- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2012-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-24
- UID
- 32626
- يازما
- 13
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2012-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-24
- توردا
- 10 سائەت
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تورداش سۇلتان
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ چىقتىم ، سىز بىلەن بىر كەسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى ئويلۇدۇم .
سىز ئۈزىڭىزنىڭ خاتا ھالدا بۇ كەسىپنى تاللاپ قالغانلىقىڭىزنى يېزىپسىز ، ئەمدى سىز قانداقلا بولمىسۇن بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنسىز ياخشىراق تىرىشىڭ ، مەيلى سىز كەلگۈسىدە بۇ كەسىپنى قىلىڭ ياكى قىلماڭ ، مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۇقۇش كىرەك ، ئۇقىغانكەنمىز ياخشىراق ئۇقۇش كىرەكتە ، چۈنكى ئەگەر سىز ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كەسپىڭىزنى قىلىشنى ئويلاپ قالسىڭىز ئۈزىڭىزگە ئەس قاتىدۇ ئەلۋەتتە ،چۈنكى سىزنىڭ كەسپىڭىز ھەقىقى ئىقتىدار ، ئەمەلىياتچانلىقنى تاللايدىغان بىر كەسىپ ، ئىقتىدارىڭىز بۇلسا ئىشلەيسز بۇلمىسا شاللىنىپ قالىسىز ، مەكتەپتە ئۈگەنگەنلەر ئەس قاتمايدۇ دىگەنگە ئەسلا ئىشەنمەڭ .
ئىمتاھانلاردىن ئاران ئۈتۇپ مېڭىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز سىزنىڭ ئۈتەلمەي قالماې ئۇقۇغىنىڭىزنىڭ ئۈزى يامان ئەمەس ئۇقۇۋاتقىنىڭىزنى كۆرسىتىدۇ ، كەسپى دەرىسلىرىڭىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەسمۇ.
يېزىقچىلىققا ۋاقىت چىقىرالمىغىنىڭىزمۇ راس ، تۈگىمەس خەرىتىلەردىن باش كۈتۈرەلمىسىز سىزنىڭ نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ ۋاقتىڭىز بولسۇن .
بىر ئادەمنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشىنى قىلىشنى خالىماسلىقى راس، لىكىن ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ ئويلىغانلا ئىشىنى قىلالىشى مۇمكىنمۇ ، سىز بىر رىئال تۇرمۇشتا ياشاۋاتىسىز ، ھايات دىگەن شۇنداق ، بەزى سىز قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنى مەجبۇرى قىلىسىز يەنە بەزىلىرىنى بولسا ئامالىڭىزنىڭ يوقلىقىدىن قىلىسىز ، بۇ خالىماسلىقلار ئىچىدە قىلغان ئىشلىرىڭىز سىزنى كىيىن بەلكىم بەخىت بۇسۇغىسىغا باشلاپ بېرىشىمۇ مۇمكىنغۇ ، سىز بىر ئەركەك ، بىر ئىشلارنى مەيلى خالاپ قىلىڭ ياكى خالىماې قىلىڭ، قىلغان ئىكەنسىز چۇقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭ .
ئاتا - ئانىڭىز سىزنى ئۇقۇيدۇ دەپ ئەۋەتتى ، ئۇلار سىزدىن نۇرغۇن ئۈمۈتلەرنى كۈتىۋاتىدۇ ، بالىمىز ئىنجىنىر بۇلىدۇ دەپ ئويلايدۇ ، ئۇلارنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ . سىزگە كەسىپنىڭ بېسىملىرى ئاز ئەمەس ، شۇنداقلا ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى يۈكىمۇ يىنىك ئەمەس ، سىزنىڭ بۇ كەسپىڭىز باشقا كەسىپلەرگە قارىقاندا كۆپ چىقىم تەلەپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
سىز كۆڭلىڭىزنى ئازادە قۇيىۋېتىڭ ،كەسپىڭىزنى بېسىم ھىس قىلماڭ، چىرايلىق سېلىنغان ئىمارەتلەرگە قاراڭ ، سىز تىرىششىڭىز كەلگۈسىدە سىز لايىلىگەن ، سىز سالغان ئىمارەتلىرىڭىز قەد كۈتۈرسە سىز ئۈزىڭىزدىن چۇقۇم پەخىرلىنىسىز، ئاتا - ئانىڭىز پەخىرلىنىدۇ ، مىللىتىڭىز پەخىرلىنىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىنجىنىرلىرىمىز نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى يارىتىۋاتىدۇ ، قىسقىسى مىنىڭ ئاكام نۇرغۇن بىنالارنى لايىلىگەن ، ئۇنىڭ بالىلىرى ھەر قىتىم شۇ بىنارنىڭ ئالدىدىن ئۆـكەندە باشقىلارغا زوق - شوخ بىلەن بۇلارنىڭ دادىسى تەرىپىدىن لايىلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ كىتىدۇ، ئەجابا سىزنىڭ شۇنداقلاردىن بولغىڭىز يوقمۇ .تىرىشىڭ ، سىز دىگەندەك ياخشىلا ئۇقىسىڭىز خىزمەت تېپىشىڭىز ھەرگىز تەس ئەمەس. قۇرلۇش كەسپىنىڭ قۇچىقى كەڭرى.
يەنە بىر جەھەتتىن سىز مىللەت جەھەتتىنمۇ ئانچە - مۇنچە ئويلاپ قۇيۇڭ ، بىز ئەسلى شۇنداق ئەقىل پاراسەتلىك بىر مىللەت ، باشقا مىللەتلەر ئۆڭكۈرلەرنى كولاپ ياكى ئەمدى تېخى بىر ئۆې دىگەن ئىدىيە شەكىللەنگەن چاغلا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئاللىقاچان سۇلانمان ۋاڭ مونارى ، ئاپپاق غۇجا قاتارلىق قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان قۇرۇلۇشلارنى بىرەر تال لىمسىز، تۈۋرۈكسىز ،پولات - چىۋىقسىز سېلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان ، بۇلار مۇشۇنداق بۇلىشى كىرەكتەكلا ھىچكىمنىڭ دىققەت ئىتىبارىنىمۇ تاتمىغان .كىيىن
قۇرۇلۇش كەسپىنڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، قۇرۇلۇش كەسپىدىكىلەر ، ئىنجىنىرلار ئاندىن بۇ قۇرۇلۇشلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ، ھازىر بولسا ھەر يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كەسىپ ئەھلى بۇ مەدەنى قۇرۇلۇشلىرىمىزنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بىز ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز كىرەك ئىدى لىكىن بىزدە ئەقىل - پاراسەت بولغان بىلەن ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان ئىلىم - پەن جەھەتتىكى ئىقتىدارىمىز يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئارقىدا قالدۇق ، مىنىڭچە سىز مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلىپمۇ ئوبدانراق ئويلاپ بىقىڭ .
سىزنىڭ ئارتۇقچە تۆھپە ياراتماي ، بىرەر قۇرۇلشقا ئائىت خىزمەت ئورنىدا ئىشلەپ ئۈزىڭىزنىڭ يانچۇقىنى توملىغىنىڭىزنىڭ ئۈزىمۇ مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان بىر كىشلىك تۆھپىڭىز ھىساپلىنىدۇ.
ئۈزەمنى ئېلىپ ئېيتسام مەنمۇ تۇپا-قۇرۇلۇش(工民建) كەسپىدە ئۇقىغان ھازىر بولسا (工程造价)خىزمىتى بىلەن شوغۇللۇنىۋاتىمەن ، مەنمۇ بىلىپ -بىلمەې دىگەندەك بۇ كەسىپتە ئۇقىغان ، دەرىسلەرنىڭ جاپالىقلىغىدىن بۇ كەسىپنى قىلمايمەن ، بالامدىن - بالامغا بۇ كەسىپتە ئۇقۇتمايمەن دىگەن ، مانا ئەمدى بولسا ئوغلۇمنى بىر تالانتلىق قۇرۇلۇش ئىنجىنىرى بولسىكەن دەپ ئويلايمەن، ئاللاخالسا ئۇنى بۇ جەھەتتىن تەربىلەيمەن سىزنىڭمۇ ، ئۇزاققا قالماې كەسپىڭىزنى سۈيۈپ قالسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن . مىڭچە سىز بىر ئەقىللىق جۈرئەتلىك بالا ئىكەنسىز ، تىرىشسىڭىزلا ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىڭىزدە گەپ يوق .
سىز ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىز تىگىمىزدىن ئەقىللق، سىز يەنىمۇ ئازاقلا تىرىشسىڭىز ئۇلارنى ئارقىدا قالدۇرىسىز.
يەنە بىر گەپ مەن سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن ، مەن گەرچە بۇ توربىكتىنىڭ دائىملىق مىھمىنى بولساممۇ ئەزەلدىن بىرەر تىمىغا ئىنكاس يازغان ئەمەس ، سەۋەبى مەن ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى بىلمەيتىم ،سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن بۇنىمۇ ئۈگەندىم ، سىزنىڭمۇ مىنىڭ سەۋەبىمدىن ئىدىيىڭىزدە ئازراق بولسىمۇ بۇرۇلۇش بولسىكەن دەپ ئويلايمەن.
|
|