ئىگىسى: bahit0998

ئۇنتۇپ كەتكىم يوق ئىدى ،لىكىن سەن باشقىلارغا تەۋە بىر ئىنسان .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42191
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىپەرۋانىڭ ئىككى كەلمىمە سۆزى :ئاۋال ئەسەرگە ئەسەرنىڭ تىلى ئاددى، چۇشنىشلىك ،مىزلىق ،مەزمۇنلۇق چىقپتۇ،ھەرقانداق مۇھەببەت قاينىمىدا چۆگىلەپ باققانلارغا نىسپەتەن بىر خىل تاتلىق سىزىم ئىپ كىلەلەيدىكەن.قەلەم تۇلپىرىڭز ھارمىغاي .
ئەمدى باش سۇرەتكە كەلسە،سىزگە باش سۈرەت توغۇرلۇق تەربىيە قىلغانلار ھەرگىز سىزگە يامان بولسۇن دىمەپتۇ، گەرچە ياخشى تەكلىپكەن، گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ تاللىشى، تۇتقان يولى ، پىكىر قارىشى ، قىممەت قارىشى بار لىكىن ئۇلارنىڭ توغىرا بولىشى ناتاين ، راسىت ئىيتىسىز ئۇ باش سۇرەت ھىچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالامايدۇ ، بىراق دوسلارنىڭ سەممى تەكلىپى ئويلايمان سىزنىڭ رەت قىلىشىڭىزغا ئۇچىرغىدەك ھەددىن ئاشقۇدەك  ئەمەسكەن ...........
ئاخىردا ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلاپ _ بىپەرۋا
«دوسىت يىغلىتىپ،دۇشمەن كۇلدۇرۇپ»

UID
31144
يازما
982
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
987
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
309 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 16:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا دەيسىز بەخىت 0998 مەن سىزنىڭ دىگىنىڭنىزنى قوللايمەن.مۇنبەردىكى رەسىم پەقەتلا بىزنىڭ خاركتىرىمىز ۋە شۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمىزنى ئىپادىلەيدۇ ،ھەرگىز ئوزىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي سىز بىزنىڭ ئوزىمىزنىڭ مىللىي كىيم-كىچەكلىرىنى كىيىىپ باققانمۇ ؟ باشقىلارغا نەسھەت قىلغان ئادەم ئالداى بىلەن ئۆزىدىن باشلاش كىرككقۇ دەيمەن ؟

UID
46044
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-20
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 17:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز چىراي مەلىكە راستىنلا ياخشى يىزىپسىز، ئاخىرى قاچان چىقا

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
355
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
10131
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-2
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي ،نېمانداق قىلسىلەر بالىلار ھەي. بولدى  قىلىڭلار مۇنازىرنى ئەسەر ئۈستىدە قىلمامسىلەر دەيمە .ئەسەرنىڭ بېشىنى ئۇقۇشۇم بىلەنلا ................بەزىبىر ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ئىكراندەكلا ئۆتۈپ كەتتا .

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ..............


شۇكۈنىدىن كىيىن  بىزنىڭ بىر يىلدىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان مۇناسىۋىتىمىز ،دوسلۇقتىن مۇھەببەتكە ئايلاندى ، بىراق ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەركىن ئازادە پاراڭلىشىدىغان ،  ئىچىمىزدىكى خۇشاللىق ، غەم-قايغۇنى بىربىرىمىزگە ئىيتىپ ھال-مۇڭ بولىدىغان ئىشلار پۈتۈنلەي ئاياقلاشتى ، ھازىر بولسا تىلىغۇن قىلىشساق قىلىشىدىغان گىپىمىز ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا تىلىغۇن قىلىدۇ ياكى ئۇچۇر يازىدۇ .
-خەيرىلىك سەھەر ، ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىمۇ يە ؟ ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن بولسا يولدا ئاۋايلاپ مىڭىڭ ، كىچىكىپ قالماڭ .
چۈشتە بولسا ، ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا تىلىغۇن قىلىپ :
- بۈگۈن ئۆيگە تاماققا بارمىسىڭىز  بىللە تاماق يەمدۇق ، نىمە يىگۈڭىز بار ؟ قەيەردە تاماق يىگىڭىز بار ؟ مەن سىزنى ئالغىلى باراي . كەچلىرى ئامال بار كۆرۈشمەسلىككە كىلىشتۇق چۈنكى ئۇ مىنىڭ   چوڭلارنىڭ ئالدىدا خجىل بولۇپ قىلىشىمنى خالىمايدىكەن ، ئۇنىڭ مىنى بۇنچىلىك ئايىغىنىدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم شەنبە -يەكشەنبە كۈنلىرى كىنو كۆرەتتۇق ،تاللا بازىرىغا كىرىپ ئايلىنىپ ئۇنى-بۇنى سىتىۋالاتتۇق ياكى كۈتۈپخانىغا بىرىپ كىتاپ كۆرەتتۇق ،بەزى كۈنلىرى قىز دوسلىرىم بىلەن سىرىتقا چىقماقچى بولسام ئاپامنى بىرھازاغىچە ئىشەندۈرەلمەي قىينىلىپ كىتىمەن ،ئاپام تىخى :
-نىمە قىلىسەن مىنى ئالداپ ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولغاندىكىن راسىت گەپ قىلىپ چىقساڭ بولمامدۇ ، مەن يا سىنى تۇتىۋالمىسام ، قىززىق  بالىدە سەن ،مەيلى سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ بالام توغىرا چۈشىنىمەن.....
دەپ بۇرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ كىتىدۇ ، مەنمۇ قايتا چۈشەندۈرۈپ ئىشەندۈرەلمىگەندىن كىيىن ئامال يوق ھە دەپ قويۇپلا چىقىپ كىتىۋىرىمەن ،لىكىن ئۆيگە يىنىپ كىرگەندىن كىيىن يەنە سۇئال -سوراق باشلىناتتى ، چۈشەندۈرۈپ بولالماي ، ئىشەندۈرىپ بولالماي قىينىلىپ كىتەتتىم دە ئامال يوق ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ يتىۋالاتتىم . بەزى كۈنلىرى بۇرۇنقى چاغلىرىمىنى  ئەسلەپ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالاتتى ، ئۇچاغلاردا سىرىتقا چىققىم كەلسە چقىقاتتىم  ،دوسلۇرۇم بىلەن خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ ،بازار ئايلىنىپ كەچ قالساممۇ ئەنسىرىمەيتىم ،لىكىن ھازىر  ...............ئۇنى بۇنى دەپ بۇبىريىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇنلىغان يىڭىلىقلار بولغان بولسىمۇ لىكىن بۇ يىڭىلىقلار يوقاتقانلىرىمنىڭ ئورنىنى باسالمىدى يەنى مىنىڭ ئەركىنلىكىم ، شوخلۇقلىرىم ، دادام -ئاپامغا ،ئاچىلىرىمغا ئەركىلەشلىرىم ..... ئويلىسام كۆڭلىم شۇنداق يىرىم بولاتتى ، ئاپام بىلەن ئاچىلىرىمغا شۇنداق دىسەم ئاپام:
- ئەمدى قىرىغاندا ئەركىلىسەڭمۇ ياراشمايدۇ ، ئەمدى تىزىرەك توي قىلىپ  بالىلىق بولساڭ بالىلىرىڭ ئەركىلىسە يارىشارمىكىن دەپ مىنى تىزىرەك توي قىلىشقا زورلايتى . بەختىيارمۇ مۇشۇكۈنلەردە تىلىغۇن قىلسىمۇ ،كۆرۈشسىمۇ ئاغزىدا شۇ توينىڭ گىپى شۇنداق زىرىكتىم . بىركۈنى ئۇ ئەتىگەندە تىلىغۇن قىلىپ :
- ماھىرە ، ئاپام داداملار مۇشۇ ھەپتە سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىپ توينىڭ ئىشىنى دىيىشىۋەتسەك بولاتتى ، ئۇقىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ خەۋىرى بارمۇ ؟ ئەگەر بولمىسا بىز تۇيۇقسىز بارساق قانداق بولار دەپ مىنى .......
- بولدى قىلىڭ بەختىيار ، دىسەم دىمىسەم بۇسىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئويى شۇنداقمۇ ؟
- ياق ، راستىنلا ئۆيدىكىلەر شۇنداق مەسلىھەت قىلىشىپتۇ ، بولمىسا مەن خجىل بولماي تويۇمنى قىلىمەن دىيەلەمدىم ، سىزمۇزە ئادەمنى تەتۈر قىينىغىچە ......
- قىززىقكەنسىزغۇ بىز نىمە دىيىشكەن ، مىنىڭ تىخى تەيييارلىقىم پۈتمىدى ،سىزمىنىڭ تەييارلىقىم پۈتكىچە ئالدىراتماي ساقلايدىغان بولغانغۇ ؟ نىمىشقا گىپىڭىزدە تۇرمايسىز ؟
-  ھىلىمۇ بىريىلدىن ئدشتى نىمىشقا مىنى بۇنداق قىينايسىز ؟......
كۈندە شۇنداق تالاش -تارتىش نىمىشقىكىن مىنىڭ ھازىر توي قىلغۇم يوق ئىدى ،ئۇنىڭ كۈندە زىرىكمەي دەۋىرىشىگە چىدىماي ئاخىرى ئاچامغا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىرىتىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىيىتتىم  ، ئاچام شۇكۈنىلا ئاپامغا دەپتۇ ، كەچتە تورغا چىقىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام ئاپام يىنىمغا كىرىپ ،
- بالام سەنمۇ مىنىڭ سىنى بالدۇرراق ياتلىق قىلشقا ئالدىرايدىغانلىقىمنى بۈلىسەن ، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى توي ئىشىنىڭ مەسلىھەت قىلايلى دەپتۇ ، بولسا سەنمۇ ئەمدى جايىللىق قىلما ، بولسا بۇيىل تويۇڭنى قىلىپ مەنمۇ خاتىرىجەم بولاي جىنىم بالام ....
شۇنداق قىلىپ ئاپامنى خاتىرىجەم قىلىش ئۈچۈن بۇيىل توي قىلىدىغان بولدۇق ، لىكىن  ئىدارىدىن ماڭا  شىمالغا بىرىپ بىريىللىق  تەربىيەلىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشتى .
مەن خۇشاللىقىمدا بۇ خوش خەۋەرنى تىلىغۇن قىلىپ  بەختىيارغا دىدىم ، لىكىن ئۇ نىمىلا بولمىسۇن توينى قىلىۋىتىپ ئاندىن بىرىڭ دەپ تۇرىۋالدى ، ئاپام دادام ،ئاچىلىرىممۇ شۇنداق دەپ ئۇ تەرەپتە تۇردى . لىكىن مەن ئۆز پىكىرىمدە چىڭ تۇردۇم چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن قايتا كەلمەيدىغان تەربىيەلىنىش پۇرسىتى تۇرسا ، ئۇلار بىلەن تالاش- تارتىش قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بەختىيارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئاۋال دوسقان ئەكىرىپ تۇرىدىغان توينى مىنىڭ تەربىيەلىنىشىم تۈگىگەندىن كىيىن قىلىدىغان بولۇپ كىلىشىتۇق ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى كىلىپ كەتكەندىن كىيىن  ،بەختىيارنىڭ كۆڭلى ئازىراق بولسىمۇ ئارام تاپتى ، مەنمۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ ئۇرۇق -تۇققان دوسلۇرۇمدىن ،بەختىياردىن ئايرىلىپ بىريىللىق تەربىيەلىنىش ھاياتىمنى باشلىدىم ، بۇئارلىقتا بىزنىڭ ئالاقىمىز بىركۈنمۇ ئۈزىلىپ قالمىدى ،تىلىغۇندا بولسۇن ياكى توردا بولسۇن پاراڭلىشىپ بىزنىڭ كۈنلىرىمىز خىلى مەنىلىك ئۆتتى ئارلىقتا مەنمۇ يۇرۇتقا بىرقانچەقىتىم قايىىتتىم ، ئۆيدىكىلەرمۇ مىنى يوقلاپ باردى ، بىراق بەختىيارنىڭ سىنىپى بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانى بىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بارالمىدى ، شۇسەۋەپتىن ئۇ كۈندەدىگۈدەك  مەندىن ئەپۇ سورايتى ، مىنىڭ تەربىيەلىنىشىم تۈگەيدىغانغا ئاز قالغان چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىنى بىرىپ بولۇپ ئۇمۇ بىكار بولۇپ قالغان ئىدى بىراق مەن يىقىندا قايتىدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ كىلىشىنى رەت قىلدىم .  
ھاھاھاھا .......ھەممىدىن كۈلكىلىك بولغىنى بەختىيارنى مەكتىپىدىن 2يىللىق قوش تىل بويىنچە تەربىەلىنىشكە تىزىملاپ پات ئارىدا ماڭىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ ، بۇگەپنى ئاڭلاپ مىنىڭ كۈلگىم كەلگەن بولسا بىچچارە بەختىيارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ماڭا سۆزلەپلا كەتتى ،
-نىمىلا بولمىسۇن سىنزنىڭ كىلىشىڭىزگە توينى قىلىۋىتىپ ئاندىن ئوقۇشقا بارىمەن ، بولمىسا سىزدىن قۇرۇق قىلىپ قالىدىغاندەك تۇرۇمەن ، شۇڭا سىز ئەمدى مىنىڭ پىكىرىمنى ئازىراق بولسىمۇ ھۆرمەتلەپ قويۇڭ بولامدۇ ؟
- مەن ئاۋال ئۆيگە باراي شۇچاغدا ئۆيدىكىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاندىن بىرگەپ بولسۇن . دىدىم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئاياقلىشىپ ئۆيگىمۇ قايىتتىم ،  ئاپام بىلەن ئاچىلىرىم ئۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىككىڭلار ئەمدى كاككۇك بىلەن زەينەپتەك كۆرۈشەلمەي ،يا توي قىلالماي يۈرىدىغان بولدىڭلاردەپ كۈلىشىپ  كەتتى ، ئاپامغا بەختىيارنىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىنى دەپ بەردىم ، ئاپام دادام بىلەن مەسلىھەت قىلىدىغان بولدى.ئەتىسى بەختىيار بىلەن كۆرۈشتىم لىكىن  بەختىيارنىڭ غەمكىن چىرايىنى كۆرۈپلا كۆڭلۈم بىرقىسىم بولۇپ قالدى ، بىز نەچچە سائەتكىچە تاكاللىشىپ ئاخىرى مىنىڭ قىيداپ مىڭىشىم  بىلەن جىمجىتقىنا ئايرىلىپ ھەر ئىككىمىز ئۆيگە قايتىتۇق ، بىرئىككى كۈنگىچە ئۇنىڭ تىلىغۇنىنىمۇ ئالمىدىم ، ئۇ توختىماي ئۇچۇر يازاتتى بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئەپلىشىپ قالدۇق بىراق مىنىڭ يەنىلا بەختىيارنىڭ جايىللىقىغا ئاچچىغىم كىلەتتى .ئاپام بىلەن داداممۇ مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتكەندىن كىيىن توي قىلىسۇن دىگەن قارارغا كەپتۇ ،لىكىن ئۇ  بىركۈنى ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى تۇيۇقسىزلا بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ ، ئۇلانىڭمۇ ئاپام داداملاربىلەن بىر پىكىردە ئىكەن لىكىن بەختىيار بۇيىل چوققۇم قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرۋالغاچقا ئۇلار ئامال يوق كەپتۇ ، ئاپام داداملارمۇ ئويلىغانلىرىنى ئۇلارغا دەپ ئۇلارنى قايىل قىلدى ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار قايتىپ بەختىيارنى قايىل قىلىدىغان بولۇشۇپ قايىتتى . ئەتىسى ئەتىگەندە بەختىيار ماڭا تىلىغۇن قىلىپ :
- سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىش بولدى ھە ماھىرە ؟ خوش بولۇپ كەتكەنىسىز ؟  بۇرۇنمۇ ساقلىغان ،ھىلىھەممۇ ساقلايمەن لىكىن سىز ........
- مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز ؟ سىز تىخى مىنى چۈشەنمەمسىز ؟
- بولدى مىنىڭ سىزبىلەن تاكاللىشىپ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرگىم يوق ، خۇدايىم ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .
- ھە ... ماۋۇ گىپىڭىز بولدى ، ئەمدى بۇرۇنقى بەختىيارغا ئايلاندىڭىز ؟
- بىر تەلىپىم بار ، ماقۇل دەرسىزمۇ ؟
- ئەگەر توينىڭ گىپى بولمىسىلا ..ھاھاھاھاھا
-خاتىرجەم بولۇڭ باشقا گەپ ، مۇمكىن بولسا بىز بىرەر پارچە سۈرەتكە چۈشىۋالساق بوپتكەن بولامۇيا ؟
- بۇرۇن جىق رەسىملىرىمنى ئەۋەتىپ بەرگەنغۇ ؟ يۇيۋەتكەنما تىلىغۇندىن ، مىنىڭكىدە بار جۇمۇ سىز ئەۋەتكەن رەسىملەرنىڭ ھەممىسى .
- مەن  ئىككىمىزنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرەتنى دىمەكچى ، سىزنىڭ ئۇ سەت سۈرەتلىرىڭىزنى كۆرىۋىرىپ تىشىلىپ كەتتى .ھى ھى ھى ھى .....
- بولسا تويلۇق سۈرەتكىلاچۈشمەمدۇق ھامىنى چۈشىدىغان بولغاندىكىن تايىنلىق .
-راسما ، بولىدۇ ئەمسە بۈگۈن چۈشەمدۇق يە ؟
- ۋىيەي مەنىڭ قىلىنلىقىنى ، نىمە دەيدۇ دىسەم تخى بۈگۈنلا دەپ كەتكىنىنى ۋاقىتى كەلگەندەچۈشەرمىز ؟
-ئەمسە ھازىر توي قىلىۋتىپ ساياھەت قىلغاچ ئۈرىمچىگە بىرىپ ھىلىقى ئىلان قىلىۋاتقان يەردە چۈشۈپ كەلمەيمىزمۇ ئەمسە ، بولمىسا سىز توي قىلغىچە قىرىپ سەتلىشىپ كەتسىڭىز ....
- ئالدىرىسىڭىز ئەمسە سىز قىلىۋىرىڭ ، ئەججەپمۇ بىر شۇ بىر ئىغىز گەپنى شاتۇتىدەك دەۋىرىپ زىرىكمىدىڭىز . مىنىڭ سىز بىلەن مۇشۇنداق ئۆتكۈم بار ، ھەممە ئادەم تويدىن كىيىن ئوغۇللارنى ئۆزگىرىۋالىدۇ دەيدۇ ، شۇڭا مىنىڭ توي قىلماي مۇشۇنداق ئۆتكۈم بار .
-سىز توي قىلىشقا نىمانچە قارشى تۇرىدىغانسىز ، شۇ گەپ چىقىپ بولغىچە چاچلىرىڭىز تىك تۇرىدىكەن ،خەپ ئەمدى سىز جىنىم بەختىيار قاچان توي قىلىمىز دەپ ماڭا يىلىنمىغىچە ئەمدى ھەرگىز توينىڭ گىپىنى سىزگە دىمەيمەن ، خەپ !
شۇنداق قىلىپ بىز ئۇ ماڭغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۈنلەرنى ئاشۇنداق چاقچاق ، كۈلكىلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزدۇق ، ئەتىسى كۆرۈشۈپ كىچىك باللاردە بىرقانچە پارچە سۈرەتكە چۈشتۇق ، ئۇ ماڭا بىر پارچىسىنىلا بىرىپ ھەممىسىنى ئۆزى ئىلىپ كەتتى ، ئۇ ھىلىقى كۈنىدىكى ئولتۇرۇشقا بىرىشتىن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز شۇنداق مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى ، شۇكۈنىدىن كىيىن ھەممىسى ئاياقلاشتى ، ئۇ كىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ باشقا بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىنى ،ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىىۋىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بلگەن بولسام ، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ بارلىق نۇمۇسسىزلىقلىرىنى ئاڭلىدىم ، كۆڭلۈم شۇنداق ئىلىشىپ كەتتى ، مەن ياخشى كۆرگەن ،ھۆرمەتلەپ ئىشىنىپ چوڭ بىلگەن ئادەمنىڭ شۇنچە كۆپ نۇمۇسسىزلىقلارنى قىلغانلىقىغا ھەيران قالدىم ، ھەم ئۇلۇغ ئاللاغا جىق شۈكىرى ھەمدۇسانا ئىيىتتىم ، ئەگەر ئۇ ئوقۇشقا مىڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىغان بولسام ............   ئاقىۋىتىنى ئويلاشتىمۇ قورقىمەن .
ئۇنىڭ شۇنچە يىلىنىشلىرى ماڭا كار قىلمىدى ،چۈنكى مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈم ئۆلدى ،مۇھەببىتىم نەپىرەتكە ئايلاندى .
ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشى بىلەن دوسلۇرۇم تىلىغۇندا بولسۇن ياكى ئۇچىراپ قالغاندا ماڭا ئاڭلىسام تويۇڭغا ئاز قاپتۇ ،مۇبارەك بولسۇن بىزنى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالما دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدىغان بولىۋالدى ، بۇگەپلەرنى قەيەردىن ئاڭلىغانلىقىنى سورىسام بەختىيار دىن دەيدۇ ، كاللام پىررىدە قىيىپ كەتتى ، بۇنۇمۇسسىزنىڭ يەنە خىجىل بولماي باشقىلارغا دەپ يۈرگىنىدىن ئاچچىغىم كىلىپ تۇرسا بىركۈنى ئەتتىگەندە بىر ناتونۇش نۇمۇردىن تىلىغۇن كىلىپ تاس قالدىم ھۇشۇمدىن كەتكىلى ،
- ۋەي ،ياخشىمۇسىز ؟سىز  ماھىرە بولامسىز ؟
- ھە ،سىز كىم ‹
-مەن ....
-ۋەي گەپ قىلىڭ سىز كىم ؟
- سىرىتقا چىقالامسىز ،مەن سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ ئالدىدا بولسا كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقان بولساق ، مەن ھازىر نىمە دەپ چۈشەندۈرىشنىمۇ بىلەلمىدىم ،
يۈرىكىم بىرنىمىنى سەزگەندەك بولدى لىكىن يەنە غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى ،
- كىملىكىڭىزنى دىمىسىڭىز مەن نىمە دەپ سىزبىلەن كۆرۈشكىلى چىققۇدەكمەن ، قىززىقكەنسىزغۇ ؟ زادى كىمۇسىز ؟
-  .........
- ۋەي ... گەپ قىلمىسىڭىز تىلىغۇننى قويىۋەتتىم ، مىنىڭ قىلىدىغان ئىشىم كۆپ خوش ئەمسە..
- مەن بەختىيارنىڭ  ھازىرقى قىز دوستى ...
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ،  نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ھەم بىردەم تۇرۇپ كىتىپ ،
- ھە شۇنداقمۇ ؟ مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى ؟
- ماھىرە سىز بىلەن كۆرىشىپ سىزگە دىمىسەم بولمايدىغان بەزى گەپلەر بار ، سىزدىن خوش بوپ قالاي چوققۇم چىقىڭ بولامدۇ ، بولمىسا مەن سىزنى ئىشتىن چۈشكىچە مۇشۇ يەردە ساقلاي .
رەت قىلغۇم بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقىپ ،ھەم ئۇقىزنى كۆرۈپ بىقىش نىيتىدە ئۇنىڭ بىلە كۆرىشىشكە قوشۇلدۇم .
-بولىدۇ ،ساقلاپ تۇرۇڭ ،مەن ھازىر چۈشەي، دىدىم . تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چاچلىرىمنى تۈزەپ، بىرقۇر سۇس گىرىم قىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا چىقتىم .
ئۇ قىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى دوستۇم زۇلپىيە ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزىلىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن تا ھازىرغىچە كۆرىشىپ باقمىغان بولساقمۇ ،گەرچە ئۇ ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ قىشىنىڭ ئۈستىدىكى خالىدىن ،ھەم چىرايلىق كۆزلىرىدىن  ئۇنى تونۇۋالدىم .
- بۇ .... ، زۇلپىيە بۇراستىنلا سەنمۇ ؟  
- ماھىرە  ھۈھۈھۈ .....   ئۇ مىنى كۆرۈپلا ماڭا ئۆزىنى ئىتىپ يىغلاپ كەتتى .
ئەتىراپتىكىلەر  بىزگە قاراپ ھەيران قىلىشتى بولغان ئىشىنى قىلماي بىزنىڭ ئەتىرىپىمىزغا بىردەمدىلا يىغىلىپ كىتىشتى ،مەن خىجىل بولۇپ ئۇنۇڭغا باشقا يەرگە بىرىپ پاراڭلىشىلى دەپلا يان تەرەپتىكى گۈللۈك تەرەپكە بىرىپ ئولتۇردۇم ،ئۇمۇ كەينىمدىن ئەگىشىپ كىلىپ يىنىمدا ئولتۇردى .ئۇنىڭ سۇس داغ چۈشكەن يۈزلىرىدىن بەزى ئىشلارنى ھىس قىلدىم ، ئۇنىڭغا نەپىرەتلەندىم ، قىزبالا بولغاندىكىن غىت قىسىپ يۈرسەڭ بولمامدۇ ، توي قىلماي تۇرۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغۇچە ئۆلسەڭچۇ دىگىم كەلدى ،دىيەلمىدىم ،لىكىن يەنىلا ئاچچىقىم كىلىۋاتاتتى ،مەن نىمە دىيىشىمنى راستىنلا بىلەلمىدىم ، ئۇنىڭدىن سۇئالمۇ سورۇغىم كەلمىدى ، ئەمدى مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن ؟
- مەن قايتاي ، دەپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
-ماھىرە ، مەن بەختىياردىن ھامىلدار بولدۇم .  
قارا بۇيۈزى قىلىننىڭ  نۇمۇس قىلماي ماڭا شۇ گەپنى دەۋاتقىنىنى ، ھەي ...
- دىمىسىڭىزمۇ كۆرىنىپ تۇرۇپتۇ ، ئۇنتۇپ قالماق مىنىڭ بۇرۇنقى ئوقىغان كەسىپىم سىستىرالىق .
- مەن دىمەكچى ئەمدى بەختىيارنى ئىزدىمەڭ ، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىڭ . دىمەسمۇ .
- نىمە ؟ كىم ئۇ بىرنىمىڭىزنى ئىزدەپتۇ ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلىساممۇ ياندۇرغۇم كىلىدۇ ھازىرمىنىڭ ، سىزگە دەپ قوياي مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەم ئاللابۇرۇن ئۈزىلىپ بولغان ، ئەمدى مىنى كىلىپ ئاۋارە قىلماڭ .
دەپلا مەغرۇر قەدەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم ، بىراق ئۇ ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ ئالدىمنى توسىۋالدى .
- سىز نىمىڭزگە شۇنچە يوغانچىلىق قىلىسىز ، ناھايىتى كەلسە ئۇنىڭ بىلەن 2يىلدەك ئارلىشىپتىكەنسىزغۇ ؟ لىكىن ئۇ مىنى تاللىغان ، بىريىلدىن بىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىز شۇنداق بەخىتلىك ئۆتكەن ..... بىز كىلىپلا توي قىلماقچىمۇ بولغان  لىكىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سىز ئۇنىڭ بىشىنى ئايلاندۇرۇپ ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدى ، سىز نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسىز ؟ نىمىشقا ئۇنى مەندىن تارتىۋالىسىز ؟ سىزدە نۇمۇس دىگەن نەرسە يوقما ؟.ئۇ نۇمۇس قىلماي ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئوچۇق ماڭا دەپ بەرگىنىدىن ،ئالدىمدىكى بۇقىزدىن  شۇنداق يىرگنىپ كەتتىم .
- نۇمۇس ، سىزماڭا نۇمۇستىن گەپ ئىچىۋاتامسىز ، كەچۈرۈڭ مىنىڭ سىزدەك ئادەم بىلەن پاراڭلاشقۇممۇ ،بىريەردە تۇرۇپ ئۆزۈمنى بۇلغىغىممۇ يوق ، خوش .ھەراسىت ، سىزگە ئىيتىپ قويياي ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز بەخىتلىك بولۇڭ ھە ! ھاھاھا ....
ئۇ توي قىلدى ، لىكىن ئاتا -ئانىسىنىڭ  قاتتىق قارشىلىقى ئاستىدا جىمجىتقىنە توي قىلدى ، ئۇنۇڭغا بەخىت تىلىدىم ،چىن يۈرىكىمدىن ئۇلارنىڭ بەختىگە دۇئا قىلدىم ، چۈنكى ئادەم خام سۈت ئەمگەن ئەمەسمۇ ؟ ئازمايدىغان ئىنسان يوق ، ئۇنىڭ تۇنجى قىتىملىق رەڭلىك ئولتۇرۇشقا بىرىشى ، تۇنجى قىتىملىق ھاراق ئىچىشى ئۇنىڭ تۇمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى ، بەلكىم بەختىيارمۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن جىق پۇشايمان قىلغان بولىشى مۇمكىن ،مىنى خۇشال قىلىدىغىنى  ئۇ ئوغۇلبالا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا ئىگە بولدى ، بىراق بەختلىك بولالمىدى ،ئۇزاق ئۆتمەي  بەختىيارنىڭ ماڭا تىلىغۇندا ،كوت -كوتتا  ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، ئۇ ئۇچۇرىدا ‹ پۇشايمان قىلغانلىقىنى ، مىنى يەنىلا ئۇنتىيالمىغانلقنى ...... پەققەت قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولۇغ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىدەك نۇرغۇن تىتىقسىز گەپلەرنى دەپ تۇ ..... ئۇچۇر ئارقا -ئارقىدىن كىلىۋاتىدۇ لىكىن ھەممىنى ئوقۇپمۇ باقماستىن بىراقلا  يۇيىۋەتتىم ھەم شۇكۈنىلا ئىشلىتىۋاتقىنىمغا 5 يىل بولغان تىلىغۇن نۇمۇرۇمنى توختىتىپ قويۇپ يىڭىدىن  باشقا بىر نۇمۇر ئالدىم ، كوت -كوت نۇمۇرنىمۇ ئالماشتۇردۇم .
نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ ئائىلىسى بار بىر ئەر ، ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشىم كىرەك ، گەرچە ئۇمىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ، ماڭا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ، نۇرغۇن خۇشاللىق كۈنلەرنى ئاتا قىلغان ئادەم بولدىمۇ ئۇنىڭ چوققۇم ئۇنتۇپ كىتىشىم كىرەك ،ھەر قانچە تەس بولسىمۇ ئۇنتۇشۇم  كىرەك ،چۈنكى ئۇ باشقا بىرسگە تەۋە بولۇپ بولغان بىر ئىنسان .

تۈگىدى .
بەزى جايلىرىنى تەپسىلى يازمىدىم ،بەزى جايلىرى ئانچە قاملاشماي قالدى ،تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .  بۇ  

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن  . ئىشلىرىم شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ  ئاخىرى يوق ئەسەر بولۇپ قىلىشىنى خالىماي  قىسقارتىپلا يىزىۋەتتىم . توغرا چۈشىنىڭلار .

UID
46044
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-20
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 20:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ھەقىقەتەن ،ياخشى يىزىپسىز.

UID
44119
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 20:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى شۇندا قىزقىپ ئوقۇۋاتاتتىم ...........................ئاخىرنىڭ تىزراق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلمەن

UID
45328
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-30
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 00:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 21:51
رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم،،سىز بولسىڭىزمۇ مىنى چۈشۈنۈ ...

   مېنىڭچە كۆڭۈل ئاغرىقى دەپ ئويلىماڭ.مۇنداق بىر گەپ بولىدىغان:«ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا بەئەينى بىر دوزاخ» دەپ،گەرچە ئىشلار ئۇنداق دەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ سەۋىر قىلايلى! بۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن:«ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم،ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر».سىزنى چۈشىنىدىغانلار كۆپ،مەنلا ئەمەس،«ھەقىقەت ئېگىلىدۇ،سۇنمايدۇ»،مەندىن ھەم تەسىرلەنمەڭ،سىز ۋە بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىششىمىزنى،ھەم دېيىشكە تېگىشلىك گېپىمىزنىلا دەپ قويدۇق خالاس.سەۋىر قىلىش كېرەك،ئەمما چېكىنىشكە بولمايدۇ!

UID
45328
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-30
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 01:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-27 10:15
كەچۈرۈڭلا ، بۇئىككى كۈن بەكلە ئالدىراش بولۇپ قالدىم .ب ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمىز،بىز بولۇشۇپ نەشتەر سانجىمىدۇق،شۇ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى يوللاپ بېرىۋاتقان (مۇنبەردە ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى بولمىغاندىكىن،باش سۆرىتى ئاۋۋال كۆزگە چېلىقىدىكەن) ئاۋۇ باش سۆرىتىڭىزدىكى  ئۇيەر-بۇ يېرى ئوچۇق قالغان قىزنى ئالماشتۇرسىكەن دېدۇق شۇ،تاللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ياققانىكەن خۇشال يۈرىشىڭىز كېرەكقۇ؟نېمە ئۈچۈن كۆڭلىڭىزگە كەلدى؟ئۇ گەپلەر نېمە ئۈچۈن نەشتەردەك تۇيۇلدى؟نېمە ئۈچۈن باشقىلار بىرلىشىپ سىزگە ئازار بەرگەندەك تۇيۇلدى؟...چۈنكى سىزنىڭ  قىلغىنىڭىز پۈتۈنلەي خاتا بولمىسىمۇ، خاتا.ئەجىبا ئۇياقنىڭ سىزدە ئۆچى بارمىتتى سىز بىلەنلا قالىدىغانغا؟شۇ بىزگە ياخشى بولسۇن دەپ ئۆزگەرتىۋېلىڭ دېدىغۇ؟توغرا ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشى بولىدۇ،تاللىشى بولىدۇ،بىراق ئوبدان ئويلىنىڭ،ھەۋەس،ياخشى كۆرۈش باشقا گەپ،بىز ياخشى كۆرگەنلە نەرسىگە مۇھەببىتىمىزنى بېرەمدۇق؟بىز ھىسسىياتقا قەرزمۇ؟سېتىۋالمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىنى كۆپ سېتىۋالغان ئادەم ھامان سېتىۋالمىسا بولمايدىغان نەرسىنى سېتىۋالالماي قالىدۇ.«بەرىكەت مىڭدا ئەمەس،بىردە»دېگەن گەپ بار،سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك،ئەنە شۇنداق كىچىك ئورۇنلاردىن،كىچىك ئىشلاردىن ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان سۆيگۈمىزنى،ھۆرمىتىمىزنى،ئىپتىخارىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرىشىمىز كېرەكقۇ؟ئۆزىمىزنى سۆيمىسەك كىم بىزنى سۆيىدۇ؟قۇرسىقىڭىزنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقماڭ،تاللاش ھوقوقى ئەلۋەتتە سىزنىڭ،شۇ ئۆزگەرتىۋالسا ياخشى بولاتتى دەپ قويدۇق،ئەگەر بەكلا ئۆزىڭىزنىڭ توغرا بولسا،بىزنىڭ گەپلېرىمىزنى ئارتۇقچە ھېس قىلغان بولسىڭىز  سىز يەنىلا تاۋۇزنى يەپ يۈرۈڭ،ئەمەلىيەتتە بۇ نەشتەردەك گەپلەر ئەمەس،چۈشەنسىڭىز ناۋاتتەك گەپلەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش