ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئېلىكترون بازىرى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتقا بولغان تۇنىشى تۈپەيلىدىن ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەر ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ ، قىسقىسى مەنمۇ قۇلۇمدىكى تېلىفۇننى نەچچە قېتىم يېڭىلاپ بولدۇم !
مىكروسوفىت يانفونىنى ئىشلەتكەن چېغىمدا كىچىككىنى باشلاش تىزىملىكىنى تىرنىقىمدا ئاران بېسىپ ئۇنى بۇنى چىقىرىپ قەرەت - پەرت ئويناپ قوياتتىم .
كېيىن ئالما تېلىفۇنىنىڭ قىممەتلىكىگە چىداپ ئېلىپ ئىچدىكى ھەرخىل ئىسىل 3D ئۇيۇنلارنى ئويناپ پۇخادىن چىقتىم .
كېيىن Google بازارغا سالغان ئاندىروئىد تېلفۇنىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ( باھاسىنى قىممەت دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ) ھەقسىز دىتاللارنى قانغۇچە قاچىلاپ ئۈچۈرۈپ ئوينىدىم .
كېيىنچە قايىسى مەھسۇلات بازارنى بېسىپ چۈشىدۇ، بۇنىڭغا مەن بىر نىمە دىسەم تېخى ئىتتىكلىك قىلغان بولىمەن شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ نەزىرىدە كېيىن قايسى مەھسۇلات بازارنى بېسپ كىتىدۇ دىگەن تېمىدا بەس مۇنازىرە قىلىشنى قارار تاپتىم ..

رەسىم 2011 دىكى ئەڭ يېڭى سىتاستىكا
ئاندروئىد %41 بازارنى ئىگەللەن
ئالما %27 بازارنى ئىگەللىگەن
مىكروسوفىت %5.7 بازارنى ئىگەللىگەن
ۋە باشقىلار ...

ئەلۋەتتە يېقىندا مىكروسوفىت Windows 8 نى ئىلان قىلدى ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كىيىن Windows 8 مەشغۇلات سىستىمىسدىكى يانفۇن بەلكىم بازارغا كىرىشى مۇمكىن ...

بۇ بازاردا قايسىسى بىزنىڭ بەكراق ئالقىشىمىزغا ئېرىشدۇ ؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-20 16:34