ئىگىسى: taldi

«مىكرو ھېكايىلەر»لەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
36140
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز   داۋامىنى  ساقلايمىز

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 00:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلتۇز

ئۇلار ئىككەيلەن كىچىكىدىن دوست ئېدى .ئۇلار قېينچىلىقتا بىر-بىرىدىن ئايرىلماي ئۆتتى .كېين بىرەيلەننىڭ ئامىتى كېلىپ يەنە بىر دوستىنى ئۇنۇتتى ،ئۇلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇچىرىشىپ قالدى ،ئۇنتۇلغان دوست ئۇنىڭغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى .كېيىن ئۇنۇتقان دوست ھەممە پۇلىدىن ئايرىلىپ قالدى .ئۇ ھاراق ئىچىپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ يىغلاپ كەتتى ،ئۇ شۇنى بىلدىكى ،يۇلتۇز ساڭا ھەمرا بولۇپ كېچىنى ئۆتكۈزگەن بولسا ،سېنى قۇياش نۇرى يورۇتقاندا ،ئۇنىڭ نۇرىدا يوقاپ كېتىدىكەن .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 00:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىت :مەن سىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرەي .
قىز:ماقۇل .
يىگىت:بىر يىگىت بولغان ئېكەن .ئۇ بىر قىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىكەن . ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۇنىڭ شەخسى بوشلۇقىدىن ئوغۇرلۇقچە ساقلىۋالىدىكەن .ئۇ بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنى ئۇچىرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلماقچى بوپتۇ .يىگىت چوڭقۇر بىر تىنىپتۇ .
قىز:ئاخىرىچۇ ،قانداق بوپتۇ؟
يىگىت:ئۇ قىزغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپتۇ .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 00:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن بۇ ھېكايىگە باش پىرسوناژ بولغاندىن بېرى ،قانچىلىغان ناتونۇشلار سېنى ئۇنتۇپ كەتتى .ھېچقىسى يوق ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ «بارسا كەلمەس»يولىدا ئۇنتۇلۇشقا بەند قىلۋىتىلگەن .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تاغام مەن قانداقلا گەپ قىلسام ،سەندەك يىگىرمە يىل ئوقۇغان زىيالى بۇنداق گەپ قىلسا بولمايدۇ .دەيتتى .
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا ،-ماۋۇ ساڭا كۆڭلۈم .دەپ يۈز سوم بەرسەم .ئۇ ،-ئەمدى زىيالىدەك گەپ قىلىدىڭ.دېدى .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خاتالىق ئۆتكۈزسەم ،دادام مېنى دائىم تىللايتتى .كېيىن دادا بولغان چېغىمدا ،دادامنىڭ ئاشۇ تىللاشلىرى ئۈچۈن ئۇنى ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپارسام،ئۇنىڭ مېنى تىللىغان مېھىر ھەققىگە جاۋاپ قايتۇرالمايدىكەنمەن .




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 01:28):
ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپارساممۇ .تۈزتىلدى .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومانتىزىم ئۇسلۇبىدىكى ۋارىيانت

ئەر سىرتتىكى بىر ئايالغا بۇزۇلۇپ ئايالى بىلەن ئاجىراشتى ،ئايالى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ،ئۇنىڭغا بىر تال شامنى بەردى .كېيىن ئاشىنسى ئۇنى ۋەيران قىلۋەتتى ،ئۇ ۋەيران بولۇپ يۈزىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان چېغىدا ،ئۇنىڭ خىيالىغا ئايالى بەرگەن شام كەلدى .چىرىقىڭ ئۆچۈپ قاراڭغۇدا يالغۇز قالغان ۋاقتىدا ،شام ساڭا قاراڭغۇدا ھەمراھ بولىدۇ .ئۇ ئايالىنىڭ قېشىغا قايتىپ باردى .ئايالى گەپمۇ قىلماي،ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەردى .ئىككەيلەن شام يورۇقىدا تاماق يېدى .

رېئالىزىم ئۇسلۇبدىكى ۋارىيانتى

ئەر سىرتتىكى بىر ئايالغا بۇزۇلۇپ ئايالى بىلەن ئاجىراشتى ،ئايالى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ،ئۇنىڭغا بىر تال شامنى بەردى .ئۇ شامنى ئېلىپ ،ئۆزىنى بۇرۇنقى ئايالىدىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلىپ ،كەچتە ئاشنىسى بىلەن ھېلىقى شامنىڭ يورۇقىدا بىللە تاماق يېدى .




ئەر سىرتتىكى بىر ئايالغا بۇزۇلۇپ ئايالى بىلەن ئاجىراشتى ،ئايالى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ،ئۇنىڭغا بىر تال شامنى بەردى .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 18:14):
باشقۇرغۇچى ئاستىدىكنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بوپتىكەن .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:54:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر سىرتتىكى بىر ئايالغا بۇزۇلۇپ ئايالى بىلەن ئاجىراشتى ،ئايالى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ،ئۇنىڭغا بىر تال شامنى بەردى .ئايال شۇ كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ،بىر كۈنى ئەرنىڭ ئۆيىدە توك كەتتى ،ئۇ شامنى ياندۇردى ،شامنىڭ ئوتى يەلپۈنەتتى ،بىر چاغدا قاچىنىڭ چىقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى .ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغانىدى ،بۇرۇنقى ئايالى شامنى پۈۋلەپ  ئۆچۈرۈۋەتتى .ئەر ۋايجان دەپ ئويغىنىپ كەتتى .ئۇ ئۆزنى قارا باسقانلىقنى ھېس قىلىپ چىراقنى ياندۇرۋىدى .يېندا ئايالى ياتاتتى ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 18:55):
يېنىدا بۇرۇنقى ئايالى ياتاتتى ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-23 18:57):
يېنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئايالى ياتاتتى .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچى ،خاپا بولماي ؛يېنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئايالى ياتاتتى دەپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولىسڭىز بوپتىكەن .

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ خېرىدار ئۇنىڭ ئاشخانسىدا تاماق يەۋاتقىلى بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى ،بىر كۈنى بۇ خېرىدار ئۈچۈن ئەمدى يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ،ئۇنىڭغا زىغىر مېيىدا قورۇما قورۇپ بەردى .
خېرىدار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتى ،ئۇ تاماقتىن بىر چوكا ئېلىپ تەمى باشقىچە ھېس قىلدى ،دە خوجايىندىن سورىدى ؛-خوجايىن ،بۇ نېمە ئىش ،بۈگۈن تاماق ماڭا زادى تېتىمىدى نېمە ئۈچۈن ؟خوجايىن دەرھال بۇ كونا خېرىدارغا :-سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ،سىزگە قايتىدىن تەييارلاپ بەرسۇن .دېدى دەپ تاماق تەييارلاش ئۆيىگە كىرىپ :-ئاۋۇ ئەخمەققە يۇندا يېغى بىلەن سەي قورۇپ بېرىڭلار .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش