ئىگىسى: maxkawul

قېرى مىكروسوفت، كونا ئالما، يېڭى ئەنجۈر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
17384
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئاللاھ....گەپ قىلمىسام قايناپلا كىتىپتېغۇ بۇلار ھەر كىىمنىڭ تاللىشى ئوخشىمايدۇ ،يەنى بىزدە ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن دەيدېغان ››ھىكمەتلىك سۆز بار ،ئىگەللىشىمچە دۇنيا نوپۇسىنىڭ 75%تىدىن كۆپرەك ئادەم دىھقان-ئىشچى كۈچلەردۇر ،شۇنداق بولغان ئېكەن بۇنى مۇلاھىزە قىلىشتا پەقەتلا تىلپۇن ئىقتىدارىغىلا قارىۋالماستىن يەنە باھاسى ،ۋە شۇ تىپتىكى تىلپۇن ماس كىلدېغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئاز كۆپلىكىگىمۇ قاراش كىرەك ،ئويلاپ بىقىڭ بىر قۇرلۇش ئىشچىسىنىڭ ئايلىق مائاشى 4000يۇەن بولسىمۇ (يەنى ئالما ،ياكى ئەنجۈرنى سىتىۋالغۇدەك شارائىتى بولسىمۇ )يەنىلا ئاۋازى يۇقرى ،سىلكىنىش ۋە بىسىملارغا بەرداشلىق بىرىش  كۈچى يۇقرى بولغان ،باھاسى ئەرزان ،سىگىنال قوبۇل قىلشى يۇقرى تىلفۇننى تاللايدۇ ئەلۋەتتە ،خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش كىشى ھىچقاچان كۇنۇپكىسى يوق ،ئالما ،ئەنجۈر ۋە گۈرۈچنى تاللىمايدۇ ئەلۋەتتە،ئۇنداق كىشىگە كونا بولسىمۇ نوكىيا ياخشى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:01:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mihnat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 15:04
ئاللاھ ئاللاھ....گەپ قىلمىسام قايناپلا كىتىپتېغۇ بۇلار  ...

مىھنەت ئەپەندى، ماۋۇ گەپنى ئوبدان دەپسىز. توغرا ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. مېنىڭچە يانفون ئەڭ ئاسان ئوغۇرلىنىدىغان، ئەڭ ئاسان زىيانغا ئۇچرايدىغان (يەرگە چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ ۋەھاكازالار) ئەڭ تېز يېڭىلىنىدىغان (مېنىڭچە بىر تېلېفوننى ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، بۇ جەھەتتىن باشقا ئۈسكىنىلەرگە ئوخشىمايدۇ) ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكىنە. شۇڭا يانفوننى ئادەتتە ئەمەلىي ئىھتىياجىمىزغا قاراپ سېتىۋالىمىز.
مېنىڭ يانفون ئىشلىتىشتە 8 يىلدىن ئارتۇق سىتاژىم بار. ھازىر تۆتىنچى يانفوننى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇنىڭ ئۈچى نوكىيانىڭ قارا تېلېفونى. بۇ قارا نوكىيانى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. مېنىڭچە بۇنىڭدەك ھەم ئەرزان (بىرىنچىسىنى 200 يۈەنگە، بۇ نىمكەش تېلېفون ئىدى. ئانتىنىسى بار ھېلىقى رادىئوغا ياكى داگېداغا ئوخشاش تېلېفون. بۇ تېلېفوننى ھازىر كۆرگەنلەر مازاق قىلىپ كۈلەر بەلكىم، ئىككىنچىسىنى 390 يۈەنگە، بۇ تېلېفوننى 2007 - يىل سېتىۋالغان، ھازىرغىچە شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، توكى ھازىرمۇ بىر ھەپتە يېتىدۇ. ئۈچىنچىسمۇ ئىككىنچىسىگە ئوخشاش، بىراق باھاسى 230 يۈەن، بىراق بۇنىڭ سۈپىتى ئىككىنچىسىگە يەتمەيدىكەن. تۆتىنچىسى سەنشىڭ ماركىلىق، بۇ نىمكەش تېلېفون ئىدى. ئۇزاق ئىشلىتەلمىدىم ) ھەم چىداملىق (قارا نوكىيانى بالام كىچىك ۋاقتىدا تامغا ئۇرۇپ، كاڭدىن پەسكە ئېتىپ ئوينايتتى) ئىدى. گەرچە بۇ تېلېفوننىڭ ھېچقانچە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، چىدامچانلىقى، سىگنالىنىڭ ياخشىلىقى، مەشغۇلاتىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار، ماۋۇ تېما ئادەمگە نەپ بېرىدىغان تېما ئىكەن. مەن بۇرۇن ئەنجۈر، ئاي ئو ئېس، ئەپ دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان ئىكەنمەن. ئەقلىيفوننى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا، ئۇ توغرۇلۇقمۇ چۈشەنچەم يوق ئىدى. بۇ تېما ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
مېنى ئەقلىيفون ئېلىشقا بەكلا قىزىقتۇرىۋەتتىڭلار. بىلىدىغانلار ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار، بىرنى ئالاي. ماڭا كېرىكى:
1. توكى ئۇزاق يېتىدىغان. ئەڭ ئاز دېگەندە بەش كۈن.
2. باھاسى 1000 يۈەندىن ئاشمىسۇن. (مېنى بەك پىخسىق كۆرىۋالماڭلار، مېنىڭ تېشىمدا ھېيت ئويناپ، ئىچىمدە روزا تۇتقۇم يوق، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇناي)
3. بۇ ئەڭ مۇھىم. مەن ئوقۇتقۇچى، شۇڭا ۋورد، ئېكسسېل، پى پى تى دىن ئايرىلالمايمەن، ئۇيغۇرچىدىنمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا مۇشۇلارنى قوللايدىغان، يانفونغا قاچىلاپ خۇددى كومپيۇتېردەك جەدۋەل ۋە دوكۇمېنتلارنى كۆرەلەيدىغان، ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇشۇم كېرەك. ئەقلىيفون بولغاندېكىن بۇنى قىلالايدىغانلىرى باردۇ.

يول كۆرسىتىشىڭلارغا مۇھتاج ئۇيغۇران.

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەركى ئايدىن باشلاپ ئاندىرويىد نىڭ بىلفۇنلىرىنى ئىشلىتىپ كىتەرمىزمكىن...

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 19:11
تورداشلار، ماۋۇ تېما ئادەمگە نەپ بېرىدىغان تېما ئىكەن. ...

ئەقلىيفون لارنىڭ ئىشلەتكەن سېستىمىسى ئوخشاش ئەمەس . نوكىيانىڭ سىمبىيان سېستىمىسى ئاللىقاچان زاماننىڭ كەينىدە قالدى . ئايفوننىڭ IOS سېستىمىسى بېخەتەرلىكى كۈچلۈك ، لىكىن بۇ تېلفوننىڭ باھاسى بەكلا قىممەت . 1000 سوم ئەتىراپىدا ئەقلىفون ئالماقچى بولسىڭىز يەنىلا ئاندرىئود سېستىمىلىق تېلفون ئېلىڭ (تېمىدا دىيىلىۋاتقان ئەنجۈر) ئەنجۈرنىڭ 2.3 نۇسخىسى خېلى تۇراقلىق ، پىشىپ يېتىلگەن سېستىما بولۇپ قالدى . ۋورد قاتارلىق ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئىكرانى چوڭراق تېلفوننى تاللاڭ . ئەنجۈرنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى بەك كۆپ ، مەن 580 سومغا ئۈرۈمچىدىن 5 دىيوملۇق تاختا كومپىيوتىر ( ئەمەلىيەتتە ئەنجۈر سېستىمىسى قاچىلانغان Mp4 ) سېتىۋالغان ، تاغ - دالادا يول ياسىغاچ بىكار ۋاقىتلاردا ئىچىگە قاچىلىۋالغان كىنو ، ئېلكىتابلارنى كۆرىمەن . كومپىيوتىردا قويغىلى بولىدىغانلىكى ، ھەر ھۆججەت شەكلىدىكى كىنولارنى كۆرگىلى بولىدۇ . سېستىمىغا ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن كىتاب ئوقۇش يۇمشاق دىتالى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتابنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇيغۇرچە PDF كىتابلارنى قاچىلۋالغان ، شۇلارنى كۆرىمەن بەزىدە . ئەنجۈر سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بەك رازى بولدۇم . بىر كەمچىلىكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئويۇن دىتاللىرى ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق خاراكتىردىكى يۇمشاق دىتاللار بىر قەدەر ئاز . ۋورد قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئاچالايدىغان ، تەھرىرلىيەلەيدىغان دىتاللارنى ھەقىسىز چۈشۈرگىلى بولمايدۇ .

باھا سۆز

khan  رەھمەت ئارسلان ئەپەندى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:28:35

UID
36133
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەقىقەتەن كەسكىن بەس-مۇنازىرە بوپ كېتىىپتۇ! مۇنازىرىچىلەر ئەلۋەتتە ئۆز ئىستىمال سەۋيىسىنى ۋە ئۆزىگە تەڭداش ئىستىمالچىلار توپىنى ئاساس قىلىپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. تېخنىكا، تەلەپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەممىنىڭ ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار ئىكەن. مەنمۇ ئەقلىفۇن توغرىسىدا كۆپ بىر نەرسە بىلمىسەممۇ، شۇ توغرىسىدىكى ئىستىمالچىلار ئېھتىياجىغا مۇناسىپ ئۇچۇر بار. ئۆز ئىستىمالىغا باپ قارىغانلار ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى تەمىنلەيمەن.
ھەقىقىي سۈپەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانغۇن سېتىۋېلىشنى خالىسىڭىز، بىزدىكى قارا بۆلجۈرگەن ( blackberry ) ۋە ئالما يانفۇنلىرىنى چۈشىنىپ بېقىڭ. ئالما يانغۇنلىرىنى بەك چۈشەندۈرمىسەكمۇ ھەممىڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، لېكىن blackberry يانفۇنىنى بىلىدىغانلار بەك كۆپ بولمىسا كىرەك. Blackberry خەنزۇچە 黑莓 نامىدا ئاتىلىدۇ. Blackberry دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، RIM ئۆزىنىڭ C++ ۋە Java تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خاس سېستىمىسىنى قوللىنىدۇ. Blackberry مەھسۇلاتلىرى، سۈپەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىمۇ باشقا ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلاردىن پەرىق قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ مەھسۇلاتنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭرى. چوڭ دۆلەتلەردىن ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر Blackberry نىڭ ئاساسلىق ئىستىمالچىلىرى ھىساپلىنىدۇ. Blackberry تېلفۇنىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىدىن تېلفۇن ئېكرانىغا ئاپتۇماتىك نۇر تەڭشەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچى كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدىمۇ تېلفۇن ئېكىرانىدىكى نومۇرلارنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ. ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى تۆۋەن، بىخەتەرلىك جەھەتتە بولسا ھەقىقى ھەربىي مەخپىيەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن تېلفۇن. مەسلەن: BlackBerry Messenger ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يوللىغان ئۇچۇرلارنى باشقا ھەرقانداق مۇناسىۋەتسىز ئورۇنلار نازارەت قىلالمايدۇ. Blackberry غا قوللىنىلغان سېستىما سىرىتقا ئاشكارلانمىغان بولۇپ، تېلفۇننىڭ مىكروپلىنىش ئەھۋالى ئاساسەن يوق دىيەرلىك. بۇ تېلفۇننى بەك چۈشەندۈرۈپ بەك تەپسىلى سۆزلەپ كەتسەك خۇددى بۇ تېلفۇننى سېتىش ئۈچۈن ماختىغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭلار چۈشىنىپ بېقىڭلا، ئەگەر لازىم قىلغۇچىلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. بىز سىلەرگە مال تەمىنلەپ بىرەلەيدىغان باھا دۆلىتىمىز بازىردىكى ئەڭ مۇۋاپىق باھا ھىساپلىنىدۇ. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كىرىپ چۈشىنىپ باقساڭلار بولىدۇ. بېكەت ئادىرسى: http://www.yolbash.com/elan/blackberry   http://www.uqur.net/?do=detail&id=283

UID
5242
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇن كەلسە تېفۇن ئۇرغىلى بولسا بولدى

UID
7103
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
714
تىزىملاتقان
2010-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 00:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنجۈر تىلىفۇن قايسى ئەمدى؟ چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار، مەنمۇ تىلىفۇنغا بەك قىزىقاتتىم، سونى ئىرىكسون ئىشلىتىمەن... تىلىفۇن مەستانىلىرى كۆپكەن   جۇمۇ  ۋاھ..

UID
36733
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۈن توربەت ئارلاۋىتىپ مانى كۆرۇپ قالدىم. بىزنىڭ بۇنداق تىلفۇننى تەتقىق قىلىدىغان بالىلارنى بىلمەي قالدىمۇ بۇ توربەت.ياكى مۇشۇنداق ئىلغار تىلفۇن بارمۇ مەنمۇ بىلمەي قالدىم. ئاندرىئود سېستىمىلىق ئالما تىلفۇن.

UID
36733
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم چىقمۇدىمۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش