كېپنەك تەسىرى ( The Butterfly Effectكېپنەك ئېففىكتى)بولسا مېخانىكىلىق سېستىما ئىچىدىكى ،دەسلەپكى شەرت ئاستىدىكى مىكرو ئۆزگىرىش پۈتۈن سېستىما ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىللىك غايەت زور زەنجىرسىمان تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ھادىسسىنى كۆرستىدۇ .يەنى ئامازون ئورمانلىقىدىكى يامغۇرۇلۇق ئورماندىكى بىر كېپىنەك ئىللىق بەلباغدا يېنىككىنە قانات قاققان چاغدا ،يېندىكى ھاۋا ئېقىمدا ئۆزگىرىش بولۇپ ،بۇ زەنجىرسىمان تەسىر ئاخىرىدا ئامىرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا غايەت زور قۇيۇن پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
بۇ نەزەرىينى 1963-يىلى ئامىرىكلىق مېتورولوگىيەشۇناس ئېدۋارد.لورنتىس(Edward N.Lorentz)سېستىملىق تۈردە ئوتتۇرىغا قويغان .ئۇ كومپىيوتىردا بىر ھاۋارايىغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىنى بىر تەرەپ قىلۋاتقان چاغدا ،كىچچىككىنە بىر سانلىق مەلۇمات خاتالىقىدىن ئاتموسفىرا ھەركىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا بولغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نەزەرىينى نېۋىيورك پەنلەر ئاكادىمىسيدە يازغان ئىلمى ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان .
ۋېكى تور قامۇسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى .
بىر ئايال بىر ئەرنىڭ پۇتىنى دەسسەپ قويىدۇ .ئۇ كەچۈرۈم سوراش جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ .كېيىن ئەر ئۇ ئايال بىلەن بولغان ناتوغرا مۇناسۋەت تۈپەيلى ئەر ئايالىدىن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ .ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى يېتىم قالىدۇ .دادا ئانا-بالىلار كارى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن چوڭ ئوغۇل ئوغرى بولۇپ كېتدۇ ،كېيىن ئۇ ئوغرىلىق قىلىش جەريانىدا ،ئوغرلىق قىلۋاتقان ئۆي ئىگىسى ئۇنى كۆرۈپ قالغاندا ،ئۇلار سوقۇشۇپ كېتدۇ ،ئۇ پالتا بىلەن ئۆي ئىگسىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ .ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى يېتىم قالىدۇ .كېيىن دەسلەپتىكى ئەر قىمار ئويناش جەريانىدا ،بىر جېدەل تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كېينكى ئايالىدىن تۆت بالا يېتىم قالىدۇ .
كىچىك بىر ئاياغ دەسسەپ قويۇشتىن كېيىن جەمئىي توققۇز بالا يېتىم قالدى.شۇڭا ھەربىر ھەركەتىڭىزگە مەسئۇل بولۇڭ .
ئىككەيلەن كوچىدا كېتۋاتقان سوقۇلۇپ كەتتى ،ئىككەيلەن بۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىدىن رەنجىشىپ سوقۇشۇپ كەتتى .بۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننىڭ كەيپىياتى ناچار بولغانلىقتىن ،ئىشخانىغا قايتىپ بىر كۈن ئىچىدە نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى ،ئىشخانىدىكلەركىلەرنىڭ كەيپىياتى جايىدا بولمىغاچقا ،ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئادەمنڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى .بۇ كۈنى كەچتە نۇرغۇن ئائىلىلەردە كۆڭۈلسزلىك بولدى .كىچىك ئەخمەت بۇلارنىڭ بىرى ،ئۇ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىيەلمەي ،ئەتىسى مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلىدى .ئۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن دوستىغا قاتتىق تەگدى .....ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كۆڭۈلسىزلىك ھازغىچە داۋاملىشۋتقانمىش .شۇڭا بەزىدە ئۆز-ئارا ئەپۇ سوراش نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
داۋامى بار .