vqay يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 10:42 
بىر جامكى ئەيلىمىش ئىختىرا قىل،
قەدىرلەپ شۇجامغا يۈزن ...
ئۈچەي ئەپەندىم، بۇ رۇبائىينى مەن مۇنداقراق ئىزاھلىدىم، ئورتاقلاشساق:
ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتتى ۋە پۈتكۈل ئالەمنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاپ بەردى. بۇ ئارقىلىق ئىنسان ئەۋلادىنى ھەقىقەتەن مۇكەررەم قىلدى ۋە ئىنساننى ئىككى خىل ھاياتتا ياشايدىغان قىلدى.
بۇنىڭ بىرى بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش ئىنساندا تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مەجبۇرى ھايات، يەنە بىرى بولسا پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئەكسىچە بولغان ئىختىيارىي ھايات. ئىنسان دەل مۇشۇ ئىخىتىيارىي ھاياتقا ئىگە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەزىز قىلىندى. ئۇلارغا بىرىلگەن ئەقىل -ئىدراك تۈپەيلى ئاللاھ ئۇلاردىن ئىمان ئىيتىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئىمان ئەقىل-ئىدراكنىڭ مۈقەررەر نەتىجىسى ئىدى. ئەمدى ئويلاڭ! بۇ ئەقىلگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ ئىمان سۈپىتىگە ئىگە بولالمىغانلارنى نىمە دىگۇلۇك(چىقىلىپ كەتسىمۇ توغرا چۈشەنگۈلۈك).ئۇلارنىڭ شۇ ئەقىلسىز ۋە ماددى ئىھتىياجنى قامداشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھايۋاندىن نىمە پەرقى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىنساننىڭ ھەقىقى مۈكەررەم بولۇشىغا ئىماننى شەرت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ئەۋزەل بولىشىدا ئىماندىن باشقا ھىچقانداق بىر نەرسىنىڭ يوقلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى .ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئېيىتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. (ئىي كافىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار(ئاخىرەتتە)سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولىسىلەر››سۈرە فۇرقان 77-ئايەت.
ئاللاھ ئىمان سۈپىتىنى يوقاتقانلارنى ھايۋانلارغا ئوخشاتتى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى)ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە )پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر››سۈرە فۇرقان 44-ئايەت.
ئەڭ مۇھىمى ئاللاھ مۆئمىنلەرنى ئۆزىنىڭ قوشۇنى ھىساپلاپ ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخرەتتە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى ۋە ئۇلارغا مەڭگۈ كىپىل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ نىڭ ھامىيلىقىغا كىرگەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىنسان ئىماننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلماي قالمايدۇ. ئاللاھ تەلەپ قىلغان شەرتلەرنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن. كوزىچى تەلەپكە لايىقلىشالمىغان كوزىلارنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق.
ئاللاھ ئالىمدۇر.خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا نىڭ كەچۈرۈم ۋە مەغفىرىتىدىن ئۈمىتلىنىمەن.