ئىگىسى: enwer-jula

بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى ۋە يېڭى مەرىپەتچىلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 19:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا ئاكا ، قارىسام سىزمۇ بەك ئوڭاي ئاچچىقلىنىدىكەنسىز ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر دەپ بىر گەپ بار ، مۇشۇ ئەمگىگىڭىزنى ئاخىرغا چىقىرۋەتسىڭىز بولاتتى . بىر كۈن بولدى قاراپ ئولتۇرغىلى . ئاخىرى يوق .

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 20:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەنئەنىۋى پەلسەپىدىكى ئېيتىم ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش

ئەلۋەتتە، تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى يەنە ئېيتىم ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ چېتىلىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش مۇنداق بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچىسى، خائىشچانلىق ئۇسۇلىنى ئەنئەنىۋى بىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىش. ئۇ بولسىمۇ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق پەيلاسوپلىرى بىزگە تەمىنلىگەن ئاڭ ۋە مەۋجۇتلۇققا ئائىت مۇھاكىمىلەرنى ئەنئەنىۋى بىلىشنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىشتىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىسى، تەجرىبىچىلىكنى راتسىئونالىزمنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىشتۇر. ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى تەجرىبىچىلىككە مايىل، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە- ئامېرىكا پەلسەپىسى. راتسىئونالىزىملىق پەلسەپە تۇغما تالانتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەكىتلەيدۇ، بىراق تەجرىبىچىلىك بولسا تۇغما تالانتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بىۋاستە قارشى تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، تەجرىبىچىلىكمۇ بىر خىل راتسىئونالىزم(ئەقىلپەرۋەرلىك)دۇر، بىز ئۇلارنىڭ بۇ پەرقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، تۇرمۇشپەرۋەرلىكنى ئەخلاقپەرۋەرلىكنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىش. بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كىشىلىك ئەخلاق ۋە ئەخلاققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى پىكىر يولىنىڭ خائىشچانلىق، تەجرىبىچىلىك ۋە تۇرمۇشپەرۋەرلىك ئېيتىم ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىدىكى بىلىش نەزىرىيىسى ۋە ئەخلاق نەزىرىيىسى ئېيتىم ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى يەنە بىر قىسىم يېڭى تەتقىقات ساھەلىرىنى شەكىللەندۈردى، بۇ خىل تەتقىقات  ساھەلىرى قوللىنىشچان(ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان) پەلسەپىلەرنى ئومۇملاشتۇردى، مەسىلەن، پالانى پەلسەپىسى، پۇستانە پەلسەپىسى دېگەندەك. ھازىر كىشىلەر پەلسەپىنى يالغۇز ئەنئەنىدىكى مېتافىزىكا، بىلىش نەزىرىيىسى ياكى ئەخلاقشۇناس...دېگەندەك مەزمۇندىن قۇراشتۇرىلىدۇ دەپ چۈشەنمەيدىغان بولدى، بەلكى، مەلۇم ساھە ئىچىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلارنى بەكرەك مۇھاكىمە قىلىدۇ. شۇڭا پەلسەپە بىر خىل قوللىنىشچان پەلسەپىگە ئۆزگەردى. مەسىلەن، ئىلىم-پەن پەلسەپىسى، تارىخ پەلسەپىسى، سىياسىي پەلسەپىسى، پىسخولوگىيە پەلسەپىسى، ماتېماتىكا پەلسەپىسى، خېمىيە پەلسەپىسى، نېرۋىلوگىيە پەلسەپىسى دېگەندەك...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى ئورۇندىكى پەلسەپە بولالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھاكىمىلەر ئەڭ ئاخىرى بېرىپ پەلسەپىدىكى ئاساسى مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق قوللىنىشچان پەلسەپىلەر ئاساسى پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يەردىكى ئاساسى پەلسەپە دېگىنىمىز ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى پەلسەپە ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ مېتافىزىكا ھەققىدىكى مۇھاكىمىنى. ئۇ بولسىمۇ بىر ئوبيېكىت شۇ ئوبيېكىتنىڭ مۈمكىنچىلىك شارائىتىغىلا ئالاقىدار بولىدۇ، ھەم بۇ خىل مېتافىزىكىلىق مۇھاكىمىلەر ئاساسلىقى فورمال مۇھاكىمىنى ئاساس قىلىدۇ، يەنى فورماللاشقان مۇھاكىمە ئۇسۇلى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدۇر. شۇنداقلا فورماللاشقان مۇھاكىمە ئۇسۇلى ئىشلىتىدىغان قورال پەقەتلا لوگىكىدۇر. دىمەك، مىتافىزىكىلىق مۇھاكىمە بىلەن لوگىكا يەنە زىچ بىرلىشىپ كېتىدۇ. قوللىنىشچان پەلسەپىدە بولسا كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى، ئوخشىمىغان تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرى ئاساسى پەلسەپە مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ، ياكى ئاساسى پەلسەپىنىڭ فورماللاشقان مۇھاكىمىسى ھەر خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللىنىشچان پەلسەپىلەرنىڭ تەتقىقات مەسىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەلسەپىنىڭ دەل بۇ خىل ئوخشىمىغان ئىككى قاتلىمىدىكى ئۆزئارا تەسىر پەلسەپىنىڭ بېيىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شۇنداقلا بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىمۇ دەل بۇ خىل پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە تەتقىقات ساھەلىرىگە تايىنىپ، كىشىلەرگە بىر خىل يېڭى پەلسەپە مەنزىرىسىنى سىزىپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ، پەلسەپە ھەر قايسى ئوخشىمىغان پەن ساھەسى ۋە ئوخشىمىغان كەسپتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.

تۈگىدى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 01:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا چالا قالغاندەكلا بىلىنىدى ، ئاللاھ خالىسا ، ئەتە ئويلىنىپ ، ئاندىن چۈشەنمىگەن جايلارغا سۇئال سورايمەن . بىلگىنىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ھازىر ئەمگىگىڭىزگە بولغان تەشەككۇر بىلەن چەكلىنەي . (智商) دىگەننى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي ئىدراك نومۇرى دەپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم ، بەيدۇدىن ماتىريال ئىزلەش داۋامىدا بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولغان بىر قانچە مەلۇماتلاردىن ، پەيلاسوپلارنىڭ ئىدراك نومۇرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ئىكەن ، ئۇنىڭدىن قالسا يازغۇچىلار ئىكەن . مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويسام قانداق بولاركىن ؟  پەيلاسوپ ، جەميەتشۇناسلارنى چۈشىنىشكە يەنە بىر يېڭى ئۇقۇم بىلەن تەمىن قىلامدىكىن دەپ ئويلىدىم .

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 01:57:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇغەتتە ئەقىل بۆلۈنمىسى دەپ چىقىدۇ. ئۇنى رەسمىي ئىلمىي ئاتالغۇ تەلەپ قىلىدىغان ئەستايىدىل يازمىلاردا شۇنداق ئالسىڭىز بولىدۇ مېنىڭچە. سەل ئاممىباپ، زاغرا تىلىدا چۈشەنسەك ئەقىل كۈچى، ئەقلىي قۇۋۋىتى دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 02:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن ئەقىل بۆلۈنمىسى دەپ ئاتىلىدىغىنغا كەلسەك، بەيدۇدا شۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەسىلەن، كۈزۈتۈش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى...دېگەندەك. مانا مۇشۇ ئىقتىدارلارنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بۆلۈنمە(تەقسىملىنىش) سانى بىلەن ئىپادىلىنىدىكەن.
مەسىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تەقسىملىنىشى ئوخشىمايدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناچار ،لېكىن ئانالىز كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ دېگەندەك...

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم-پەن پەلسەپىسى، تارىخ پەلسەپىسى، سىياسىي پەلسەپىسى، پىسخولوگىيە پەلسەپىسى، ماتېماتىكا پەلسەپىسى، خېمىيە پەلسەپىسى، نېرۋىلوگىيە پەلسەپىسى دېگەندەك...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى ئورۇندىكى پەلسەپە بولالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھاكىمىلەر ئەڭ ئاخىرى بېرىپ پەلسەپىدىكى ئاساسى مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق قوللىنىشچان پەلسەپىلەر ئاساسى پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يەردىكى ئاساسى پەلسەپە دېگىنىمىز ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى پەلسەپە ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ،

ھۆرمەتلىك  ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى  يۇقارقى يازمىسىدا  پەلسەپەنىڭ تەرەققىياتىنى ناھايتى ياخشى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ.  مەن ھازىرغىچە ئىنسان ئاناتىلدا تەپەككۇر قىلدۇ دىگەن گەپكە بەك ئىشىنىمەن. يۇقارقى گەپنى تىخىمۇ ئىنقلاشتۇرساق، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە، ئەرەپلەر ئەرەپچە، ئىنگىلىزلار ئىنگىلىزچە ، يەھۇدىيلار يەھۇدىيچە تەپەككۇر قىلىدۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ. ئىككى يۇز يىل مابەينىدە نۇرغۇن پەلسەپە ئوتتۇرغا قۇيۇلدى،لىكىن كۇپۇنچىسى ماڭغان ئىزىغا قاراپ ،ياكى يۇز بەرگەن ھادىسلەرگە پەتىۋا بەردى دىيىشكە بۇلىدۇ. بىراق كەلگۇسى توغرىسىدا يەنىلا ئۇقۇملىرى چولتا. بىرەر ئىش يۇز بىرىشنىڭ ئالدىدىن بايقىيالمايدۇ.
دىيارىمىزدىمۇ ھازىرغا قەدەر بەزى پەلسەپىلەر تۇنۇشتۇرۇلغان بولدى، بىراق بىزلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىل تەققەززاسى  ياكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلىغا ماسلاشماسلىقى تۇپەيلىدىن پەلسەپە قەغىزىدە قالدى.
ئەمدى بۇيەردىكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلى دىگەندە، تۆت تادۇ پەلسەپىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ھازىرغىچە تۆت تادۇ تەڭپۇڭلىقى بۇيىچە تەپەككۇر قىلىۋاتىدۇ. چوڭلارمۇ ئىسسىق سۇغاق ئايرىيدۇ، ساۋاتسىزلارمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئايرىيالايدۇ. يەنە كىلىپ قاراپ باقساق، ئۇيغۇر نىڭ قولىدا ئۇيغۇرنىڭ ھويلىسىدا ئۆسكەن پەنگە ئائىت نەرسىدىن مۇشۇ تىبابەتچىلىك باركەن. بەزى پەلسەپىچىلەر بىر ئىشتىن ئىلھانلىنىپ ، قىلمىغان گىپى قالماي، شۇنى شەرھىلەپ توم توم كىتاپ قىلىۋىتىدىكەن . ئەمىلىيەتتە شۇنىڭ ئورامى تۆت تادۇ بىلەن قىلغان تەپەككۇرنىڭ بىر ئىككى يۇرشىگە تەڭ كەلمەيدۇ.

بىزمۇ ئۆزىمىزدىكى پەلسەپىنى تەتقىق قىلىپ باقساق بۇلاتتى.

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 17:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ بۇرادەر، مەن سىزنىڭ تادۇ ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇ پەلسەپىنى ناھىيىتى تۇرمۇشپەرۋەر ، قوللىنىشچان پەلسەپىكەن دەپ قارىدىم. بەزىلەر ئۇنى كەمسىتكەندە گەپ قىلاي دەپ ئۆزەمنى بېسىۋالغان ئىدىم. تۆت تادۇ پەلسەپىسى بىزنىڭ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇنىڭدا پۈتمەس-تۈگىمەس ھېكمەت بار. مەن ئۇنى، ئۆز چۈشەنچەمدە مۇۋازىنەت پەلسەپىسىكەن دەپ سۈيۈنۈپ ئۆزلەشتۈرىۋاتىمەن. بولسا بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى سىزدىن ئاڭلىغۇم بار...بىلىمىڭىزنى ئايىماسسىز.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 18:23:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى پەلسەپىچىلەر بىر ئىشتىن ئىلھانلىنىپ ، قىلمىغان گىپى قالماي، شۇنى شەرھىلەپ توم توم كىتاپ قىلىۋىتىدىكەن . ئەمىلىيەتتە شۇنىڭ ئورامى تۆت تادۇ بىلەن قىلغان تەپەككۇرنىڭ بىر ئىككى يۇرشىگە تەڭ كەلمەيدۇ.
يۇقاردا مۇشۇنداقراق گەپ قىلغان ئىدىم. ھازىر قايسى بىرىنىڭ مەدىنىيەتلەر توقۇنىشى دىگەن بىر پەلسەپىسى بار. مەنغۇ ئۇپەلسەپىنى ئوقۇپ باقمىدىم. شۇنداقتىمۇ مەدىنىيەتلەر توقۇنىشى دىگەن بىر گەپتىن مەدىنىيەتلەرنىڭ توقۇنۇشقانلىقى تارىخى ھازىرى، سەۋەبى،،،،،،،،،،،،،،مۇشۇنداق بىر مۇنچە گەپلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمىلىيەتتە تادۇ بۇيىچە بۇ ناھايتى ئاددىي نەچچە قۇر چىقىدۇ. مەدىنىيەتلەر تۆت تادۇغا ئوخشاش، توقۇنىشىدىغان ، باغلىنىدىغان، بىر بىرنى تەققەززا قىلدىغان ،مۇستەھكەملەيدىغان مۇشۇنداق خۇسيەتكە ئىگە.
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى، قايسى تىمىدىكى بىر ئىنكاسىڭىز ماڭا ئاجايىپ ياققان .شۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، كاللامدا خىلى ئىشلارنى يۇرىتىۋالدىم.مەسلەن قىسۇسۇل ئەنبىيادا كەڭرىلىك باغلاش ئەكىس ئەتسە، ئىبنى كەسىردە چوڭقۇرلۇق بايقاش ئەكىس ئىتىدۇ.
ھازىرغىچە، ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ. مىللىي مەدىنىيەت ۋە تۆت تادۇ. ئىختىساد ۋە تۆت تادۇ دەپ ئۇچ تىما يازدىم. خىلى يامان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ قىتىم شائىرلار بىرنىمە دىسە، ئازىراق قىياس قىلىپ ئەدىبىيات ياكى شىريەت ۋەتۆت تادۇ دەپ بىر يۇمۇقلۇقنى مۇلاھىزە قىلاي دىسەم بۇ مەخسىدىمگە يىتەلمىدىم. ئىرىشكىنىم شىريەتنىڭ تىل دىل ئۇيات قىلىق مۇشۇ لار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى،،،،،،،
يۇقارقى تىمىڭىزدە پەلسەپە گەۋدىلىنىدۇ. زامان جەھەتتە نۇرغۇن يىل پەلسەپىدىن يىراقلاپ كەتتۇق، ئەسلى ئاتا بوۋىلىرىمىز جاھاننى پەلسەپىگە توشقىزىۋەتكەن. بىزدە بار دەسمىي مۇشۇ. ئاتاكەسىپ دىيىشكە بۇلىدۇ.
مانا ھازىر ئۇقۇملىرىمىز چولتىلىشىپ،بىرىمىز باغدىن بىرىمىز تاغدىن بىلگەنچە كۆكلىگى تۇردۇق. بۇ ھىچنىمىزىمدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇنچە قىرىق بەتنىڭ ئىچىدە ھىچ نىمىنى  بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ماۋۇ توربەتتە ھەممىدىن ئالىمى ئۇمۇتاخۇن ئىكەن. ئىنكاسلىرىم ياكى تىمىلىرىم تەستىقلانمايۋاتىدۇ. سەۋەبىنى يۇرتىدىغان ئەينەكنى ياتاپالمىدىم. ئىشقىلىپ ئىزدىنىۋاتىمەن. سىلىمۇ ئانچە مۇنچە زەن قۇيۇپ قۇيالا، ھىچ بولمىسا ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىي خوش بۇلۇپ قالا.

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 18:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىريەتنىڭ تىل دىل ئۇيات قىلىق مۇشۇ لار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى،،،،،،،
____________________
بۇ جەھەتتە مەنمۇ ئاللاھ خالىسا «تىلنىڭ ئوبرازى»دېگەن پەلسەپىۋى ماقالىنى ئىشلەي، سىزمۇ 4 تادۇنىڭ سېھرى-ھېكمىتىنى بىلدۈرۈڭ بالىلارغا. غەرپ پەلسەپىسىمۇ بىزنىڭ ئەلفارابى بوۋىمىزدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ بېيىغان پەلسەپە. ئۆزىمىزنىڭ 4 تادۇ پەلسەپىسى، ئەقىل-پاراسىتىنى قازساقمۇ جىق ئىشتا مېڭىمىزنى ئىجارە بېرىۋاتىدىغان سۈنئىيلىكتىن خالىي بولىمىز.

باھا سۆز

ArislanMemet  ياخشى تەكلىپ ، تادۇ ئەپەندىم ماسىلىشىپ بەرسە بولاتتى .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 16:40:50

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 18:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر يۇرىتنىڭ    ئالىمى  ھاكىمى  بىيى  پۇخراپادىسى بۇلىدۇ. ئالىمى يامىنى پەلسەپىچىسى،  بۇ بىلىش تۇپراق خۇسيەتتە بۇلىدۇ. بىر قەۋىمنىڭ خار زەبۇنلىقىنى ياكى مەنزىلىنىڭ ئوچۇق تۇيۇقلىقىنى مۇشۇ بەلگۇلەيدۇ. چۇنكى پەلسەپىچىلەر يىرقنى كۇرۇشتە گەۋدىلىنىدۇ.ھەم باشلايدۇ.
ئاندىن كۇن ئادىللىق سۇپەتتە ھاكىم پادىشاھلىرى بۇلىدۇ. كۇن دىگەن ھەممىگە ئوخشاش چۇشىدۇ.قانۇن ئالدىدا ھەممە باپ باراۋەر.
بايلىرى بۇلىدۇ. بايلار سۇ خۇسيەتتە ياخشىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
پۇقرالار ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىق بىلەن سۇپەتلىنىدۇ.
ئىنسان روھ ۋەجىسىمدىن تۇزۇلگەن بۇ دىگەنلىك روھنىڭ ئالىمى ھاكىمى بىيى پۇقراسى، ھەم جىسىمنىڭ ئالىمى ھاكىمى بىيى پۇقراسى دىگەنلىك بۇلىدۇ. مۇشۇنداق ئايرىغىلى تۇرساق بىر مۇنچە گەپ چىقىدۇ.

ئەمدى ئالىم دىگەن  بوش گەپ ئەمەس، ئەمدى ھازىر بىزدە دىنىي ئالىم، پەلسەپىچى ، جەمىيەتشۇناس، تەبىئىي پەن ئالىمى،،،،،،،،،،دەپ نۇرغۇن باھالىنىۋاتىدۇ.
خۇلاسىلىسام پەلسەپە تۆت تادۇنىڭ ئىچىدە تۇپراققا بىلىشكە تەۋە، ئەدىبىيات سەنئەت سۇ ياخشىلىق سۇپەتتە، جەمىيەتشۇناسلىق ئوت ئادىللىقا تەۋە، ھازىر تىۋوزۇردا ھەرخىل پائالىيەتلەر ناھايتى كۆپ بۇلۇپ كەتتى، بۇ تەقۋادارلىق ھاۋغا تەۋە بۇنىڭ رولىنىمۇ سەلچاغلىغىلى بولمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش