ئىگىسى: bahit0998

ئۇنتۇپ كەتكىم يوق ئىدى ،لىكىن سەن باشقىلارغا تەۋە بىر ئىنسان .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44713
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2012-8-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-10
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرەت ئۇنچە دەپ كەتكۇدەك چاكىنا ئەمەسكەنغۇ ،ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن بەختىخان ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يېزىۋېرىڭە ،،،

،  مەن بۇ ئەسەرنى ئاۋۇ يەنە بىر ئەسىرىڭىزگە باغلاپ چۈشىنىپ قېلىۋاتىمەن ...

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ...........

بۇيرۇتقان تاماقلىرىمىزمۇ سوۋۇپ كەتتى ،  ھەر ئىككىمىز بىرھازاغىچە ئۈنتىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتۇق ، مەن ئارلىقتىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن .
- بۇ كىيىم سىزگە بەكلە يارىشىپتۇ ، بۇنۇڭدىن كىيىن مۇشۇنداقلا كىيىم كىيىڭ بولامدۇ ؟ دىدىم .
- ئەگەر سىز ياقتۇرسىڭىزلا .
- ...........
- ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپتۇ ،مەنمۇ ئۆيگە قايتاي .... خوش ئەمسە !
دەپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مىڭىشقا تەمشەلدىم ، لىكىن ئۇ ئىلىپ كەلگەن  گۈل  بىلەن ئۈزۈك تىخىچە ئالدىمدا تۇراتتى ،گۈلنى ئىلىپ كىتەي دىسەم ئۆيدىكىلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم ، ئالماي دىسەم ئۇ چوققۇم باشقىچە چۈشىنىپ قالىدۇ ،شۇڭا ئامال يوق ، كۈتكۈچىگە دەپ قارا رەڭلىك چوڭ خالتا تىپىپ گۈلنى ئىچىگە سىلىپ تۇرۇپ ،.
-بەختىيار.  گۈلنى قوبۇل قىلاي لىكىن بۇ ئۈزۈكنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن ، چۈنكى مەن تىخى ......
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ مەن سىزنى بۈگۈنلا جاۋاپ بىرىڭ دىمەيمەن ، ئويلىشىپ بىقىڭ ، ئەگەر مىنى ئۆزىڭىزگە ماسكەلمەيدۇ دەپ قارىسىڭىزمۇ مەيلى ، بىز يەنىلا يىقىن دوس ، ئالدىنقى قىتىم مۇئاشىم چىققاندا سىزگە سوۋغات ئىلىپ بىرىمەن دىگەن شۇڭابۇ ئۈزۈك سىزگە قىلغان سوۋغام ھەم ........بولدىلا قالغىنىنى كىيىنچە دىيشەرمىز . تاماقنىمۇ يىمىدىڭىز سىزگە كەچتە يىگۈدەك بىرنەرسە ئىلىپ بىرەي .دەپلا چىىقىپ كەتتى ھەم بىردەمدىلا بۇرمۇنچە بىرنەرسىلەرنى ئىلىپ كىرىپ ماڭا تۇتۇقۇزۇپ قويدى .
- رەھمەت سىزگە ،سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلدىم .
دىگەن گەپنى ئارانلا دىيەلىدىم . (نىمىشقىكىن پەققەتلا بۇرۇنقىدەك ئەركىن ئازادە بولالمىدىم  )  ۋە ئىتتىك مىڭىپ ئۇنىڭ يىنىدىن يىنىپ چىقتىم پۇتلىرىمدا پەققەتلا جان قالمىغان ئىدى ،كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇرپ ئىشىكىنى يىپىپلا ئازىراق ئەسلىمگە قايتتىم ئەسلى مەن بۈگۈن تىخى ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك ھالدا بىرۋاخ تاماق يەپ ،خۇشال ھالدا پاراڭلىشىپ قايتىپ كىلەرمەن دەپ ئويلىغان كىم بۈلسۇن بۇنداق بىر يۈكنى ئۆزۈمگە يۈكلەپ قايتىشىمنى ھەي....... مەن ئەمدى بۇنۇڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرىشەرمەن ، ئۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرەرمەن مۇشۇ خىياللاربىلەن بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن .
ئۆيگە ئاستا كىردىم ،ئۇھ .... تەلىيىمگە ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن ، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ گۈلنى خالتىدىن چىقاردىم ، يۈرۈگۈم شۇنداق تىز سوقۇپ كىتىپ باراتتى ، ھازىرمەندە ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىرخىل ھىسىييات پەيدا بولىۋاتاتتى ، راسىت گەپنى دىسەم مەنمۇ ئالدىنقى بىرمەزگىللەردە ئۆزۈمدە بەختىيارغا بولغان ئازىراق قىزىقىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزگەن ، ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلغىم كىلەتتى ، ئۇنىڭ بىلان كۆرۈشكىم كىلەتتى لىكىن قىزلىق غۇرۇرۇم بۇنداق تەشەببۇسكار بولۇپ كىتىشىمگە يول قويمايتى ،بەزى كۈنلىرى ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسام دىىگەندەك شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ كەتكەن كۈنلىرىممۇ بولغان ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىشنىمۇ ئويلىغان لىكىن ........
- ماھىرە ....
ئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قولۇمدىكى گۈلنى كىيىم ئىشكابىمغا تىقىپ قويۇپلا ئاپامنىڭ يىنىغا چىقتىم .
-مانا مەن ئاپا بىرەر ئىش بارمىتى ؟
- خوش خەۋەرلەر ئاڭلايمەنغۇ ؟ ئاڭلىسام بىزنىڭ ماھىرە چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلىشىپتۇ ،بۇ راسىتمۇيە ؟ قىنى ئۇگۈل ؟
ئاپلا ، بىرەر ئالا قاغا  كۆرۈپ قىلىپ بىردەمدە ئاپامغا خەۋەر قىلىپ بوپتۇدە .
- ھىى ھى ھى .. ئاپا نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ، كىم دەيدۇ ،خاتا كۆرۈپ قاپتۇ جۇمۇ ؟ نەدىكى گۈل ، نەدىكى مۇھەببەتلەركەن ئۇ ؟ ....
- بالام  ، كۆڭلۈڭدە بىرەرسى بولسا دىگىن دىسەم يوق دەيسەن ، يامەن دىگەنگە ئۇنىمايسەن ،ئەمدى باشقىلار سىنىڭ بىر بالا بىلەن تاماق يەۋاتقىنىڭنى ، ساڭا گۈل سوۋغا قىلغىنىنى كۆرۈپتۇ ئەمدى نىمە دەيسەن ?  ئوغۇل دوستۇڭ بولمىسا خەق ساڭا بىكار گۈل سوۋغا قىلماس ؟كاللاڭدا نىمە ئويلاۋاتىسەنكىن تاڭ ! ....... ئاپام خاپا بولۇپ سۆزلەپلە كەتتى .  
-دىگىنە ئۇكىم ؟
- كىمنى دەيسەن ؟ دىدىمغۇ خاتا كۆرۈپ قاپتۇ دەپ ، بۇخەقمۇ زە ......
- نۇمۇس قىلماي خاتا كۆرۈپ قاپتۇ دىگىنىنى ،  ئاچاڭ بولغان ئادەم سىنى تونۇماي قالارما .... ئاپلا ...ئاپام ئاغزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى ھەم كۈلۈپ كەتتى .
- ھە ئەسلى ئىش مۇنداق دىگىنە ، ئەسلى ئىشپىيۇن ئاچام ئىكەنكەندە ؟ خەپ مەن ھەججەپ ئۇنىڭ سىرلىرىنىڭ بىرنىمۇ ئاشكارلىمىسام ئۇ ....
- بولدى بالام ئەمدى سەنمۇ كىچىك ئەمەس ، ئەگەر ئۇ بالا كۆڭلۈڭگە ياققان بولسا تويۇڭنى قىلىۋىتەيلى ، ئاچىلىرىڭنىڭ نىكاھ ئىشىدا ئۆزۈمنىڭ دىگىنىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئولاشماپتىكەنمەن ، ئاچىلىىرىڭ ،ئاپا ماھىرە بولسىمۇ بىر كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن توي قىلسۇن ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويما دەپ بۇرمۇنچە گەپلەرنى دەپ يىغلاپ كەتتى ، ئويلاپ باقسام ئاچىلىرىڭنىڭ تۇرمۇشى ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى ........[
ئاپاممۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئىرىپ كىتىپ گۈلنى ھەم ئۈزۈكنى ئەچىقىپ ئاپامغا كۆرسىتىپ ھەممە گەپلەرنى ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغىنىنى ، ئاتا -ئانىسىنى ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىزنىڭ دوسلىقىمىزنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى  ئاپامغا بىرمۇ -بىر دەپ بەردىم .
- بالام ، سىنىڭچە بۇ بالا  سىنىڭ توي قىلىشىڭغا ماس كىلەمدۇ ؟ ئەگەر سەن بولىدۇ دىسەڭ ئۇنۇڭغا ئىنىق جاۋاپنى بىرىۋەت بولمىسا خەقنى بىكار ئاۋارە قىلما قىزىم ھىلىمۇ بىچچارە سىنى نەچچە يىل ساقلاپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ياكى سىنىڭ كۆڭلۈڭدە باشقا بىرى  بارمۇيە ؟
- ياق ئاپا ، مەن ئۇنى پەققەت دوستۇم ئورنىدىلا يەنى قىز دوسلۇرۇمدەكلا ھىس قىلاتتىم ، ئۇنۇڭ بىلەن پىكىرىممۇ بىر يەردىن چىقىدۇ ،( ئىچىمدىكىنى دىسەم مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،ئاپامغا بۇ توغۇرلۇق بىر نەرسە دىگۈم كەلمىدى چۈنكى ئاپام بىلەن بولغان ئارلىقتىكى پەردىنى بۇزىۋەتكىم يوق ) لىكىن ......  بولدىلا قالغىنى تەقدىر -پىشانە رىسىقىمىز پۈتۈلگەن بولسا مەن قىچىپمۇ قۇتۇلالمايمەن .
ئاپام بىلەن خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ، مەنمۇ بىر قانچە كۈن ئويلىشىپ باقىدىغان بولۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم .  چىراقنى ئۆچۈرۈپ ياتتىم لىكىن  ئۇياق- بۇياققا ئۆرىلىپ ئۇخلىيالمدىم ، ھەرقىتىم ئۆرۈلگىنىمدە دەرىزەمگە تىزىپ قويغان گۈلنى كۆرسەم يۈگۈم بىرخىل ھاياجانغا تولاتتى بىراق ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىشتىن قورقۇۋاتاتتىم ، كۆزئالدىمغا ئاچىلىرىمنىڭ تۇرمۇشى كىلىۋالدى .
شۇنداق قىلىپ ئارلىقتىن ئونبەش كۈن ۋاقىت ئۆتتى بىزنىڭ ئالاقىمىز بۇرۇنقىدەك بولمىسىمۇ لىكىن ھەر ئىككىمىز بىربىرىمىزدىن خىجىل بولۇپ يۈزتۇرانە كۆرۈشمىدۇق ھەم تىلىغۇندىمۇ پارىڭىمىز بىر-ئىككى مىنۇتتىن ئاشمايتى . بىرشەنبە كۈنلىكى ئۆيلەرنى تازلاپ تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتسام تىلىغۇننۇمغا ئۇچۇر كەلدى قارىسام بەختىيار ئىكەن .
- مىنى قاچانغىچە ساقلىتىشنى ئويلاۋاتىسىز ؟ ئەگەر ئويلىشىپ بولغان بولسىڭىز بۈگۈن كۆرۈشسەك قانداق دەيسىز ؟ مەن يا سىز ، تونۇمايدىغان ،چۈشەنمەيدىغان يات ئادەم بولمىغاندىكىن ، قىنى سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسكىنلىكىڭىز ؟    سائەت 3:30دا پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كىرىش ئىغزىدا ساقلايمەن . مەيلى قانداق جاۋاپ بىرىڭ مەندە تەييارلىق بار ، دىدىمغۇ بىز يەنىلە ياخشى دوسىتلاردىن .   سىزنى كۈتۈپ ‹ بەختى› !
جاۋاپ قايتۇرمىدۇم ، لىكىن كاللامدا يەنىلا توقۇنۇش باشلاندى ، تاماقنى ئىتىپ يەپ بولدۇپ قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۈشكە تەيارلىق قىلدىم ، بۇرۇن بىر تىلغۇن بىلەنلا ئۆيدە كىيىپ يۈرىدىغان كىيىملىرىم بىلەنلا يۈگۈرەپ چىقىدىغان ئادەم بۈگۈن نىمىشقىكىن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدىم. سائەتكە قاراپ دەل ۋاختىدا ئۇدىگەن يەرگە باردىم ،ئۇنى كۆرۈپلا يۈرەكلىرىم شۇنداق تىز سوقۇپ كىتىپ باراتتى ، بەلكىم يۈزلىرىم قىزىرىپمۇ ئۈلگۈرگەندۇ .
- قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇرغانسىز ؟ سىزنى ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن ھە ؟
- ياخشى ، ياقەي ئۇزۇن ساقلاتمدىڭىز ، بىلەتتىم سىزنىڭ ئۇزۇن ساقلاتمايدىغانلىقىڭىزنى ... ئۇ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى .
بىز پاراڭلاشقاچ مىڭىپ يول ياقىسىدىكى ماگزىندىن سوغۇق ئىچىملىك ئالغىلى كىردۇق ، مەن پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن سومكامنى ئاچاي دەپ تۇرسام ئۇ قولۇمدىكى ئۈزۈكنى كۆرۈپ قالدى ۋە.
- ماھىرە ، دىمەك سىز ؟
- مەن خىجىل بولۇپ پۇلنىمۇ تۆلىمەستىن ئارقىغا ئۆرىلىپ تۇرىۋالدىم (ئاپام بىلەن ئاچىلىرىم ئۈزۈكنى قولۇڭغا سىلىۋال دىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ قولىدىكى تەۋەرۈك ئۈزىكىنى ئىلىۋىتىپ ئۇنىڭ سوۋغىتىنى سىلىۋالغان ئىدىم ) .
- شۇنداق قىلىپ مەنمۇ  ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە جاۋاپ بىرىشتىن قۇتۇلدۇم ، ئۇمۇ مىنى خىجىل قىلىپ باشقا گەپ قىلمىدى . لىكىن ئۇنىڭ كەيپىياتى بىراقلا ياخشىلىنىپ كەتتى .

.

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن يىزىپ تۈگىتىشنى ئويلىغان لىكىن ئىش بىجىرگىلى كەلگەن ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كىتىپ ۋاقتىم يىتىشمىدىن . ئەتە- ئۆگۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئوينىغىلى چىقىمەن ،يىزىشقا ۋاقتىم چىقماسلىقى مۇمكىن خۇدايىم بۇيرىسا دۈشەنبە كۈنى يىزىپ تۈگىتىمەن .

UID
45868
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-8-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللاپ ئىنكاس يازىدىغانمۇ ئىش بولامدىكىنە؟ ئاخىرىنى تىز يىزىڭ،بەكمۇ كۆرگۈم بار

يېڭى يۇلتۇز

قۇلاق بولسا تۆت

UID
45328
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 23:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 15:56
ئاھ خۇدا سىزگە نىمىشقىمۇ گەپ قىلغان بولغىيتتىم،چىرا ...

ياق،ئەخمەق ئەمەس!!!

يېڭى يۇلتۇز

قۇلاق بولسا تۆت

UID
45328
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 23:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 17:27
ئانا تىل  سىز نىمە ئۈچۈن مەنبىلەنلا قالىسىز ؟ خوش بوپ ق ...

سىزگە سەمىمى پىكىرىم: توغرا،بىز نۇرغۇنلىغان نەرسىلەردە شۇ كىچىككىنە نەرسىلىغۇ دەپ سەل قاراپ يوقاتقىنىمىز ئېرىشكىنىمىزدىن كۆپ بولدى،ئۆزگەرتمىسىڭىز مەيلى،بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن،بۇ ئەلكۈيى،ئەلنىڭ كۈيى،يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈيى!

باھا سۆز

towa0322  نەق گەپ.......  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:53:07

UID
44014
يازما
221
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 21:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tapinguqi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 23:48
ياق،ئەخمەق ئەمەس!!!

رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم،،سىز بولسىڭىزمۇ مىنى چۈشۈنۈپسىز،،سىزدىن تەسىرلەندىم...

ئەمدى بەخىت خانىم بىلەن بۇ توغرىلىق مۇنازىرلەشمەيمەن،،ئۆزۈمگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدىغاندەك قىلىپ تۇرىمەن،،،

لىكىن باش سۆرىتىنى بىر ئالماشتۇرۋالسا نىمىمۇ بۇلار ھە؟شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بۇلاۋاتىدۇ...بوپتۇ ئۆزىنىڭ شورى

UID
11177
يازما
232
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 02:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 21:51
رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم،،سىز بولسىڭىزمۇ مىنى چۈشۈنۈ ...

بوپتۇلا بۇرادەر كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئەسلىغۇ ئۆزگەرتىۋالسا بەك ئوبدان بولىتى ، لىكىن ئۇياقنىڭ ئۆزگەرتكۈسى يوق بولسا كىرەك ، بىراۋنىڭ ياقتۇرىشى شۇ بولسا چىرايلىق تەكلىپ بەرسە چىچچاڭشىسا ، ئۆزىنىڭ ئىشى ، بىراۋغا چىرايلىقچە تەكلىپ پىكىر بېرىش يامان ئىش ئەمەس بۇرادەر ئەكىسچە ياخشى ئىشتۇر ،بىراۋ چۈشەنمىگەن بىلەن سىزنى چۈشىنىدىغانلار يەنىلا كۆپ ،    قېنى بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى!!!!!!

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 10:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردىكىلەر نىمە ئۈچۈن ئەسەر توغۇرلۇق مۇنازىرىلەشمەي  باشقا ئىشلار توغۇرلۇق بىر -بىرىگە نەشتەېر سانجىپ يۇرىدىغاندۇ ؟
سالام 234  گەپ قىلغاندا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈممۈد قىلىمەن ، بۇ يەردە بىربىرىڭلارغا بولۇشۇپ مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەسلىكىڭلارنى ئۈممۈد قىلىمەن .  .............................

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 10:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلا ، بۇئىككى كۈن بەكلە ئالدىراش بولۇپ قالدىم .بۇ بىرنەچچەڭلارنىڭ بولسىمۇ  ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش