تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: uyghurzade

يۈرەك كېسلى ۋە شېئىرغا كىرىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
27713
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇن، سىز راستلا تۇيغۇن ئىكەنسىز، بەزىلەرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى تۇيغۇنلارلا سېزەلىشى مۈمكىن . بىراق مەزكۇر تېمىدا سىز شۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتكۈدەك نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى شۇنچە ئۇستازلىق قىلسىڭىزمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن(تۇيغۇن ئەمەس بولغاچقىمىكىن).
سىزنى  ‹تۇيغۇن ئەپەندى› دەۋاتقانلارنىڭ سىلىقلىقىغا قايىلمەن، سىز راستلا ‹ئەپەندى›ما؟

UID
34079
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilkanun ئاداش .قارىسام بەك قىينىلىپ كەتتىڭ ماڭا ئەدەپ ئۆگۈتۈپ بولالماي،بولدىلا بۇ مەيداننى ئۇيغۇرزادىنىڭ مەدھىيۋازلىرىغا بېرىپ ئىشىمنى قىلاي.قانداقلا قىلسام تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ نامىدا باشلانغاچ گەپ بولغاچقا كۆڭلۈم يەنە قويمايۋاتىدۇ.

مەن پەقەت تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ئىسمى بۇ تېمىدا بار بولغاچقىلا چىقىپ كېتىمەن.بۇ ھەرگىز ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمىگىدەك ئىش قىلغىنىمدىن ،ياكى كىرىپ جىدەل چىقارغىنىمدىن ئەمەس.

ما نەكەس نەدىلا ئوقىسا خىيجاسەننىڭ ئېغىلدىكى ئىشەكتىن ناچار نىمىكەن.

ئۇيغۇرنىڭ ئېتقادى،ئىدىيىسى ،ھېسياتى ھېچ كىمنىڭ سۈيئىستىمال قىلىپ ئوينايدىغان ئۇيۇنچىقى ئەمەس،گۈلەن مەرسىيە يېزىپ ئابرۇيلىنىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كېتىپ.ئالدىنقى ئاي تۆكىۋالغان مايمۇن يۈزىنى مۇشۇ باھانىدا يەنە چاپلىۋالاي دىگەنگە .جان بېقىشنىڭ ياخشى يولىكەن ،قىززىق تېما دەپ ئۆزىنى ئاتقانغا ئىش ئاقمايدۇ.
مەيلى 10 ئىسىمدا كىرىپ ئۆزىنى ماختىسۇن،مەيلى پۇت-قوللىرى كىرىپ ھەمدەمدە بولسۇن ،ھەق ھامىنى ھەق.

ھازىر ئۇنچە ساددا ئۇيغۇر قالمىغىلى تۇردى،تۇغلۇقتەك،گۈلەندەك ئۇچۇق پىكىرلىك ھەقىقى ئەركەك سەركىلەرنىڭ باشلىشىدا كۆپ ئويغۇنۇپ كەتتۈق.

يەنە بىر دەي! ئۇيغۇرنىڭ ھېسياتىنى دەسمايى قىلماڭلار!



تېما ئاياقلاشقاندا كىرىپ،ئۇيغۇرزادە يوق يەردە ھەجەپ غاجىۋەتتىما.

UID
34581
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuyghun يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 17:21
مەيلى بىلىم چوڭقۇرلۇقىدا بولسۇن، مەيلى ئادىميىلىكتە ب ...

  ئۇنداقتا سىزنىڭ جەميەتشۇناسلىققا بىرىدىغان تەبىرىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باقساق بولغۇدەك!  سىز دەۋاتقان جەمىيەتشۇناسلىق، دۇنيادا « جەمىيەشۇناسلىق» دەپ ئومۇملاشقان چوڭ بىر ئىلىمنى يوققا چىقاردى. سىزنىڭچە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق ئادەم جەمىيەتشۇناس، دېھقاننىڭ كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى شۇكىرى قانائەتتە ئىتىزدا ئىشلىشى، تۇرمۇشتىن زوق ئېلىشى، ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۇرۇندىغۇچىلىرى بىردەك ئۆزئالدىغا جەمىيەتشۇناس، شۇنداقمۇ؟! ئامال بولمىغاندا «غەربنىڭ»، « شەرىقنىڭ» دېگەن پىلىپەتىش گەپلەرنى سۆرەپ چىقتىڭىز.
  ھۆرمەتلىك تۇيغۇن ئەپەندىم! ئۆزىڭىز ئۈستىدە تەپسىلىي بىر ئويلىنىپ چىقىشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن. كاللىڭىز بەكلا ئىجتىمائىيلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، يەنى بارچە ئۇقۇمنى ئىلەشتۈرىدىغان، ھەرقانداق ئىلمىنى تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئىشلار بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغان، ئىلىم ئىگىسىگە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تاكتىكىلىرىڭىز بويىچە غەرەزلىك مۇئامىلە قىلىدىغان....
  زامان بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىۋاتىدۇ؟! بەزى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى زادى قۇتقۇزۇش مومكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

UID
34323
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە نىمىنى خاتا قىلدى ھىچ بىلمىدىم.لىكىن بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ھەيرانمەن. ھە دىسە چاپلىشىۋالغان ياكى ئۆزى بىر تىما يوللىمىغان. يا قىلغان گىپىنىڭ ئاساسى يوق...ئۆزىنى تېخى زىيالىي،خەلىقنىڭ يىغىسىنى يىغلىغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشلىرىدىن ئۆرگىلەي.شۇنچە كۆپ مۇنبەر ئەھلى نىمىنىڭ ھەق،نىمىنىڭ ناھەق ،نىمىنىڭ ئەلنىڭ ئورتاق قايغۇ-شاتلىغى ئىكەنلىگىنى بىلمىگىدەك قاپاقباش بولۇپ قالدۇقمۇ ھە! ئىززىتىمىزنى ساقلايلى! مانا مۇشۇنداق مۇسبەتكە ئاتالغان تىمىدىنمۇ ھە دىسە قۇسۇر ئىزدىمەيلى! ھىچ بولمىغاندا  بىزگەتۈز بىرىۋاتقان ئانا ماكاننىڭ،جاپاكەش ئەلنىڭ يۇزىنى ئازراق قىلايلى! ياخشىلىق قىلالمىساقمۇ يامانلىق قىلمايلى! ئورا كولىمايلى... بەزىلەرنىڭ ئىنكاسدىن قارىغاندا خېلىلا بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىگى ئايان ئەمما قاندۇقتۇر بىر غەرەزلەر تۈپەيلى گەپ باشقا ئىش باشقا...نىمە دەپ كىرىمىز بۇ تورغا؟ قىتىغورلۇق قىلغىلىما ياكى ئۆزىمىزنى ئىگىز-پەس قىلغىلىما؟ يىتەر...ئۆزىمىزنىڭ دەردى ئۆزىمىزگە يىتەر قەدىردان قېرىنداشلار...

UID
41236
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:

ئۇيغۇر زادە ئەمدى قانۇننىمۇ ئۈگىنىپ كەلسە بولغۇدەك. ئاندىن باشقىلارنىڭ گېپىنى ئۆچۈرگۈزمەي ساقلايدىغان ئادۇۋكات بولاتتى. ئامرىكىدا مۇشۇنداق دىمگۇراتىيە بارمىدۇ؟

ئەلكۈيى ئۇيغۇرزدادىدىن :

جەمئىيەتنى ئىدارە قلىدىغان قانۇندىكى دىمگۇراتىيە ئامىرىكىدا ئەلكۈيى تورىدەك بولامدۇ؟ -دەپ سوراپ سۆھبەت ئويۇشتۇرسا، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر يۈزىنى ئاچاتتى.

UID
41253
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار بارات كىرگەندىن كىيىن مۇنازىرە قىلىڭلار، نىمانداق ئۇ يوق چاغدا ئىنكاس يېزىۋىرىسلەر، بىر بىرگە چىقىڭلار.

UID
34079
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۆۋە قىلاي،بۇندىن كىيىن ھەر قانداق پىكىردە ئۇيغۇرزادە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايمەن ، بولمىسا چەكلىنىپ كېتىدىكەنمەن،بىردەمدە تۈرمىگە كىرىپ چىقتىم دىسە.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
653
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13471
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇن:سىزنى غەربنىڭ ئاتالمىش جەمىيەتشۇناس ئىلمىي زەھەرلىگىلى، كاللىڭىزنى يۇيۇۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ.
_________________________
جاۋاب: ئۇيغۇرزادە ھېچقاچان زەھەرلەنگىنى يوق ھەم زەھەرلەنمەيدۇ. ئۇيغۇرزادە سىزگە ئوخشمايدۇ. ھېچنىزمىم گېزەندىسىنىڭ ئاقىۋىتىنڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بالدۇر بايقاپ تەنقىد قىلالىغىننىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ تېخى زەھەلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. زەھەرلەنگەنلەر «ئەدەبياتتىن ئىدئولوگىيە ئىزدەشكە بولمايدۇ» دەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئدىئولوگىيە تېڭىۋاتقانلار -  ئەلمانچلىق ئدىئولوگيىسى ۋە خرستىئان دىنى ئەقىدەسىنى كىرگۈزۋۈۋاتقانلار. نەچچە مىلياد مۇسۇلمان دەۋاتقان «ئاللاھ» دېگەن گەپنى قايرىپ قويۇپ يات دىنلىقلار ۋە خرستىئانلار برى-بىرىنى تونۇش ئۈچۈن ئشىلتىىدىغان تەڭرى سۆزىنى مەقسەتلىك ئشىلتىۋاتقانلار.
كاللىڭىز بىلەن ئىمانىڭىز بىلەن ئوقۇسىڭىز جەمئىيەتشنۇناسلىق سىزنى زەھەرلىمەيدۇ.


تۇيغۇن:جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئورما مەزگىلىدە ئورما ناخشىسى ئېيتقاچ ئورما ئورىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتشۇناستۇر، جەمئىيەتشۇناس بولۇشقا سالاھىيىتى تامامەن چۈشىدۇ. سىزنى غەربنىڭ ئاتالمىش جەمىيەتشۇناس ئىلمىي زەھەرلىگىلى، كاللىڭىزنى يۇيۇۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ. ئاشۇ غەربنىڭ ئاتالمىش جەمىيەتشۇناسلىرى ئەمدىلەتىن قولىغا قەلەم ئېلىشتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك جەمىيەتشۇناس ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
______________
جاۋاب: 1986-يىلدىن بۇيان يازما ئەدەبياتىمىزدا ئۇقۇم ئالماشتۇرۇش، پەلپەتىش گەپ قىلىش، تاغىنىڭ گېپىنى قىلۋاتسا باغنىڭ گېپىنى قىلىش يۈزلىنشىنى باشلاپ بەرگەن، ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنتىقلىق تەپەككۇرىغا ئېغىر زىيان سالغان ئادەم سىز. يۇقرىدىكى ئىنكاسىڭىزنىڭ نەرىدە مەنتىقە دەپ بىر نېمە بار؟ئۇقۇم ئالماشتۇرۇش، ئۇقۇم مېغىزىنى كېڭەيتۋېىتش سىزگە نومۇس ھېسابلانمايدىكەن. مەن ئۈچۈن نومۇس. سىز جەمئىيەتشۇناسلىقنى پەقەت چۈشەنمەيدىكەنسىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈيۈك ئادەم، ئەمما ئۇ  جەميەتشۇناس ئەمەس. جەمئىيەتشۇسلىق ئۇنداق بولمايدۇ. «دېھقانمۇ جەميەتشۇناش» دېگىنىڭىز سىز بۇرۇن دېگەن «ئېشەكمۇ شائىر» دېگەندەك پەلپەتىش بىر گەپكەن. بۇنداق پەلپەتىش گەپلەرگە ئوقۇرمەنلەر ھازىر ئالدانمايدۇ.

تۇيغۇن:ئۇيغۇرلاردا جەمىيەتشۇناسلىق داۋام قىلۋاتقىلىق كەم دېگەندە 1000 يىل بولدى!!!

ئوھھوي، بۈيۈك بايقاشكەن بۇ. كەسپ ئەھلىلىرى جەمئىيەتشۇناسلىق فرانسىىيە بۇرژۇئازىيە ئېنىقىلابىدىن كېيىنن زامانىۋلىشىش، شەھەرلشىشىش، سانائەتلىشىش داۋامىدا پەيدا بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش يولىدا 19-ئەسىردە پەيدا بولغان پەن دېشيىۋاتىدۇ. بۇ پەننىڭ پەن بولۇپ شەكىللەنگىنىگە ئەمدى 250يىلچە ۋاقىت بولدى.ئۇ ھەتتا پەلسەپىدىنمۇ كەسكىن پەرقلىنىدۇ.
        مۇسۇلمانلاردا جەمئىيەتشۇناسلىق مېتودى بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئىزدەنگىنى 15-ئەسىردە ئۆتكەن تۇنىسلىق مۇتەپپەككۇر ئىبىن خالدۇن.  جەمييەتشۇناسلىقنىڭ تۇنجى پېشۋاسى غەربتە  19-ئەسىردە ئۆتكەن فرانسيىلىك ئاۋگۇست كومغا، ئسىلام ئەللىرىدە ئىبىن خالدۇنغا باغلىنىدۇ. سىزنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ جەمئىيەتشۇناس» دېگىنىڭىز بەك بۈيۈك بايقاش ئىكەن. بۇ گەپنى «قۇتادغۇبىلىگ»نى ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان روبېرت دانكوفمۇ دېمىگەن.

تۇيغۇن ئەپەندى، سىز نەقەدەر ناجىنس ئادەمسىز ھە؟ سىزنى تەنقىدلەپ قويغىنىم ئۈچۈن جەميەتشۇناسلىقنى زەھەرلىككە چىقارغىلى تۇرۇپسىز. سىزنىڭ بۇ لوگىكىڭىز بويىچە بولغاندائۇيغۇر بالىلار ئاسپراتنلىقتا ئوقۇۋاتقان تىلشۇناسلىق، فولكلورشۇناسلىق، مەدەنىيتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ھەمىسى زەھەرلىك بولىدىكەن. ئۇقۇپ قېلىڭ، سىزنىڭ ۋە باشقا ھېچنىمزمچىلەرنىڭ يازمىسىدىن مەلۇمكى، زەھەر ئايناقلارنىڭ روھىدا بولىدۇ. ئىماننى تاشلىمىغان ئادەم مەيلى نېمە ئوقۇشىدىن قەتئنەزەر بۇلغانمايدۇ.

تۇيغۇن:ئۇيغۇرزادە بىتوغرا گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ، قىلىپ كەلدىجاۋاب:تېمىنىڭ يۆنىلشىنى بۇراۋاتقانلار، شاخچە مەسلىلەرگە ئېسلۋېلىپ خۇسۇمەت ئارىلاشتۇرۇۋاتقانلارنى ئسىپاتى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.شۇنىڭ بىرسى سىز. يا شېئىر ھەققىدە، يا شېئىر تەرجىمسى ھەققىدە گەپ بولۇنغىنى يوق. بىتوغرا گەپلەرگە ئەسلى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز كۆمۈلۈپ تۇرۇپتۇ.

تۇيغۇن ئەپەندى، بۇ تېمىغا سىز ۋە سىزنىڭ نادان شايىكىلرىڭىز بەك جىق غەرەز ئشىلتىپ كەتتى. سىز مەيلى، ئەمما سىزنىڭ زەھىڭىرزدە  بۇلغانغان شۇ بالىلارنىڭ ھالىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ سىزنىڭ يولىڭىزغا ئەگىشىپ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇشىغا نەچچە يىللا كېتەر؟


باھا سۆز

adilkanun  uyghurzade «سىز نەقەدەر ‹ › ئادەمسىز ھە؟» دىگەندەك گەپلەر مۇنبەرگە ئارتۇق!  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:47

UID
34079
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىغايلا ئۇيغۇرزادە ھەزرەتلىرى،تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا.شەرەپ سىلىگە مەنسۇپ!

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
653
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13471
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلار بىلىمدە كۆزگە كۈرۈنگەن زاتلاردىن ئىكەنسىلەر،شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنىلا مەندە بار بولغان بىر بىلىمىڭلار يوق ئىكەن.مەندىكى بۇ بىلىم دەل ئۆز-ئارا يول قۇيۇش،كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشتۇر.سىلەر بۇنچىۋالا قىلىپ زادى نىمىگە ئىرىشمەكچى.ئوبىرازىڭلارنى خۇنۇكلەشتۈۋالماي بولدى قىلىڭلار
-------------------------------------------------

تورا دەيسىز، قارلۇق. پەقەت ياخشى بولمىدى. بۇ تېمىغا ئۇلار  يەنە خۇسۇمەت، غەرەز ئارىلاشتۇردى. مەن ھېچقاچان سەۋەبسىز گەپ قىلمىدىم، قەستەن چېقىلغاندىلا ئاندىن ئىككى ئېغىز  جاۋاب بەردىم. سىز بۇ تېمىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن نىجادكارنىڭ 1-بەتتە ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىنى، شاراي شائىرى قاسىم ئوسمان غازىنىڭ غازىنىڭ 3-بەتتە ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسىنى ئوقۇشىڭىز كېرەك. ئەپسۇس، ئۇ ئىنكاسلار ھازىر يوق. ئۆچۈرۈلگەچكىمۇ بىر مۇنچە ئۇقۇشماسلىق چىقىۋاتىدۇ.

ئاندىن «ئۆلۈۋىېلىش سەنئىتى»گە ۋە ھېچنىمىزىم گېزەندىسىگە بەرگەن تەنقىدىم ئۈچۈن ساقلانغان غوملارمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرستىۋاتىدۇ.
مۇسبەت تېمىسدىمۇ جېدەل تېرىپ، تېمىنى بۇراپ يۈرگەندىكىن بۇلارنىڭ دىلى ھەقىقەتەن قېتىپ كېتىپتۇ. ئۇلارغا گەپ توغرا كەلمەيدىكەن. بىر ھېسابتا بۇمۇ بولدى،  ئۇلار مۇشۇنداق قىلغانىسرى تېخىمۇ جىق تورداشلار ئۇيغۇرزادىنىڭ «ئۆلۈۋلىېش سەنئىتى» ۋە «ھېچنىمزم» بەرگەن تەنقىدىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ.يازما ئەدەبياتىمىزدا ھەق-ناھەق،ئاق-قارا ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئشىلار بەك جىق. يەكمۇ-يەك مۇنازىرە بولمىسا بۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.ئىختيارى مۇنازىرەگە بۇلار بەك كۆپ رەڭ ئشىتلىپ كېتىدىكەن.

يازما ئەدەبياتىمىزدا ھايات نىياز ھېكىمبەگىلەر، ھايات روزى موللىلار بار. ئۇلارنىڭ تور ئېكولوگيىسگە، ئۇيغۇر ئەدەبياتىغا سالغان زىىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش