ئىگىسى: enwer-jula

بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى ۋە يېڭى مەرىپەتچىلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 18:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا
ياخشىمۇ  ياىشىمۇ سىز؟
ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى راۋان چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ،بۇ جاپايىڭىزغا ئەجرىلەر يېتەر.
پەلىسەپە توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئىنتايىن نازۇك مەسىلىلەر بۇلۇپ،بۇ تەبىئى ھالدا دىن نوقتىسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە غەرىپ پەلىسىپىسى نۇقۇل ھالدا دىن بىلەن پەننىڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشىنى ئۈزۈل كىسىل ئىنكار قىلىدۇ.تەجىمىڭىزدە ئوترىغا قۇيۇلغاندەك‹‹دىننىڭ تەييار ئۇقۇم ھۈكۈملىرىدىن ۋاز كىچىپ،ئادەمنىڭ ئەقلى ئامىللىرى مەسىلىسىنى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش...››دىگەنگە ئوخشاش ھۈكۈملەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان نوقتىسى ئىنتايىن نازۇك...شۇڭا بۇ نازۇك ئەسەرنى سالماقلىق  تەرجىمە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن،چۈنكى سىز تەرجىمە قىلغان ماقالىنىڭ ئاپتۇرى تېخى كۇڭزىدىن ۋاز كەچمىدى
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-21 18:52):
ياخشىمۇ سىز دەپ ئۇقارسىز

UID
24387
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاخىرى تۇلۇق چىقىپ بولغاندا ئىنكاس يازاي....

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ مەرىپەتچىلىكنى قايتىدىن تونۇشى

  بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ ئەقلىيلىككە بولغان قايتىدىن تونۇشى، ئاساسلىقى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئادەملىرىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا غايەت زور كۆرسەتكىلىدىن كېلىدۇ. بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرى تونۇپ يەتتىكى، ئادەم ئەقلىي ئىدارە قىلىشقا توختىماي ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قۇرال-سايمانلارنىڭمۇ ئىدارە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. تېخنىكا بىر خىل قورالدۇر. تېخنىكىنى بىز قورال دەپ چۈشەنگەن ۋاختىمىزدا، بىز مەلۇم بىر ئۆزىمىز ئىدارە قىلالايدىغان ئۇسۇلنى يەككە-يىگانە ھالەتتە دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىنىمىزنى بايقايمىز. بۇ يەرگە كەلگەندە، قورال ئۇقۇمى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ، شۇنداقلا بۇ دەل بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى بىزگە تەمىن ئەتكەن بىر ئىنتايىن مۇھىم ئىدىيىۋى ئويغىنىشتۇر: ئەقلىيلىكنى بىز بىر خىل نوپۇزلۇق ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ بىلسەك، ئەقلىيلىكنى بىز ئىنسانىيەت بىردىن-بىر بويسۇنىدىغان نوپۇز دەپ قارايمىز، ھەم ئەمىلىيەتتە يەنە ئەنئەنىگە سېپىغان سېپىلغان بولىمىز، بۇ ئەنئەنىدە، بىزگە كۆرۈنىدىغىنى يالغۇز قوراللاشقان ئۇسۇل بىلەن ئەقلىيلىكنى تونۇشلا ئەمەس، بەلكى بۇنداق قورالنى ئاتالمىش نوپۇز ئورنىغا دەسستىپ چۈشۈنۈشتۇر. بۇ خىل ئۇقۇم گادمويىر بىلەن خاپپېرماسنىڭ مۇنازىرىسىدە ناھىيىتى رۆشەن ئەكس ئېتىدۇ.
  گاداموئېر بىلەن خاپپېرماس ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن ئىنتايىن مۇھىم مۇنازىرە بولغان بولۇپ، ئەقلىيلىكنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىدى. خاپپېرماس ئەقىلپەرۋەرلىكنىڭ ۋارىسى بولۇپ، زامانىۋى ئۇسۇل بىلەن ئەقلىيلىك چۈشەنچىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى؛ گادامويىر بۇنىڭ ئەكسىچە پەقەتلا قورال خۇسۇسىيىتىدىكى ئەقلىيلىك ئۇسۇلى بىلەن كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىشقا قارشى تۇراتتى، ئەقلىيلىكنى ئىدارە قىلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئىدىيىسى دەپ چۈشىنىدىغان نوپۇزغا قوشۇلمايتتى. گادامويىر ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىدىغان ئاتالمىش ئۇسۇلىغا ئىزچىل قارشى تۇراتتى. ئۇ بىر خىل ئاتالمىش ئەقلىيسىزلىك ئۇسۇل بىلەن بىزنىڭ بۇ ئەقلىي دەۋرىمىزنى تەنقىد قىلاتتى. مانا بۇ مەرىپەتچىلىككە بولغان بىر خىل يېڭى تونۇشتۇر: ئەگەر مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىنى ساددىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر ھەرىكەت دەپ قارايدىغان بولساق، ئەقلىيلىك بىردىن-بىر دۇنيانى ئىدارە قىلىدىغان ئۇسۇلغا ئايلانغان ۋاختىدا، بۇمۇ بىر يېڭى بىر خىل ساددىلىق پاتقىقىغا پاتقانلىق بولىدۇ. بۇ ساددىلىق چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلىككە بويسۇنغان پائالىيىتى  ياكى ئەقلىيلىككە بويسۇنمىغان پائالىيىتى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى، پەقەتلا پەقەت شۇ ئادەمنىڭ مەلۇم بىر خىل بىردىن-بىر تەپەككۈر ئۇسۇلىغا بويسۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  ئەمىلىيەتتە، 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا، خوكھېم بىلەن ئادونو ئوخشاشلا يېڭى بىر مەرىپەتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرگەن، ئۇلار بىر خىل «ئەقلىيلىككە قارشى» ئىدىئولوگىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىرلىشىپ يازغان «دىئالىكتىكا قائىدىسى» دېگەن كىتاپتا يالغۇز مەرىپەتچىلىكنىڭ ئاددىي ئۇقۇمىلا مۇھاكىمە قىلىنىپ قالماي، يەنە بىر خىل ئەقلىيلىككە قارشى ئۇسۇل بىلەن مەرىپەتچىلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتىدىن بەلگىلىدى. بۇ شەرت ئاستىدا، مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىدا بىر خىل ئويغىنىش يۈز بەردى. بىراق، مەرىپەتچىلىك پەقەت ئويغىنىش بىلەنلا توختاپ قالسا، ئۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان يولغا مېڭىپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئىدارە قىلىنىش. بىر خىل دىئالىكتىكا ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنى بىر خىل مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن تەمىنلەپ بىزنى ئويغىتىۋاتقاندا، بىز يەنە بىر خىل ئىدارە قىلىنىدىغان پاتقاققا پېتىپ قېلىشىمىز مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇكھېم بىلەن ئادونو ئوتتۇرىغا قويغان ئەقلىيلىككە قارشى تۇرۇش چۈشەنچىسى ئەنئەنىۋى مەرىپەتچىلىك چۈشەنچىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەقەززا بولدى.
  بىلىمىزكى، نىتچېنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەرگىزمۇ يالغۇز ئۇنىڭ ئاتالمىش دەرىجىدىن ھالقىغان ئادەم پەلسەپىنى تۇرغۇزغانلىقىدا ئەمەس ھەم يالغۇز ئۇنىڭ بىزگە تەمىنلىگەن ئەخلاق سىستېمىسىدىكى مېتافىزىكىسىدا ئەمەس، نېتچې ئىدىيىسى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ بىزگە دۇنيانى يېڭىدىن تونۇشىمىز، جۈملىدىن ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز ئۈچۈن بىر قاراشنى تىكلەپ بەرگەنلىكىدە. بۇ خىل قاراش كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىنى راست دەپ قېلىپ، ئېتىقادنىڭ مەلۇم بىر ئەقلىي پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىدىغىنىنى تەنقىد قىلىشقا ۋە گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغىنىدا. بۇنداق نىتچېچە گۇمانچىلىق ئۇسۇلنىڭ بىزگە تەمىنلەيدىغىنى ئىنسانىيەت بۇرۇندىن ئېرىشكەن مەلۇم ئىدىيىۋىي قاراش ئۇسۇللىرىنى قايتىدىن تونۇشتىن ئىبارەت.
  نىتچېدىن فۇكقىچە بىر يېڭى يول ئېچىلدى، يەنى مەرىپەتچىلىكنى يېڭىدىن تونۇيدىغان يول ئىدى، نىتچې بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئاغدۇرۇپ تەڭرىنىڭ ئۆلگەنلىگىنى جاكارلىدى؛ فۇك يالغۇز تەڭرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاپلا قالماي، ھەتتا ئەقلىي ئادەمنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ كۆزدە تۇتقان ئادەم، ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئەقلىي ئادەم ئىدى.  بىر ئەقلىي ئادەمنىڭ دۇنيانى تونۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى لوگىكا ۋە ئىلىم-پەن، بىراق لوگىكا بىلەن ئىلىم- پەننىڭ بىزگە تەمىنلەيدىغان تېخنىئولوگىيىلىك ھالىتى(مۇنداقچە ئېيتقاندا سانائەتچىلىك ھالىتى) بىزنىڭ بۇ دۇنيارىمىزنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي بۇزدى، بۈگۈنكى جەمىيەت تېخىمۇ ياخشىلانماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. فۇك بىزگە تەمىنلىگەن بىر پىكىر يولى شۇكى، ئادەمنىڭ پائالىيەت ئۇسۇلى ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق مەنىسىنى بەلگىلەيدۇ دېيىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىمۇ بىر خىل مەرىپەتچىلىككە قارشى ئىدىيىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز.
  بۇ شەرت ئاستىدا، يېڭى مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىغا نىسبەتەن بىزدە ئېنىق بىر تونۇش ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىدا ناھىيىتى زور سېلىشتۇرما نىسبەت مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئاللىقاچان مەلۇم بىر نەرسە، مەيلى ئەقلىيلىك بولسۇن، مەيلى نوپۇز بولسۇن ياكى ئەنئەنە بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بىردىن-بىرلىكلىگىنى ئېتىراپ قىلمىدى، بەلكى كۆپخىللىقنى تەكىتلىدى. «مەرىپەتچىلىك» ئۇقۇمى بۇ يەردە دەل ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەسلى مەنىسىگە قايتىدۇ. يەنى كىشىلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنى ئويغىتىۋاتىدۇ، كىشىلەرنى زۇلمەت قوينىدىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىغا بولغان يېڭى تونۇشىنى يىغىنچاقلىساق، ئىككى نۇقتىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيمىز: بىرىنچىسى، مەرىپەتچىلىك يالغۇزلا ئۇقۇم مەسىلىسى ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، بىز يۈزلىنىدىغان يېڭى دۇنيا ھەققىدىكى پوزېتسىيىمىزدۇر. بۇ شۇنداق گەپكى، بىز دۇنيانى چۈشۈنىۋاتقان ۋاختىمىزدا، ئەگەر پۈتۈنلەي ئەقلىيلىككە تايىنىپ چۈشۈنۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىساق، بەلكى باشقىچە بىر ئۇسۇل ياكى ئىرراتسىئونالىزم(ئەقلىيسىز)لىق، ھەتتا ئەقلىيلىككە قارشى ئۇسۇلنى قوللانساق، بىز بۇ خىل ئۇسۇللارغا نۇرغۇن تەلەپلەرنى قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئىككىنچىسى، ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن بىز يۈزلىنىۋاتقان دۇنيانى چۈشەنسەك، ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ تونۇشلوگىيىدىكى ئورنىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىقنى نامايەن قىلىدۇ: پەقەت بىر كەڭ قورساق مۇھىت بولغاندىلا، ئاندىن بىز ھەر بىر ئادەمنىڭ ھوقۇقىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەقىقىي تۈردە بىلەلەيمىز. جەزملەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى بۈگۈنكى پەلسەپىدە ناھىيىتى كەڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى.
  شۇنىڭ بىلەن مەرىپەتچىلىككە بولغان يېڭى تونۇش ئارقىلىق، بىز بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ بىر قىسىم ئاساسى ئالاھىدىلىگىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز، بۇ ئالاھىدىلىك دەل بىزگە بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ يېڭى مەرىپەتچىلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ

  كېيىنكى تېما: ئەنئەنىۋى پەلسەپىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئاغدۇرۇش.
  


UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 22:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۈم قىرىنداشلار .
ئەنىۋەر جۇلا ئەپەمدىم ئەسەر ئۆزىڭىزنىڭ  ياكى تەرجىمە قىلغان بولۇڭ  ھوزۇر ئالالمىدىم ، چۈشۈنەلمىدىم . پىكىر قاتناشتۇرماي دىگەن ئىدىم لىكىن سىز بىر ئەقىللىق زىيالى . سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز زور . بىزگە قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ، ھوزۇر بىغىشلايدىغان ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز  . مەن « سىياسىنىڭ رەزىللىكى » «كارل ۋىتنىڭ پەرزەت تەربىيىسى » دىگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە ، چۈشۈنەلمەي ، لەززەت ئالالماي ئاخىرىنى ئوقۇماي تاشلاپقويغان ئىدىم . « تۇرمۇشتىكى پەلەسەپە » «غەرپنىڭ تەپەككۈرى » « دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىرسائەتلىك دەرس » دىگەن كىتاپلار . ھەمچۈشۈنۈشلۈك ھەم قەلىپنى لەرزىگە سالىدۇ .
سالامەت بولۇڭلار بۇرادەرلەر .  
______________________________
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەقىدەدە، ئەگەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك تەلىۋىنى ئويلاشقان بولسام كومپيۇتېرىمدا سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلەپ قويغان نۇرغۇن ياخشى ھېكايىلەر بار. شۇنى يوللايتتىم، لېكىن ھازىرچە پەلسەپىنى بىللە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى دەپ ئويلىدىم. قانداق دېسىڭىز، مۇنازىرىلەرگە پات-پات پەلسەپىۋىلىك ئاتالغۇلار چۈشۈپ تۇرىدۇ. لېكىن نۇرغۇن بالىلار ئۇ ئاتالغۇلارنى بىلمەيدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ بەك بىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا جىق گەپلەرنى چۈشەنمەي مۆلدۈرلەپ ئولتۇرغۇچە، ئاز بولسىمۇ شۇ خىل ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى قېدىرىپ بېقىشنى ئويلىدىم. شۇڭا مەن بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتىرىنى ئالغان مۇشۇ ماقالىنى تاللىۋالدىم. خېلى جىق ئاتالغۇلار ۋە مۇھىم پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسىگە قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەنچە ئاتا قىلىدۇ.
رەسمىي پەلسەپە ئۆگۈنىمەن دەپ قوپساق بۇ بەك چەكسىز، ئادەمنى ئېلىشامان قىلىۋېتىدىغان ئۇزۇن بىر مەزگىل. ئادەمنىڭ ئۆ

باھا سۆز

ArislanMemet  توغرا دەيسىز ، بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىرىشكەننىڭ پايدىسى كۆپ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 23:32:42

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 22:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مرى يار بەرمەيدۇ، شۇنىڭغا چۇشلۇق كۆڭۈللۈكمۇ ئەمەس، زېرىكىشلىك دۇنيا. لېكىن ئاز-تولا پەلسەپە ئۆگەنمەيمۇ بولمايدۇ. مۇھىملىرىنى تەنقىدىي ئۆگۈنۈش كېرەك دەپ قارايمەن.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا تەرجىمە قىلغان «غەرپنىڭ تەپەككۈرى» دېگەن ئەسەرگە كەلسەك ئۇمۇ پەلسەپە ئۆگۈنۈشكە كىرىشنىڭ بىر دەرۋازىسى، خالاس. ئۇقۇملار توغرىسىدا تەپسىلى ئەمەس يىغىنچاق چۈشەنچە ئاتا قىلىدۇ. ئۇنى بىر پەلسەپىگە كىرىشتىكى يېتەكچى قوللانما دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا تىلى يەڭگىل بولغان ئۇ ئەسەر ھوزۇرلۇق كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. لېكىن رەسمىي پەلسەپىۋىلىك ئەسەرنىڭ ئۆز مۇئەللىپىنىڭ قول نۇسخىسىنى كۆرسىڭىز ئىككى بەت ئوقۇپلا ۋاي دات دەپ كېتىسىز.

باھا سۆز

ArislanMemet  ھا ، ھا ، ھا  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 23:33:34

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 01:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىۋى پەلسەپىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئاغدۇرۇش
    بۇ يەردە، بىز ئاساسلىقى بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى قانداق ئاغدۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىمىز.
1.        داۋاملىشىشتىن ئۇزۈلۈشكىچە: خۇسېر بىلەن دېررىدا
   خۇسېر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، ئۇ ھادىسەشۇناسلىقنى تۇرغۇزۇپ، بۈگۈنكى دەۋر غەرپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقى پەلسەپىسىنىڭ ئالدىنقى ئېقىمىنى ئاچقان. ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق پەلسەپىسى ئادەتتە ئادەمنىڭ ئەقلىي پائالىيىتى بىلەن ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، بۇ يەردىكى «ئەقلىي پائالىيەت» خۇسېر تەكىتلىگەن مەقسەتلىك ئەقلىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئادەمنىڭ ئەقلىي پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى مەقسەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.بىر شەيئىنى تونۇۋاتقان ۋاختىمىزدا بىز مەقسەتلىك ئويىمىز بىلەن ئۇ ئوبيېكىتنى ئىگەللەيمىز، بۇ خۇسېر ھادىسىشۇناسلىقىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىگى. ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق پەيلاسوپلىرى ئاڭ بىلەن مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە پەيلاسوپلىرى مەنە بىلەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.بۇ پەلسەپىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇسۇل، بۇ خىل ئىختىلاپ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن.
  20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق پەلسەپىسى بىلەن ئەنگىلىيە- ئامېرىكا پەلسەپىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بوزلۇقتا بىر خىل بۇرۇلۇش كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا كېسىشىپ بىرلىشىش ئەھۋالى مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل ئۆزگۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئىككى خىل پەلسەپىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدا ئوخشاشلا بىر قىسىم ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى. ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق پەيلاسوپلىرىنىڭ ئارىسىدا، فىرانسىيىلىك پەيلاسوپ دېررىدا ئەنئەنىۋى پەلسەپەگە كەسكىن ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ بولسىمۇ «ئۈزۈش» ۋە «ياماش» ئۇسۇلىدۇر. ئۇندىن بۇرۇنقى پەلسەپە ئەنئەنىسى بولسا داۋاملىشىشچانلىقنى تەتقىق قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى، مەيلى ئاڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە بولسۇن ياكى مەنە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە بولسۇن، بىز   دائىرىدىكى ئاڭ ۋە مەنىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقىنى تەكىتلەيتتى. لېكىن، دېررىدا «ئۈزۈپ ئېلىپ مۇھاكىمە قىلىش» ئۇسۇلىنى بىرىنچى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ئۇ بىر خىل «چۇۋۇمىچىلىق» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ قىلماقچى بولغان خىزمەت قۇرۇش بولماستىن چۇۋۇش بولۇپ بىزنىڭ ئاڭ پائالىيىتىمىزنى بىر نەچچە ئوخشىمىغان كەسمە بۆلەكلەرگە بۆلدى. ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ شەيئىلەرگە بولغان چۈشۈنىشىمىز ھەرگىزمۇ مەلۇم داۋاملىشىۋاتقان ئۇسۇل بويىچە بولمايدۇ، بەلكى مەلۇم ئۈزۈلمە ئۇسۇل بويىچە بولىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈلمە بىزنىڭ ئاڭ پائالىيىتىمىزدە زور مىقداردا مەۋجۇت، پەلسەپە پەقەت مەلۇم بىر بۆلىكىنىلا تەتقىق قىلالايدۇ، خالاس، ئۇ مەلۇم داۋاملىشىشچانلىققا يېتەلمەيدۇ، بەلكى مەلۇم بىر بۆلەكنى چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە مۇيەسسەر بولالايدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ قارىشىچە، پەقەت چۇۋۇمىچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىقلا بىز ئاندىن ئالدىمىزغا دۇچ كەلگەن بارلىق بىلىملەرنى ھەقىقىي چۈشۈنەلەيمىز. چۇۋۇمىچىلىق 20- ئەسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىك ئۇقۇم دەپ قارالدى، ھەمدە بۇ خىل چۇۋۇمىچىلىق ئۈزمىچىلىك(پارچىلىمىچىلىق) ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، بارلىق ئادەملەرنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتىنى ئوخشىمىغان بۆلەكلەرگە ئايرىدى، شۇنداقلا مەلۇم بىر ئورتاق پىرىنسىپنىمۇ تۇرغۇزمىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دېررىدارىنىڭ مەيدانغا كېلىشى سەۋەپلىك، ئۈزۈش ۋە چۇۋۇمىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى سەۋەپلىك پۈتكۈل بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى ۋە ئەنئەنىۋى پەلسەپىدە مۇھىم ئۆزگۈرۈش بارلىققا كەلدى. ئەگەر خۇسېرنىڭ ئىدىيىسىنى ئاڭ بىلەن مەۋجۇتلۇقنى تەتقىق قىلىدۇ دېسەك، گەرچە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپە بىلەن ئىنتايىن زور پەرقى بار بولسىمۇ، لېكىن تەپەككۈر ئۇسۇلىدا يەنىلا ئەنئەنىۋى پەلسەپە ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرغان؛ بىراق چۇۋۇمىچىلىق ئىدىيىسى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەنئەنىنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلغان، مانا بۇ ئەنئەنىۋى پەلسەپە تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى.
  2. تارىختىن رىياللىققىچە: ۋات ۋە فۇك

UID
21427
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 00:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇۋۇمىچىلىق 20- ئەسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىك ئۇقۇم دەپ قارالدى، ھەمدە بۇ خىل چۇۋۇمىچىلىق ئۈزمىچىلىك(پارچىلىمىچىلىق) ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، بارلىق ئادەملەرنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتىنى ئوخشىمىغان بۆلەكلەرگە ئايرىدى،
   
=======================
مانا بۇ جۈملە نەق بىزنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھەم زېرىكتۈرمىگەن ھەم ساۋاق بەرمىگەن، قىرغا چىقىۋالغان ئىت نىڭ پەلسەپىسىنى بازارغا سېلىشىغا يېتەرلىك بىر توپنىڭ پەيدا بولىشىغا ئاساس بولىۋاتقان شەرقچە تەپەككۇر بولدى.

          غەرىپتە تۇرۇپ، شەرىققە قەراپ قاۋاۋاتقان ئىشتنىڭ سۈيدۈكىگە ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بۇ بىر توپ،  ئىنجماراقلارغا مەن يەنىلا سىلەر ھېچنىمىمۇ بولامىدىڭلار دەيمەن!
           پوقنى پولا دەپ يەۋاتقانلارغا ئىچىم ئاغرىدى.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 02:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 00:31
چۇۋۇمىچىلىق 20- ئەسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىك ئۇقۇ ...

ھەممە يەردە قاتىراپ ، بۇلغاپلا يۈرگەن . . .
مۇنازىرە ئەخلاقى دىگەن ئەقەللى چۈشەنچە بارمۇ - يا سىزدە ؟ شەيتانغا مۇرت بولۇپ ، ھايۋاندىن بەتەر بولۇپ كېتىدىغان گەپمۇ ؟

UID
21427
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 02:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىسلان  مەمەت،
         سىز شەرق بىلەن غەربنى شىمال بىلەن جەنۇپ دەپلا توغرا چۈشىنەلمەمسىز؟ ئۇنداق چۈشنەلمىگەن بولسىڭىز مەن دىگەن توپتا بولغىنڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
      سىزنىڭ ئەقلىڭىز باركەن، رەھمەت دوستۇم!

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 14:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2. تارىختىن رىياللىققىچە: ۋات ۋە فۇك

كۆرۈشكە بولىدۇكى، بارلىق پەيلاسوپلار ، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى پەيلاسوپلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى تارىخىي قاراشقا تايىنىپ تەھلىل قىلىش ۋە چۈشۈنۈش ئىدى، تارىخ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسىنى ئىزدەشنى ئىنتايىن تەكىتلەيتتى، شۇنداقلا تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭى ئەقلىيلىك ئۆلچىمىنى تۇرغۇزىغا ياردەم بېرەلىشىنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بىراق، بىز فۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىغان ۋاختىمىزدا بۇ خىل تارىخ تەتقىقاتىنىڭ بىردىن-بىر خام ماتىرىيال ئەمەسلىكىنى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئاساس ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز، ئەكسىچە ئۇ رىياللىق مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان بىر ئەندىزىگە ئايلىنىدۇ. بىز رىيالىققا قارىغان ۋاختىمىزدا، بىز بىر خىل قاراش بىلەن ئەمەس بەلكى تارىخنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق بىۋاستە رىيالىقنى يورۇتىمىز، بۇ بىزگە ئەسلى بىز كۆرگەن رىياللىق مەسىلىلىرىنىڭ بىر خىل تارىخىي مەنبەگە قايتىش ئىكەنلىكىنى تونىتىدۇ.  تارىخنى كۈزۈتۈشنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلى بىلەن باشتا تىلغا ئېلىنغان پەيلاسوپلارنىڭ تارىخقا بولغان تونۇشى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، مەسىلەن، ھايدېن ۋات تارىخ پەلسەپەسىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئىدىيە تارىخى ئۇسۇلى بويىچە قايتىدىن تارىخ يارىتىشتىن ئىبارەت. بىراق، بۈگۈنكى پەيلاسوپلارنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل تارىخ مۇھاكىمىسىنى قانداق قىلىپ رىياللىق مەسىلىلىرىگە بىۋاستە ئۇلىغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، فۇكنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى«كىلىنكا مېدىتسىناسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى»، «ئەدەپلەش ۋە جازالاش»،« جىنسىيەت تارىخى» قاتارلىقلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى تارىخ بولماستىن، بەلكى رىيالىق مەسىلىلىرىدۇر، مۇھاكىمە قىلغىنى بۈگۈنكى جەمىيەت مۇھىتى ئىچىدىن قانداق  كۆپ خىللىق، كەڭ قورساق ئۇسۇل بىلەن ئىنسانىيەت بىلىملىرىدىكى ئوخشىمىغان ھالەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت.
  بۇرۇن شۇنداق قارايتتۇق: ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمىنىڭ مەۋجۇتلىقى پەقەت بىر خىل فورماتسىيىدىن كېلەتتى، بۇ خىل فورماتسىيە دەل ئىلىم- پەن بولۇپ، بىز ئۇنى كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش سىستېمىسى دەپ ئاتايتتۇق؛ شۇڭلاشقا، ئىلىم- پەن مۇھاكىمىسىنى بىلىمنى چۈشۈنۈش ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇراتتۇق. بىراق، بىز كۆرگەن فۇكنىڭ ئەسەرلىرى بۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ ئوقىغىنىمىز باشقىچە بىر فورماتسىيە بولۇپ ئۇ ئىلىم- پەن ئەمەس، ئىلىم- پەن بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق، ھەتتا بەزى  بايانلىرىنىڭ ئىلىم- پەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ ئىلىم- پەن ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانىيەت بىلىم سىستېمىسىنى مۇھاكىمە قىلمايدۇ. ئۇ پەلسەپىۋىلىك كۈزۈتۈش ئۇسۇلى بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن، كىلىنكىلىق مېدىتسىناسى ئىنسانىيەت تونۇش پائالىيىتى تەرەققىيات تارىخىدا بەكمۇ زور رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە قارىشى بىزنىڭ بىلىم ئۇقۇمىغا بولغان ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىزنى ئاغدۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن بىر پەرقلىق قاراش.

3.سىتىخىيلىك تەپەككۈر قىلىشتىن تەھلىل قىلىشقىچە: پىرىس ۋە ۋېتگېنستان
   
  ئەلۋەتتە، رىيالىق چۈشەنچىسى يالغۇز تارىخنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، كۆپۈنچىسىدە پەيلاسوپلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ قارىشى بىلەن رىياللىقنى يەشكىنىگە ئاساسلىنىمىز. شۇڭا، يەنە بىر خىل ئۇسۇل دەل سىتىخىيلىك تەپەككۈر قىلىشتىن تەھلىل قىلىشقا ئۆتۈشتۇر. بۇ يەردە كۆزدە تۇتىلىۋالغان سىتىخىيلىك تەپەككۈر ئۇسۇلى ئاساسلىقى گېرمانىيە پەيلاسوپلىرىنىڭ سىتىخىيلىك تەپەككۈر ئەنئەنىسىدىن كەلگەن، تۆۋەندە ئىككى پەيلاسوپنى تونۇشتۇرىمىز. ئۇ بولسىمۇ پىرىس بىلەن ۋىتگىنستان.
  بىلىمىزكى، پىرىس پراگماتىزم(سۈيئىستىمالچىلىق)نىڭ ئىجاتچىسى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم پەيلاسوپلارنىڭ بىرى، بەزىلەر ئۇنى « قامۇس تىپ»لىق پەيلاسوپ دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ پىرىسنى چۈشۈنىشىمىز كۆپۈنچە ئۇنىڭ پەيلاسوپلىقى ۋە لوگىكىشۇناسلىقىدىن كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ ئىككى ساھەدە ناھىيىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ لوگىكا ئىلمى. بىراق بىزنىڭ ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى چۈشۈنىشىمىز كۆپۈنچە جامېس بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پىرىسنىڭ پىراگماتىزىمى تەكىتلەيدىغىنى بىر خىل تەجرىبىۋى ئۇسۇل بىلەن بىز قوللىنىۋاتقان قاراشلارنى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈشتۇر، ئۇ پەقەت تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەنگەن كۆز قاراشلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا بىر قاراشنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشىدا ئۇنىڭ تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەنگەن- دەلىللەنمىگىنىگە قاراش كېرەك، شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ «ھەقىقىي»لىكى تۇرغۇزىلىدۇ. مانا بۇ پىرىس پىراگماتىزىىنى ئاساسى پىرىنسىپى بولۇپ « پىرىس پىرىنسىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پىرىسنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ئىككى خىل تەسىرگە ئۇچرىدى. بىرىنچى تەسىر ئاتالمىش سىتىخىيلىك تەپەككۈر قىلىش ياكى مۇتلەق ئىدىيالىزمدىن كەلدى، چۈنكى پەلسەپىدە ئۇ يەنىلا بىر خىل ئىدىيالىستىك پەلسەپىنى قوللىناتتى. ئىككىنچى تەسىر ئەينى ۋاقىتتىكى تەبىئىي پەننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ ئىككى نۇقتىدىكى تەسىر بىر-بىرى توقىنىشاتتى، مۇتلەق ئىدىيالىزىم بىر خىل سىتىخىيلىك تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن دۇنيانى تونۇيتتى، قاراشلارنى رەتلەيتتى، ئەكسىچە تەبىئىي پەن ئۇسۇلى بولسا دەلىل- ئىسپات ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيدۇ، شۇڭا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، دەل پۈتكۈل ئىدىيە ساھەسى جۈملىدىن ئىلىم-پەن ساھەسىدە شىددەتلىك ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە، بۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ تەسىرى بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تەرەققىياتىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۆزگۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى بىز بۈگۈن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان غەرپ ئىدىيە مەدىنىيىتىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنداقتا، ئۆزگۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرى نېمىدە نەتىجىلەندى؟ ئەلۋەتتە ئىلىم-پەن ئۇسۇلى سىتىخىيلىك تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىنى مەغلۇپ قىلدى. شۇڭا پىرىس ئەنئەنىۋى سىتىخىيلىك تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىش ئاساسىدا بىر خىل ئىلىم-پەن ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن قاراشلارنىڭ قوللىنىشچان ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى شەكىللەندى.
  ۋىتگىنستاننىڭ بۈگۈنكى زامان ئەڭ مۇھىم 2 پەيلاسوپ (يەنە بىرسى ھايدېگېر)نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئاساسلىقى ئۇنىڭ پۈتكۈل غەرپ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە ئانالىز پەلسەپىسىنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ناھىيىتى زور ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەنلىگىدە.ئۇنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى مەزگىلدىكى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ كېيىنكى پەلسەپىگە تەسىر كۆرسۈتىشى پۈتۈنلەي ئانالىزچىلىق ئۇقۇمىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ئانالىزچىلىقنىڭ ئوبيېكتى تىلدۇر، لېكىن بۇ يەردىكى «تىل» بىز ئادەتتە چۈشىنىدىغان تىل ئۇقۇمى ئەمەس. ئۇ خېلى بۇرۇنقى «لوگىكا پەلسەپىشۇناسلىقى» مەزگىلىدە لوگىكىلىق تىلنى ئانالىز قىلىپ، قانداق قىلغاندا لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئىدىيىنى ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغان لوگىكىلىق تىلنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ لوگىكىلىق ئۇسۇلى ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، بۈگۈنكى زاماندىكى بىرمۇ پەيلاسوپ تىل قۇرۇلمىسىنى ئۇنىڭدەك مۇكەممەل لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن قۇرۇپ چىقالمىغان. بۇ ئۇسۇل ئەسلىدىنلا بىر ئاساسى پىرىنسىپنى تۇرغۇزدى، ئۇ بولسىمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئوچۇق ۋە توغرا بولغان تىل بىلەن بۇ دۇنيانى چۈشۈنۈشتىن ئىبارەت. ۋىتگىنستاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانالىز ئۇقۇمى شۇكى، تىلنى لوگىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئانالىز قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، لوگىكىلىق تىلنى بىز ئادەتتە لوگىكىلىق جۈملە دەپمۇ ئاتايمىز، ئۇ بۇ ئۇسۇلنى ئاساس قىلىدۇ، تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى تىل ئىپادىلىگەن مەزمۇننى بەلگىلەيدۇ. ۋىتگىنستاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پەلسەپىسى لوگىكىلىق تىلغا قارىتىلغان بولسا، كېيىنكى مەزگىلدىكى پەلسەپىسى ئەكسىچە ئادەتتىكى ئىستىمال تىلىغا قارىتىلدى. بىراق، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئىستىمال تىلغا بولغان ئانالىزىمۇ بىز تەسەۋۋۇر قىلىۋالغاندىكىدەك تىل ھادىسىسىغا بولغان ئانالىز ئەمەس، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ، بىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بارلىق تىل ھادىسىسىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇڭا، ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى پەلسەپىسىدە « تۇرمۇش ئۇسۇلى» دەيدىغان بۇ ئۇقۇم گەۋدىلىنىپ چىقتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىنى بىز ئىنسانلار تولۇق بولمىغان تىل بىلەن ئىپادىلەيدىكەنمىز ۋە تەسۋىرلەيدىكەنمىز، چۈنكى تۇرمۇش ئېيتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چەكسىز. بىز ئوخشىمىغان تىل ئويۇنى ئارقىلىق تۇرمۇش شەكىللىرىمىزنى تەسۋىرلەپ بېرىمىز. ۋىتگىنستان كۆزدە تۇتقان تىل ئويۇنى دەل بىزنىڭ بارلىق تىل پائالىيىتىمىزنى كۆزدە تۇتىدۇ.
  بۇ 3 خىل تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگۈرىشى ئارقىلىق، بىز ئاساسان دېگۈدەك بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى پىكىر يولىنى چۈشەنگەن بولىمىز. بۇ پىكىر يولى ئەنئەنىۋى پەلسەپىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئاللىقاچان ئاغدۇرىۋەتكەچكە، بىز ئۇنى بىر خىل يېڭى مەرىپەتچىلىك دەپ چۈشۈنىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل مەرىپەتچىلىك بىلەن 18- ئەسىردىكى مەرىپەتچىلىك ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور پەرق بار، ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى، بىز  ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەمىنلىگەن كۆپخىل تاللاشنىڭ ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىز پەننىي قاراشنى بىردىن-بىر دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلى دەپ قارىمىغان ۋاختىمىزدا، بىز پەلسەپەگە بولغان چۈشۈنۈشنى كۆپخىللىققا ئىگە دەپ قاراپ، ھەرگىزمۇ ئاددىي دۇئالىستىك ئۇسۇل دەپ قارىمىغان ۋاختىمىزدا، بىز ئادەمنىڭ دۇنيانى چۈشۈنىشىنى ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق چۈشۈنۈش دەپ قارىيالىغان ۋاختىمىزدا، ئاندىن بىز مەرىپەتچىلىكنىڭ يېڭى مەزمۇنىغا ئېرىشەلەيمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش