تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: uyghurzade

يۈرەك كېسلى ۋە شېئىرغا كىرىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
27713
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       يار مۇھەممەت تايىر مۇئەللىم ئادەتتە كەم سۆز ، سالماق، ئۇچۇق-يۇرۇق، كىچىك پېئىل كىشى ئىدى.
       ئۇ ياتاق بىناسى بىلەن مەكتەپ چايخانىسى ئارىلىقىدىكى يولدا پات-پات ئۇچراپ تۇراتتى،  دوستلىرىم  تەرىپىنى قىلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ قوياتتىم ...
       كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ مۇنبەردىن ئايرىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم...
       ئۇ بىر قىسىم يېقىنلىرىنىڭ  ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئانچە-مۇنچە تىجارەت قىلغاچ ئوقۇش-يېزىش ئىشلىرى بىلەن بولۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە سىرداشمىغان بولساممۇ ئەسەرلىرىنى كىتاپخانىلاردا ئۇچرىتىپ ئوقۇپ تۇردۇم، تېگىشلىك نەپ ئالدىم.
      
   
   يار مۇھەممەت تايىر مۇئەللىم يۈرەك كېسىلى بىلەن كەتتىمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپ بارمۇ،  ماڭا قاراڭغۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقانلارغا ئايدىڭكى، ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ دەرتلىك ئىدى...
  

UID
40807
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلار بۇ سەپەر بىر كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىگە ئوخشاشتۇر. قەۋرە ئېچىدە نەتىجىسنى كۈتىۋاتقانلارغا ئامانلىق تىلەيمىز .
بالداق كالتەكنى بۇ نۇۋەت قىرىنداشلىرىغا تۇتقۇزدى ،  بىزگە شان شەرەپ كىرەك ئەمەس ھەقىقى نەتىجە كىرەك ؛ ئىختىلاپتىن نىمىگە تەڭ بولا؟


UID
21297
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئەمدى گەپ مەرھۇملار ئۈستىدە بولسۇن،گەپلەر شاخلىنىپ كەتمىسۇن.ئۇيغۇرزادە ئۇلارغا مەرسىيە بىلدۈرۋاتىدۇ،ئۆزىمۇ [تېمىغا قايتىپ كىلەيلى] دىدى،شۇڭا ئۇيغۇرزادە توغۇرلۇق گەپتىن توختاپ ئىككى مەرھۇمنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىنى ئەسلەپ،ئۇلارغا دۇئا قىلايلى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
641
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13459
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن  بۇنداق ياش ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلەلمەي، كىمدىن سورىشىمنىمۇ بىلمەي مۇنبەرلەردىن ئۇچۇر ئاقتۇردۇدم.ئاخىرى كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى بىر مۇنبەدىن تاپتىم. بۇ ئۇچۇرنى ئەھۋالنى ئېنىق بىلىدىغان قابىلجان ئسىملىك قېرىنىدشىمىز يازغان بولۇپ، ئىنكاستىكى  كېسەل ۋە كىتاب سېتىش ھەققىدىكى ئۇچۇر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىكەن.مەن بۇنداق بولارىنى پەقەت كۈتمەپتىكەنمەن.  قابىلجان ئسىملىك قېرىنىدىشمىزغا رەھمەتلەر بولسۇن.


__________________________


بۇلتۇر مەرھھۇمنىڭ جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى، كېسىلىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.كېسىلىنى داۋالىتىشقا نەچچەيۈزمىڭ يۈئەن پۇل كېتىدىكەنتۇق.ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بەزى يېقىن كىشىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدىكى بەزى ھەققانى ئۇستازلىرىمىز جەمىيەتتىىن ياكى ئالى مەكتەپلەردىن ئىئانە يىغىپشۇ پۇلغا ئالىمنى داۋالىتىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ.لېكىن يارمۇھەممەتكام قەتئى قوشۇلماپتۇ.ئۇ‹‹ئۆمرۈم كىتاپ يېزىش بىلەن ئۆتۈپتۇ،مېنىڭ كىتاپلىرىمدىن ئۆزگە بايلىقلىم يوق.كىتاپلىرىمنى ساتالىسام شۇ ھالال پۇلۇمغا داۋالىنىمەن. بولمىسا باشقىلارنىڭ بىر تىيىن پۇلى ماڭا ھارام››دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ.   شۇنىڭ بىلەن ئالىمىمىزنىڭ  قەدرىنى بىلىدىغان ،ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائى بولۇپ تەشكىللىنىپ يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئېسىل ئەسەرلىرىنى زاكاز قوبۇل قىلىپ سېتىپ پۇل توپلاش، ،بۇ ئارقىلىق ئالىمىمىزنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلاپتۇ.

بۇ خەۋەر بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەندە بىز سەككىز ئوقۇتقۇچى ئۇنڭ بىر يۈرۈشتىن كىتابىنى سېتىۋېلىشقا تىزىملاتتۇق.كىتاپلار كەلگەندىن كېيىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرۈپ بېقىپ قەدرىنى بىلگەندىن كېيىن ئىككىنچى نۆۋەتتە  20دىن ئارتۇق ئادەم ئالىمىز دەپ تىزىملاتتى. لېكىن نىمىشقىدۇر بۇ چاغدا سېتىش پائالىيىتى توختاپ قالغان ئىكەن.بىز بۇ سىرنى بىلەلمەي ھەيران قالغان ئىدۇق.بۇنىڭ سىرىنى تېخى بۈگۈن يەنە بىر خىزمەتدىشىمدىن ئۇقتۇم. مەلۇم بىر ئۇنۋېرستىىتىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆز ئىختىيارى بىلەن پىدائى بولۇپ  بۇ ياخشى ئىشنى تەشكىللەپ قىلغان ئىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىكىلەر بۇ ئىشنى توسۇۋېتىپتۇ. ھېلىقى ئىككى ئوقۇغۇچىنى قاتتىق تەنقىتلەپ تەكشۈرۈشنامە يازغىلى ساپتۇ.

بىر ئالىمغا،ئېغىر كېسەل بولغان،داۋالىتىپ قۇتقۇزۇش كېرەك بولغان بىر ئالىمغا باشقا  ئىلىمدارلارنىڭ،يېقىن خىزمەتداشلىرىنىڭ  ياردەم بەرمەكتە يوق مۇشۇنداق تاش يۈرەكلەرچە مۇئامىلە قىلىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
بۇنىڭدا نىمە سەۋەپ بارلىقىنى بىز بىلمىدۇق.بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرى بىلىشى مۈمكىن..
بىزدە ئەزەلدىن بىلىملىكلەرنىڭ قەدرى يوق.ئەمما بىلىمىسىز ئەمەلدارلار قەدىرلىك.
ياخشىىلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلمايمىز. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ۋاي ئىسىت دەپ يىغلايمىز.

بۇ ئۆلۈم بۈگۈن ئالىمغا كەپتۇ.ئەتە مەرھۇمنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئەشۇ مارجان يۈرەكلەرگىمۇ كېلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمىۇ مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىدەك جامائەت تاپالارمۇ؟!
ئۆلۈم پەتىسى دېگەن يىغىن ئەمەس خەقنى مەجبۇرلاپ چىللاپ كېلىدىغان!

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
641
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13459
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكا  ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى تامامەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نەشىر قىلدۇرغان. چىقارغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق بولۇپ، ئاساسلىقى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.ئاساسلىىق كىتابلىرىدىن «پەرزەنت تەربيىسى»، «قۇتادغۇبىلىگ»، «11-ئەسردىكى ئۇيغۇر ئىدىئولوگيىسى» قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ «پەرزەنت تەربيىسى »ھەر بىر ئاتا-ئانا ئوقۇشقا تېگشلىك ياخشى ئەسەر.مېنىڭچە، كىتابلىرىنى سېتىۋېلپ ئوقۇش يارمۇھەممەد ئاكىنى  ئەسلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بولسا شارائىتمىز يار بېرىدىغانلار كىتابلىرىنى سېتىۋالايلى، كىتابلىرىنى ئوقۇيلى، باشقىلارغا تەشۋىق قىلايلى. شۇنداق قىلساق، تۇغلۇق ئاكا ئائىلسىگە ياردەم قىلغان بولىمىز. چۈنكى ئۇ كىتابلارنى يارمۇھەممەد ئاكا ئۆز پۇلى بىلەن چىقارغان.كىتابلىرى چوڭ-كىچىك كىتابىخانىلاردا تېپىلىدۇ.

كاللامغا تۇغلۇق ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بەك جىق سوئاللار كەلدى. مۇنداق ئىككى  سوئال ئىچىمنى بەكرەك ئۆرتىدى:
مەرھۇم  ئېغىر ئاغرىق ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىلىنىپ قانۇنلۇق چىققان كىتابلىرىنى ساتىمەن دېسە توسقان قانداق  ئادەمدۇر؟ ئۇنىڭ يۈرىكى قانداق يۈرەكتۇر؟ ئۇ ئۆلمەمدىغاندۇ؟

بىزدە بەك كاتتا زەردالار جىق بولمىسىمۇ  ئىقتسادىي ئەھۋالى ياخشى ئادەم خېلى بار، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئۆزى ياردەم قوبۇل قىلشىنى خالىمىغاندىمۇ   ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان بايلار چىقمغاندىمۇ؟

ئەلۋىدا، تۇغلۇق ئاكا! خاتىرجەم يېتىڭ! سىزنى دۇئالىرىمىزدا چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. سىزنى ئەسلەپ تۇرىمىز. سىزنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ياشاش، ئەركەكتەك ياشاش، بالا تەربيىلەش ئۇسۇللىرىڭىز بىزگە ئۆرنەك بولغۇسى؛ ئۆلگەن نېرىبلىرىمزنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ تۇرغۇسى!


UID
6054
يازما
249
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7363
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇملارنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي!ھىلى ھەم بولسۇمۇ ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆيلىرىمىزدە ساقلاپ قويايلى  بالىلار سىلاپ ئوينىسىمۇ ھىساپ ، بۇكىتاپلار كىتاپ ئىگىسىنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇرغۇسى!

UID
37888
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھوم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق،97-يىلنىڭ مەلوم بىر كۈنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنۇستوتىنىڭ دەرۋازىسدىن خوتۇن باللىرى بىلەن قوغلاپ چىقىرىلغاندا كەسىپداشلىرمۇ بۇ كىشىنى ئاشكارا ئۇزتىپ قويالمىغان ،ھەتتا بىر ئىككى يىلغىچە يوقلاشقىمۇ پىتىنالمىغان ،ئۈرۈمچىلەردە خوتۇن -باللىرى بىلەن بىشىنى تىققۇدەك كەپىمۇ چىقمىغان ،(كەسىپداشلىرنىڭ ئىغىزدىن)ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا كۆزلۈرۈمگە ئىختىيارسىز  ئىسسىق ياش كىلىپ دىمىقىم ئاغرىپ كەتكىنى ئىسىمدە،  ھەممە ئادەم مەنپەتنىڭ قۇلى بولغان بۇ زاماندا نىمە چارە، مەرھومنىڭ  قىلغان ،ئەتكەنلىر ئاخىرەتتە ئەزقاتقاي،چۈنكى بۇ زات ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە ئۆز خەلقى ئۈچۈن ‹‹ئىبادەت ››قىلدى ،مەن بۇ كىشىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى ،ھەم پەزىلەت جەھەتتىكى ئالىي جاناپلىقىغا قايىل ، سەۋەبى ؛ بىزدىكى پەرزەنىت تەربىيە لەش ھەققىدىكى تەتقىقاتنى قانداقتۇر چەتئەل مەنبىلىرىدىن ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك مەنبەلەردىن مۇپەسسەل پايدىلنىپ ،ئىلىم كانىدىن گۆھەرلەر قازغان زاتتۇر، ئۇيغۇر زادىنىڭ ‹‹بۇ زاتنىڭ يۈركىدىمۇ زىدە بار ئىدى ››دىگەن سۆزى ناھايتى جايىدا ئىيتىلغان ،بىزنىڭ بەك كۆپ ئۇلۇغلىرىمىز ھامان مۇشۇ قىسمەتتىن (يۈرەك ئاغرىقىدىن )قۇتۇلالماي كەلدى ،سەۋەپ ئۇلار ھەقنى دەپ ،ھەققە يىغلاپ ياشىدى ،(بەلكىم بۇمۇ بىر تۈرلۈك ئىبادەتتۇر)
ھەي ئىسىت،،،كىچىكىپ ئاڭلاپتىمەن ؛
تۈنۈگۈن كەچ تىلۋۇزۇردا بىر مۆشۈك ئىيىقنىڭ ئۆلۆپ كەتكەنلىك خەۋرى پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىللىرنى بىر ئالدى ،بىراق مەرھومنىڭ قازاقىلغانلقىنى بىر ەر گىزىتخانىمۇ ئىيتىبارغا ئالماپتۇ.
سۈكۈت ...سۈكۈت.....

UID
33708
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹شېئىر چۈشىنىدىغان نەرسە ئەمەس ، ھېس قىلىدىغان نەرسە› دىگەن گەپنى مەيلى كىملا قىلمىسۇن بۇ بىر كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان تۇترۇقسىز گەپتۇر خالاس . بىرىنجىدىن شېئىر ‹نەرسە› ئەمەس . ئۇ چىن ھىسلار دۆۋىسىدۇر . ئىككىنجىدىن مەلۇم مەزمۇننى ھېس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم چۈشىنىش كېرەك . چۈشەنمەي تۇرۇپ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ .
يوقارقى تېمىدىن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئويلايدىغان ، سوقىدىغان يۈرىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق . تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر .
مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .
ئامىن !


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-13 13:14):
ھې ھې ھې ئۇيغۇرزادە بولمىسا ئەلكۈيىگە كىرگۈسىمۇ كەلمەيدىكەن ئادەمنىڭ.

UID
16850
يازما
161
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
611
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
109 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمەت نەشرىياتلىرى نەشىر قىلغان كىتاپلىرىنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالى مەكتەپتە ساتقىلى قويمىغانلىغىنى بىلىپ، يۇرتىمىزدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ساراڭلار باشقۇرىدىغان چۈشەنچىگە كىلىپ قالدىم. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىتاپ سېتىپ  پۇل تېپىشنى ئۆگەنسە، جەمىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قۇشۇۋاتقان تەتقىقاتچىنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن خالىس ياردەم قىلىۋاتقان ئىشىنى قوللىماي، چەكلىسە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەمىيەتكە قانداق تەربىيىلەپ چىقىرىشنى ئويلىمايدىغان، بىلمەيدىغان قارا قوساق بىرنىمىلەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىدىكەن دىسە. تۈرمىدىكى كىشىلەرمۇ داۋالىنىدىغاندۇ، جەمىيەتتىكى ئەركىن ئىلىم ئەھلىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقا يول قويماسلىق قانداق جەمىيەت ھاۋاسى بۇ! قانۇنلۇق توغرا ئىشنى توسىدىغانلار يوقالمىسا جەمىيىتىمىز قانداق تەرەققى قىلسۇن! مۇشۇنداق جەمىيەت ھاۋاسى ئۆلمەيدىغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇدۇ، ئايرىلمايدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

UID
12811
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3476
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن كىم؟ يالقۇن روزى كىم؟
..............................................................
     ئۇلارنى بۇنداق سىلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ ، ھەم ھەرئىككى پەيلاسوپنىڭ  توھپىسىنى يانداپ ئوتكىلى بولمايدۇ . بەش قول تەڭ ئەمەس ، بىزنىڭ ئۇلارنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا سىلىشتۇرۇش ھەققىمىز يوق . بىز ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىدىن  ئوزىمىزنىڭ نىشانىنى  تاپساقلا بولدى . كەتكۇزۇپ قويعان يەرلىرى بولسا ئوتكەن قىدەك كورسىتىپ قويىمىز ،تەككۇزۇپ قويعان يەرلىرى بولسا قۇبۇل قىلىپ ،ئوزىمىزنى تۇزەيمىز . نىشان پەقەت بىر ،يەنى  مۇكەممەللىك .
   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش