كۆرۈش: 17988|ئىنكاس: 49

ئۇنتۇپ كەتكىم يوق ئىدى ،لىكىن سەن باشقىلارغا تەۋە بىر ئىنسان .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 13:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇشۇ كۈنلەردە كۆڭلۈم بەكلا يىرىم ، سەۋەبى ئىنىق بولسىمۇ  لىكىن ئىشەنگۈم كەلمەيتى ،ئۆزۇمنى -ئۆزۈم ئالداپ بۇ ئىشنىڭ بىر چۈش بولۇپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۇمۇد قىلاتتىم ئەپسۇس كۈندە ئويغىنىمەن ،يۈزبەرمەكچى بولغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ،مىنىڭ بۇنى توسۇپ قىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ-دە ئەلۋەتتە  ، ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىرخىل ئەندىشە  ھەم بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك بار ئىدى . لىكىن ئۆيدىلىلەرگە چاندۇرماسلىققا شۇنچە تىرىشساممۇ لىكىن ئاچىلىرىمنىڭ كۆزىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايتىم ، شۇنۇڭ ئۈچۈن شەنبە -يەكشەنبە كۈنىنىڭ كەلمەسلىكىنى شۇنچە ئۈمۈد قىلىپ كىتىمەن جۇمۇ ،چۈنكى شەنبە -يەكشەنبە كەلسىلا ئاچىلىرىم چوڭ ئۆيگە يىغىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ  نىمە بولدۇڭ بىرەر ئىش بولدىما نىمانداق ئورۇقلاپ كەتتىڭ ،چىرايىڭ سارغىيىپ كىتىپتۇ،نىمىگە بۇنداق غەمكىن يۈرىسەن ،قاپىقىڭ ئىششىپ كىتىپتۇ كىچىچە يىغلىدىڭما؟؟؟؟؟ ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ تۈگۈمەس سۇئاللىرىغا زىرىكمەي يالغاندىن ئۇنى بۇنى دەپ قۇتىلىمەن ، لىكىن ئۇلار ئىشەنمىسىمۇ لىكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئاياپ بولسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي بىر-بىرىگە قارشىپ قويۇپ ئىشلىرىنى قىلىدۇ ، ياكى سىرىتقا چىقىپ كىتىدۇ . ئاپام -دادام كىچىكىمدىن مىنى بالىنىڭ كىچىكى دەپ شۇنداق ئەركە كۆندۈرۈپ قويغان ئىدى  ،بەلكىم  ئۇلار مىنى چوڭ بولۇپ قالدى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلسۇن دىدىمۇ ئىشقىلىپ ماڭا بىر ئىغىز گەپ قىلمىدى .  لىكىن بۇرۇنقى شوخلۇقۇم ، ئاپام -دادامغا -ئاچىلىرىمغا ئەركىلەشلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى ،  خىزمەتتىن يانىمەن ،خىيال سۈرگەن پىتىمچە قورودىكى خوشنىلارغىمۇ سالام قىلماستىن ئۆيگە كىرىپ كىتىمەن، ،تاماق ئىتىپ بولۇپ، قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپلا  ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتسەم  ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممىدىن بۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ كىتىمەن . دوسلۇرۇم بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزدۈم ،كۈنلەر مۇشۇنداق بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى ،مەنمۇ بۇخىل تۇرمۇشقا بارا -بارا كۆنۈپ قالدىم . بەزى چاغلاردا تۇيۇقسىز خۇددى بۇ دۇنيادا ئۆزۈم يالغۇز ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالاتتىم .  كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم ، ھەم مىنى باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپتۇ .  بىركۈنى خىزمەتتىن يىنىپ ئۆيگە كىتىۋاتسام بىرسى كەينىمدىن چاقىرغاندەك قىلدى .
- ماھىرە ........
بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم شۇنداق ئەنسىز سوقۇپ كەتتى ،ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك مىدىرلىماي تۇرۇپ قالدىم ، لىكىن ئارقىمغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ، كۆزلىرىمگە لىق ياش كەلدى ،ئۇنى كۆرۈشكە شۇنچە ئىنتىزار بولغان بولساممۇ لىكىن قىزلىق غۇرۇرۇم يول قويمايتى ، كۆزۈمدىكى ياشلارنى چاندۇرماي سۈرتىۋەتتىم . ئۇ ئالدىمدا پەيدا بولدى .
-قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ نىمىشقا چاقىرسام قاراپمۇ قويمايسىز ؟ مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ يا ؟.................  ئۇنىڭ يەنە نىمىلەنى دىگىنىنى ئاڭلىمىدىن ھەم ئاڭلۇغۇممۇ يوق ئىدى .
ئۇنىڭ- گەپ قىلىڭە ،نىمە بولدىڭىز ؟دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ خىيال يىپلىرىمنى ئۈزدۇم .
- كۆرۈپ تۇرۇپسىز ،ئەھۋالىم ناھايىتى ياخشى ،ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىماپتىمەن ،ئەمدى كىم چاقىرىپ قالاركىن دەپ ماڭمىغاندىكىن يولدا . باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالساممۇ سىزنى ئۇنتۇپ قالماسمەن . قانداق بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى مىنى ئىزدەپ قاپسىز ؟  
ئەسلى ئۇنۇڭدىن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ، قەيەردە نىمە ئىش قىلغانلىقىنى ، مەن ئاڭلىغان گەپ سۆزلەرنىڭ راسىت -يالغانلىقىنى سوراپ  ھەم ئۇنۇڭغا يىغلاپ تۇرۇپ ئىچىمدىكى دەرىت -ئەلەملىرىمىنى بىربىرلەپ سۆزلەپ بەرگىم  بارئىدى . لىكىن ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى .
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى كۆرۈشمىگەن ئادەمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىز ؟
-قانداق مۇئامىلە قىلسام بولاتتى ، كىلدىغانلىقىڭىزنى بالدۇرراق بۈلگەن بولسام كۈتىۋىلىش ئۆمىكىدىن بىرنى قۇرۇپ ئالدىڭىزغا چىقاركەنمەن ھە ؟ ئەپسۇس بىلمەي قاپتىمەن ،كەچۈرۈڭ !  
-  ماھىرە  بۇ بۇ ....  سىزنىڭ نىمە دىگىنىڭىز ؟ ئادەمگە نىمانچە زەھەردەك گەپ قىلىسىز ؟
- باشقا ئىشىڭىز بولمىسا مەن ئۆيگە ماڭاي خوش .
يۈرگۈم شۇنچە ئەنسىز سوقىۋاتىدۇ ،گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاقراڭ پاراڭلىشىپ تۇرغۇم بولسىمۇ لىكىن قەستەن  ئالدىرىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم .
- ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ ،مەن بىلەن كۆرشۈشتىم مۇھىم ئەمەستۇ ، ياكى باشقا بىرى بىلەن....
ئۇنۇڭغا شۇنداق سەت قارىدىمكى قىلىۋاتقان گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي ماڭا سۇئال نەزىرىدە قاراپ تۇردى .
- كەچۈرۈڭ ، مىنىڭ يولدا يات ئوغۇللار بىلەن ئۇزاق تۇرغان بىلەن خوشۇم يوق ،سىزبۇنى ئوبدان بۈلىسىز ،شۇڭا توغىرا چۈشىنىڭ خوش .
گىپىمنى دەپ بولۇپلا ئۇنىڭ ئالدىدىن شۇنداق تىز مىڭىپ كەتتىم چۈنكى كۆز يىشىمنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قىلىشىنى ئەسلا خالىمايتىم ، تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا چىقىپ ئۆي تەرەپكەماڭدىم . ئۇنىڭ ئارقامدىن كىلىپ مىنى كەچۈرۈڭ ،شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى سىز بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى ،ئەسلى ................ مۇنداق ئىش دەپ ماڭا چۈشەندۈرۈش بىرىشىنى ، ھەم قولىدىكى گۈلنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپ مەندىن ئەپۇسورىشىنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان بولساممۇ لىكىن ئۇنۇڭغا پۇرسەت بەرمىدىم ، پۇرسەت بەرگىم كەلمىدى . دەز كەتكەن چىنىنى ئالتۇن بىلەن قادىسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ . ئەسلى ئۇنىڭ شۇ يوقىغانچە تۇرمۇشۇمدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولىشىنى ئۈمۈد قىلغان  ھەم ئۇ يوق تۇرمۇشقىمۇ ئاستا -ئاستا كۆنۈپمۇ بولغان ئىدىم .ئەمدى ئۇ كىلىپ مىنىڭ ئەمدىلا تىنىجىغان تۇرمۇشۇمنى قالايمىقان قىلىپ نىمە قىلىدۇ ؟ مىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنۇڭغا بولغان نارازىلىقىمنى مۇھەببىتىم بىسىپ چۈشسىمۇ لىكىن كىچىكىمدىن يىتۈلدۈرگەن  بويۇن ئەگمەس مىجەزىم ئۇنى كەچۈرۋىتىشكە يول قويمىدى .
ئۆيگە كىرىپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ بار ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ تازا يىغلىدىم ، بىر ھازادىن كىيىن ئىچىم ئازىراق بوشىغاندەك بولۇپ يىغىدىن ئۆزۈمنى تەستە توختاتتىم ، تۇيۇقسىز نەۋرە ئاچامدىن تىلىغۇن كىلىپ (ئۇنىڭ يولدىشى باشقا بىرسىگە بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن قوشماق بالىسىنى يالغۇز بىقىۋاتقان ئىدى ،ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئاچىلىرىمدىن يىقىنراق ئۆتەتىم )بۈگۈن بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكى كەچتە  باللىرىنى بىللە ئوينىتىپ بىرىشىمنى دەپ چىڭ تۇرىۋالدى ،ئامالسىز يۈزلىرىمىنى يۇيۇپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشلەتمەي  كىيىم ئىشكابىمغا بەنىت قىلىۋەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى ئىلىپ سۇس گىرىم قىلدىم . ھەم يىڭىدىن سىتىۋالغن كۆينىگىمنى ئىلىپ كىيدىم -دە،تىز سۈرەتتە ئۇدىگەن جايغا ئۈنۈپ بولدۇم ، باللىرىنى باغچىغا ئەكىرىپ ئويۇنچۇقنىڭ ھەممىنى دىگۈدەك ئويناتتۇق ،شۇباھانىدا مەنمۇ قورۇقساممۇ ئۇلاربىلەن ئويناپ ، بار ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ چىرقىراپ  ئازىراق بولسىمۇ ئىچىمنى بوشىتىۋالدىم . ئەمدىلا ئويۇنچۇتىن چۈشۈپ ئاچامنىڭ يىنىغا باراي دەپ قارىسام يىنىمدائۇ پەيدا بولۇپ قالدى ، قولىدا بىردەستەقىزىل ئەتىرىگۈل . -ماھىرە مىنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ ،ئەسلى سىزبىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزلۈپ قالمايتى ....مەنمۇ ئامالسىز شۇنداق قىلىشا مەجىبۇر بولۇپ قالدىم ،مىنى كەچۈرۈڭ . چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنى نىمە قىلسىڭىز مەيلى .
ئاچام يىنىمغا كىلىپ ،نىمىلا بولمىسۇن باشتا ئۇنىڭ چۈشەندۈرشىنى ئاڭلاپ باققىن ،كىيىن پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش بولمىسۇن دىدى ، شۇنداق قىلىپ ئاچام باللىرىنى باشقا ئوينچۈقنىڭ يىنىغا ئىلىپ كەتتى .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-21 15:48):
ئاخىرى بار،ئىنكاس شەكىلىدە يوللايمەن خاتالىق بولسا ،تىللىماي پىكىر بىرىڭ

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
88
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-27
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما يىڭىدىن يوللانغانكەندە، بەك ياخشى چىقىپتۇ،داۋامىنى كۈتىمەن،بەك ساقلىتىۋەتمەي تىزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
45339
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-12
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قانداق بولدى .ئادەمنى ئىنتىزار قىلماڭ

UID
8444
يازما
102
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2713
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
125 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىپتۇ، ئاخىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك داۋاملاشتۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! سالامەت بۇلۇڭ!

UID
44014
يازما
449
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
449
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:25:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرغا تەكلىپ-بىلەمسىزكىن باش سۆرىتىڭىزدىكى ئايال خۇددى 1-دۇنيا ئۇرىشى ۋاقتىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزلىرىغا ياكى ياۋرۇپادىكى يىڭى تويى بولغان كىلىنچەكلەرگىلا ئوخشاپ قاپتۇ،،،

قارىسام قەشقەرلىك ئىكەنسىز،،قەشقەر قىزلىرى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكى بىلەن نەپىس ياسالغان چىمەن دوپپىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن.....

شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى باش سۆرىتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېلىڭ..

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى . ...
مەن ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئەتىراپتىكى بىر كىچىك تاماقخانىغا بىرىپ بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردۇق .
-نىمە تاماق يىگۈڭىز بار ؟
- مىنىڭ تاماق يىگۈم يوق ، يىگىڭىز  بولسا ئۆزىڭىز يەڭ ، مىنىڭ يەنە ئىشىم بار ،گىپىڭزنى ئاڭلاپ بولۇپلا قايتىمەن ، دەپ ئۇنۇڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم .
- ماھىرە ،ماڭا  نىمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز ؟  
شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ، مەن تازدىگۈچە ،سەن تاز دىۋالغىنىنى قارا بۇنىڭ .
-مەن قانداق مۇئامىلە قىلدىم ؟ مەن يەنە قانداق قىلسام بولاتتى ، مەن نىمىمۇ قىلالايمەن ؟؟؟؟............. كۆزياشلىرىمنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ لىكىن كۆز ياشلىرىم ماڭا بويسۇنماي تاراملاپ تۆكۈۋاتاتتى ، ئامال بار كۆزيىشىمنى ئەتىراپتىكىلەرنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ يۈزۈمنى توسۇپ ئولتۇردۇم .
-بۇنداق قىلماڭ ،مەن نىمە قىلىشىمنى بۈلەلمەي قالىدىكەنمەن ، مىنىڭ  سىزنىڭ يىغلغىنىڭىزنى كۆرگۈم يوق ، ھەممە گۇناھ مەندە بىر ئوغۇلبالا تۇرۇپ بۇ ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىمىدىم  ، ئەسلى سىزدىن بۇئىشلارنى يوشۇرغۇم يوق ئىدى لىكىن ۋىجدانىم يول قويمىدى ،ماھىرە مىنى كەچۈرۈڭ ، ئەگەر مىنى كەچۈرىۋەتسىڭىزلا مەن چوققۇم ھەممىنى قايتىدىن باشلايمەن ،بولامدۇ ؟
- دىمەڭ ، مىنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىى راست ئىكەندە ؟
مەن تىخى ئۇنىى بۇئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇقۇشماسلىق ،باشقىلارنىڭ تاپقان گىپى دەپ مىنى خاتىرجەم قىلىدۇ ،  مەن بىر مەزگىل قىيدىغاندىن كىيىن ئۇنى تازا قىيناپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قالىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم لىكىن ................
- ماھىرە ،مىنى كەچۈرۈڭ ،  باللارنىڭ كەينىگە كىرىپ مەسلىكتە بىر قىتىم ئىزىپ قاپتىمەن ،  ئەگەر مىنى كەچۈرۋەتسىڭىز ،مەن چوققۇم  .....
-بولدى گىپىڭىزنى توختىتىڭمىنىڭ ئەمدى  سىزنىڭ  ئۇ شانلىق  تارىخىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق،ھەم قىزىقمايمەن  ، ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدا قىلىشقۇدەك گەپ قالماپتۇ ، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلماڭ ، مىنىڭ سىزبىلەن مۇناسىۋىتىم 4ئاي بۇرۇنلا ئۈزۈلگەن . ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ ، مىنىڭ تىنىچ تۇرمۇشۇمنى بۇزماڭ ، سىزگە  بەخىت تىلەيمەن .
ئۇنىڭ يىنىدىن يىنىپ چىقتىم ، كۆزۈمدىكى ياشلار ھىچ توختاي دىمەيتى ، مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنىڭ تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئۇ قىزبىلەن تونۇشۇپ قالغىننى ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن ئۇ ئىشلارنىڭ راسىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىگەن ئىدى ، بۇ 4 ئاي جەريانىدا ئۇنىڭ تىلىغۇنىنى شۇنچە كۈتكەن بولساممۇ لىكىن 4ئاي بۇرۇنقى ئاشۇ كۈنى ،- سىنىپتىكى بالىلار يىغىلىپ ئولتۇرىدىغان بولغان بىرىپ كىلەيمۇ  ؟ ئەگەر بارماڭ دىسىڭىز بارماي سىزبىلەن تىلىغۇن پاراڭلىشىمەن .
- بىرىۋىرىڭ ، تۇنجى قىتىم يىغىلىشقا بارمىسىڭىز سەت تۇرمامدۇ ؟،كىيىنكى كۈنلەردە ئۇلار بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتەلەيسىز ،  ياتاقتىكى باللاردىن باشقىلار بىلەن تونۇشمايمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ  ، بۇمۇ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەن ،مۇشۇ بانادا سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىڭىزبىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىۋىلىڭ .
مانا بۇ ئۇ تەربىيەلىنىشكە بىرىپ ئىككى  ئاي بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان ئەڭ ئاخىرىقى پارىڭىمىز ،  شۇكۈنىدىن كىيىن  ئۇنىڭ تىلىغۇنى قايتا ئىچىلمىدى ، مەن بەلكىم ئۇنىڭ تىلىغۇنىىڭ توكى تۈگىگەندۇ دەپ ئويلىدىم ،بىركۈن ئۆتتى ،ئىككى كۈن ئۆتتى ....... شۇ يوقىغانچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەم ئۈزىلىپ قالدى ،كاللامغا كەلمىگەن ئويلار كەلدى ، ئۇنى شۇكۈنى بىرەر كىلىشمەسلىككە يولۇققان بولسا بىلمەي قالماي دەپ ئاخىرى يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ ئۇنىڭ سىڭلىسىنى مەكتىپىگە ئىزدەپ باردىم ، ئۇ ئاكام تىخى ئاخشام تىلغۇن قىپتىكەن ، شەنبە كۈنى غۇلجىغا ئوينىغىلى بارىمىز دەيدۇ ......  دىمەڭ ئۇ ساق -سالامەت ئىكەن ، كۆڭلۈم ئازىراق بولسىمۇ جايىغا چۈشتى .
- ئاكىڭزنىڭ تىلغۇنى نىمە بوپتۇ ، تىلىغۇن قىلسام ئۇلانمىدى ؟
- قايسى نۇمۇرىغا تىلىغۇن قىلغان ماھىرە ئاچا ؟
-@#%%$##@138   مۇشۇ نۇمۇر شۇدۇ ؟
- ۋاي سىز تىخى يىڭى نۇمۇرىنى بىلمەمسىز ؟ @#$#@%&****137   
- تىلىغۇنۇمغا كىرگۈزىۋالدىم ، لىكىن كاللامدا نۇرغۇن خىيال ، ئۇنىمىشقا نۇمۇر ئالماشتۇرىدۇ ،نىمىشقا ماڭا تىلىغۇن قىلىپ ماڭا يىڭى نۇمۇرۇنى دەپ بەرمەيدۇ ، نىمىشقا ........  
سىڭلىسىغا رەھمەت ئىيتىپ ،خوشلىشىپ ماڭغاچ ئۇنۇڭغا تىلىغۇن قىلدىم .
-ۋەي ...   بىرقىزنىڭ يىقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئارقىدىنلا ماڭا تونۇشلۇق بولغان،ھەم بۇ نەچچە كۈندىن بىرى ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي ئەنسىرەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يەنى بەختىيارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
-كىمكەن ؟ بەلكىم تىلىغۇندىكى نۇمۇرنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن ،تىلىغۇن ئۈزىلىپ كەتتى ، قايتا ئۇردۇم .
-سىز ئۇرغان ئابۇنىتنىڭ تىلغۇنى ئىتىۋىتىلگەن . يەنە شۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋاز .
مەن  تىلىغۇننى بىر قىزنىڭ ئالغىنىدىن نىمە ئىش ئىكەنلەكىنى ھىس قىلدىم ، شۇ كۈنىدىن كىيىن ئۇنۇڭغا قايتا تىلىغۇن قىلمىدىم ، تىلىغۇننى قولۇمغا ئىلىپ ئۇنىڭ نۇمۇرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن ، بۇرۇنقى يىزىشقان قىسقا ئۇچۇرلارنى قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقىمەن ،بەزى كۈنلىرى  بارلىق ئازاپلىرىمنى كۆز يىشىم ئارقىلىق چىقارماقچى بولغاندەك  سائەت-سائەتلەپ يىغلاپ ئۇنىڭ رەڭلىك ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىملىرىگە قاراپ ئولتۇرىمەن ، ئۇنىڭ 3يىللىق مۇھەببىتىمىزنى بۇنداق ئاسان ۋەيران قىلىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .
كىيىنكى كۈنلەردە باشقىلاردىن ئۇنىڭ  باشقا بىر قىز بىلەن يۈىۋاتقانلىقىنى ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يىقىنلىقىنى ئاڭلىدىم ، ئىشەنگۈم كەلمەيتى ،چۈنكى ئۇ بۇيەردىكى ۋاختىدا تاماكىنىمۇ چەكمەيتى ، دوسلىرى بىلەن بىريەرلەرگە بىرىپ قالسا ھاراق سورىنىدا ئولتۇرغىلى ئۇنىماي دوسلىرىغا تەربىيە قىلاتتى ، كىينىشلىرى ،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى شۇنداق سالاپەتلىك ،سۆزلىسەم ئۇنىڭ ئادەمنى سۆيۈندۈردىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى ،ئۇنۇڭغا بولغان ھۆرىمىتىم بىردىنلا يوقالدى ، ئۇنۇڭدىن سەسكىنىشكە باشلىدىم .
ئۇنىڭ مەن بىلەن تونۇشقان ھەم ئۈچ يىل يۈرگەن بەختىيار ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى .


ئاخىرىنى سەلتۇرۇپ يوللايمەن .

باھا سۆز

mihri518  لىكىن تۆت ئاي بۇرۇنقى ئاشۇ كۈنى..مۇشۇ يەرلىرى تازا راۋان ئەمەستەك قىلىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 13:00:32

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناتىل  8    غا :
بەرگەن تەكلىپىڭىزگە رەھمەت .بەرگەن تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن ،كەچۈرۈڭ ! ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ ، باش سۈرتىنى ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ تاللىغان ئىكەنمەن بۇنى بىرسىنىڭ ئۆزگرتىڭ دىگىنىگە ئۆزگەرتىمەيمەن ، باشقىلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىمغا ئارلىۋىلىشىنى  پەققەتلا ياقتۇرمايمەن . ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئەشۇنداق بىر قىسىم كىشىلەردىن زىرىكىپ تۇرسام ئەمدى توردا بىرسى چىقتى .......... بۇخەقلەر باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىسا بولمامدىغاندۇ ؟  
كەچۈرۈڭ گەپلىرىم سەل ئىشىپ كىتىپ قالدى !

باھا سۆز

kiroran1019  ئورتاق پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:08:48

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
661
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1051
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
701 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 17:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 13:27
ئاناتىل  8    غا :
بەرگەن تەكلىپىڭىزگە رەھمەت .بەرگەن تەك ...

سىڭلىم، سۆزىڭىز راستىنلا ئېشىپ كېتىپتۇ. ئانا تىل سىزگە يامان گەپ قىلماپتىغۇ؟ بۇنچە زەھىرىڭىزنى چېچىپ نېمە قىلارسىز؟ ئۆزگەرتكۈڭىز بولمىسا ئۆزگەرتمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ. ئۇ ئۆزگەرت دەپ ئېسىلىۋالمىغاندېكىن. ئۇ بەلكىم باش سۈرىتىڭىزدىكى قىزنىڭ يالىڭاچ بوينى ۋە كۆكرەكلىرىدىن، ئوچۇق قولتۇقلىرىدىن ئەيمەنگەندۇ؟ سىزنىڭ تەقۋادار قىزلىقىڭىزنى بىلگەچكە سىز بىلەن بۇ باش سۈرىتىڭىزنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىغاندۇ. تېما ئىگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېغىر - بېسىق بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

towa0322  مەنمۇ سىزدەك پىكىردە  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:34:26

UID
19703
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تىزراق يوللىمامىسز ، ئادەمنى تەقەززا قىلماي ،

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1445
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43179
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-28
توردا
67 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 18:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ياخشى باشلىنىپتۇ،،،،ئاخىرىنى تىزراق يېزىڭ،،،
ھەقىقەتەن ئۇنۇتماق بەك تەس،،،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش