پۇل جېڭى
سوڭ يەنبىڭ
روسچىلىد جەمەتى -بايلارنىڭ بېيى
«بىر دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىشىنىلا كونتىرول قىلالىسام،قانۇننى كىمنىڭ تۈزۈشى ماڭا بەرىبىر».
- مىي.روسچىلىد
خەلىقئارا تاراتقۇلار50مىليارىد دوللارلىق مۈلۈكى بار بېل .گەيتىسنىڭ ،بۇيىل ئۇدا بىرىنچى باي بولۇپ باھالانغانلىقىنى كۈن بويى خەۋەر قىلۋاتقاندا،سىز بۇنىڭغا ئىشىنەنگەن بولسىڭىز-ئالداندىڭىز.كىشىلەرگە تونۇشلۇق بايلار تىزىملىكىدىن ھەقىقى بايلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيسىز،چۈنكى ئۇلار غەرپنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنى چاڭگىلىغا مەھكەم كىرگۈزۈپ بولغان.
ئۆزىنى ئىنتايىن يوشۇرۇن تۇتىدىغان روسچىلىد جەمەتى ،ھېلىھەم بانكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ،ئەمما، ئەگەر بىز بېيجىڭ ،شاڭخەي كوچىسىدا كېتىپ بارغان 100جۇڭگولۇقتىن سورىساق، 99ئادەم ئامېرىكا خۇاچى بانكىسىنى بىلىشى مۇمكىنكى ،بىر ئادەمنىڭ روسچىلىد بانكىسىنى بىلىشى ناتايىن.
روسچىلىد دېگەن زادى كىم؟ئەگەر پۇل - مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئادەم روسچىلىد دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسا،بۇ خۇددى ئەسكەربولغۇچى ناپالىئوننى ،فىزىكىشۇناس ئېينىشتىينىنى بىلمىگەندەكلا بىر ئىش.غەلىتە ھەم ھەيران قېلىشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى،جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ،كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى شۇ قەدەر زور بولغان بۇئىسىم ،كۆپ قىسىم جۇڭگو خەلقىگە ناتونۇش.ئۇنىڭ ئۆزىنى بۇ قەدەر يوشۇرۇن تۇتالىشى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.
روسچىلد جەمەتىنىڭ زادى قانچىلىك بايلىقى بار؟بۇ دۇنياۋى سىر. 300تىرىليون دوللار تۆۋەن مۆلچەر،ئەۋەتتە. روسچىلىد جەمەتى ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بايلىقىنى زادى قانداق تاپقان؟بۇ دەل ئۇشبۇ باپتا سىزگە دەپ بەرمەكچى بولغىنىمىز.
پۇختا جەمەت كونتىروللىقى ،ئىنسى -جىنغا تۇيدۇرماي ئىش قىلىش،سائەت ئىچىدىكى زاپچاسلاردەك توپتوغرا ماسلىشىش،مەڭگۈ بازارنىڭ ئالدىدا ئۇچۇرغا ئېرىشىش،باشتىن-ئاياغ سوغوققان بولۇپ ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈش،پۇلغا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش،مۇشۇلارنى ئاساس قىلغان بايلىقنى كۆزىتىش ۋە تۇغما ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارى ،روسچىلىد جەمەتىنى جاھاننىڭ 200يىلدىن بۇيانقى پۇل-مۇئامىلە،سىياسى ۋە جەڭلەرنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدىن ئامان-ئېسەن ساقلاپ قېلىپ ،ھازىرغىچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى.
ناپالىئوننىڭ مەغلۇبىيىتى-روسچىلىدنىڭ غەلبىسى
نىسىن روسچىلىدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى،شۇنداقلا بەش ئوغۇل ئىچىدىكى ئەڭ قاپ يۈرىكى .1798-يىلى دادىسى ئۇنى فىرانكىفورىتتىن ئەنگىلىيەگە روسچىلىد جەمەتىنىڭ بانكا كەسپىنى ئېچىشقا ئەۋەتىدۇ.نىسىن ئىش كۆرگەن ،كەسكىن بانكىر بولۇپ ،ئەزەلدىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىپ باقمىغان.ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان پۇل-مۇئامىلە تالانتى ۋە ھەرخىل ئەپچىل ۋاستىلىرى بىلەن ،1815-يىلىغا كەلگەندە،ئۇ لوندوندىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك بانكىرغا ئايلىنىدۇ.
نىسىننىڭ ئاكىسى ئامىسرو فىرانكىفورتتا روسچىلىد جەمەتى بانكىسىنىڭ باش شىتابىنى تەرتىپكە سېلىۋاتقاب بولۇپ،ئىككىنچى ئاكىسى سولومون ئاۋىستىريىنىڭ ۋىنادا جەمەتىنىڭ يەنە بىر تارماق بانكىسىنى قۇرىۋاتاتتى،ئۇكىسى كار ئىتالىيەنىڭ نابلىستا يەنە بىر تارماق بانكىنى قۇردى،كىچىك ئۇكىسى جامىسنىڭ فىرانسىيەنىڭ پارىژدا بانكىسى بار ئىدى.روسچىلىد جەمەتى قۇرغان بانكا سېستىمسى دۇنيادىكى بىرىنچى خەلىقئارالىق بانكا گوروھى.شۇ ۋاقىتتا بەش ئاكا-ئۇكا 1815-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇرۇشى ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتاتتى.
بۇ بىر مەيدان ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇرۇش.ئەگەر ناپالىئون يەڭسە،شەكسىزكى فىرانسىيە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ خوجىسى بولاتتى.ئەگەكېنەز ۋېلىنتون فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلسا، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئەنگىلىيەنىڭ ئاغزىغا قارايىتتى.
ئۇرۇشتىن سەللا ئىلگىرى ،روسچىلىد جەمەتى ئىنتايىن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ،ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئۇچۇر يىغىش ۋە تېز يەتكۈزۈش سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىققانىدى.ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەردىن تۈزۈلگەن مەخپى ۋاكالەتچىلىك تورىنى تۇزۇپ چىقتى،جاسوسقا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ كىشىلەر«بالىلار»دەپ ئاتىلاتتى.بۇلار ياۋروپادىكى پايتەخىتلەرگە ،ھەرقايسى چوڭ شەھەر،مۇھىم سودا مەركەزلىرىگە تارقالغان بولۇپ،ھەرخىل سودا،سىياسى ۋە باشقا ئاخباراتلارنى لوندون،پارىژ،فىرانكىفورت،ۋىنا ۋە نابلىس ئارىسىدا توشۇپ يۈرەتتى.بۇلارنىڭ ئاخبارات سېستىمىسىنىڭ ئۈنۈمى،سۈرئىتى ۋە توغرىلىق دەرىجسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ،ئاللىبۇرۇن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇچۇر سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن،باشقا سودا رىقابەتچىلىرىنى بولدى دېمەيلا قويۇڭ.مانا مۇشۇلار روسچىلىد بانكىسىنى خەلىقئارادىكى بارلىق رىقابەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئېگە قىلغانىدى.
«روسچىلىد بانكىسىنىڭ ئاتلىرى ياۋروپادا چېپىپ يۈرمەكتە،روسچىلىد بانكىسىنىڭ كېمىلىرى دېڭىزلاردا ئۈزۈشمەكتە،روسچىلىد بانكىسىنىڭ جاسوسلىرى كوچا-كويلاردا قاتراشماقتا،ئۇلاردا نۇرغۇن پۇل،زايوم،خەت-چەك،ئۇچۇرلار بار،ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى پاي-چەك بازىرىدا ئېقىپ يۈرمەكتە،ئەمما شۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاتېرلو جېڭىنىڭ نەتىجىسىدىن قىممەتلىك ئەمەس».
1815-يىلى6-ئاينىڭ 18-كۈنى،بىلروسىيەدىكى ۋاتېرلو جېڭى ،ناپالىئون بىلەن ۋېلىنتون قوشۇنى ئارىسىدىكى ھايات ماماتلىق جەڭ بولۇپلا قالماستىن،تۈمەنمىڭلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر چوڭ قىمار ئىدى،يەڭگۈچى ھەددى-ھېساپسىز بايلىققا ئېرىشىپ،ئۇتتۇرغىنى بولسا قاق سەنەم بولۇپ كېتەتتى.لوندون پايچېك بازىرىدىكى جىددىيچىلىك چېكىگە يەتتى،ھەممە ئادەم تىت-تىت بولغان ھالدا ئۇرۇش نەتىجىسىنى كۈتىۋاتاتتى،ئەگەر ئەنگىلىيە يېڭىلسە،ئەنگىلىيە زايومى كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىناتتى،بولمىسا ئاسمان-پەلەك ئۆرلەپ كېتەتتى.
ئىككى قوشۇن جاننى تىكىپ قويۇپ ئېلىشىۋاتقاندا،روسچىلىد جەمەتىنىڭ جاسوسلىرى جىددى ھالدا ئىككى قوشۇندىن جەڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كىرىشتى،يەنە بىر بۆلۈك جاسوسلار ،ئىگەللىگەن ئاخباراتلارنى جەڭ مەيدانىغا ئەڭ يېقىنن يەردىكى ئاخبارات پونكىتىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل ئىدى.شام ۋاقتى بولاي دېگەندە،ناپالىئوننىڭ يېڭىلىشى بەلگىلىنىپ قالدى،جەڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان روسفۇز ئىسىملىك ئاخباراتچى ئېتىغا مىندى -دە،ئاۋال پونكىتقا،ئاندىن ئاۋسىتەنتىن پورتىغا قاراپ چاپتى.روسفۇز ئالاھىدە يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە روسچىلىد تېز يۈرەر كېمىسىگە سەكرەپ چىققان ۋاقىتتا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولغانىدى.ئىگرى بوغۇزىدا چىققان بوران ،ئاسمان پەلەك دولقۇنلارنى قىرغاققا ئۇراتتى،روسفوز 2000فىرانىكقا ،كېچىچە ئۇنى بوغۇزدىن ئۆتكۇزۇپ قويۇشقا بىر ماتروسنى ياللىدى.6-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر ئەنگىلىيەنىڭ فۇكىستون قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندە،نىسىن.روسچىلىد ئۇنى ئۆزى كۈتۈپ تۇراتتى.نىسىن خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ ،جەڭ نەتىجىسىنى بىلىدى-دە،ئاتقا مىنىگىنىچە لوندون پايچېك بازىرىغا چاپتى.
نىسىن تېز-تېز مېڭىپ پايچىك بازىرىغا كىرىپ كەلگىنىدە،جەڭ خەۋىرىنى كۈتۇپ تىت-تىت بولۇپ ،ھاياجانلىنىپ كەتكەن كىشىلەر دەرھال تېنىچلاندى،ھەممە كۆزلەر نىسىننىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىز،ھېچنىمىنى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان چىرايىغا تىكىلدى.نىسىن قەدىمىنى ئاستىلىتىپ،«روسچىلىد تۈۋرۈكى»دەپ ئاتالغان ئورنىغا كېلىپ ئولتاردى.ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچنىمىنى بىلگىلى بولمايىتتى.شۇ پەيىتتە زالدا بۇرۇنقى قايناق كەيپىياتتىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان،ھەممە ئۆزىنىڭ مال-دۇنيا،شان-شەرىپىنى نىسىننىڭ كۆزلىرىدىن ئىزلەيىتتى.شۇ پەيىتتە،مىسىن يېنىدا يۈرىدىغان جەمەتىنىڭ خىزمەتچىسىگە بىرنى قاراپ قويدى،كۆپچىلىك ھېچنېمە دېمەستىن ئۆزلىرىنى سودا پۇكىيىگە ئېتىشتى،ئەنگىلىيە زايومىنى ئېلىشىغا سېتىشقا باشلىدى.زال ئىچى بىردەمدىلا قالايمىقان بولۇپ كەتتى،بەزىلەر قۇلاقلىرىنى يېقىشىپ پىچىرلىشىۋاتاتتى،بەزىلەر نېمە قىلارىنى بىلمەي جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى.شۇ يەردىلا 100مىڭ دوللارغا تەڭ كېلىدىغان زايوم توكمە قىلىپ سېتىلدى،ئارقىدىنلا تۆكمە قىلىنغان زايوملار دېڭىز دولقۇنىدەك بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى كېلىشكە باشلىدى،زايوم كېرەكسىز قەزگە ئايلاندى.
نىسىن ھېلىھەم ھېچ ئىپادىسىز ھالدا جايىدا ئولتۇراتتى.زالدا تۇيۇقسىز بىرلىرى«روسچىلىد بىلىدىكەن!» «روسچىلىد بىلىدىكەن!»«ۋېلىنتون يېڭىلىپتۇ!»دەپ توۋلاپ كېتىشتى،ھەممە ئادەم توك سوقىۋەتكەندەك ،چۆچۈپ كېتىشتى،تۆكمە قىلىپ سېتىش ئالاقزادىلىككە ئايلاندى.ئادەم تۇيۇقسىز ئەقلىنى يوقاتقاندا،ئاڭسىز ھالدا باشقىلارغا ئەگىشىدۇ.ھەممە ئادەم بىر ئامال قىلىپ قولىدىكى ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان زايومنى سېتىپ چىقىرىپ ،ئازراق بولسىمۇ پۇلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىشاتتى،بىر نەچچە سائەتىلىك ئېغىر تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن كېيىن،ئەنگىلىيە زايومى بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلاندى،قىممىتى%95 چۈشۈپ كەتتى.
نىسىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا يەنىلا جىمجىت قاراپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇزاق مەشىق قىلمىسا چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىياپەتتە مىدىرلاپ قويدى،ئەمما بۇ قېتىمقىسى بايامقىغا قەتئىي ئوخشىمايىتتى.خىزمەتچىلىرى تېزدىن ئۆزلىرىگە بەلگلەنگەن پۇكەيگە باردى -دە،ئۇچىرغانلىكى ئەنگىلىيە زايومىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 11دە،كېنەز ۋېلىنتوننىڭ خەت توشۇغۇچىسى ھېنرى.پوسى لوندونغا كەلدى،ئۇنىڭ ئەپكەلگەن خەۋىرى بولسا ناپالىئون سەككىز سائەتلىك قاتتىق جەڭدىن كېيىن ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغان،ۋېلىنتون ئۈچتىن بىر قىسىم ئەسكىرىدىن ئايرىلغان.فىرانسىيە تۈگەشتى!!!
بۇ خەۋەر نىسىننىڭ خەۋىرىدىن توپتوغرا بىر كۈن كېيىن كەلدى!نىسىن مۇشۇ بىر كۈندىلا 20 ھەسسىدىن كۆپ پۇل تاپتى،بۇ پۇل،ناپالىئون ۋە ۋېلىنتوننىڭ نەچچە ئون يىل ئۇرۇش قىلىپ تاپقان مال دۇنياسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
ۋالىنتون جېڭى نىسىننى بىر دەمدىلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرىز بەرگۈچىسىگە ئايلاندۇردى،شۇندىن كېيىن ،ئەنگىلىيەنىڭ زايوم تارقىتىشى،ئېنگىلاند بانكىسى نىسىننىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى.ئەنگىلىيە زايومى كەلگۈسىدە ھۆكۈمەتنىڭ باج يىغىشىدىكى ئىسپات،ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇرۇشۇش مەجبۇرىيىتى ئەمدىلىكتە بولسا،روسچىلىد بانكىسى پۈتۈن خەلىقتىن باج يىغىدىغان شەكىلگە ئۆزگەردى.ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمى زايوم تارقىتىش ئارقىلىق غەملىنىدۇ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ھۆكۈمەت پۇل تارقىتىش ھوقوقى بولمىغاچقا شەخسى بانكىدىن قەرىز ئېلىشى كېرەك،ئۆسۈمى %8ئەتىراپىدا،ئۆسۈم ۋە دىرى ئالتۇن بىلەن قايتۇرۇلىدۇ.نىسىن قولىغا ھەممىدىن كۆپ زايومنى يىغقان ۋاقىتتا،ئەمىلىيەتتە زايومنىڭ باھاسىنى كونتىرول قىلالايدۇ،پۈتۈن ئەنگىلىيەنىڭ پۇل تەمىناتىنى كونتىرول قىلالايدۇ،ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىساد جان تومۇرى روسچىلىد جەمەتىنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇلغان بولىدۇ.
ئارزۇسىغا يەتكەن نىسىن مانا مۇشۇنداق قىلىپ، بۈيۈك ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ غورورىنى باش ئەگدۈردى:
«مېنىڭ ھەرقانداق ئەنگىلىيەلىك قورچاقنىڭ شاھلىق تەختىگە چىقىپ ،بۇ كۈن پاتماس ئېمپىرىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى بىلەن چاتىقىم يوق.كىمكى بۈيۈك ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پۇل تەمىناتىنى كونتىرول قىلىدىكەن،شۇ بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسنى كونتىرول قىلىدۇ،شۇ ئادەم -مەن شۇ !».
يازغۇچى سوڭ يەنبىڭنىڭ شۇ ناملىق كىتابىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.داۋامى تېخمۇ سەرخىل،دىققەت قىلغايسىز.