مۇساپىرلىق تۇيغۇسى
ئۇ يېنمىدىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرلىكلەر ،مېنىڭ مۇساپىر تۇيغۇمنى كىممۇ چۈشۈنەر دەپ ئويلىغىنىچە بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا كېتىۋاتاتتى .لېكىن كوچىدا كېتىۋاتقان قانچىلىغان ناتونۇشلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇساپىر ئىدى.
شەھەرنىڭ كەمچىللىكى
ئۇلار ئون مېنۇتقىچە تاكسى توسالمىدى .
-شەھەرنىڭ نەرىنى ئارزۇلايدۇ بۇ كىشلەر ،تاكسى توسقىلىمۇ بولمىغان .
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا ،ئۇلارنىڭ يېزىسىدا تاكسى يوق ئىدى .
بويتاقنىڭ بايانى
بۇرۇن قىز يوق .
ھازىر پۇل يوق .
ئاتا ئارزۇسى
-دادا ،مەن مەمۇرلۇق ئېمتھاندىن ئاخىرى ئۆتتۈم .
دادا دوختۇرخانىدا ياتاتتى ،ئۇ بالىسغا قاراپ :-پارتىيەنىڭ سۆزىنى ياخشى ئاڭلا بالام،-دەپ كۆزىنى يۇمدى .
يىگىت بىلەن قىز ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەتلەشتى .بىر كۈنى يىگىت قىزدىن:_تاماق ئېتەلەمسىز؟- دەپ سورىدى .قىز:ياق،- دەپ جاۋاب بەردى .
-ئۇنداقتا سىز نېمە قىلالايسىز ؟
-سىزگە ھەمراھ بولالايمەن،-دېگىنىچە بېشنى تۆۋەنگە سالدى .
ئايرىلىش مېنۇتلىرىدا
ئۇ ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتتى ،ئۇلار ئارقسىغا قارىماستىن ماڭدى ،بىر چاغدا يىگىت، ئەگەر مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىغان چاغدا ،ئۇ ماڭا قارىسا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىمەن دېدى .لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ قارىغىنىدا قىز ئارقىغا قاراپمۇ قويماي كېتىۋاتاتتى .قىزمۇ نەچچە قەدەم مېڭىپ ،ئەگەر مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىغان چاغدا ،ئۇمۇ ئارقىغا بۇرۇلغان بولسا ،ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن دېدى .ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىغان چاغدا، يىگىت ئارقىغا قاراپمۇ قويماي كېتىۋاتاتتى .
بەختلىك ئائىلە
-چارپاقا،يارىماس !ئايال ھەركۈنى يولدىشنى شۇنداق تىللايتتى .بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلدى ،بىر مېھمان ئۇلارنىڭ بالىسدىن چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟-دەپ سورىدى .بالا:-دادامغا ئوخشاش يارىماس بولىمەن،-دېدى .ئايال كۈلۈمسىرىگىنچە ئوغلىنى قۇچاقلاپ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى .ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس قىزىرىپ قالغان ئىدى .
ئەمۋايچىلار
ئىككى شەھەردە ياشاۋاتقان ئاچا-سىڭىللار ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر شەھەردە ئۇچىرىشىپ قالدى .ئۇلار يىراقتىن بىر-بىرىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈشۈپ قۇچاقلاشتى ۋە تەڭلا:_قېرىندىشىم، ئەمۋاينى چۈشنەمسە؟
ھېچنىمىزىمچى ۋە جەمئىيەتشۇناس
ھېچنىمىزىمچى :ھايات ئازاب بىلەن ئورالغان سوۋغا، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچنىمە يوق.
جەمئىيەتشۇناس :ياق، ئۇنىڭ ئىچىدە كىملىك بار.
(داۋامى بار)
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-21 12:39):
ھايات ئازاب بىلەن ئورالغان سوۋغا،ئۇنىڭ ئىچى ھېچنىمىدۇر.
لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بېرىپتۇ .تۈزىتىپ ئوقۇغايسىزلەر .