- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2011-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- UID
- 15762
- يازما
- 3
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2011-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-9
- توردا
- 4 سائەت
|
yarghol يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 00:40 
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ۋە رەھىمىتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ !
...
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا يەكۈنلىگەن يەكۈنۈم : ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئالىي مەكتەپتە بىكار ئوقۇپتىمەن ، ھېچنىمىنى ئۆگىنەلمەپتىمەن دەپ ئەيىپلىمەڭ . ئەيىپلىگەنگە ھېچقانداق ئىش ھەل بولمايدۇ . ھېچ بولمىغاندا سىز ئالىي مەكتەپتە بۇ جەمىيەتنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشۈنۈپ قالدىڭىز ، باشقا يۇرتلۇق بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ، دۇنيا قارىشىنى بىلدىڭىز . ھازىرقى دۇنيانىڭ قايسى سەۋىيەدە ، ئۆزىمىزنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتەلىدىڭىز ....ۋاھاكازالار
سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم : سىز ئەمدىلا ئۈچۈنچى يىللىققا چىقىدىكەنسىز . مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزگە يەنە پۇرسەت بار . ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقى ئەڭ مۇھىم ھەم ھەل قىلغۇچ باسقۇچ . بۇ يىلدا سىز قۇرۇلۇش توغۇرلۇق رەسمىي كەسپى دەرىسلەرنى ئۆگىنىسىز . قىزىقمايدىغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز ، قىزىقمىسىڭىزمۇ ئەمدى ئۆزىڭىزنى مەجبورلىشىڭىز ، قىزىقىشىڭىز كېرەك . چۈنكى سىزگە ئەمدى چېكىنىش يولى يوق . راسىت دەيسىز ، قۇرۇلۇش كەسپى بەك قىيىن ، دەرسلىرى بەك كۆپ . لېكىن ئىرادىڭىز چىڭ بولسىلا بۇلارمۇ مەسىلە ھىساپلانمايدۇ . ھازىر بىزگە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلار كېرەك بولۇش بىلەن بىرگە تەبىئىي پەن ئوقۇغانلارمۇ بەك قىس . ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا تۇرۇپ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋېتىشكە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . كەسپى دەرسلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۆز قىزىقىشىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ . مەسىلەن ، كىتاپ ئوقۇش ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دېگەندەك ....
يەنە بىر ئىشنى تۇلۇقلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ . ھازىر ئالىي مەكتەپ بالىلىرىنى كېرەكسىز قىلىپ قويىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى كومپىيوتېر بولۇپ قالدى . ئېسىڭىزدە بولسۇن كومپىيوتېر سىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىڭىزنى ئىگەللەپ كەتمىسۇن . ئەگەر بوش ۋاقتىڭىزنى كومپىيوتېر ئىگەللىۋالسا ، ئۇنداقتا سىز باشقا ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالمايسىز ... كومپىيوتېرنى ئۆزىڭىزگە بويسۇندۇرۇڭ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ قالماڭ . بۇنداق دېگىنىم كومپىيوتېر تۇتماڭ دېگىنىم ئەمەس . ئۇنىمۇ ئۆگۈنۈپ قويۇڭ . كومپىيوتېر بىلمىسىڭىز ، بۇ ئەسىردە ساۋاتسىز ھىساپلىنىپ قالىسىز . . .
ئۆگىنىدىغان ھېچقانداق نەرسە تاپالمىدىم دېسىڭىز ، شۇ بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا بىرەر تىل بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ ... ھامىنى ئەسقاتىدۇ ... |
|