كۆرۈش: 7471|ئىنكاس: 40

بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى ۋە يېڭى مەرىپەتچىلىك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 14:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى ۋە يېڭى مەرىپەتچىلىك

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

  

    غەرپ تارىخىدىكى 17، 18-ئەسىردە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىدىيە ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى، بۇ ئىدىيە ھەرىكىتى ئادەتتە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. نېمىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىكەنلىگى ياكى ئۇنى قانداق چۈشۈنۈش توغرىسىدا ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرنىڭ ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈشلىرى بار. بۇ يەردە، بىز ئالدى بىلەن مەرىپەتچىلىكنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەندۈرۈلۈش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، ئاندىن بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ مەرىپەتچىلىككە بولغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەھلىل ئۇسۇلى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسى بىلەن مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بېرىمىز.

    مەرىپەتچىلىككە بولغان ئەنئەنىۋى تونۇش
  
    ئەڭ دەسلەپكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى 14- ئەسىردىن 16- ئەسىرگىچە بولغان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن باشلانغان. ئۇ چاغدىكى مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ مۇھىم خىزمىتى شۇ چاغدىكى فېئودال خرىستيانىزمنىڭ ئىدىيە ئارقا كۆرۈنىشىدىن چىقىپ كىشىلىك ۋە ئادەملەرنى چۈشۈنۈش ئىدى. شۇ چاغدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى 18- ئەسىردىكى ئىدىيىۋى ھەرىكەتنى، يەنى ئادەمگە بولغان بايقاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كېيىن ئادەمنىڭ ئەقلىيلىكىگە بولغان قايتىدىن تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  ئەگەر ئادەمنى بىر تەبىئى ئادەم سۈپىتىدە كۆرسەك، ئۇنداقتا بىز تەبىئىي ھالىتىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز، مەسىلىلەرنى تەپەككۈر قىلىمىز، ھەتتا ھۆكۈم قىلىمىز. لېكىن، ئادەمنى بىر ئەقلىي ئادەم سۈپىتىدە تونىساق، ئۇنداقتا بىز چوقۇم تەتۈر تەپەككۈر قىلىپ، ئەقلىي ئادەم بىلەن تەبىئى ئادەمنىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىمىز. بىلىمىزكى، تەبىئى ئادەم خۇددى داۋىد يۇم (1711-1776، ئەنگىلىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، ئىقتىسادشۇناس) ئېيتقاندەك، ئادىتى بويىچە ئىش قىلىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئاللىقاچان بار بولغان ئىجتىمائىي يوسۇن، ئىجتىمائىي ئادەت ھەتتا قانۇن-تۈزۈم بويىچە بولىدۇ.

    بىراق، 18- ئەسىرگە كەلگەندە پەيلاسوپلار ئادەمنىڭ تەبىئى خۇسۇسىيىتىگە بولغان چۈشۈنۈشكە قانائەت قىلمىدى، ئۇلار ئادەمنىڭ ئەقلىيلىكىگە بولغان قايتىدىن تونۇشنى تېخىمۇ تەكىتلىدى. 1784- يىلى 9- ئايدا، گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا چىقىدىغان «بېرلىن ئايلىق ژورنىلى»دا  «مەرىپەتچىلىك دېگەن نېمە» ناملىق ئىنتايىن زور تەسىرگە ئىگە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىنىڭ ئاپتورى مىندىلسون بولۇپ، ئۇ مەرىپەتچىلىك ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە ۋە تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يىلى 11- ئايدا، يەنە بىر تېخىمۇ زور تەسىرگە ئىگە پەيلاسوپ كانت يۇقارقى ماۋزۇغا دېگۈدەك ئوخشايدىغان بىر ماقالىنى ئېلان قىلدى، ماقالىنىڭ تېمىسى « بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرەيلى: مەرىپەتچىلىك دېگەن نېمە؟» ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى گېرمانىيىنىڭ مۇتەپپەككۈرلۈك ساھەسىدە مەرىپەتچىلىكنىڭ تەبىرى ھەققىدە بىر مەيدان بەس- مۇنازىرە قوزغالدى. ئەلۋەتتە، بۇ بەس- مۇنازىرە ئالدى بىلەن 18- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى فىرانسىيە مۇتەپپەككۈرلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەرىپەتچىلىككە بولغان چۈشۈنۈش ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاتقا بولغان بىر خىل تەتۈر تەپەككۈرىگە تايىناتتى. چۈنكى دىنىي ئېتىقاد 17- ئەسىردە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ خېلى بۇرۇن ئاللىقاچان بىر خىل ئادەت خارەكتىرلىك تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ئايلانغان ئىدى، كىشىلەر مەلۇم بىر نوپۇز بىلەن ئېيتىلغان دۇنيانىڭ قانداق ئۆزگۈرىشى توغرىسىدىكى ھەر قانداق گەپكە ئىشەنمەيتتى، ئۇلار ئىنجىل ئارقىلىق دۇنيانى چۈشۈنۈشنى ئەڭ خالايتتى، چۈنكى دىننىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە جەمىيەت تۈزۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر بىر مۇتەپپەككۈر دېگۈدەك بىر خىل تەييار تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن بۇ دۇنيانى چۈشەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

    بىراق، بىز مونتىسكيۇنىڭ «قانۇن روھى توغرىسىدا»، ۋولتېر (1694- 1778، فىرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، سىياسىيون، يازغۇچى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالىي يولباشچىسى)نىڭ «پەلسەپە توغرىسىدىكى خەت- ئالاقىلەر» دېگەن ئەسەرلىرىنى ئوقىغان ۋاختىمىزدا، 18- ئەسىردىكى مۇتەپپەككۈرلەرنى چۈشۈنۈشكە باشلىغىنىمىزنى تۇساتتىن ھىس قىلىپ قالىمىز، ئۇلار ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقاتنى يادرو قىلغان تەپەككۈر ئۇسۇلى بويىچە پىكىر يۈرگۈزمىگەن، بەلكى بىر خىل يېڭى، ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھەرىكەت مىزانى قىلغان ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان. بۇ چاغدا، دىنىي ئېتىقات بىلەن ئەقلىيلىكنىڭ توقۇنىشى 18- ئەسىردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى مۇتەپپەككۈرلىرىنىڭ مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلانغان.

    فىرانسىيە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى كېيىن گېرمانىيە ئىدىيەچىلىكىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى، ئۇلار ئاددىيلا قىلىپ مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمى بىلەن تەمىنلەنمەستىن، بەلكى فىرانسىيەلىك مەرىپەتچى پەيلاسوپلار ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق ئىدىيەلەرنى مەنبە قىلىپ گېرمانىيەنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى فىرانسىيە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋارىسىغا ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى قايتىدىن تونىدى. ئادەم ئەقلىي ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە، بۇ نۇقتىغا ھېچكىممۇ گۇمان قىلمايتتى، چۈنكى بۇ ئارىستوتىلنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە ئاللىبۇرۇن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە ھېچكىممۇ ئەقلىيلىكنىڭ ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايتتى. ئۇنداقتا، مەرىپەتچى مۇتەپپەككۈرلەر نېمە ئۈچۈن يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارنى مەرىپەتچىلىكنىڭ يادرولۇق نۇقتىئىنەزىرى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە كانت «بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرەيلى: مەرىپەتچىلىك دېگەن نېمە؟» دېگەن ئەشۇ مەشھۇر ئەسىرىدە ئېنىق جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەرىپەتچىلىك دېگىنىمىز ئادەملەرنى ساددا ھالىتى ئىچىدىن ئازاتلىققا چىقىرىش دېمەكتۇر. ساددىلىق دېگىنىمىز دەل بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئۇچرىمىغان، ئۆزىنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ساددىلىق ئۆزىگە زۇلۇمكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبى چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ كەمتۈكلىكىدە بولماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ يېتەكچىلىگى بولمىسا ئۆزىنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە ئىرادىسى ۋە جۈرئىتى بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئەقىللىق ئادەم بولۇشقا ئىرادە قىلسىڭىز، چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك، مانا بۇ مەرىپەتچىلىكنىڭ ئۆگۈتى!» مەسىلىنىڭ ھالقىسى شۇكى: بىز ئەقلىمىز بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئەمەس، بەلكى، باشقىلارنىڭ يېتەكچىلىگى بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ نىمىش قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقى سەۋەپلىك، ھامان بىر ئىلاھنىڭ بىز نىمىش قىلساق بىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرلا ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

    مەرىپەتچى مۇتەپپەككۈرلەر بىرگە تەمىنلىگەن پىكىر يولى شۇكى، بىز باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن ئەقلىي پىرىنسىپلار بويىچە ئىش قىلماسلىقىمىز لازىم، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىش قىلىشىمىز لازىم. بۇنى فىرانسىيە مەرىپەتچى مۇتەپپەككۈرلىرىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئەقىل ئىشلىتىشتە، جامائەتنىڭ ئىشلىتىشى بىلەن شەخسىينىڭ ئىشلىتىشىدە ناھىيىتى زور پەرق ساقلانغان، باشقىچە ئېيتقاندا، فىرانسىيىلىك مەرىپەتچى مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى تەشەببۇس قىلغان بىر خىل مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمى شۇكى، مەرىپەتچىلىك ھەرگىزمۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىيلىكىنى ئىشلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر بىز «قانۇن روھى توغرىسىدا»، « پەلسەپىۋى خەت- ئالاقىلەر» ۋە رۇسسۇ (1712- 1778، فىرانسىيىلىك مۇتەپپەككۈر، يازغۇچى، مۇزىكانت، 18- ئەسىردىكى مەرىپەتچىلەرنىڭ ئۈچ چوڭ يولباشچىسىنىڭ بىرى)«باراۋەرسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقايمىز: ئۇلار دەۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدار، مەرىپەت ئىدىيىسى ھەرگىزمۇ شەخسكە قارىتىلمىغان، بەلكى جەمىيەتكە قارىتىلغان ئىدى. شۇڭا، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېمۇكراتىيە قاتارلىق فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا تەمىنلىگەن ئىدىيىۋى قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسى شەخسكە قارىتىلمىغان ئىدى، لېبىرالىزملىق ئىدىيىمۇ ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى دەل جەمىيەت مۇھىتىنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ قۇرۇلغان ئىدى، شەخسنىڭ ھوقۇقى نۇرغۇن جەھەتتىن جەمىيەتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ، ھەمدە ئەڭ زور دەرىجىدە جارى بولىدۇ. شۇڭا ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەركىنلىككە بولغان چۈشۈنۈشنىڭ ھېچقايسىسى شەخسنىڭ جەمىيەتتە قانچىلىك دەرىجىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئاساس قىلماستىن بەلكى، جەمىيەت تەمىنلىيەلەيدىغان مۇھىت ۋە تۈزۈم كاپالىتى ئىچىدە شەخس ھوقۇقىنىڭ جارى بولىشىنى ئاساس قىلىدۇ. مانا بۇ فىرانسىيە مەرىپەت مۇتەپپەككۈرلىرىگە ئورتاق بولغان ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىك. بۇ مەنىدىن، فىرانسىيىلىكلەر ئەقلىيلىكنىڭ جامائەتلىك ئىشلىتىشچانلىقىنى ئەڭ تەكىتلەيدۇ، ئەقلىيلىكنىڭ شەخسىي ئىشلىتىشچانلىقىنى ئەمەس.

    لېكىن، گېرمانىيىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. بىلىمىزكى، گېرمانىيىنىڭ ئىدىيە ئەنئەنىسى بىلەن فىرانسىيىنىڭ ئىدىيە ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار، بۇنىڭدا، فىرانسىيىلىكلەر بىر جەھەتتىن شەخسنىڭ ئەركىنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بەكرەك مايىل، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلار بىر جەمىيەت مۇھىتىدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى قانداق جارى بولىدىغىنىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن گېرمان مەدەنىيىتى ئىچىدە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، گېرمان مەدەنىيىتى ئەمىلىيەتتە شەخسنىڭ، مۇستەقىل ئەقلىيلىكنىڭ قانداق جارى بولىدىغانلىقىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەمدە جەمىيەتنىڭ تۈزۈلمە خارەكتىرلىك قۇرۇلمىسىغا فىرانسىيىلىكلەرگە ئوخشاش ئۇنداق كۆڭۈل بىلىپ كەتمەيدۇ.  لېكىن، گېرمانىيە- فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىدا قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟ كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، كانتنىڭ ئىدىيىسىدە، ئۇ بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئىدىيە تاڭمىچىلىقىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىزنى، بەلكى شەخسنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشلىتىشنى ئەڭ تەكىتلەيدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىدىن، ئۇ ۋە مىندىلسۇن قاتارلىق كىشىلەر تەشەببۇس قىلىدىغان قاراشلار بىلەن فىرانسىيە مەرىپەتچىلىكى مۇتەپپەككۈرلىرى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەقلىيلىك جەمىيەتتىكى جامائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن كەسكىن پەرقلىنىدۇ.

    كانت فىرانسىيىچە مەرىپەتچىلىككە خاتىمە بېرىپ، باشقا بىر خىل مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى، بۇ خىل مەرىپەتچىلىك ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ دۇنيانى قانچىلىك دەرىجىدە تونىيالايدىغانلىقىنى قايتىدىن دەڭسىدى، مانا بۇ كانتنىڭ تۇنجى تەنقىدچىلىكىدۇر. كانت بىزگە تەمىنلىگەن ئەقلىيلىكنىڭ شەخسىي ئىشلىتىشچانلىقى، ئەمىلىيەتتە بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىدىيىۋى تەشەببۇس بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنى ئۇ، لېبىرالىزم ھەققىدىكى مۇنازىرىدۇر. ئەنئەنىۋى مەرىپەتچىلىك پەيلاسوپلىرىنىڭ لېبىرالىزمغا بولغان تونۇشى ئاساسلىقى بىر جەمىيەتنىڭ باراۋەرلىك ئۇقۇمىغا بولغان تونۇشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەركىنلىك ئۇقۇمىنىڭ ئىلگىرىكى ئەركىنلىك ئەنئەنىسىدە ئەڭ كۆپ چېتىلىدىغىنى جەمىيەت مۇھىتىدىكى شەخسنىڭ ھوقۇقى بىلەن جەمىيەت تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتۇر. بىراق كانتنىڭ ئادەملەرنى چۈشۈنىشىدە، ئەركىنلىك جەمىيەت ئادىللىقىنىڭ ئاساسى ئەمەس، ياكى جەمىيەتنىڭ شەخسنىڭ ھوقۇقىغا بولغان كاپالىتىنىڭ ئاساسى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ئەخلاققا بولغان تونۇشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ تونۇش دەل ئاتالمىش «ئاقكۆڭۈللۈك»تۇر، ئاقكۆڭۈللۈككە بولغان تونۇش بىزنىڭ ئەركىنلىك تونۇشىمىزنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

    18، 19- ئەسىردىكى پەيلاسوپلارنىڭ مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمى مۇنازىرىسىدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، « مەرىپەتچىلىك»نىڭ ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بار، مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمى بىرلا خىل ئەمەس، بەلكى كۆپ خىلدۇر. لېكىن بۇ خىل كۆپ خىللىقتىن بىز يەنىلا مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تاپالايمىز، بۇ مەزمۇن كانتتىن كەلگەن. كانتنىڭ 1784- يىلىدىكى ئەشۇ ماقالىسىدە مەرىپەتچىلىك مۇنازىرىسىنىڭ بىر خىل يەكۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ بولسىمۇ، «مەرىپەتچىلىك» ئىنسانىيەتنىڭ نادانلىقىنى تۈگىتىپ، ئادەملەرنى ساددىلىق ھالىتىدىن ئازات قىلىدۇ، بۇ ساددىلىق ھەرگىزمۇ ئادەمدە ئەقىل بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئەقلىنى ئىشلىتەلمەسلىكىدە، ھەمدە چوقۇم باشقىلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە رۇئايە قىلىشنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ ئىدىيە كېيىنكى پەيلاسوپلارنىڭ تەرەققىياتىغا ناھىيىتى زور تەسىر كۆرسەتتى.

    كانت پەلسەپىسىنىڭ مۇھىملىقى يالغۇز ئەقلىي ئىقتىدارغا بولغان تەنقىد بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، كانتنىڭ 3 چوڭ تەنقىدىي مۇھاكىمىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، ئەقلىيلىگى ۋە ھېسسىيات پائالىيىتى قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەرگە قارىتىلغان. بۇ 3 چوڭ تەنقىتتە، ئەقلىيلىككە بولغان مۇھاكىمە ئاساسلىقتەك قىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما كانتقا نىسبەتەن مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرىدىغىنى دەل ھۆكۈم قىلىش كۈچى تەنقىدچىلىگىدۇر، چۈنكى ھۆكۈم قىلىش كۈچى ئەقلىيلىك بىلەن ئەقىل- پاراسەتنىڭ ئارىلىقىدىكى نەرسە. ئەگەر ھەر بىر ئادەمدە ئەقلىي ئىقتىدار بار دېيىلسە، بىز، بىزنىڭ ئەقلىيلىكىمىز نەدىن كەلگەن، بىزنىڭ ئەقلىيلىكىمىز نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۇ شەرت ئاستىدا، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ خاسلىقى ئېنىقلا ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. كانت ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئەمىلىي ئەقلىيلىك  ئۈستىگە قۇرۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەجرىبىۋى ھادىسە ۋە ئەمىلىي ئەقىل-پاراسەت بىلەن تونۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ مۇقىملاشتۇرغان. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۇنىڭ مەقسىدى شۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان توغرا بىر ئاساسنى تېپىشتىن ئىبارەت، مانا بۇ ئادەمنى تونۇشنىڭ ئاساسى ئۇسۇلىدۇر ھەمدە ئادەملەرنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشتىكى ئۇسۇلىدۇر.دەل مۇشۇنداق ئىزدىنىش ئاستىدا، ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ھەقىقىي چەكلىمىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن، خۇددى كانت ئۈمىد قىلغىنىدەك، ئەكسىچە بۇ ئىقتىدار ئىنتايىن زور دەرىجىدە جارى بولىدۇ.

    ھالبۇكى، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشىدىلا مىخقا ئۈسۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى، مەرىپەتچىلىك ھەققىدە سۆزلەۋاتقىنىمىزدا، بىز پەقەت ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەقلىيلىكىدىنلا چىقىشنى، باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىنى شەرت قىلساق، بىراق بىز ئەقلىيلىكنىڭ تېڭىلىشىغا ئۇچرىغان ۋاختىمىزدا، تۇساتتىنلا ئەمىلىيەتتە ئەقلىيلىكنىڭمۇ بىز ئادەملەرگە تېڭىلىدىغان بىر خىل كۈچ ئىكەنلىگىنى بايقايمىز. شۇ سەۋەپتىن، بىز ئەقلىيلىكنىڭ تېڭىلىشىغا بويسۇنىۋاتقان ۋاختىمىزدا، تەبىئىيلا بىر رەددىيىگە دۇچ كېلىمىز، يەنى، بىز يەنە مەلۇم بىر يەككە يىگانە بولغان ئەقلىيلىكنىڭ تېڭىلىشىغا دۇچار بولۇپ، ئەقلىيلىكنىڭ تېڭىلىشىنىڭمۇ بىزنى باشقا بىر خىل تۇيۇق يولغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. مانا بۇ بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئۇقۇمىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى.


كېيىنكى ماۋزۇ: بۈگۈنكى زامان پەلسەپىسىنىڭ مەرىپەتچىلىكنى قايتىدىن تونۇشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-20 16:15  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا ئەپەندىم ، سىزنى ساقلاپ قالدۇققۇ ، ئىنكاس چۈشمىسە داۋامىنى يوللىمايدىغان گەپمۇ قانداق ؟

بولسا 14-ئەسىردىكى ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى ماتىرياللارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن . مەن ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىنى ھالاك قىلىشى ،  ئەھلى سەلىبنىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى قاتارلىقلار ياۋروپا ئاقارتىش ھەركەتلىرىنڭ سەۋەبى دەپ ئاڭلىغان ، لىكىن بۇ توغرىلىق ماتىريال كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم .

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 19:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ تېمىنى بالدۇرلا كۆرگەن،ئىنكاس يېزىپ سۈيلەي دېسەم يەنە«ماۋۇ كىچىك باللا..»دەپ ئەيىپلەمدىكىن دەپ قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرىمەن.ئاخىرسىنى قاچان يازاركىن دەپ ساقلاپ تۇرۋاتىمىز،بۇ تېمىدىن ماڭا نەپ باردەك تۇرىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 00:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا، ياخشى ئەمگەك قىلپسىز. ئەمما، بۇ تېمىنىڭ ئاپتورى كىم؟ نېمشىقا ئاپتورى ئەسكەرتىلمەيدۇ ياكى ئەسلىنلا ئاپتورى يوق يازمىمىكەن؟
  مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق بولمىغان يازمىلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. ئاتاين ۋاقىت سەرپ قىلغاندىن كېيىن نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىڭ. بۇنداق دېيشمدە سەۋەب بار. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى پوملاپ-سوملاپ يېزىلغان، تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ دەردىنى بەك تارتىپ كەتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئالدىغان «كارل ۋېتنىڭ پەرزەنت تەربيىسى » شۇنداق بولدى. ئەسلى بۇ نەچچە ئادەم ئۇ يەر بۇ يەردىن تېرىپ تۆشىگەن قواشتۇرمىلار دۆۋىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.بۇ دېگىنىم بۇ تېمىنى شۇنداق دېگىنىم ئەمەس.
        بولسا  نوپۇزلۇق  مەنبەلەردىن  تەرجىمە قىلىڭ.مەسىلەن، جېجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ داڭلىق پەلسەپە پروفېسسورى جاۋ گوشۈننىڭ «ھازىرقى زامان پەلسەپە تارىخى» تەرجىمە قىلاي دېسەك ياخشى نامزات. يەنە بېيجىڭ ئۇنىرېستېتى نەشرىياتى يەتتە يىل بۇرۇن «غەرپ پەلسەپىسى: سوقراتتىن سارتقىچە» دېگەن كىتابنى ئىككى تىلدا نەشر قىلغان؛ ئېنگلىزچە-خەنزۇچسى بار (مەن 2006-يىل سېتۋالغان، ئۈرۈمچدىكى ئۆيدە). بولسا شۇنىڭدەك كىتابلارغا مۇراجئەت قىلسىڭىز.
    ئەمگىكى زايە كەتمىسۇن دەپ بۇ تەكلىپلەرنى بەردىم. بۇ تېمىنى ئاخىرىغا چىقرىۋەتكەندىن كېيىن شۇنداق نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلارسىز. ئەگەر قەشقەردىن بۇنداق كىتابلارنى تاپقىلى بولمىسا ، ئۈرۈمچىدىكى ياڭگۇاڭ كىتابخانىسىدىن بۇ خىلدىكى ياخشى كىتابلارنى تاپقىلى بولىدۇ.
   پەلسەپە تارىخىدا كىتابنى يازغان ئاپتور بەك مۇھىم.  

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 00:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىلان مەمەتكە:
ئەسئەت سۇلايماننىڭ »تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» دېگەن كىتابلىرىدىكى ئىككى ماقالىدە سېلشۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق نۇقتسىدىن چىقىپ ياۋورپا ئەدەبيات سەنئىىنىڭ گۈللىنىش سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغان. ئوقۇپ بېقىڭ.

UID
33235
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 00:55:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ،ئاللاھ تىنىڭلانى سالامەت ئىشلىرىڭلانى ،ئوقۇشىڭىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلسۇن  سىلەردەك بىلىم ئەھللىرى بىلەن بىر مۇنبەردە بولغىنىمدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن
ئۇيغۇرزادە ئۇستاز ئاللاھ سىزگەكۆپ رەھمەت قىلسۇن  سىزنىڭ نام شەرىپىڭىزنى ئىگەللىگەن بىلىملىرىڭىز توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغانمەن ئاللاھ بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن،ئەنۋەر مۇئەللىمگىمۇ شۇ،،،،،،رەھمەت تىمىڭىزغا

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى پەلسەپە فاكولتېتىتىنىڭ پىروففېسورى، پەلسەپە لىنىيىسى تور بېكىتىدە نۇرغۇن ماقالىسى بار ئىكەن، لېكىن مەن بۇ تەرجىمىنى بىر ژورنالدىكى نۇسخىسىدىن قىلىۋاتىمەن.
ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يازماسلىقىمدىكى سەۋەپ ئىلگىرى مەن تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغان بەزى نەرسىلەر باشقىلارنىڭ نامىدىمۇ مەتبۇئاتقا چىقىپ كەتتى.  ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمگىكىمۇ ياكى تورغا يوللانغان تەييار نەرسىنى كۆچۈرۈپلا بىر نېمە قىلامدۇ، ئىشقىلىپ ئادەمنى گۇمانسىرىتىپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن.
شۇڭا بۇ ماقالىنى پۈتتۈرۈپ بىرەر يەرگە ماڭدۇرىۋەتكىچە ئىسمىنى يازماي تۇردۇم.

UID
16778
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
126
تىزىملاتقان
2011-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 13:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىم !!سىزنىڭ بىزنى تىخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزگە تەشنامىز!!!داۋامىنى كۈتىمەن!

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 15:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھازىر  بىزدە  پۇل ،مال -دۇنيا ئەسەبىلىكى چىكىگە  يەتتى ، 80-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان  ياشلارنىڭ پەلسەپىدىكى 3قانۇن ،5كاتىگورىە دىسە  بىلىدىغانلىرى بەك ئاز . شۇڭا توغرا نەزىريە تەپەككۇرى بۇلىشى ئۇچۇن پەلسەپىگە  مۇراجەت  قىلماي بولمايدۇ . جۇلا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر زادىگە  ياندىشىپ ،ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ياحشى   بىر ئەمگەكنى قولىعا ئىلىشى بىزنى بەكمۇ سويۇندۇردى . بۇلۇپمۇ تەرجىمىنىڭ تىلىنىڭ راۋانلىقى ، چۇشۇنۇشلۇك ،ئاممىباپلىقى ، كىشىنى بەكمۇ جەلىپ قىلىدۇ . ئادەم ئوقۇعانسىرى تەرجىمە تىل ئەمەس ،ئوز تىلىمىز دا يىزىلعان دەرىسلىكتەك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ . توردىكى ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئوز-ئارا بىربىرسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ، تورداشلارعا يىڭىدىن -يىڭى بىلىملەرنى بىرشىنى ،ھەممە جەھەتتە  ئولگە بۇلىشىنى ئومۇت قىلىمەن . تورداشلار سىلەردىن بىلىملا ئەمەس بەلكى ياحشى  ئىستىلمۇ ئۇگىنىدۇ .

UID
10417
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
506
تىزىملاتقان
2011-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 18:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۈم قىرىنداشلار .
ئەنىۋەر جۇلا ئەپەمدىم ئەسەر ئۆزىڭىزنىڭ  ياكى تەرجىمە قىلغان بولۇڭ  ھوزۇر ئالالمىدىم ، چۈشۈنەلمىدىم . پىكىر قاتناشتۇرماي دىگەن ئىدىم لىكىن سىز بىر ئەقىللىق زىيالى . سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز زور . بىزگە قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ، ھوزۇر بىغىشلايدىغان ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز  . مەن « سىياسىنىڭ رەزىللىكى » «كارل ۋىتنىڭ پەرزەت تەربىيىسى » دىگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە ، چۈشۈنەلمەي ، لەززەت ئالالماي ئاخىرىنى ئوقۇماي تاشلاپقويغان ئىدىم . « تۇرمۇشتىكى پەلەسەپە » «غەرپنىڭ تەپەككۈرى » « دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىرسائەتلىك دەرس » دىگەن كىتاپلار . ھەمچۈشۈنۈشلۈك ھەم قەلىپنى لەرزىگە سالىدۇ .
سالامەت بولۇڭلار بۇرادەرلەر .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش