ئىگىسى: ketmenbay

ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
36256
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالىھقۇشى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 12:37
ئاخىرقى كۇبلىتى توغرىلاپ قۇياي،

كۇلالچى بازاردا كۆر ...

مانا،مەن دىمەكچى بولغان گەپ چالىھقۇشى تۇغرىلىغان كوپلېتتا.كوزا بولغان ئىنسان ئۆز نۆۋىتىدە كوزىچى(كۇلالچى)بۇلالايدۇ.شۇڭا بۇ تۈردىكى رۇبائىلاردا(تېما مۇشۇ مەسلىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بولغاچقا، ‹‹ئۇمەر ھەييام رۇبائىلىرىدا›› دەپ ئالغۇم كەلمىدى)نۇقۇل ھالدا ‹كوزىنى ئنسان،كوزىچىنى ئىلاھ›دەپ چۇشىنىش تەپەككۇرىمىزنى خاتالىققا باشلايدۇ.

UID
36764
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:25:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىز ئۆلۈپ كېتىمىز قېرىنداشلار، ئىسيانكارلىقنى ئازراق تەرغىپ قىلايلى، ئىسلامغا، ئاللاھقا قارشى مۇقام توۋلايدىغانلارنى مەدھىيلەپ ھالىڭلار قالمايدىكەن. ھازىر يەر تەۋرىدى ئۈرۈمچىدە ، بەلكىم ئىختىيارسىز ئاغزىڭلاردىن ئىمان كەلىمىسى چىقتى بولغاي، قارىسام سىلەرگە ئالىم مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ماقالىسىدىن كۆرە توردىنىڭ مەنتىقىسىز، پاخپاق ماقالىسىنىڭ تەسىرى بەكرەك چوڭ بوپتۇ. ئۆزۈڭلەرنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىسىلەرۇ، مۇسۇلمانلىق دەپسەندە قىلىنسا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ئازغۇنلارغا بولۇشۇپ ئۇنىڭ شەنىنى بولغايدىكەنسىلەر. ئالدىنقى ئەجدادلار ئەۋلادلارنى تولىمۇ خاتا يولغا باشلىدى. ئۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىسگە قارشى كىشىلەرنى ئىسيانكار دەپ ئاشۇرۇپ ماختىدى . ئۇلار بۇ ئارقىلىق دۇنيا نىمىتىگە ئېرىشتى . ئەمما ئۇلار ئۆلدى . بەلىكىم ئازغانلىقى ۋە باشقىلارنى ئازدۇرغانلىقىنىڭ جاۋابىنى كۆرىۋاتقاندۇ . ئاسان ھاياجانلانماڭلار. ئېتقادىڭلارغا مۇخالىپ ئىدىيەلەرنىي ئىنكار قىلىڭلار، ھەقىقىي ئىسيانكارلىق ئىسلامنى قارىلاشتا ئەمەس ، ئۇنىڭ شەنىنى ئۈستۈن قىلشتا ئىپاىدلىنىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆمەر ھەييام نامىدىكى رۇبائىيلارنى ئۇنىڭ يازمىغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەپ تۇرسىمۇ ، بىزنىڭ ئازغۇنلار يەنە ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ ، ئاتالمىش ئۆمەر ھەييامغا مەدھىيە-سانالار ئېيتىۋاتىدۇ. ھەقنى تېپىڭلارقېرىنداشلار، ئاللاھ ھەممىمزنى ھېدايەت قىلسۇن، ئامىن!

UID
28934
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
idiqut74 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 13:03
مانا،مەن دىمەكچى بولغان گەپ چالىھقۇشى تۇغرىلىغان كوپ ...

مېنىڭ چۈشەنگىنىم:  كۇلالچى تېپىپ دەسسەۋاتقان لاي  ئەسلى ئەجدادلارنىڭ ،بۇرۇنقىلارنىڭ تېنى ئىدى.(ئادىل تۇنىيازنىڭ ،زوردۇن سابىرنىڭ بىر-ئىككى ئەسىرىدە ئوخشاپ كېتىدىغان تەسۋىرلەر بار .  )  شۇڭا كۆرەڭلەپ كەتمە،سەنمۇ بىر كۈنى شۇنداق كۈكۈ نەۋرىلىرىڭنىڭ قولىدا لاي بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن . بىراقلا كوزىچىنى ئىلاھ دەپ ئېلىپ قويساق  بولماس.

UID
37384
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆمەر ھەييام» توغرىسىدىكى بەزى بىرقىسىم ماتىرياللارنى كۆرگەن ئىدىم . ئاپتورنىڭ كۆز قارىشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلىرى ئوخشاش ئەمەسكەن. مىنىڭچە ئەگەر ئۆمەرھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى « مەي » دىگەن
بۇ سۆز بىلەن بەزى ئىلغار ئىدىيسى  (   مەسلەن:
                           بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا،
                           بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا.
                           ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تۇلۇق،
                           قۇراتتىم بىر پەلەك ، بىر يېڭى دۇنيا.                                
   ئىسلام شەرئىتىگە خىلاپ بولمىغان بولسا  ئىدى  ئۇ چاغدا ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆمەر ھەييامدىن
ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زاتنى  تالىشىپ كەتكەن بولار ئىدى.

UID
39340
يازما
83
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
83
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 22:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ

مەن ئۆمەر ھەييامنىڭ ‹‹ پەلەككە تەڭرىدەك بولسام ھۆكۈمران ...............››دىگەن رۇبائىسىنىلا بىلىدىكەنمەن........ئەگەر ئۆمەر ھەييام  راسلا  ھەقىقى  مۇسۇلمان بولسا ئۇنداقتا بۇنداق رۇبائىنى يېزىشى  مۇمكىن ئەمەس   ئاللانى سۆيىدىغان   ئاللاغا سادىق ئادەم بۇنداق شېئىرنى يازمايدۇ   نېمىشقا  بەزى  ئىپلاسلار  خەققە  تۆھمەت قىلىشقا ئامراقتۇ   ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  ھېساپ كۈنىدىن قوقمامدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟  ئاللا  بىزنى ھىدايەت قىلغاي..................

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 00:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قانداق گەپ،نېمىشقا مەينى تەرغىپ قىلىدۇ؟ مەينى تەرغىپ قىلسا قانداقسىگە ئىلغارلىق بولۇپ قالىدۇ؟ تەرغىپ قىلغۇدەك تۈزۈك نەرسە يوقمىكەن؟ راسىتمىدۇ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش