تادۇكا ، « ئىقتىساد ۋە تۆت تادۇ» ، «ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ» قاتارلىق ئىككى ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم ، تادۇ ھەققىدە پەقەتلا چۈشەنچە يوق ئىدى ، بۇ مۇنبەردە دەسلەپتە كۆرگەن چاغدا تادۇ دىگەن نىمە گەپ بولغىيتى دەپ ئويلىنىپ قالغان ، كىيىن ئىنكاسلاردىن تۇپراق ، ھاۋا ، ئوت ۋە سۇنىڭ 4 تادۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، يۇقۇرقى ئىككى ماقالىنى ئوقۇپ ئاندىن ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك ئىكەنلىكىنى بىلدىم . تاماقلارنى ئىسسىق ، سوغۇق دەپ ئايرىيدىغاننى بىلەتتىم ، مەسىلەن تاۋۇز سوغۇق ، قوغۇن ئىسسىق دىگەندەك . بۇنى تىببىي ئىلىمگە خاس ئاتالغۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن . ئەسلىدە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان پەلسەپە ئۇقۇملىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەكىس ئېتىشى ئىكەن . مىسرانىمدىكى ئىنكاسلاردىن سەل نارازى بولدۇم ، بەزىلەر كۆكيال تېۋىپنىڭ نەزىرىيسى ئىكەن دەپ كەمسىتىپتۇ ( كۆكيال تېۋىپ دىگەن مۇشۇنداق بىر كىشى بارمۇ يوقمۇ بىلمىدىم ، تادۇ توغرىسىدا بىر نەرسە بىلمىگەچ ، ماڭا كەمسىتىشتەك تۇيغۇ بەردى .) بەزىلەر تادۇ دىگەن نىمە گەپ دەپ بېشىنى قاشلاپ تۇرغان قونچاقنى يوللاپتۇ ، ئىشقىلىپ ئومۇمىي كەيپىيات ياخشى ئەمەس ، ئەسلىدە ماقالىلىرىڭىزنى يىغىپ رەتلەپ ، ياخشى بىر تېما يېزىش كېرەك ئىكەن ، زامانىۋىراق ، ئاۋانگارتراق ئاتالغۇلار بىلەن ئازراق بېزەپ ، سۇۋاپ بىر تېما قىلىپ بازارغا سالساق ، بازىرى ياخشى بولۇپ قالاركەن ،

ھېچ بولمىغاندا ئوقۇرمەنلىرىمىزدە بىزنىڭ تۆت تادۇ دەپ مەدەنىي مىراسىمىز بار ئىكەن دەپ چۈشەنچە پەيدا بولاتتى . ھەدىسە غەربنىڭ نەرسىلىرنى ئۈگىنۋەرمەي ، ئۆزىمىزنىڭ مىراسلىرىنىمۇ ئۈگىنىپ ، چۈشىنىپ باقساق ياخشى بولاتتى .
مەن بىر ئوقۇرمەن بولغاچقا خاتا - ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، لىكىن مەن بىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى
خاتاسى بولمىسا ، توغرىسىمۇ بولمايدۇ . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، ئامان بولۇڭ تادۇكا .