- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-20
- UID
- 45597
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-20
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا، روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، خەلقىمىز ئىچىدە ياخشى نام بىلەن تونۇلدىڭىز . بۇنداق تونۇلۇش ھەرگىزمۇ تەلىيى كىلىپ قالغانلىقتىن بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە كىشىلەر قىلالايدىغان ئەمما قىلمايۋاتقان تېرىشچانلىقنى قىلغانلىقىڭىز ئەڭ مۇھىم. مەن سىزنىڭ بۇ تېرىشچانلىق روھىڭىزغا قايىل. مېنىڭ سىزگە دەيدىغان ئازراق كۆڭۈل سۆزۈم بار:
بۇندىن مۇنداق بىر ئىشنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز: سىز سەھنىگە ئۆزىڭىز يالغۇز چىقىپ تىل سەنئىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ جەمىيىتىمىزدىكى ناچار خاتا ئىشلارغا زەربە بولىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلىسىڭىز. مەسىلەن ھېلىقى ‹‹ بىز دىگەن ئەر كىشى›› دىگەن ئىتوتىڭىزدا تۆمۈرخان ئاكىمىز ئەڭ ئاخىرىدا بىر قانچە جۈملە ناھايىتى تەسىرلىك ھەم جانلىق سۆزلەرنى قىلىپ ئىتوت ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سۆزلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى، ھەم باشقا كىشىلەرگىمۇ شۇنداق تەسىر قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
دېمەك ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ھەم يىغلىتىدىغان نۇتۇقلارنى سەھنىگە ئىلىپ چىقسىڭىز، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك سىزنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇلغان ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى سىزنى قارشى ئالىدىغان ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ، ھەتتا ئىتوتتىنمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى سىز تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قو بۇل قىلغان ۋاختىڭىزدا
بەزى ئىتوتلىرىڭىزنىڭ ئەكس تەسىرى بولغانلىقىنى ۋە زەھەرلىك چىكىملىك ھەققىدە ئەكس تەسر بوپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىتوت ئىشلىگۈڭىز يوقلىقىنى دىگەن ئىدىڭىز. مىنىڭ ئويلىشىمچە نۇتۇقنى سەھنىگە ئىلىپ چىقىپ ھەرقانداق يامان ئىشنى قامچىلىسىڭىز ئەكس تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. |
|