىلگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا نۇرغۇن بانكىلارنىڭ ئىناۋەت كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇنىڭغا ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشى قوشۇلۇپ،كىرزىس كونتىروللىقىنى يوقاتتى.
ھېنرى كېررى ئىنتايىن ھالقىلىق شەخىس.ئۇ خامىلتون شەخسى مەركىزى بانكىسى  ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئىز باسارى،بانكىرلارنىڭ ئەركىسى.ئۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى،تەپەككۇرى پۇختا،قۇتراتقۇ،ئەتراپىغا بىر توپ بانكا كەسپىنى قوللايدىغان ھەم بانكىرلار قوللايدىغان پارلامېنىت ئەزالىرىنى توپلىغان،ھەم شۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋىگ پارتىيىسى قۇرۇلغان.ۋىگ پارتىيىسى جېكسوننىڭ بانكا سىياسىتىگە قاتتىق قارشى بولۇپ،باشتىن ئاياق شەخسىلەشكەن مەركىزى بانكا تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچ چىقىرىدۇ.
ۋىگ پارتىيىسى 1840-يىلىدىكى پىرزىدېنىت سايلىمىدا ئۇرۇش قەھرىمانى خاررىسوننى ئوتتۇرىغا چىقاردى،ئىقتىساقى كىرزىس تۈپەيلى ئاۋام كۆڭلى ئەمىن بولمىغاچ،خاررىسىن ئوڭۇشلۇق ھالدا توققۇزىنچى نۆۋەتلىك پىرزىدېنىت بولۇپ سايلاندى.
كېررى ۋىگ پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن،نەچچە قېتىم ھۆكۈمەتنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسدا خاررىسىنغا «ئىش ئۆگەتكەن».خاررىسىن پىرزىدېنىت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن،ئىككيلەننىڭ زىددىيتى كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشكەن.كېررى لېكىستوندىكى ئۆيىدە بولغۇسى پىرزىدېنىتنى«قوبۇل قىلغان»،خاررىسون چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ،ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ،كېررىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن،نەتىنجىدە ئىككىيلەن دۆلەت بانكىسى،مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسى ھەم باشقا مەسىلىلەردە بىر يەرگە كېلەلمەي خاپىلىشىپ قايتىپ كەتكەن.ئەسلىدە پادىشاھقا ئوخشاش بۇيرۇق چۈشۈرسەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان كېررى،خاررىسوننىڭ رۇخسىتىسىزلا ئادەم تېپىپ يازدۇرغان،پىرزىدېنىتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش نۇتقى خاررىسون تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ،خاررىسون ئۆزى 8000خەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىنى يېزىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ بۇ دۆلەتنى ئوڭشاشنى سېستىمىلىق بايان قىلغان ھۆججىتىدە،كېررى باشچىلىقىدىكى مەركىزى بانكىنى شەخسىلەشتۈرۈش ۋە مەركىزى مالىيە سېستىمىسىنى بىكار قىلىش ئىدىيىسىگە قارشى مۇقام توۋلايدۇ،بانكىرلارنىڭ مەنپەتىگە چوڭقۇر بىر پىچاق  ئۇرىدۇ.  
1841-يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى سوغوق بىر كۈن بولۇپ،پىرزىدېنىت خاررىسون سوغوق شامالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىنى سۆزلەيدۇ،نەتىجىدە سوغوق ئۆتۈپ كېتىدۇ.بىر ئۆمرىنى ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن خاررىسونغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ ئەسلى ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى،كىم بىلسۇن،ئۇنىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ،4-ئاتنىڭ4-كۈنى ئويلىمىغان يەردىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان خاررىسون ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى نامايان قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغاندا سوغۇق تېگىپ،بىر ئاي ئاۋال ساپ-ساق ،تېمەن مېڭىپ يۈرگەن پىرزىدېنىت تۇيۇقسىز ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ،بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئىنتايىن گۇمانلىق.تارىخچىلار پىرزىدېنىتنى مەرگىمۇشتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن دەپ قارايدۇ،ۋاقتى 3-ئاينىڭ30-كۈنى بولىشى مۇمكىن،6كۈندىن كېيىن خاررىسون ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەركىزى بانكىنى شەخسىلەشتۈرۈش ۋە مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسىنى چۆرىدىگەن كۆرەش خاررىسوننىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ.كېررى باشچىلىقىدىكى ۋىگ پارتىيىسى 1841-يىلى ئىككى قېتىم مەركىزى بانكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇستەقىل مالىيە سېستىمىسى تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ،ئىككىلا قېتىم خاررىسوننىڭ ئىز باسارى،سابىق مۇئاۋىن پىرزىدېنىت جون.تەيلور تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.قاتتىق غەزەپكە كەلگەن كېررى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،تەيلورنى ۋىگ پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇنەتىنجىدە تەيلور تەلىيىگە ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان«باشپاناھسىز»پىرزىدېنىت بولۇپ قالىدۇ.
1849-يىلىغا كەلگەندە،يەنە بىر نەپەر ۋىگ پارتىيىسىدىكى كازار.تەيلور پىرزىدېنىت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن،مەركىزى بانكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمۈد تۇغۇلىدۇ.تامامەن ئەنگىلىيە بانكىسىغا تەقلىد قىلىنغان شەخسىلەشكەن مەركىزى بانكا قۇرۇش بارلىق بانكىرلارنىڭ ئەڭ ئالى ئارزۇسى،ئۇ بانكىرلارنىڭ دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ تەقرىدىنى بەلگىلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.خاررىسونغا نىسبەتەن،تەيلورنىڭ مەركىزى بانكا مەسىلىسىگە نىسبەتەن ،پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ئېنىق ئەمەس،شۇنداقلا ئۇ كېررىنىڭ سايىسى بولۇشنى خالىمايدۇ.ئۇ ئايرىم يەردە مۇنداق دېگەن«مەركىزى بانكا قۇرۇش خىيالى تۈگەشتى،مېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمدە ئۇنى ئويلاشمەيمەن».نەتىنجىدە تۈگەشكىنى مەركىزى بانكا قۇرۇش خىيالى بولماستىن،دەل ئەكسىچە پىرزىدېنىت تەيلور ئۆزى بولۇپ قالغان.
1850-يىلى7-ئاينىڭ4-كۈنى،پىرزىدېنىت تەيلور ۋاشىنگىتون خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت قۇرۇشنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.ئۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ،تەيلور ئازراق مۇزلىتىلغان كالا سۈتى ئىچىدۇ،نەچچە تال شاپتۇل يەيدۇ،ئارقىدىن قورسىقى ئاغرىشقا باشلايدۇ-دە،7-ئاينىڭ9-كۈنىگە كەلگەندە،بۇ ساغلام،بەستىلىك پىرزىدېنىت سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
مۇشۇنداق كىچىك ئاغرىقلار ئىككى نەپەر ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان پىرزىدېنىتنىڭ چۈشنىكسىزلا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.تارىخشۇناسلار بۇ توغرۇلۇق يۈز يىلدىن ئوشۇق تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ،1991-يىلى،تەيلورنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ماقۇللىقى ئېلىنغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ جەسىتى كولاپ چىقىرىلىپ،تىرنىقى ۋە چېچى خىمىيىلىك تەكشۈرۈلىدۇ ۋە مەرگىمۇش بايقىلىدۇ.ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ناھايىتى تېزلا،ئاز مىقداردىكى مەرگىمۇش جاننى ئالالمايدۇ دېگەن يەكۈننى چىقىرىپلا،دېلونى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.پىرزىدېنىتنىڭ تېنىدىن نېمىشقا مەرگىمۇش بايقىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

UID
7895
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-20
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز، ئەجىرڭىزگە كۆپ رەھمەت!

UID
18933
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 15:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muztag يوللىغان ۋاقتى  2013-7-6 14:29
سىزلەرگە ئوخشاش تىنىم تاپماي تىرىشىدىغان، قىلغان ئەمگ ...

ھېچ بىر باشقا مەناسى يوق،باشقىلار ئىشلەتمىگەن ئىسىمدىن شۇلا ئېشىپ قاپتىكەن،قويىۋالدىمغۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش