- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15
- تىزىملاتقان
- 2012-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-30
- UID
- 31308
- يازما
- 13
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15
- تىزىملاتقان
- 2012-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-30
- توردا
- 9 سائەت
|
قىزىقمايتىم ، ئۆگەنگۈم يوق ئىدى دەپ ئاھ ئۇرۇپ ،زارلىنىش ھەرگىزمۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىقىپ قالغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس . بولۇپمۇ ئوغۇل بالا چوقۇم قىلىمەن دېگەن ئىشىنى روياپقا چىقىرا؛ايدۇ. سىز چوقۇم قىلالايسىز ، بەل قويىۋەتمەڭ، ھېچ بولمىسا ھازىر دېپلوم ،ئۇنۋانلىرىڭىزنى بولسىمۇ ۋاقتىدا ئېلىپ ،ساق سالامەت ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىڭ. ئادەم ياش ،شاش ۋاقىتلىرىدا بەك رومانتىكىغا ،تەسەۋۋۇرغا باي كېلىدىكەن. تولا خىيال قىلىدىكەن. لېكىن رىئاللىققا يۈزلەنسىڭىز بەزى خىياللار شۇ خىيال پېتىچىلا كېتىپ قالىدىكەن. سىز ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوقۇپ بولدىڭىز ، قىزىقمايمەن دەپلا كېتەمتىڭىز يا ؟ ئۇنداق ئەمەس. راستىنى دېسەم ،مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن بارغاندا ، ئېنگىلىز تىلى كەسپىگە قەتئىيلا قىزىقمىغان ،قىزىقىدىغىنىم ھەممە ئۆگىنىۋاتقان ئېنگىلىز تىلى بولماستىن ،ياپۇن تىلى ياكى نېمىس تىللىرى ئىدى . شۇڭا بېشىدا دەرىسلىرىمنى شۇ ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرگەندىن سىرت ياپۇن تىلى كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ يۈردۇم . كەسىپكە چىققان يىلى بىراقلا ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچىدىن ھېچنىېمىنى بىلمەيدىغان چەت ئەللىك مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى چۈشىنەلمەي ھەممىمىز كۆزلىرىمىزنى پارقىرتىشىپ ئولتۇرغاندا ،ئۆزۈمنىڭ زادى تىرىشمىسام بولمايدىغانلىقىنى ،ئەمدى شۇنچە پۇل تۆلەپ ،ئاتا-ئانامنىڭ قېنىنى شوراپ دېگۈدەك ئوقۇۋاتقاندىكىن چوقۇم تىرىششىم كېرەك دېگەننى ئويلىدىم.شۇنىڭ بىلەن تىرىشتىم بىر يىل ئىچىدىلا نەتىنجەم خېلىلا ئىلگىرىلىدى،دەرىجە ئىمتاھانلاردىنمۇ بىر بىرلەپ ئۆتتۈم،كۇرۇسمۇ ئاچتىم ،پۇلمۇ تاپتىم ،تۇنجى قېتىم ماڭا نان بەرگەن بۇ كەسىپنى بارا-بارا ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئىرادە بىلەن ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلدىم لېكىن كېيىنچە ئائىلىدىكى كېلىشمەسلىك تۈپەيلى سۇغا چىلاشتى. لېكىن چوقۇم ئېنگىلىز تىلىنى ،چوقۇم شۇ كەسىپنى ئىشلىتىمەن دېگەن ئىدىم. ئەمما كىممۇ ئويلىسۇن ،مەمۇرىي خىزمەت يەنى ئۆگەنگىنىمگە قەتئىيلا ماس كەلمەيدىغان بىر خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىمغىمۇ خېلى بولۇپ قالدى ، ئامال قانچە ،ئادەم دېگەن شۇ بەزىدە تۇرمۇش ئۈچۈن ھەممىگە كۆنۈپ كېتىدىغان گگپكەن. شۇڭا سىزگە نەسىھىتىم،سىز ئەڭ ياخشىسى دەرىسلىرىڭىزنىمۇ قىززىقمىدىم دېمەي ،شۇ سىزنى ئۆزى يېمەي كىيمەي ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى ئۆگۈنۈڭ . سىز تېخى شۇنچە چوڭ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇرستىگە ئېرىشتىڭىز ،بۇنىمۇ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى قوللىشىدىن ،سىزگە ئوقۇش شارائىتىنى ھازىرلارپ بەرگىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىزگە قىززىقمايدىغان كەسىپكە ئاتا-ئانام مېنى ئوقۇتقان ئۇ بۇ دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ئۇلاردىن ئاغرىنماي ،ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇڭ . ھەممە ئىش ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا باقىدۇ ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولسا، روھلۇق بولسىڭىز ئىشلىرىڭىزنى چوقۇم ياخشى قىلىپ كېتەلەيسىز. سىزگە شارائىت بولسا ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىدىغان پەننى تاللاپ ئوقۇپ بېقىڭ ،ئەلۋەتتە شۇ ئۆزىڭىز قىززدىقىدىغان قانۇن ياكى تىل دېگەندەك ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگىنىنى قىلىۋاتقان قانچە ئادەم بار ، ھەممە ئادەم شۇ كەسىپنى قىلالمايدۇ. ئالىي مەكتەپتە مېنىڭچە بولغاندا ئۆگىنىدىغىنىمىز جەمىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېىيىن شۇ تەرەققىياتقا قانداق ماسلىشىش ئاساسى ئورۇندا تۇرامدىكىن دەيمەن. شۇڭا سىز ،بۇنداق چۈشكۈنلەشمەڭ . راستىنى دېسەم ،ئۆزۈمنىڭ تەبئىي پەندە ئوقۇغۇسى بولسىمۇ ،شۇ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تەكلىبى بىلەن ئىجدىمائىي پەندە ئوقۇغان،لېكىن ھازىر مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،ياخشى ياشاۋاتىمەن. شۇڭا سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ھازىر كۆزئالدىڭىزدىكى مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەرگىز ئوقۇشنى قانداق پۈتتۈرەمەن ،پۈتتۈرگندىن كېيى قانداق قىلارمەن ئەمەس ھەم پۇشايمانننىڭ مەيۇس شاماللىرىغا ياندىشىپ نىشانسىز لەيلەشمۇ ئەمەس. گېپىمنى سىزگىلا ئەمەس ،سىز قاتارلىق تېمىغا ئىنكاس يېزىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتقان بىر قانچە تورداشقا دەۋاتىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىپ قىلارسىز. مېنىڭچە ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سىز ھەرگىز نېمىنىڭ ئاق نېمىنىڭ قارا ئىكەنىگىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسقۇ دەيمەن.
ئاخىرىدا سىز قاتارلىق بىر قانچە ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ ئوقۇشىغا ئۇتۇق ،تۇرمۇشىغا خوشاللىق ،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن. |
|