- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1000
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
 
- UID
- 2533
- يازما
- 1000
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- توردا
- 426 سائەت
|
داڭلىق ئارتىس بولالمىسام ، ئادەتتكى ئارتىس بولىمەن، دەيدۇ شاتيار . ئوماق بالىكەن، بودەككىنە. ئاكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇكىسى جانلىقراقمۇ-نېمە. رۇقىيە ئوبۇلقاسىمنىڭ بەزىلەر ئاۋازىنى ياقتۇرمايدىكەن. بىراق ماڭا ئۆزگۈچە ئاڭلىنىدۇ. ئۆزىمۇ چىرايلىق، كېيىمنىمۇ بەك پەيزى، ياراشتۇرۇپ كىيىدۇ.
ئابدۇكېرەم ئابلىزنى مەن كىيىنرەك تونۇدۇم دېسەم بولغۇدەك. قەشقەرلىك ساۋاقداشلىرىم «ئانام، ئانام دېدىمغۇۇۇۇۇۇۇ...»دېيىشىپ كۈلۈپ كەتسە، مەن بۇلار نېمە دەۋاتقاندۇ، دەپ خىيال قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ «ئۇ دېگەن بىزنىڭ يۇرتتىن چىققان ئادەم جۇمۇ!»دەپ پەخىرلىك گەپ قىلىشىدىن، ھە بۇ ئادەم قەشقەرلىك ئىكەندە، دەپ قالاتتىم-خالاس. ئۇندىن زىيادىسىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
مەن كىچىكىمدە ئادىل مىجىتنىڭ ئىتوت كېچىلىكىنى تولا كۆرەتتۇق ئۆيدە. ئۇ چاغلاردا DVDئاپپىراتى تېخى ئومۇملاشمىغان(چىقمىغانمۇ يا)ئىدى. بەلكىم بىز شۇ ئىتوتلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئادىل مىجىت، نىجات نىياز، گۈلجامال مەتنىياز، خاسىيەت قۇربان...دەك ئاكتىيورلىرىمىزنى تونۇغان بولىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمدا بىزدە ئىتوت، ياخشى چىققان ئىتوتلار تولىمۇ ئاز. ئىجادىيلىقى بار ئىتوتلار تېخىمۇ ئاز. شۇنداق بولغاچقىمىكىن باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئىتوتلارنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كېتىمەن.
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئۆزى يېزىپ ئىشلىگەن ئىتوتلىرىنى قاچاندىن باشلاپ كۆردۈم دەل شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ ئادەمگە بولغان قارىشىم ئۆزگەردى.
1.ئۇ ئۆزى يازىدۇ. بەزىلەر ئۇ پەقەت ئاكتىيورلىقىنى قىلسا بولاتتى، دەپ قارايدىكەن. بىراق ئابدۇكېرەم ئابلىز ئۆزىمۇ ئېيتقاندەك ئىتوت سىنارىيىسى كەمچىل. يىلدا بىر كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە بىرەر ياخشى يېزىپ ئىشلەنگەن ئىتوت يا چىقىدۇ يا چىقمايدۇ. بەلكىم بۇمۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنى ئۆزى يېزىشقا ئۈندىگەن بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىندۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىتوت سىنارىيىسىنىڭ نەق ئۆزىدىن تۇرۇپ باھا بەرمىسەكمۇ(بىز بېرەلمەيمىز) ئىشقىلىپ ئىتوتلىرىنىڭ مەزمۇنى كىشىنى خېلى جەلپ قىلىدۇ.
2.ئۇ مۇنەۋۋەر ئارتىس. ئۆزى رول ئېلىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. مەيداننى كونتىرول قىلىشى شۇنچىلىك مۇۋاپىقىيەتلىك. مەسىلەن، «چايخانىدا»دېگەن ئىتوتتا خېلى بولىدىغان ئارتىسلىرىمىز بىللە چىققان. مەن بۇنىڭ ئىچىدە ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئالغان رولىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، بىراق بۇ ئىتوتنى بەكمۇ كېيىن كۆرۈپتىكەنمەن. ئۆز كېچىلىكلىرىدىكى ئىتوتلاردىمۇ شۇنداق، ھۈجەيرىسىغۇ ئۇ.
3. ئادەم تاللاشقا ئۇستا(ئىتوت ئوينىغاندىكى). مەن تۆمۈرخان روزىنى ئەزەلدىن تونۇمايتتىم. ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ئىتوت ئوينىغاندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقىنى، ساز چېلىشقا ئۇستىلىقىنى...دېگەندەك تەرەپلىرىنى ھېس قىلدىم. يالقۇن روزىمۇ شۇنداق. ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن بىللە ئىتوت ئويناپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ يوقىرى كۈتۈردى. ھاززىر «قاسىم قوشۇق»دېسە جىيەنىممۇ تونۇيدىغۇ دەيمەن. مەمەتجان دېگەن بالىمۇ شۇ. بۇلار پەقەت ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ئىتوت ئوينىسىلا يارىشامدىغاندۇ ياكى بۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بۇ ئادەملەرنى توغرا تاللاپ، رولنى ياخشى تەقسىم قىلغانلىقىدىنمىدۇ...دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. بەلكىم ھەر ئىككى سەۋەپ باردۇ.
4.ئۇ بىر تىرىشچان ئادەم. مەن رۇقىيە ئوبۇلقاسىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ دادىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كەسىپچانلىقى تولىمۇ يوقىرى ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىتوت سىنارىيىسىنى يېزىپ، روللارغا بۆلۈپ، سەھنىلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقىشمۇ مۈشكۈل بىر جەريان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇندىن باشقا خىزمەتلەرمۇ كۈتۈپ تۇرىدۇ. بەلكىم بۇ جەرياندا ئابدۇكېرەم ئابلىز نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى _ ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى. گەرچە مەن ئابدۇكېرەم ئابلىزنڭ تېخىمۇ نادىر ئىتوتلارنى بىزگە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلساممۇ، بىراق ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلار بىلەن بىللە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلكۈيى تورى ھەم ئەلكۈيى مىكرو بىلوگى ئارقىلىق ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇردۇق. تېخى بىر قېتىم ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىدا «سىنىپتا ھەممىسى ئۇخلاۋاتىدۇ، مەنلا ئۇخلاپ قالمىدىم...»دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن، بەك كۈلگۈم كېلىپ قىززىق ئىنكاس يازاي دەپ توختاپ قالدىم(گەپتە يېڭىلىپ قالماي دەپچۇ).
ئىشقىلىپ، ئىقتىدارى ئۈستىگە تىرىشچانلىقىنى قوشۇپ ئۇ بىز ئۈچۈن كۈلكە ئوزۇقى بېرىۋاتىدۇ. مەكتەپتە ۋاقىتلاردا ئابدۇكېرەم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى چىقىپتۇ دەپ بىر-بىرىمىزگە خەۋەر قىلىشىپ كۆرۈپ كېتىشلىرىمىزنى ئويلىسام ئابدۇكېرەم ئابلىزغا رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. خۇددى مۆمىن ئابلىكىم «پات يېققىندا بارىمەن ئانا» دەپ ئېيتىپ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىزلەرنى «ياشا مۆمىن» دەپ يىغلاتقىنىغا ئوخشاش، ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ھەربىر ئىتوتى بىزنى كۈلدۈرگەندە «ياشا ئابدۇكېرەم ئابلىز» دېگۈمىز كېلىدۇ. بۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتى. ئەمىلىيەتتە بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشايمىز. بۇنداق بولغانىكەن ئۆز ھېسىياتىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە. بىراۋغا قانداق باھا بېرىش ئەلۋەتتە بىز ئېرىشكەن ھېسىياتتىن بالقىپ چىقىدۇ. چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى تىڭشاپ بېقىپ، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن سوغۇققىنە ئولتۇرۇپ سۆز قىلىش كېرەك، باشقىلارنىڭ دېگىنى ئۆزىگە ھېساب.
خەلقنىڭ سۆيۈملۈك، ئۇنداق داڭلىق، مۇنداق داڭلىق...دېگەندەك ئۇقۇملار ھاززىر مەن ئۈچۈن ئېيتىش قىيىن بولغان گەپلەر بولۇپ قالغاندەك ھېسىياتتا بولىمەن. بەلكىم ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ گەپلەر ئۇنداق ئاسانلا ئېغىزدىن چىقىرىدىغان گەپلەر بولمىسا كېرەك ياكى مەن جىق ئويلىۋالغاندىمەن. بۇ ئۇقۇملارغا بىزنىڭ بېرىدىغان تەبىرلىرىمىزمۇ ئوخشاش ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئاتاقلارغا ھېچكىم ماس كەلمەس، يەنە مەلۇم ئېيتقاندا ئىسمى ئاتالغانلىكى كىشىگە بۇ ناملارنى بېرىۋېرىش مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى (نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىۋاتقان ئادەملەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ھەم جاپالىرى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بولمىسىمۇ، بىراق ھەممىنى «تام تۈۋىدىن نېمە قوپقاندەك» قىلىپ بىراقلا ئىنكار قىلىش ساراڭنىڭ ئىشىدەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.
ئابدۇكېرەم ئابلىز سالامەت بولسۇن، ئىلھاملىرى زىيادە بولسۇن! |
|