ئەل سۆيگەن پەخىرلىك سەنئەتكار،داڭلىق ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت ئەسسالامۇئەلەيكوم، ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم ئىشتىراكچىلىرى ھەممىڭلارنىڭ ئولۇغ كۈنلەردىكى ئىشلىرىڭلارغا ئاسايىشلىق ،تېنىڭلارغا ساق-سالامەتلىك ۋە تورىمىزدىكى زىيارىتىڭلارغا ھەرۋاقىت يېڭىچە مەزمۇنلارنىڭ ھەمدەم بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!

ئادەمنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەقىقىي كۈلكە كۆڭۈلگە ئوزۇق ،دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.خەلقنىڭ بەختى ۋە ھوزۇرى ئۈچۈن تېنىمسىزلىق بىلەن ئۆز خۇشاللىقى ۋە تىرىشچانلىقى بەدىلىگە ھەممەيلەنگە كۈلكە ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان،سۆزگە ماھىر،ئىنكاسى چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قەشقەر شىۋىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ،ئىتوتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، ھەممىمىز كۈندە يولۇقۇپ تۇرىدىغان ۋەقەلىك بولغاچقا، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كەلگەن كۆپكە قادىر پەخىرلىك سەنئەتكارىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونىمايدىغان كىشى يوق.ئەلۋەتتە ئەلكۈيى تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان تورلاردىمۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە ھەرخىل مۇنازىرە -مۇلاھىزەلەر بولۇپ تۇرىدۇ،تورداشلار ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە،مۇنازىرە قىلىشقا ناھايتى قىززىقىدۇ.ئەلكۈيى تورى تورداشلار بىلەن ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئارلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ، بىر قىسىم مەسىلىلەرگە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئاغزىدىن جاۋاب ئاڭلاش،ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئىش-ئىزلىرىنى ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق تورداشلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئابدۇكېرىم ئابلىزنى خېلى بورۇنلا شىركىتىمىزگە تەكلىپ قىلىپ بىر مەيدان سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق،زىيارەتتىن كىيىن بىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ خىزمەتداشلىرى،ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە ئىز قوغلىما زىيارەت ئۆتكۈزۈپ ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت ناملىق فىلىمىمىز بىلەن بىرگە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ..


ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە 
ئابدۇكېرىم ئابلىز شىركىتمىزنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە
بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتى ،ئىتوتچىلىققا قەدەم قويۇش جەريانى،ئىتوتلىرىدىكى ئالاھىدىلىك ھەققىدە شۇنداقلا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جۈملىدىن جەمئىيەتتە قىززىق نوقتا بولىۋاتقان تۆمۈرخان روزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى،شۇنداقلا ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رىجىسسور شىرزات ياقۇپ،ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان زۇنۇن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەققىدە قەلب سۆزلىرىنى ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتى ئارقىلىق بايان قىلدى. ئاخىرىدا بىز ئەلگە تونۇلغان سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىغا زور ئامەت ۋە ئوتۇق تىلەيمىز!ھەمدە تورداشلارنىڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزغا قانداق يۈرەك سۆزلىرى بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا فىلىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرىشىنى سورايمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور بېكىتى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى |