ئىگىسى: ketmenbay

ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
318
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1339
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
186 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ ماقالىنىڭ ئىلمى قىممىتى ، ئالغا سۇرمەكچى بولغان ئىدىيىسى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ياكى ماقالىدىكى بايانلارغا قۇشۇلمىسا ئىلمى رەدىيە بەرگەن ئىنكاسلار بىزگە خېلى كۆپ پايدىلىق ئۇچۇر بېرىدىغاندەك. قېنى بۇ ھەقتە چۇشەنچىسى چوڭقۇر تۇرداشلار قىممەتلىك ، ئىلمى ئىنكاسلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
        يازما ئىگىسىگمۇ تەشەككۇر!

UID
5521
يازما
80
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2270
تىزىملاتقان
2010-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ شېئىرنى تىخىمۇ بۇزۇپسىلەر . ئەسلىمىغۇ بۇزۇدىغان شېئىرتى ئۇ .

UID
30393
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
85 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
meyip-kiz يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 17:45
مەي ئىچكىن ئاقىل ۋە دانا بىلەن ئىچ ،
ياكى بىر گۈزەل يۈل ...

مەي ئىچىسەڭ بىر گۈزەل رەنا بىلەن ئىچ،
ۋەياكى قەلبى نۇر دانا بىلەن ئىچ.
كۆپ ئىچىمە، ئىچ ئۇنى گاھى- گاھىدا،
مەخپى ئىچ، چىرايلىق، ھايا بىلەن ئىچ.


                                             - ئۆمەر ھەييام


UID
2274
يازما
33
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
1184
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ بايقىلىش جەريانى
       
شېرىن قۇربان

10-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان 500 يىل ئىچىدە پارس - تاجىك پوئېزىسى مۇنبىرىدە مىڭ شائىر ئۆتۈپ، بىر شېئىرىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر بۇ شېئىرىيەت سىستېمىسىنى بىر چوڭ قەسىرگە ئوخشاتساق، تۆۋەندىكى بەش كاتتا شائىر مەزكۇر قەسىرنى تىك تۇتۇپ تۇرغان بەش چوڭ تۈۋرۈك بولۇپ قالىدۇ. دەۋر-زامان تەرىتىۋىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى (940-1025)، ئۆمەر ھەييام (1040-1123)، نىزامى گەنجىۋى (1141-1209) شەيخ سەئىدى (1203-1292) ۋە ھاپىز شىرازى (1323- 1388) لاردۇر.
تالانتلىق، قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئۆمەر ھەييام پەيلاسوپ، ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم نامى بىلەن ئاللىقاچان تونۇلغان بولسىمۇ، لېكن ئۇنىڭ شائىر ۋە رۇبائىيچى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن. بۇ خىل قاتماللىقنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ تاشلىغان كىشى ئەنگلىيىلىك ئالىم، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلار تەرجىمىشۇناسى ۋە تەتقىقاتچىسى ئىدۋارد فستجىرالد (1809-1883) دۇر.
ئۆمەر ھەييام ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 700 يىل كېيىن، يەنى 1857-يىلى ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، تەرجىمان ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى توپلىمىغا ئۆز نامىنى يازمىغان. 1860-يىلى ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ئەدىبلەردىن روستېتى بىلەن سۋېن بورنى تەرجىمان نامى بولمىغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ نەشر قىلغان. مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇئىيلىرى كاتتا بازارغا ئېرىشكەن، ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىمۇ ئالەمگە تارىلىپ رەسمىي ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1860-يىلىدىن 1925-يىلىغىچە جەمئىي 65 يىل ئىچىدە ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە نۇسخىسىلا 139 قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىنىگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. ئېلىمىز جۇڭگودا 1958-يىلى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيشۇناسى ئىدۋارد فستجىرالد ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان گو مۇرۇ ئەپەندىمۇ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ 4-قېتىملىق نەشرىگە ئاساسەن، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم ئۇنىڭغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇزۇن مۇقەددىمە يېزىپ ئېلان قىلغان، 1983-يىلى 6-ئايدا ئىدۋارد فستجىرالىد ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى تەرجىمان خۇاڭ گوشى ئەپەندىنىڭ ئىنىگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى»نى نەشر قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1929-يىل فستجىرالد تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك (يېڭى شەھەر مەنىسىدە) شەھىرىدە 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. دۇنيا كىتابچىلىق تارىخىدا ھەتتا كالام دەستۇرلار باھاسىنىڭمۇ 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققانلىق توغرۇلۇق ئۇچۇر-مەلۇمات ياكى يازما خاتىرە يوق. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالىمى مەكتابى مىنۇنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1929-يىلىغا قەدەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشقان. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى سەئىد نەفىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە تەرجىمىسىدىن 32 خىل، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 16 خىل، گېرمانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 12 خىل، ئوردۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 11 خىل، ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن سەككىز خىل، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن بەش خىل، رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، تۈرۈكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، دانىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل، شۋېتسىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ستاتىستىكا ماتېرىيالى بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ناھايىتى كەمتۈك، ئالايلۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى (ئىككى خىل)، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى (مەرھۇم شائىر نۇر مۇھەممەت ئېركىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى) ۋە ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى يوق ۋە باشقىلار.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارىلىپ كەتكەنلىكى، تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ھەر بىر نۇسخىدا رۇبائىيلارنىڭ سانىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى مەسىلىسى بىر قىزىق تالاش - تارتىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇبارەك نامى ئاستىدىكى رۇبائىيلار سانى كۆپ بولغاندا 5000، ئاز بولغاندا 14 ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ سانلار تازا توغرا ئەمەس. ئۇنىڭغا خىلمۇ خىل ئامىللار، ھېسسىياتلار ۋە ساختىلىقلار ئارىلىشىپ كەتكەن سەلجۇق تۈرك سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىنىڭ 1031-1157-يىللىرى) دە ياشىغان شائىر با ھارىز تۈزگەن «دىلغا ھۇزۇر» توپلىمىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ 559 رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ 1463-يىللىرى تۈزۈلگەن رۇبائىي توپلىمى بولۇپ، ئەڭ قەدىمكى نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىدىن باشقا، قەدىمكى نۇسخىلاردىمۇ رۇبائىيلار سانى 300 -400 دىن نېرى ئۆتمەيدۇ. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىمۇ 258 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان نۇسخا ھېسابلىنىپ، 1460-يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىن تېپىلغانىكەن. روسىيىنىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئالىمى ۋ. ژۇكوۋىسكىي 1897-يىلى «ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ كۆچمە رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن دەپ 100 دەك رۇبائىينى ھەييام رۇبائىيلىرى ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ ھازىرقى زامان پوروزا ئۇستىسى سادىق ھىدايەت (1903-1951) ئوبزور ئېلان قىلىپ، ژۇكوۋىسكىي چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلدى، بۇ ھەييامنىڭ 80 دەك رۇبائىيسىنى ئوغرىلاپ، باشقىلارنىڭ دەپتىرىگە يازدى، دەپ كۆرسەتتى. 1925-يىلى گېرمان ئالىمى رۇگىن بېرلىندا «پەيلاسوپ ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» دېگەن تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى 329 دەپ كۆرسەتكەن 1927-يىلى دانىيە ئالىمي كېرسىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسى، بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيى، پارىژ دۆلەت كۇتۇبخانىسى، بېرلىن كۇتۇبخانىسى، ھىندىستان كالكۇتتا كۇتۇپخانىسىدىكى قەدىمىي 16 قول يازما نۇسخىسىنى بىر تەكشىلىكتە قويۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانىنى 121 گە چىقارغان. بۇ خىل ئىلغاش تاسقاشقا ئىران ئالىملىرى قەتئىي قارشى تۇرغان. چۈنكى بۇنىڭدا ئىراندىكى قەدىمكى نۇسخىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئىران - ھەييامنىڭ ئانا يۇرتى. ھەييامنىڭ بارلىق رۇبائىيلىرى قەدىمكى پارستا بارلىققا كەلگەن. ئىراننى قايرىپ قويۇپ، ھەييام رۇبائىيلىرى ئۈستىدە گەپ قىلىش، ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىك! 1964-تاجىكىستان دۈشەنبە ئىرفان نەشرىياتى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى «سەد رۇبائىي» (100 رۇبائىي دېگەن مەنىدە) نامى بىلەن بىر بەتتە نەقىش ئىچىدە بىرلا رۇبائىي بولۇش شەكلى بىلەن ئالاھىدە چىرايلىق نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇلارنىڭ شەرھىيلىشىچە، بۇ سەد (100) رۇبائىي ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەڭ سەرخىل رۇبائىيلىرى ئىكەن. ھازىر دۇنيادا، ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس، كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئارتور ئاربېررىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە قارىشى ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئىككى قەدىمكى قول يازمىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىرى 1208-يىلىدىكى قول يازما، يەنە بىرى 1257-1260-يىلىدىكى قول يازما، ئالدىنقىسىدا 252 رۇبائىي، كېيىكىسىدە 172 رۇبائىي، جەمئىي 524 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئىككى خىل قول يازما ھازىر كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلانغانىكەن. ئارتور ئاربېررى بۇ ئىككى قول يازمىنى ئىران ۋە لوندوندىن تېپىپ ئېلان قىلغانىكەن. ھازىرچە بۇنىڭغا بۆلەكچە پىكىر يوق ئىكەن.
★★★★★
http://www.tajikam.cn/bbs/read.php?tid-252-fpage-10.html
★★★★★

UID
20408
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 19:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆمەر ھەييامنى شائىر ۋە ماتىماتىكا ئالىمى دەپلا بىلىدىكەنمەن ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا قارايلى

UID
5521
يازما
80
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2270
تىزىملاتقان
2010-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 20:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئىشلارنى خىرىستىيانلارنىڭ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆزىگە قول تەڭلەيدىغانغا باھانە تېپىش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان دىگەن ھۈكۈمدە قالىمەن . ئۈزۈڭنىڭ ئالىم دەپ ئىتىراپ قىلغان ئادىمى شۇنداق يازغان نمە دەيسەن دەيدىغانغا . لىكىن ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرى بۇ خىل ئىزىقتۇرۇشىغا بەكرەك ئۇچۇرغان . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بىشىدا بۇ خىل ھىسياتنىڭ ئىپادىلىشنى بىر قەدەر ۇشەن بۇلۇپ مۇقەددەس سىمۇۋۇللارغا چاڭ سىلىش . خۇدا . جەننەت . مەككە ھەققىدە ئادەمنىڭ ئىچىىنى سىقىدىغان بەزى جۈملىلەر مەيدانغا كەلگەن . مەسىلەن : بەزى ناخشىلاردا  ھاراق ئىچكەنلەر . تاماكا چەككەنلەر دوزاخقا كىرسە جەننەت بىكار قالمامدۇ بۇنى ئويلاڭلار دىگەندەك بىر قېسىم ناخشىلار بار ئىدى . سەنسىز ماڭا جەننەت نە كىرەك دىگەندەك سۆز جۈملىلەر ئاۋۈپ قالغان . بىراق ھازىرغا كەلگەندە ئازغانلار ئەقلىنى تىپىپ . يولدىن چىققانلار توۋە قىلىپ ئىشلار ئوڭشىلىپ قالغاندەك بىلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار ئەقىللىق مىللەت . ئەگەر ئەقىللىق بولمىغان بولسا مۇسۇلمانلىق يولىنى تاللاپ ئىسلامنى قۇبۇل قىلمىغان بۇلاتتى . قۇبۇل قىلغاندىن كىينمۇ قاتمىغان ئەقىل، پىشمىغان پىكىر ئىچىدە گاڭگىراپ  ئەنە شۇنداق سەپسەتىلەرگە بىلىپ بىلمەي ئارلىشىپ قالغانلار مانا ئەمدىلىكتە تۈزىلىپ قالغانلىغى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ .     

UID
13496
يازما
40
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 20:53:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تور ئەدەبىياتىنىڭ قالايمىقان بىلجىر لاشلىرىدىن راستىنلا تويۇپ كەتتىم، ھەقىقى ئالىملار كۆپىنچە ئۆززامانىسىدىن ھالقىغان ئاساستا پىكىر قىلىدۇ؟شۇنچە ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز مۇئەييەنلەشتۈرگەن بەزى نەتىجلەرنى
قوڭىنىڭ شالتىقىنى ئىيتالماتدىغامن بىر توپ ساراڭلار ئاغدۇرىۋىتەلمەيدۇ.

UID
35339
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 22:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شېرىن قۇربان ئاكمىزنىڭ يازمسىغا ھۇرمەت قىلىمەن ،چۇنكى پاكىت ،تەتقىقات نەتجلىرى تارىخى يازملار،  پەرەز ۋە بەزى بىرخىل...ھىسياتلاردىن ئۈسـتۈن تۇرۇدۇ.

UID
30558
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 23:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييامنىڭ ئىزىدىن ماڭىمەن دەيسەن ،
ئەجەپكى قاۋاقتىن ئۇنى ئىزدەيسەن .
ھەييامغۇ ئۆمرىدە ھاراق ئىشمىگەن،
بىلمىدىم سەن قايسى ھەييامنى دەيسەن .     ‹‹ئەھەدى››

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشق بولساڭ بولغىن شەيدايۇ مەستان،
دىۋانە،بىنەۋا،رەسۋايۇ جاھان.
ھۇشيار بولساڭ تەشۋىش بولۇر ھەننىۋا نەرسە،
مەست بولغاچ ئوشۇققا كەلمەيدۇ توپان.

كىشىنى رەنجىتمە، رەنجىتمە ھەيھات،
قەھرىڭنى بىراۋغا چاچمىغىن ،ئەر زات.
ھېچكىمنى رەنجىتمە، ئۆزۈڭ رەنجىگىن،
گەر دېسەڭ راھەتنى ئۆزۈڭ غەمگە پات.

مەن ئۆلسەم مەي بىلەن يۇيۇشنى كۆزلەڭ،
يوقلاشتا جام بىلەن شاراپتىن سۆزلەڭ.
قىيامەت كۈنىدە تاپماق بولسىڭىز،
مەيخانا تۇپرىقى تۈۋىدىن ئىزلەڭ.

مەستكە تەنە قىلما،ئىچمىسەڭ ساغەر،
غەيۋەت -شىكايەت قىلما ،بولما مۇغەمبەر.
غادايما ھېچقاچان مەي ئىچمەيمەن دەپ،
سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ مەيدىنمۇ بەتتەر.

دۇنيادا ئۇلۇغ سۆز-قۇرئان ئوقۇلۇر.
ئۇمۇ ئۇدا ئەمەس،گاھ ئان ئوقۇلۇر.
پىيالە قىرىدا بىر ئايەت باركى ،
ھەر جايدا ،ھەمىشە،ھامان ئوقۇلۇر.

تۇر گۈزەل، ئېچىلسۇن دىلىمىز بەھرى،
يۈزۈڭدىن ھەل بولغاي مۈشكۈلات قەھرى.
توپىمىز كوزىغا ئايلانماي تۇرۇپ،
بىر كوزا ئىچەيلى ،كەتسۇن دىل زەھرى
يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،
ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...
يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،
كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى.
*
قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،
بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .
دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،
بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى .
*
ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،
بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .
ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .
تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى .
*
بۇ ئۆرتەڭ ، ' ئالەم' دەپ ئاتالمىش ئېتى ،
كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،
نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،
قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟
*
چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :
ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !
*
ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،
بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...
كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،
يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~
*
كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل !
*
كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !
ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،
قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟!
*
بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،
قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...
'پەلەك 'نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل .....
*
بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،
چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا .
*
كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،
ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~!
*
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،
ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،
كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش .
*
خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،
بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .
قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم.

ئۆمەر ھەييام روبائىيلېرىدىكى ئېسيانكار روھ ھەققىدە

تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ



ئۇلۇغ ماتىماتىك،مۇتەپپەككۇر زەبەردەس ئوغلان شائىر ئۆمەر ھەييام (1040 -1121)نىشاپۇردا تۇغۇلغان.ئۇ شۇ يەرلەردىكى مەدرېسلەردە ئوقۇپ 11-ئەسىردىكى ئەڭ يېتۈك ئالىملارنىڭ بىرى بولوپ قالغان.ئۇ سالجۇقلار سۇلالىسىدىن مالىكشاھ ھۆكمىرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە باشقا ئاستىرونوملار بىلەن بىرلىكتە كالىندارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ پەلسەپە مەسىلىسىدىمۇ تۈرلۈك ئالىملار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئەمما ئۇ ئەدەبىيات جۈملىدىن روبائيچىلىقتا ئالاھىدە يۇقرى ئورونغا ئېگەئىسيانكار شائىردۇر. ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئەمما ئۇ يازغان رۇبائىيلار مەيلى ئەدەبىيات نوقتىنەزەردىن بولسۇن مەيلى پەلسەپىۋى نوقتىدىن بولسۇن ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەدەبى ماھارىتى،كۆپ تەرەپلىمە بىلىمى بىلەن ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ھىچقانداق بىر گوروھ،مەزھەپ ھاكىمىيەتنىڭ دۇمبىقىنى چالمىغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى پىكىرىدە يۈكسەك ھۆرلۆككە ئېگە بولىشى،ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا ھىچنېمىدىن قورۇقمايدىغان،شائىرانە جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدۇر.ئۇنىڭ بۇ خىل روھى ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان. شۇنداقلا ئاشۇ جاسارەت بىلەن ھېچ كىشى قارشى تۇرۇپ بولالمىغان خۇراپى ئېتقادقا ۋە مەۋھۇم ساماۋى كۈچكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان:

دېيىشەر:ياخشىدۇر ھۆر بىلەن جەننەت،
مەن دېدىم:ياخشىدۇرمەي بىلەن ئۈلپەت.
ياخشىدۇرنىسىدىن ھەر قاچاندا نەخ،
ياخشىدۇر سەز ئۇنى يىراقتىن پەقەت.


            ھەييامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمى بۇيەردە ئېيتىلغاندەك ئوچۇق ھالدىكى مەي بىلەن ئۈلپەت بولماستىن ئۆزىگە يېقىن دوست بولالايدىغان شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھوزۇر ئاتا قىلالايدىغان مەيدەك ئۈلپەت دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ھەم ئۆزىنىڭ شۇزامان ماكان ئىچىدىكى قاراشلىرىنى ھېچنىمېنىڭ قارشىلىقىغا،بارچە تەھدىت ۋە سۇيقەسىتلەرنىڭ تەھدىتىگە قارىمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمى،ئەڭ قورقماس يۈرىكى بىلەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلايدۇ.شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا زامان ۋە ماكاننىڭ ھاكىمىيەت ۋە شۇ دەۋردىن باشلاپ ھەممە ھەرىكەتنىڭ بېشىغا چىققان دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئوچۇق ئاشكارا شىكايەت قىلىدۇ.

بىر قولوم قۇرئاننى تۇتتى بىرى جام،
گاھىدا ھالالمەن گاھىدا ھارام.
كۆك گۈمبەز تېگىدە بىزلەر ياشىغان،
يا ئەمەس مۇسۇلمان يا كاپىر تامام.


           ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى مۇنداق بىر چوڭ ئېقىمغا قارشى پىكىرلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقى نامەلۇم.ئەمما شۇ تەرىپى ئايدىڭكى ئىراندەك بىر ھەممە ئىشلار دىنىي ئەھكاملار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان،مەزھەپ تالاش-تارتىشلار ئەۋج ئالغان بىر يەردە ئوتتۇرىغا قويىلىشى ھەقىقەتەن بىر نازۇك مەسىلە ئىدى.
           ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ ئەڭ نېگىزىمۇ مانا مۇشۇنداق پىكىردىكى ئىسيانكارلىق شۇنداقلا ئىشلىتىلگەن سۆزجۈملىلەرنىڭ سىموۋوللۇق مەنىسىگە ئېگە ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.


كوزىچى قېشىغا باردىم مەن يېتىپ،
تۇراتتى دۇكاننىڭ چاقىنى تېپىپ.
باش ياسار كوزىغا شاھنىڭ بېشىدىن،
گاداينىڭ پۇتىدىن ئاڭا قول ئېتىپ.


          يۇقىرىقى رۇبائىيدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى: ئۆمەرھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى پەلسەپىۋى پىكىر بىلەنلا ئۆز بالاغىتىنى ئىپادىلىگەن بولماستىن بەلكى ئىپادىلەش جەھەتتىكى يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئى بالاغەت بىلەنمۇ كۆزئالدىمىزدا،قەلبىمىزدە،تۇيغۇمىزدا ئۆزىنى نامايان قىلغان.بۇ روبائىيدىمۇ ھەييام ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئى قەلەم كۈچى بىلەن سىموۋۇللۇق ئىپادىلەش ئارقىلىق«كوزىچى»نى تەڭرىگە سىموۋۇل قىلغان ھەم شۇ قەدەر چوڭ يۈرەكلىك بىلەن تەڭرىدىنمۇ گۇمانلانغان ھالدا جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ تەتۈر قىلۋەتكىنى يەنىلا تەڭرى دەپ ئوچۇق ھەم كېسىپ ئېيىتقان.
يەنە بىر رۇبائىيدا:


بىر جامكى ئەيلىمىش ئىختىرا قىل،
قەدىرلەپ شۇجامغا يۈزنى سۆيدى بىل....
پەلەك نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ،ئۇرىدۇ سىجىل....


         شائىرنىڭ بۇ رۇبائىيدىكى«جام ئوبرازى-ئىنسان»،«كوزىچى ئوبرازى ۋە پەلەك ئاتالغۇسى»ئىلاھى كۈچكە سىموۋل قلىنغان.يەنى شائىر بۇ رۇبائىيسىدا ئىلاھى كۈچنىڭ ئاتايىن ئاۋارە بولوپ ئادەم يارىتىپ،ئۇنى ئارزۇلاپ ئامانلىق ئىنسانلىق قىيامىغا يەتكۈزۈپ يەنە شۇ قەدەر رەھىمسىزلىك ۋە يۈزسىزلىك بىلەن يەنە«ئەدەم(يوق)» قىلىشىدىن ئىبارەت بىر مەنتىقىسىز رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىدۇ،پاش قىلىدۇ،پەلەككە ۋە پەلەكنىڭ شۇنداق غەلىتە قىلىقلىرىغا ئادالەتسىزلىكىگە نەپرەتلىنىدۇ شۇنداق يولسىز قىلىقلارنى قىلغۇچى پەلەكنى بۇزغۇسى ۋە ياخشىلار تولۇق مەخسەتكە يەتكۈدەك ئادىل دۇنيا قۇرغۇسى كېلىدۇ.مانا بۇ ئۇنىڭ روبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ بىرىنچىسى.

ئىككىنچى : ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئەمەلىيەتچىلىكتە باغلانغان ئىسيانكارلىق روھ

     ئۆمەر ھەييام ئۇ ئەمەلىيەت تەرغىباتچىسى ھەم جارچىسى.ئۇ ھازىرقى تىلىمىز بىلەن ئېيىتقىنىمىزدا ئۆزىنىڭ ماتىريالىستىك چۈشەنچىلىرى نەق مەيداندا ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم تېز تەپەككۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.ئۇنىڭ بۇقارىشىنى تۆۋەندىكى رۇبائىيدىن كۆرېۋېلىشقا بولىدۇ:

قىزىقسام روزاغا،نامازغا كۆپلەپ.
ئويلىدىم چوڭ مۇرات ھاسىل بولدى دەپ.
بىر يۇتۇم مەي بۇزدى شۇنچە روزېنى،
بىر يەلدىن تاھارەت سۇندى ۋاھ ئەجەپ


      مانا بۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۆلگەن مەسىلە.ئۆمەر ھەييام دېگەندەك،بىر يۇتۇم مەي بىلەن نۇرغۇن نەرسىنى بۇزىدىغانلىقى راست.ئەمما شۇ قەدەر يۈكسەك ۋە ھالال ئېتقات ئۈچۈن ئېلىنغان تاھارەتنىڭ بىر يەل بىلەنلا بىر تەرەپ بولوپ كېتىشىگە نېمە دېگۈلۈك دەپ ئۆزىنىڭ گۇمانى قارىشىنى ئوچۇق ئىپادە قىلىدۇ.ئەمەلىيەت بارلىق نەزىريىلەرنىڭ ئانىسى.ئۆمەر ھەييامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئەمەلىيەتمۇ بۇ نەزەرىيىنى ئەسلا چەتكە قاقمايدۇ.بۇ ئۆمەر ھەييامنى ھەقىقى بىر شەرق پەيلاسوپى دەپ ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر ئاساس.خۇددى كانادالىق پېروفېسور جون ئازتىس ئېيېتقاندەك«ئۆمەر ھەييام ھەقنى سۆزلىگەنلىكى،ھەق يولدىن يانماي ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمى يۈرۈكى بىلەن ياشىيالىغانلىقى ئۈچۇنلا پەيلاسوپتۇر.»جون ئازتىسنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل ئارتۇقچىلىقنى بايقايمىز.
1. بىرىنچى:ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆزى ياراتقان پەلسەپىسى ئىچىدىكى ئەمەلىيەت.بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ماتىريالىستىك نوقتىنەزەرلەرگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئەمەلىيەت چۈشەنچىلىرى بىلەن يوغورۇلغان . بۇ خىل رۇبائىيلىرى ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى رۇبائىيلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق شائىر شۇ زاماننىڭ رەپتارىنى ئېنىق،ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىش مەخسىتىگە يەتكەن،مىسال:

بۇ زامان ئەقىلدىن يوقتۇر مەنپەئەت،
ياخشى كۈن كۆرەلمەس ئەقىللىق پەقەت.
ئەقلىمىنى يوقاتقۇچ نەرسىنى كەلتۈر،
زامانەم باقمىغاي،قىلمىغاي دېققەت.

مانا بۇ ھەييام كۆرگەن شۇ زاماندا قەدەمدە بىر يولوقوپ تۇرىدىغان ئەمەلىيەت.ئازتىس مۇشۇ تارخ بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى چىڭ تۇتقان ھالدا يۇقارقى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئىككىنچى:ئەمەلى رېئاللىق ياراتقان پەلسەپىلەر ئىچىدىكى ئىسيانكار ھەييام ئوبرازى .
بۇ نوقتا ئۆمەر ھەييامنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە تەرەپتۇر .
بىز مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسيانكار روھمۇ مۇشۇنداق مىسرالاردىمۇ ھەر قەدەمدە پۇراپ تۇرىدۇ.

بىر كېلەر ۋە كېتەر بۇ ئەجەپ دۇنيا،
يوق ئاڭا ئىپتىدا ياكى ئىنتىھا.
كەلدۇق بىز قايەردىنن نەگە كېتېمىز،
بۇ ھەقتە كىم بەردى قېنى جىڭ باھا!

          بۇ زاماننىڭ تاسقاقلىرىدا نەچچە قېتىم تاسقىلىپ سېستىمىلاشقان پەلسەپە شۇنداقلا ھەييامنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان مىسرالار ئىدى.ئۇ مانا مۇشۇنداق ئىسيانكار روھقا تايانغان مىسرالار بىلەن ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ئوبرازىنى يارىتىپ ئۆزىنىڭ پىرامىداسىنى تىكلىدى.
ئۈچىنچى: سوفىستىك ئىدىيە بىلەن يوغورۇلغان ئىسيانكارلىق روھ.
           ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر دىنى ئۆلېما شۇنداقلا قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلگەن سوفى.ئەنە شۇ سوفىستىك ئىدىيىنى ئۆزىنىڭ ئىسيانكار روھىنى ئاشكارىلاش ۋاستىسى قىلغان دەپ ئېيتساق خاتالاشمايمىز.

دۇنياغا كەلمەيتتىم مەندە بولسا ئەرك،
كەتمەيتتىم جاھاندىن يەتسە كۈچ دېمەك.
كەلمىسەم،بولمىسام،كەتمىسەم مەنچە،
شۇ«بولوش يوقىلىش»يېرىدە تىلەك.

         ئۆمەر ھەييامنىڭ بۇ خىل ئىسيانكارلىق قارىشى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياشىغان ئەرەپ سوفىسى بايەزد بەستامى،فارس سوفىسى مەنسۇر ھەللاجى قاتارلىق مەشھۇر سوفىلارنىڭ ئوزۇقلانغىنى ئىسيانكارلىق ئىدى.بۇخىل ئىسيانكارلىق ئەينى زامان سوفىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسان جەسىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئەلەم،قۇللۇق قەپېزىدۇر.ئۇنىڭغا جان بەخىتسىزلىكتىن قامالغاندۇر.تىرىك بولوشنىڭ ئۆزىمۇ جان ئۈچۈن بىر پالاكەتتۇ.جاننى شۇ قەپەزدىن يەنى تەبىئەتتىن،جەسەتتىن ئازاد قىلىش لازىمدۇر.دېگەن قاراش بىلەن يوغورولغان قاراش ئىدى.ئۇنىڭدىكى ئىسيانكارلىق مۇشۇ قاراشتىن ئوزۇقلىنىپ كۆكلىگەن ئىدى.شۇڭا ئۆمەر ھەييامنىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا«ئىنسان ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».
         ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى سوفىستىك ئىدىيە ئۇنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەنلىكىدە گەپ يوق.مەسىلەن:ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى«مەي »سۆزى ئەمەلىيەتتە «ھاراق، شاراپ»مەنىلىرىنى بىلدۈرمەيىتتى.ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەي سوفىسىزىمدىكى ئىشىق شۇنداقلا ۋەھدەت مەيى ئىدى.ئۇ شۇ مەي بىلەن مەست ئىدى.

مەي ئىچەي شۇنداقكى ئۆلگەندىن كېيىن،
مەي بۇيى كەلسۇن ئۇ كۆمگەن توپىدىن.
شۇ بۇيدىن قەبرەمگە چىققان چالا مەست،
پۈتۈنلەي مەست بولوپ كەتسۇن خۇدىدىن.

            دېمەك ئۆمەر ھەييام دىنى ئۆلېما بولوش سۈپىتى بىلەن بىرگە ئىسيانكار سوفى ئۇنىڭ سوفىتىك قاراشلىرىدا بىر خىل سوفىلىق تەرغىباتى چاقناپ تۇرىدۇ.ئۇ بەزى رىياكار سوفىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە قاراش ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئەھمىيەتكە ئېگە.
تۆيىنچى:ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپىگە تويونغان ئىسيانكارلىق.
           ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ داڭدار پەيلاسوپ ئۆز زامانىسىدا ئۆزىگە خاس پەلسەپە سېستىمىسى ياراتقان.ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ناھايتى ياخشى ئورنىنى تاپقان.
          ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولغان مىسرالىرى شۇ زامان شۇ ماكان دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلدى.بۇنىڭدىكى ئەنە شۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تاللانغان تىل ۋە ئىسيانكارلىقىنىڭ بولغانلىقىدا ئىدى.

ھېچ گۇناھ قىلمىغان ئادەم بارمۇ ئېيت،
دۇنيادا گۇناھسىز جان ياشارمۇ ئېيت.
مەن قىلسام يامانلىق سەن بەردىڭ جازا،
بۇنداقتا ئورنىدا پەرق بولارمۇ ئېيت.

          ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپە ئۆمەر ھەييامغا خاس پەلسەپە ئۇ ئۆز دەۋرىدە ھېچكىم ئېيتالمىغاننى يۈكسەك پەلسەپە ئىچىگە سىغدۇرۇپ ئىپادىلەپ بېرەلىگەن.يۇقارقى رۇبائىيسىدا ئىپادىلەنگەن كىشلىك دۇنيا ھەققىدە چۇڭقۇر بىر پەلسەپىنى ئىپادىلىگەن ھەم بۇنىڭدا ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يېغىرىغا تېگىدىغان گەپنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.مانا بۇ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى پەلسەپىگە تويونغان ئىسيانكارلىق.دېمەك ئۆمەر ھەييام بىر ئىسيانكار شائىر ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئۆمەر ھەييامغا خاس پەلسەپە،دىن ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى بىلەن تويونغان ئىسيانكارلىق روھ پۇراپ تۇرىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق غەرب ئالىملىرىنىڭ دېقېتىنى خېلى بۇرۇنلا تارتقان .ھازىرغىچە دۇنيادا 350تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم.ئەڭ دەسلەپتە 1867-يىلى فرانسۇزچە نەشىرى نىكۇلاس دېگەن ئەدىبنىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى پارژدانەشىر قىلىنغان ،دېمەك ئۆمەر ھەييام شەرق ئەدەبىياتىدا بولوپمۇ شەرق كېلاسسك ئەدەبىياتىدا ئورنىنى تولدوروش ۋە يېتېشۋېلىش تەس بولغان شائىر،پەيلاسوپ.ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ قىممىتى زامان ۋە ماكان دائىرىسىدىن ھالقىپ بۆگۆنكى دەۋردىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ قىممىتى بىلەن قولدىن قولغا ئېلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.

——تېما مەنبەسى: كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى

http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11957

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-14 01:20):
مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىككەن،شۇڭا يوللاپ قويدۇم.بۇ مېنىڭ مەيدانىم ئەمەس،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش