ئىگىسى: bahit0998

ئۇنتۇپ كەتكىم يوق ئىدى ،لىكىن سەن باشقىلارغا تەۋە بىر ئىنسان .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 19:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى .......

شۇتەرەقىدە بۇبىر نەچچە ئاي ۋاقىتنى ئازاپ ۋە گۇمان ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋاقىتتىن تارتىپ تاھازىرغىچە بىربىرىمىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەپ ھەم ئاسىراپ كەلگەن ئىدۇق ،ئۇنىڭ بۇنچە تىزۋاقىت ئىچىدە بۇنچە زور دەرىجىدە ئۆزگىرەپ كىتىشىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .
كاللامدا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان كۈنلەر كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى .
- ۋوي بۇ بىزنىڭ مۇز چىراي مەلىكىمىز ماھىرە ئىكەنغۇ ؟قانداق ئەۋالىڭىز ؟ ئۇنداق قىلماي بىزدەك كوناساۋاقداشلىرىڭىزغا قاراپ  قويۇڭ دەيمەن ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن بىرى 3يىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئۇچىرىشىشىمىز ئىدى .
-ۋوي سىنىپ باشلىقىمىزغۇسىز  ؟ قانداق ئەھۋلىڭىز ؟ (ئۇنىڭ سىزلەپ گەپ قىلىنىدىن كۈلكەم قىستاپ كىتىپ باراتتى ) .
- بار ، سىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە ؟ مەن تىخى مۇزلىرىنى ئىرىتكىلى ئىسسىق بەلبەغققا كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
- ھاھاھا...........  كۆرمىدىڭىزمۇ مىنىڭ كۈلكە يىغىپ تۇرغان چىرايىمنى ؟ مىنى يەنە مۇز چىراي دەۋاتىسىزغۇ ؟  ......
- ئۇغۇ شۇ ، قارىسام چوڭ بولۇپ شۇنداق چىرايلىق بولۇپ ئوماقلىىشىپ كىتىپسىز .
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قىزىرىپ كەتتىم . ئۇيەنە گەپ باشلىدى .
- ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن ،قەيەردە ئىشلەۋاتىسىز ؟ ساۋاقداشلار يىغىلىشىلىرىدىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ سىزنى . بىزدەك كوناساۋاقداشلىرىڭىزنىمۇ ئىزدەپ قويۇڭ دەيمەن ، بىزمۇ بىر كۈنلەردە ئەس قىتىپ قالىمىز .
- شۇنداق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ****** غا خىزمەتكە چۈشتۈم ،سىزچۇ ؟
- مەن تىخى  ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدىم ،خۇدايىم بۇيرىسا بىزمۇ ئورۇنلىشارمىز پىشانىمىز پۈتۈلگەن بىريەرگە ئورۇنلىشارمىز ،ئەمدى بىزنىڭ سىزنىڭكىدەك بۇياندىن كەلسە ئۇياندىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغان باشلىق داداىمىز بولمىغاندىكىن . ..............
- بۇنىمە دىگۈنىڭىز ؟ كىم مىنى
-قارا ،قارا چاق چاق قىلىپ قويسام كۆتۈرمىگىنىنى ،يەنىلە شۇ بۇرۇنقى مىجەزىڭىز باركەن ھە ؟ ئۇششۇق سىزنىڭ .
بىردەم پاراڭلىشىپ بىربىرىمىزنىڭ تىلىغۇن نۇمۇر ،كوت-كوت نۇمۇرلىرىمىزنى سورىۋالغاندىن كىيىن مەنمۇ ئىش ئورنۇمغا قاراپ يۈگۈردۈم ، چۈنكى ۋاقىت توشۇپ قالغان ئىدى . شۇكۈنىدىن كىيىن ئانچەمۇنچە كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ يۈردۇق ئارىدىن نەچچە ئاي ۋاقىت ئۆتتى ،بىركۈنى ئۇ ئىشلەۋاتسام ئىنتاھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئىيتىپ تىلىغۇن قىپتۇ ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن  نەقەدەر خۇشال بولغانلىقىنى بۈلىۋالغىلى بولاتتى .
-مۇزچىراي مەلىكە (ئادەتتە كوت-كوتتا پاراڭلاشساق ئۇ شۇنداق چاقىراتتى   )،خوش خەۋەر مىنى مىھمان قىلىڭ .
- ۋوي ،نىمە خوش خەۋەر ؟ مىھمان قىلىش سىزدىن ئايلانسۇن . قەيەردە مىھمان قىلىمەن ، نىمە يىگىڭۈز بار ؟
- ئىنتاھاندىن ئۆتۈپتىمەن ،يانا كىلىپ شەھەرلىك  @-ئوتتۇرىغا دەڭە ، ئەمدى سىز بىلەن كۈندە .... گىپىنىڭ ئاخىرى ئۈزىلىپ قالدى .مەنمۇ ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ قەيەردە تاماق يەيدىغانلىقىمىزنى بىكىتىۋىتىپ ،ئىشلىرىمنى  تىزسۈرەتتە تۈگىتىپ ئۆيگە ماڭدىم ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇنۇڭغا سوۋغات سىتىۋىلىش ئۈچۈن بازار ئايلاندىم ،تۇنجى قىتىم ئوغۇللارغا سوۋغات سىتىۋىلىشىم بولغاچقا نىمە سىتىۋىلىشنى بۈلمەي  ئۇيان ئايلىنىپ ،بۇيان ئايلىنىپ ئاخىرى  ئۇنۇڭغا سائەت سوۋغا قىلىشنى توغرا تاپتىم ،چۈنكى ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاڭتىمىزدا دائىم دەرىسكە كىچىكىپ كىلىپ ئوقۇتقۇچىمىزدىن تىل ئاڭلايتى .  سائەتنى چىريلىق ئوراپ  ئۈستىگە بىردانە قەلەم قىستۇرۇپ قويدۇم .  يىرىم سائەتلەردىن كىيىن دىيىشىپ قويغان تاماقخنىغا كەلسەم ئۇ مىنى تاماقخانا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . بىز ئىچىگە كىرىپ ئازادە بىر ئورۇننى تىپىپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىمىز ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى بۇيرىغاندىن كىيىن مەن ئۇنۇڭغا ئالغان سوۋىتىمنى بەردىم ،ئۇ شۇنداق ھەيران قىلىپ .
-بۇ ... بۇ سىزنىڭ نىمە قىلىنىڭىز ماھىرە ؟ ئادەمنى خىجىل قىلىپ رەھمەت سىزگە، دىدى ھەم قەلەمنى يانچۇقىغا سىلىپ سائەتنى قولىغا تاقاپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ خىل ماركىدىكى سائەتنى ياقتۇردىغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟ مىنى بەكلا ھەيران قالدۇردىڭىز جۇمۇ ، بۇ قىزلارنىڭ ماڭا تۇنجى قىتىم سوۋغات بىرىشى ،رەھمەت سىزگە !
- بۇمۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم ئوغۇللارغا سوۋغات بىرىشىم جۇمۇ ، سىزنى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىمۇ يەنە كىچىكىپ قىلىپ يۈرمىسۇن دەپ قارىسام مۇشۇ سائەت سىزگە ماس كەلگۈدەك شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنى سىتىۋالدىم ......  تۇيۇقسىز ئۇ ماڭا يانچۇقىدىن بىر دانە ئورالغان كىچىڭ  قۇتىنى ئىلىپ، بۇمۇ مىنىڭ قىزلارغا تۇنجى قىتىم سوۋغا بىرىشىم  ئۆيگە بارغاندىن كىيىن ئىچىڭ دىدى . مەنمۇ قىزىققان ھالداقۇتىغا قاراپ قويۇپ  رەھمەت دەپ سومكامكغا سىلىپ قويدۇم . تاماقنى يەپ بولۇپ ھەر ئىككىمىز ئۆيلىرىمىزگە قاراپ ماڭدۇق ، يولدا كىتىپ بارىمەن كاللامدا بولسا مەن نىمە بولدۇم ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بۇنچە يىقىن بولۇپ كىتىمەن ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنۇڭغا سوۋغات سىتىۋالدىم؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ تاپالماي ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .ئۆيگە كىرىپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنىڭ بەرگەن سوۋغىتىنى ئاچتىم ،ھاھاھا.....  قارىسام شۇنداق ئوماق بىر تىلىغۇن ئاسقۇچ ئىكەن ، شۇزامات تىلىغۇنۇمغا ئىسىۋالدىم .كەچتە ،كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ سوۋغاتلار توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق . شۇ كۈنىدىن كىيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز بۇرۇنقىدنمۇ كۆپەيدى ، كىيىنچە تىلىغۇن قىلىشىپ بىرنەچچە قىتىم بىللە تاماق يىدۇق .
بىركۈنى ئۇماڭا تىلىغۇن قىلىپ كىيىنكى ھەپتە خىزمەتكە چۈشىمەن شۇڭا ماڭا كىيىم كىچەك سىتىۋىلىشىپ بىرىڭ دىدى . مەن ئۇنى رەت قىلاي دەپ كاللامدا ئۇنى ئىشەندۈرگىدەك باھانىدىن بىرنى تاپتىم لىكىن نىمىشقىكىن ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم ،ئامال يوق ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىيىم ئىلىشىپ بىرىدىغان بولۇپ كىلىشتىم ،شەنبە -يەكشەنبە كۈنى  بىللە بازار ئايلىنىپ ئۇنۇڭغا بىر قۇرقارا كاستۇيۇم بۇرۇلكا ھەم بىرقانچە قۇر ئازادە كىيىم سىتىۋالدۇق ، ئۇ ماڭا كىيىم ئىلىپ بىرىمەن دەپ شۇنچە چىڭ تۇرىۋالغان بولسىمۇ لىكىن مەن كىيىمىم كۆپ تۇرسا يەنە ئىلىپ نىمە قىلىمەن ، يانا كىلىپ سىز تىخى مۇئاشىڭىزنى ئالمىدىڭىز ، ئالغاندىن كىيىن سىز ئۇنىمىسىڭىزمۇ بىر نەرسە ئالغۇزىمەن دەپ تۇرىۋالدىم .
ئاخىرى بار  ئەتە يازىمەن .

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادامنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزتسىي ئوخشىمايدۇ،ئوزىگزىنىڭ ئوي پىكرىنى باشقىلارغا تاڭسىڭىز قانداق بولىدۇ.مىڭنىچە باش سۇرىتى ناھايىتى مۇلايىم چىرايلىقكەنغۇ ،مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.

UID
20333
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 12:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئۇ  ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ھە!

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭلەرگە رەھمەت . ئەسلى بۈگۈن يىزىپ تۈگىتىۋىتەرمەن دىگەن لىكىن بۈگۈن ئىشخانىدا ئىشىم تۈگۈمەيلا قالدى ،خۇدايىم بۇيرىسا ئەتىگىچە ھەممىنى يىزىپ يوللاپ بولىمەن .

UID
8992
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-15
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 11:25
ئاپتۇرغا تەكلىپ-بىلەمسىزكىن باش سۆرىتىڭىزدىكى ئايال خ ...

ئەڭ ياخشىسى باش سۈرىيىڭىزنى يۈتكىۋىلىڭ ؟ كىم قانداق سۈرەت ئىشلەتكۈسى كەلسە شۇنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى باردۇ؟ باشقىلار مىنى ياخشى كۆرسۈن دەپ ساختا قىياپەتكە كىرۋىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟!

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 19:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ...........
شۇنداق قىلىپ بىز لازىملىق نەرسىلەرنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن تورۇتخانىغا كىرىپ ئۇنى-بۇنى يىگەچ بىردەم  پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كىين ئايرىلىپ ئۆيگە قايىتتىۇق ، شۇكۈنىدىن كىيىن ئۇ كۈندە ئازدىگەندە 5-6 قىتىم تىلىغۇن قىلىپ مەندىن ئەھۋال سورايدىغان ،ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى دوكىلات قىلىدىغان بولدى ، مەنمۇ باشتا غەيرىلىك ھىس قىلغان بولساممۇ لىكىن كىيىنچە بارا-بارا ئۇنىڭ تىلىغۇن قىلشلىرىغا كۆنۈپ قالدىم . بەزى كۈنلىرى ئالدىراش بولۇپ قىلىپ تىلىغۇن قىلالماي قالسا كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ قالاتتىم لىكىن شۇزامان ئۇيامىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بولمىسا نىمىگە ئۇنۇڭدىن خاپا بولاتتىم دەپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىدىن خىجىل بولۇپ قالاتتىم . كۈنلەر ئۆتىۋەردى ئۇنىڭ خىزمەتكە چىققىنىغىمۇ بىردەمدە يىرىم يىل بولاي دەپ قالدى ،ئۇنىڭ خىزمىتى شۇنداق ئوڭۇشلۇق كىتىپ باراتتى ،مەكتىپىدىمۇ خىلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى ،شۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغان مىھمانلا كۆپىيىپ قالغان ئىدى ، ئاپاممۇ كۈندە دىگۈدەك بىشىمنى ئاغرىتىپ ھىلى بۇنى -ھىلى ئۇنى سايە قىلىپ ئۇلارنى ماختاپ ئۇنداق ياخشى بالابولغان ،بۇنداق پۇلى بار ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەمگەرچىلىكى بارتى .........دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ مىنى توي قىلىشقا زورلىغىلى تۇردى ،لىكىن مىنىڭ كاللامدا توي دىگەن ئۇقۇم تىخىچە يوق ، مىنىڭ بولسا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاپام -دادامنىڭ ئالدىدا ئەركىلەپ ، خۇشال -خۇرام ،ئەركىن -ئازادەئۆتكۈم بار ئىدى .چۈنكى نەۋرە ئاچامنىڭ تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىكى بەخىتسىزلىكى ئاللابۇرۇنلا  مىنى توي قىلمىسىمۇ بولىدكەنغۇ ،نىمە قىلىدۇ توي قىلىپ ئۇنداق ئازاپ تارتىپ ياشىغاننىڭ دىگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى . بىركۈنى كۆڭلىم يىرىم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كوت-كوتتا پاراڭلىشىۋىتىپ ئاپامنىڭ گەپلىرىنى ئۇنۇڭغا دىسەم ئۇ جىمجىتلا يوق بوپ كەتتى ،
-بارمۇسىز ؟ گەپ قىلىڭ !
-.................
- ئالدىراش بولسىڭىز ئاۋارە قىلماي ئەمسە ،سىزمۇ بالدۇرراق ئارام ئىلىڭ  .خوش !
- مەن بار . نىمىگە ئالدىردپ توردىن چۈشۈپ كەتمەكچى بولۇپ قالدىڭىز ؟ مەندىن زىرىكتىڭىزمۇ نىمە ؟
- توۋا دىڭە ، سىز شۇنداق ياخشى تۇرسىڭىز ،يەنە كىلىپ سىزدەك كۈلكە دورامدىن نىمىگە زىرىكىمەن ؟قاپاق باش .شۇ يوقاپ كىتىپتىڭىز ،سىزنى ئالدىراشمىكىن دەپ .............
- ياق ، ئاپام چاقىرىپ قالدى .
- ئاپىڭىز دىگەنلەرنى نىمىشقا ياقتۇرمىدىڭىز ؟  ياكى يۈرىۋاتقان بىرەرسى بارمۇ ؟ۋەياكى كۆڭلىڭىزدە بىرەرسى بارمىتى يا ؟
- ياق  ، بولسا سىز بۈلمەي قالارمىتىڭىز ؟ مەن سىزدىن نىمە گەپلەرنى يوشۇرغان . شۇ ھازىرچە توي قىلغىم يوق ، مۇشۇنداق ئەركىن يۈرسەم ياخشى ئەمەسمۇ   ؟ ئەگەر توي قىلسام سىز بىلەن كۆرشىدىغانغىمۇ  پاراڭلىشىدىغانغىمۇ پۇرسەت يوق  .......
-  ئەگەر ئاپىڭىز دىگەنلەرنى ياقتۇرمىسىڭىز ،ئۆزىڭىز بىرنى تاپسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟ شۇنداق قىلسىڭىز ئاپىڭىزمۇ خاتىرىجەم بولاتتى .
- ئۇغۇ شۇ لىكىن ھەزىرچە مەن ماس كەلگۈدەك ھەم ماڭا ماس كەلگۈدەك بىرەرسى ئۇچىرىمىدى ، بولسا بىرىجى بولۇپ سىزگە دەپ بىرىپ  سىزدىن پىكىر ئالىمەن ، سىز مۇ مىنىڭ ئالدىراپ توي قىلىپ بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىمنى خالىمايدىغانسىز ؟  شۇنداق تاغدىن -باغدىن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن خوشلىشىپ توردىن چۈشۈپ كەتتۇق .  

بىر شەنبە كۈنى ئۇ ماڭا تىلىغۇن قىلىپ .
- ماھىرەم ، (ئۇنىڭ مۇز چىراي مەلىكە دىيىشىغا كۆنۈپ قالغاچا بۇنىڭ بۇنداق چاقىرىشىدىن ھەيران قالدىم ) بۈگۈن ۋاختىڭىز بولسا كۆرۈشسەك بوپتىكەن سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى  دىدى .
- ۋوي ، بۈگۈن بەكلا قائىدىلىك بولۇپ كىتىپسىزغۇ ،نىمە بوپسىز ماڭا بۇنچە تەكەللۇپ قىلىپ ؟ مۇئاشىڭىزنى ئالغان ئوخشىمامسىز تۆمۈر خوراز ؟ ھاھاھا................
- ھەئە سىزگە بىر سوۋغات بىرەي دەپ . ئۇزاقتىن بىرى سىزگە بىرىدىغان بىرسوۋغاتنى  ساقلاپ، بىرىدىغانغا  ياخشى پۇرسەت تاپالمىغان .  شۇڭا بۈگۈن ......
- مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تىڭىرقاپلا قالغان ئىدىم .
- نىمە ياخشى نەرسە ئۇ ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرزە پىخسىقلىق قىلىپ بەرگىڭىز كەلمەپتىكەن دە ؟
-ياق ئۇنداق ئەمەس ،شۇسىزنى ياراتماي قالامدىكىن دەپ ، لىكىن ئەمدى بەرمىسەم كىيىن پۇشايمان قىلىپ قالماي دەپ .
-  ۋوي  ، بەرمىسىڭىز پۇشايماندا قالغۇدەك نىمىتى ئۇ ؟ ئۇنداقتا  بۈگۈن يىگىتلەت بىلەن بولغان مۇھىم ئۇچۇرۇشىشلىرىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ سىزنىڭ سوۋغىڭىزنى ئالغىلى چىقاپ بولمىسا كىيىن يەنە پىخسىقلىق قىلىپ بەرگۈڭىز كەلمەي قالسا ،مەنمۇ پۇشايمان قىلىپ قالماي .
- نىمە ؟ بۈگۈن بىرەرسى بىلەن كۆرۈشمەكچىمىتىڭىز ؟ ئەجەپ ماڭا دىمگەنغۇ ؟ كىم ئۇ ؟ قەيەردىن ؟ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ ......
چاخچچاق  قىلىپ بىر ئىغىز گەپ قىلىپ قويغىنىمغا ئۇ سۇئاللانى ياغدۇرىۋاتتى ، تەلەپپۇزىدىن خۇددى مىنى سوتلاۋاتقانداق . كۈلگىم كىلىپ كەتكەن بولساممۇ ،ئۆزۈمنى زورىغا بىسىۋىلىپ .
- شۇنداق بۈگۈن ئوغۇل دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم ، لىكىن سىزنىڭ سوۋغىڭىزنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۇچىرىشىشنى بىكار قىلىشقا رازى ، ساقلاپ تۇرۇڭ مەن بىردەمدىلا بىكار بولىمەن ، ئەمسە قەيەردە كۆرۈشىمىز ؟
- سىز قايسى كۈنى تىخى ماڭا ئوغۇل دوستۇم يوق دىگەنغۇ ؟ ئەمدى بىردەمدىلا بىرسى پەيدە بولۇپ قالدى ، سىز نىمە ئويلاۋاتىسز ، سىز ...........
-ھاھاھاھا ........... نىمە بولدىڭىز؟ سىز بىلەن ئوينىشىپ قويدۇم ، مىنىڭ ئوغۇل دوسىت تۇتۇشۇم شۇنچە ھەيران قالارلىق ئىشما ؟ يانا كىلىپ مەن يا بەك سەت قىزلارىدىن بولمىسام  ......
- ۋۇ ...جىن ،ئادەمنى ئەنسىرىتىپ ، مۇنداق دىڭە . ئەمدى يۈرىكىم جايىغا چۈشتى ....
پاراڭلاشقاچ ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ قويغان يەرگىمۇ كىلىپ قالدىم ، قارىسام ئۇ بۈگۈن بۆلەكچىلا كىينىۋالغان يەنى ئالدىنقى قىتىم بازار ئايلانغاندا مەن  ئىلىڭ دەپ تۇرىۋالسام ئۇ ماڭا ماس كەلمەيدۇ ، بەكلا كىچىك چىراي بولۇپ قالىدىكەنمەن دەپ تۇرىۋالغان كىيىم ئۇچىسىدا تۇراتتى ،ئۇ كۆزۈمگە شۇنداق ئوماق كۆرىنىپ كەتتى ،  قولىدا يەنەبىر چوڭ خالتا بار ئىدى .
- بۇكىم ئەمدى ؟ بەختىيارنىڭ كىچىك ئۇكىسى ئوخشىمامدۇ ؟
- ۋاي بولدى قىلىڭە ؟ تىخى سىزنىڭ ياقتۇرىدۇ دەپ ئالسام ، ئىسىت بۈلگەن بولسام دادامنىڭ كىيىمىدىن بىرنى كىيىپ چىقاركەنمەن ،بولمىسا تۇرۇپ تۇرۇڭ ھازىرلا ئالماشتۇرۇپ چىقاي .
ئۇ شۇنداق دەپلە كەينىگە بۇرۇلۇپ مىڭىشقا تەمشەلدى .
- نىمانداق تاۋىىنازۇك بولۇپ كەتتىڭىز ؟ شۇ سىزگە ئىچىم كۆيەپ دەپ قويدۇم ،شۇنداق يارىشىپتۇ ،مۇبارەك بولسۇن ئۇكام ، توختاپتۇرۇڭ سىزگە ۋاخاخادىن بىرنى ئىلىپ بىرەي يىنىمدا ئىچىپ ماڭسىڭىز ،كۆرگەنلەر بۇقىزنىڭ ئۇكىسى ھەجەپ ئوماقكەن دەپ ماختاپ كەتسۇن ،ھى ھى ھى ھاھاھاھا.......
- ئۇ مۇ ماڭا قىتىلىپ ، قەستەن كىچىڭ باللاردەك قىلىڭلارنى چىقىرىپ ماڭا ئەركىلەپ ،
- ئوماك ئاچا  ماڭا چوكىيى ، باڭباڭتاڭ ، شاي ئىلىپ بىرە دەپ شوخلۇق قىلىقپ كەتتى ، يىنىمىز دىن ئۆتكەنلەرمۇ بىزگە قاراپ كۈلۈپ كەتتى .  ئۇ خىجىل بولۇپ ئۆزىنى ئوڭشاپ ،
-خانىم ئەمسە ئىچىگە مەرھەممەت !  بىز دائىم كىرىدىغان  تاماقخانىنىڭ بىز ئولتۇرىدىغان بۇلۇڭ تەرەپتىكى رومانتىڭ ئورۇندۇقىغا بىرىپ ئولتۇردۇق ، تاماق بۇيرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ گىلىنى قىرىۋىتىپ
- ئىى ئىى ... ھازىر بەختىيارنىڭ ماھىرەگە سوۋغات بىرىش مۇراسىمى رەسمىي  باشلاندى  .
شۇنداق دەپ ئۇ يىنىغا قويۇپ قويغان خالتىنى ئىچىپ ئىچىدىن بىر دەستە گۈلنى ۋە بىر كىچىڭ قۇتىنى ئالدى ۋە ماڭا گۈلنى سۇنۇپ تۇرۇپ ماھىرە ماڭا ياتلىق بولۇشىنى ئويلىشىپ بىقىڭ ! بولامدۇ ؟
دەپلا قولىدىكى كىچىڭ قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ ئىچىدىكى ئۈزۈكنى ئىلىپ ماڭا سۇندى .
- بەختىيار ،بۇسىزنىڭ نىمە قىلغىنىڭىز ؟ سىز .........
مەن  بۇ تۇيۇقسىز قويۇلغان توي تەكلىبىدىن نىمە قىلىشىمنى بۈلەلمەي قالدىم .
- بولدى ماڭا ئارتۇق گەپ قىلماڭ ، مەن سىزنى ھازىرلا جاۋاپ بىرىڭ دەپ مەجبۇرلىمايمەن ، ئەسلى مەن سىزنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغدىلا ياخشى كۆرەتتىم ،لىكىن سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى بىلگەچكە سىز گە ئىغىز ئاچالماي كىيىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتتۇق ،شۇچاغلاردىمۇ سىزنى كۆزىتىپ يۈردۈم لىكىن يەنىلا ئىغىز ئاچالمىدىم ،چۈنكى سىز يىقىن دوستىڭىز گۈلمىرەگە ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاخماق ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ساختا ھەم ........ دىگەندەك نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپتىكەنسىز شۇڭا مەن ئوقۇش پۈتتۈرشىمىزنى ساقلاپ تۇردۇم لىكىن سىز مەندىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ كىلىپلا خزمەتكە چىقتىڭىز ، بىلەمسىز مەن سىزنىڭ توي قىلىۋىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەككە-دۈككىدە ئوقۇش پۈتتۈرىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم ھەم كىلىپلا سىز بىلەن ......
ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى ، مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،چۈنكى مەن بۇنداق كۆرۈنۈش ھەم سۆزلەرنى پەققەت كىنولاردىلا كۆرگەن ھەم بۇنداق ئىشلارنى كىنولاردىلا يۈزبىرىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم ،ئۆزۈمنىڭ بۇنداق رومانتىق ئىشقا ئۇچىرىشىمنى ئويلىمىغان ، ئىشەنسەڭلار تاس قالدىم يىغلىۋىتىپ قالغىلى . ئولتۇرىۋاتىمەن ،ئولتۇرىۋاتىمەن ، كاللام بەكلا قالايمىقان بولۇپ كەتتى ، ئۆزۈمنى خۇددى كىنودا رول ئىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالدىم .
- ماھىرە نىمە بولدىڭىز ؟ ياكى مىنى ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارامىسز ؟  ياكى ......
- ياق ئۇنداق ئەمەس بەختىيار ، مەن .....
- بۈلىمەن ،بۇ بەكلە تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى ،ئەسلى قائىدە بويۇنچە ئاۋال تەلەپ قويۇپ ئاندىن بىر مەزگىلدىن كىيىن توي تەكلىپى قويسام بولاتتى لىكىن مەن سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن ھەم ئۆزۈممۇ ئۇنداق بولۇشنى ياقتۇرمۇدۇم يانا كىلىپ بىز ھازىربىر-بىرىمىزنى سىناپ يۇرىدىغانغا كىچىك بالا ئەمەس ، سىزمۇ بۇ  بىر  قانچە ئاي جەريانىدامىنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەندىڭىز ،ھەممىنىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلەكىمنى بىلىپ يەتتىڭىز دەپ ئويلايمەن ،ئەگەر مىنى ھەم ئائىلەمنى سىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ   قارىسىڭىز مۇ مەيلى ، بىز يەنىلا ياخشى دوسىت بولۇپ ئۆتىۋىرىمىز ، شۇڭا ياخشىراق بىر ئويلىشىپ بىقىڭ بولامدۇ .

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 19:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ئەتە يازاي . بەكلا چارچاپ كەتتىم .

UID
44014
يازما
221
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 15:56:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 13:19
ئاخىرى . ...
مەن ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئەتىراپتىكى بىر كىچىك  ...


ئاھ خۇدا سىزگە نىمىشقىمۇ گەپ قىلغان بولغىيتتىم،چىرايلىق نەسىھەتنى جان دەپ قۇبۇل قىلارمىكىندەپ دەپساپتىمەن،،، بىرمۇنچە زەھرىڭىزنى چېچىپسىزغۇ؟بۇندىن كىيىن بىرسىگە تەكلىپ---------------پىكىر بىرەرمەنمۇ؟

مىللىتىمنىڭ قىز- ئاياللىرى مۇنبەردە بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە كىيىم-كىچى بىلەن يۈرسۈن دىگىنىم خاتا ئىكەن،،،،،ئۆزۈمگە ئىزا تېپىۋېلىپ نىمىمۇ قىلار بولغىيتتىم،،،،،كۆتۈمنى قىسىپ جىم ئولتۇرسامچۇ،،،،،

بوپتۇ بەخىت خانىم،،كىندىكى ئۇچۇق،مەيدىسى ئۇچۇق،دۈمبىسى ئۇچۇق كىيىنگەن بىرەر ياۋرۇپالىقنىڭ رەسىمىدىن بىرنى باش سۆرەت قىلىۋالارسىز،،،،،،مىللىتىمنىڭ قىز--ئاياللىرىنى دەپ كۆپ رىيازەتلەرنى چىكىپتىمەن،،،،،مەن نىمانچە ئەخمەقتۇرمەن،،،،؟؟؟

باھا سۆز

towa0322  بوپتۇ چېچىلماڭ قېرىندىشىم. ئاللاھ ئۈزى كۆڭلىگە سالار.  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:46:26

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى قاچان يازىسىز ؟

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل  سىز نىمە ئۈچۈن مەنبىلەنلا قالىسىز ؟ خوش بوپ قالاي ئەمدى بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلماڭ ئەگەر راستىنلا مىللىتىمىزنىڭ خانىم قىزلىرىنى ئويلايدىغان بولسىڭىز ؟ ۋاقىتىڭىزنى بۇيەردە ئىسىراپ قىلماي ئازغىنە پۇل ئۈچۈن بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقان كىچىك قىزلىرىمىزنى ئۇ يولدىن توسۇڭ ، بۇ پەققەتلا بىر رەسىمغۇ ؟ نىمىشقا بۇنچە قىلىپ كىتىسىز ؟ بۇتوغۇرلۇق ئەمدى سىزبىلەن تالاش تارتىش قىلغۇم يوق ‹

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش