- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 95
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 95
- تىزىملاتقان
- 2012-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- UID
- 28017
- يازما
- 95
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 95
- تىزىملاتقان
- 2012-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- توردا
- 322 سائەت
|
بىرەر ئادەم ياكى مەسىلىگە قارىتا قارشى پوزىتسىيە ياكى تەنقىد پوزىتسىيەسى تۇتقاندا، باشقىلارنىڭ تەنقىد قىلغۇچىلارنى ياكى قارشى پىكىر قويغۇچىلارنى "كۆرەلمىدى، سېسىتتى، بىز خەق ئۇيۇشالمايمىز، نوچى بولساڭ سەن ئۇنداق قىلمامسەن..." دېگەنگە ئوخشاش ئەھمىيىتى ۋە ۋەزنى يوق قۇرۇق شۇئار توۋلاشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. بۇ خىل شوئارلا يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك نامى چىققان بىر قانچە ئادەمنى ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ دەپ ساددىلارچە ئۈمىد باغلاش، پۇچەك نام، قۇرۇق شۆھرەتتىن نېسىۋە ئىزدەش، كۆرۈپ تۇرۇپ ئىېتىراپ قىلماسلىق، كېسەلنى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا قارشى پىكىر ۋە تەنقىدمۇ قوللاشنىڭ بىر خىل شەكلى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقىدەك قۇرۇق شوئار توۋلايدىغان ئىجدىمائىي كالۋالىق نورمال تەنقىد ۋە ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان يامان خارەكتىرلىك ئۆسمە.
يەنە بىر سەۋەب پۇچەك شۆھرەتكە چوقۇنۇش. بىزدە نەچچە پارچە كىتاب يازغان تەتقىقاتچى ئالىملارنى بىلىدىغانلار تايىنلىق، لېكىن سەھنە - ئېكرانلاردا ئاز - تولا كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىر قىسىم پۇچەك سەنئەتكارلارنى تونۇمايدىغانلار ئاز. ھەتتا بىر قىسىم نادان ئارتىسلارنى ئۆزىگە لايىق بولمىغان باھالار بىلەن ماختاپ ئۇچۇرۇپ، ئۇلارنى مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان گۆھەر، مىللەت تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۈۋرۈك دەپ ھېسابلاش خاھىشى ئېغىر. لېكىن شۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانچىلىك ئىجدىمائىي قىممىتى بارلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە دەڭسەپ كۆرەلەيدىغانلار بۇ نورمالسىزلىقلارغا قاراپ ئۇھ تارتماي قالمايدۇ. |
|