
ھە قىرىنداشلار بۇتىمىنى ئوقۇپ يانفۇنغا بولغان ھىسسىياتىڭلارنىڭ نەقەدەر قىززىقلىقى مىنى ھەيران قالدۇردى
ھازىرقى دەۋرىمىزدە يانپۇن ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەر ناھايتى ئازلىكىن يانفۇننى نىمە ئۇچۇن ئىشلىتىشنى قانداق قىلغاندا ئۇنۇملۇك توغرا پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە كىرەك مەسلە تىلپۇننىڭ ئسللىقىدا ياكى باھاسىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ دەل جايىدا ئەزقىتىشىدا مەسلەن يىنىمدا ئىشلەۋاتقان يۇك ماشىنىسى شوپۇردىن بىرنەچچىسى بار ئۇلارغا ئەزەلدىن ماركىلىق تىلپۇنلار يارىمايدۇ نىمىشقا. چۇنكى ماركىلىق تىلپۇنلارنىڭ مۇزىكا ئاۋازى تۆۋەن قۇلاق ئاۋازى تۆۋەن. باتارىيەسى ئۇزۇن يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ.......
مىنىڭ قارىشىمچە كۆپىنچە دۆلەت مەمۇرلىرى ئالما ئەنجۇ نەشپۇت دىگەندەك ماركىلىق تىلپۇنلارنى ئىشلىتىدىكەن دىھقانلار كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى دىگەندەك باھاسى ئەرزاننى ئىشلىتىدىكەن.
لىكىن كۆپىچە كارخانچىلار تىجارىتى ئالدىراش كىشىلەر يەنىلا نوكيا ياكى سەنشىڭ دىگەندە باتارىيە سىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان چىدامچانلىقى يۇقۇرى تىلپۇنلارنى ئىشلىتىدىكەن.......
لىكىن ئويلۇنۇپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىلەشۇكى نەچچە ئون مىليوننى دومىلىتىپ يۇرىۋاتقان چوڭ كارخانچى تىجارەتچى قىرىنداشلىرىمىزنى كۆردۇم ئۇلانىڭ قوللىرىدىكى تىلفۇنلار ئىىتىك بازارغا ئەچىقسا 200كويغا ئالمايدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ سودىدىكى پىشقانلىقى كەمتەر كىچىك پىئىللىقى ئادەمنى ھەقىيقەتەن ئويغا سالىدۇ . تەسىرلەندۇرىدۇ.
ھەمدى ئەقلىيفۇنلارغا كەلسەك مەن ھىچقايسىسنى ياقتۇرمايمەن بولۇپمۇ ئالمىنى ئەقلىيفۇنلارنىڭ بىردەك ئاجىزلىغى باتارىيسى ئۇزۇن يەتمەيدۇ. قولىمىز ماي يۇقى ياكى توپا بولۇپ قالسا ياخشى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يەنەكىلىپ ئۆمرى قىسقا قولىڭىزدىن بىر چۇشۇپ كەتسە ياكى يانچۇقىڭىزدا بىسىلىپ قالسا بەش ئالتە مىىڭ سوم يوق دىگەن گەپ. يەنەكىلىپ تىلپۇندا ئويۇن ئوينىغىدەك ۋاختىم يوق.........