ئاپتور ئېلاۋىسى: ياقا يۇرتتا بىر ئۇيغۇر ئىچىگە تىنىپ بىر ھەپتىدىن بېرى ئېغىر خىياللارنى سۈرمەكتە. ئۇ قسىقىغىنا بىر ھەپتىدە ئىككى مۇسبەت خەۋىرىدىن--- قېرىندىشى ئۆزھالنىڭ يازمىسى ئارقىلىق مۇزىكانت ئەكرەم ئۆمەرنىڭ تۇيۇقىسىز ئۆلۈمىدىن، ئارتۇغنىڭ يازمىسى ئارقىلىق يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ ئىككى مۇسىبەت خەۋىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى؛ ئۇ ئەكرەم ئۆمەرنى ئەسلەش ئۈچۈن مۇزىكانتنىڭ «مىڭ ئۆي» دېگەن مۇزىكىسنى بىر كۈندە نەچە قېتىم ئاڭلىدى؛ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ تورغا ئۆز قولى بىلەن يوللىغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتى. ئەمما، قەلبىنىڭ بىر يېرىدە پىغانلىق تۇيغۇلار يەنىلا بىخسىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى. بۇ تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە نەسىرىي تىل ئاجىزلىق قىلاتتى.ئۇ ئاخىرى بۇ تۇيغۇلارنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولدى.
ئەكرەم ئۆمەر يۈرەك كېسلى بىلەن كەتتى. ئەمما ئاپتور يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ نېمە كېسەل بىلەن كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى. ئەمما، ئۇنىڭغا شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى، يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ يۈرىكىدىمۇ ئاغرىق بار ئىدى.
بىرىنچى شېئىر يۈرەك كېسلى يارمۇھەممەد تاھىر بىلەن ئەكرەم ئۆمەرگە بېغىشلاندى؛ ئىكىنچى شېئىر «شئېرغا مۇقەددىمە» تەرجىمە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت شائىرى بىللى كوللىنىسنىڭ شۇ ناملىق ئېنگلىزچە شېئىرىدىن بېۋاستە تەرجىمە قىلىندى . بۇ تەرجىمە شېئىر «شېئىر چۈشنىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ھېس قىلىنىدىغان نەرسە» دېگەن مەنىلىك ئۈگۈتلەرنىڭ ئىگىسى، ئۇيغۇر شائىرى ئادىل تۇنيازغا بېغشلاندى.
يۈرەك كېسلى
شېخىدىن
بىمەھەل ئۈزۈلگەن يېرىق ئانارنى ئەسلىتەمدۇ،
كوچىدا يىقىلغان باتۇر روزىنىڭ ئۆلۈمى؟
ئىچىگە تاشقان چۆگۈنگە تەققاسمۇ،
ئەكرەمنىڭ، تۇغلۇقنىڭ ئىچىگە پاتماي كەتكەن كەتكەن دەرد-ئەلىمى؟
يۈرەك كېسلى ئۇيغۇرنى ئەگىمەكتە.
"ۋاي" دەپ يىقىلدى ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن،
"قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا"نى يېزىۋىېتىپ.
يۈرەكنىڭ قۇلىقى بارمۇ؟
مەخپىي ئاڭلىغۇچىسى بارمۇ؟
"يۈرەك كېسلى سەھەردە ئېلىپ ماڭىدۇ"
دېگەندە زوردۇن سابىر،
يۈرىكى شۇ ئۈننى ئاڭلاپ قالغان بولغيىمىدى؟
ئاغزىدىن سائەت چىقتى، ئۇ تۇيغانمىدى؟
دەرد يىلتىزى ئىچىگەچوڭقۇرلىغان بىر ئۇيغۇر،
نېمىلەرگە ئۈلگۈرىدۇ،
نېىمىلەرگە ئۈلگۈرەلمەيدۇ؟
بېكەتتە ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىغا تارتىشامدۇ؟
ئەجەل ئاپتوبوسى تەرەبباللا ئېلىپ ماڭغاندا.
مەرغۇللىماقتا،
يۈرەك كېسلى.
مەغرۇر نامايش قىلماقتا،
تەجرىبە ئشىلىمەكتە،
يۈرەك كېسلى،
دەردى ئىچىگە چوڭقۇرلىغان ئۇيغۇرنىڭ بەدىنىدە.
تۇشمۇ-تۇشتىن ئورۇلغان قۇناقلارنى ئەسلىتەمدۇ،
يا بوراندا قاراسلاپ سۇنغان دەرەخلەرنىمۇ،
يۈرەك كېسلى بىلەن يىقىلغان ئۇيغۇر ئەرلىرى؟
شېئىرغا مۇقەددىمە
بىللى كوللىنىش (ئامېرىكا)
شائىر ھەققىدە: بىللى كوللىنىس- ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلدىن 2002-يىلغىچە ئارىلىقتىكى دۆلەت شائىرى بولۇپ، 1941-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيو يورك شەھرىدە تۇغۇلغان. ئېھتمال روبېرت فروستتىن كېيىن ھېچقانداق بىر شائىر شېىئرلىرى بىلەن كوللىنسنڭكىدەك ئالقشىقا ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىغا ئېرىشمىگەن بولسا كېرەك. شائىر كوللىنسىنىڭ شېئىرلىرى ئادەتتە چۈشنشلىك ۋە يېقىشىلىق مسىرالار بىلەن باشلىنىدۇ؛ ئەمما شېئىر ئاخىرىدا تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ. كىىنايە بىلەن باشلانغان شېئىرلىرى لېرىكلىق كەيپياتتا ئاخىرلىشدۇ.
بىللى كوللىنىس ھازىر نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئەدەبيات پەنلىرى پروفېسسورى. ئاساسلىق شېئىر توپلاملىرىدىن "توققۇر ئات" قاتارلىقلار بار. ئارىلىقتا ئۇنىڭ "ئارستوتېل" دېگەن شېئىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ.
شېئىرغا مۇقەددىمە
بىللى كوللىنىس( ئامېرىكا)
ئۇلارغا ئېيتتىمكى: بىر پارچە شېئىر ئېلىڭلار،
ۋە ئۇنى يورۇققا تۇتۇڭلار،
رەڭ دەستىنسى كۈنگە تۇتقاندەك.
ياكى بىر قۇلىقىڭلارنى ئۇنىڭغا يېقىڭلار.
شېئىرغا چاشقان سېلىپ تەجرىبە ئىشلەڭلار،
ئاندىن چاشقانغا قاراڭلاركى،
ئۇ شېئىردىن يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ
ياكى شېئىر خانىسىدە ماڭغاچ،
چىراغ ياندۇرۇش ئۈچۈن تام سيلايدۇ.
ئۇلاردىن ئۆتۈندۈم: ئوكياندا دولقۇن تېيىلغان كەبى،
شېئىر ئۈستىدە تېيىلىپ بېقىڭلار
قىرغاقتىكى شائىر ئسىمىغا سالام بەرگەچ.
لېكىن، ئۇلار قېيىشىپ تۇرۇپ،
شېئىرنى ئارغامچا بىلەن ئۈستەلگە باغلىدى،
ئاندىن قيىنلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىزھار تەلەپ قىلدى،
مەنە ئىزدەپ،
شېئىرنى شىلەنكە بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ئېنگلىزچە «180 داڭلىق شېئىر» دېگەن توپلامدىن
Introduction to Poetry
Billy Collins (1941-)
I ask them to take a poem
And hold it up to the light
Like a color slide
Or press it against its hive.
I say drop a mouse into a poem
And watch him probe his way out,
Or walk inside the poem’s room
And feel the walls for a light switch.
I want them to water-ski,
Across the surface a poem
Waving at the author’s name on the shore.
But all they want to do,
Is tie the poem to a chair with rope
And torture a confession out of it.
They begin beating with a hose,
To find out it what it really means.