ئىگىسى: turditohti

ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 16:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك  ئۆزلىرى ئەقىللىق ئىنسان تۇرۇپ بۇنداق ئۆز تەبىئىتىنى يۇقاتقان ئىنسان ئەقىلسىز ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ھالەتتەتۇر . شۇڭا ئەقلىنى يۇقاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر تەپەككۇرى بولمىغان بۇنداق ئىنساننىڭ بۈگۈنى ھەم كەلگۈسى بولمايدۇ . بۇنداق بۈگۈنى ھەم كەلگۈسى بولمىغان ئىنساننىڭ ھاياتىدا نە مەنا بولسۇن ؟ بۇنداق  مەناسىز ھاياتتا ياشىغان ئىنساننىڭ ھاياتى شۇنداق ھايۋاندىن پەرىقلەنمەيدۇ . ھاتتا ئۇ شۇ ھايۋاندىن پەرىقلىق  ئەقلى بىلەن شۇڭا ھايۋاندىن بەتتەر ھالاتتەتۇر .

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 16:44:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش ئەمدى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن ئالىم ھەققىدە بىرئاز پىكىرلىشىپ باقايلى . ئالىم دەپ قانداق كىشىلەرنى دەيمىز ؟ ماشىڭنە ، ئايرۇپىلان ، باشقۇرلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ياساپ چىققانلارمۇ ؟ ياكى بولمىدى قۇرئان كەرىمنى يادىلاپ كۆتۈرۈپ بولغانلارمۇ  ؟ زادى ھەقىيقى ئىلىم ئەھلى يەنى ئالىم دىگىنىمىز قانداق كىشىلەردۇر  ؟ جاۋاپ : ھەقىيقى  ئىلىم ھەق (يەنى  قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئاللاھ نىڭ ھەق سۆزلىرى ) بۇلۇپ . مانا مۇشۇ ھەقىيقەتلەرنى پۇختا ئىگەللىگەن كىشى  ھەقىيقى ئىلىم ئەھلى ،يەنى ئالىم  دىگىنىمىز شۇ كىشىلەردۇركى ، ئۇلار قۇرئاندىن باشقا  ھەرقانداق بىر نەرسىنى كۆرگەندە  ئالدى بىلەن  قۇرئانغا (يەنى ئاللاھ نىڭ ھەق سۆزلىرگە) سېلىشتۇرۇپ ،  پەيغەمبىرىمىزنىڭ راس دىگەن دىمىگەنلىكىنى
ئايدۇڭلاشتۇرۇپ ئاندىن  قۇرئانغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان سەھى ھەدىسلارنى  ، يەنى ھەق سۆزلەرنى  قۇبۇل قىلالايدىغانلار   . ئەگەردە قۇرئانغا زىت  كىلىدىغان  (يەنى قۇرئاندا ھېچقانداق يەردە بايان قىلىنمىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى قىلىشقا  ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرىمۇ ئۈممەتلىرگە ھېچ قاچان تەۋسىيەمۇ  قىلمىغان .  ئەمما ئىنسانلار تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز دىگەن : قىلىشقا بۇلىدۇ
دىيلىپ رىۋايەت قىلنىپ يۈرگەن ) بىتئەت سۆزلەرنى ئايرىپ  ،  ئۇنى ئىنكار  قىلالايدىغانلار . دىمەك قۇرئاندىن  باشقا  ھەرقانداق سۆز ۋە ھەركەتلەرنى كۆرگەندە  قۇرئان ئارقىلىق  قۇبۇل قىلىدىغاننى قۇبۇل قىلىپ ، ئىنكار قىلىدىغاننى  ئىنكار قىلالىغانلار . دىمەك قۇرئان ئارقىلىق (يەنى ھەق ئارقىلىق باتىلنى )ئىنكار قىلالىغانلار ئەنە  شۇلار ھەقىيقى ئىلىم ئەھلىلىرىدۇر .
ئەنە  شۇلار  ئالىملاردۇر . پەقەت ئالىملارلا  قۇرئاننى چۈشۈنىپ  ، ئاللاھ غا ھەقىيقى رەۋېشتە ئىمان كەلدۈرەلەيدۇ . دىمەك ئاللاھ قۇرئاننى ھەققە باتىلنى ئارلاشتۇرۋالمىغانلارغىلا پەم قىلدۇرىدۇ .
ئەنە شۇنداق قۇرئاننى پۈتۈنلەي بىلىپ بولغان .  شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غا ۋە ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرىگە ھەقىيقى رەۋېشتە ئىمان كەلدۈرەلىگەن  راسچىل  مۇسۇلمانلارلا ئەنە  شۇلار ھەقىيقى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولغان ئالىملاردۇر . ئىنسان  بۇنداق ياخشى سۈپەتلەرگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ  ئۆز تىلىدىكىنى بىلىپ ئۇقۇپ  ئۇنىڭ ھەربىر  ئايەتلىرى ئۈستىدە  ئوبدانلا  پىكىر تەپەككۇر يۈرگۈزىپ تۇرۇش كىرەك !  چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار مۇھتاچ بۇلىدىغان ھەرقانداق مەسىللەرگە جاۋاپ  بىرىلگەن . دىمەك  قۇرئان كەرىم  ھېچ قانداق  ئىشقا ئېھتىياچ  قالدۇرمايدۇ . بۇ ھەقتە ئاللاھ !  مۇنداق دىگەن :  
يەنى[(ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزەڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!)ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «(ئىش مېنىڭ ئىلگىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن(ئۆزلۈكۈمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە)پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر»]7-203.
دىمەك يۇقارقىدەك  ھەقىيقەتلەر شۇلارنى ئىسپاتلايدۇكى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ بىرى  ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسىز  سۆز قىلمايدۇ .  يەنى ئىش ئۇنداق  ئىنسان ئىلگىدە  ئەمەس . دىمەك شۇ  پەيغەمبەرلەرمۇ  پەرۋەردىگارى  تەرىپىدىن  ئۇلارغا نازىل بولغان شۇ ھەققە(يەنى قۇرئانغا ) ئەمەل قىلىدۇ . دىمەك شۇ ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرىمۇ ئۇلار ئىلىم ئەھلى  بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرقانداق ئىشقا ھۈكۈم قىلىشتا شۇ قۇرئاندا تەۋسىيە قىلىنغان ھەق سۆزلەر بىلەن (يەنى قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ ) ھۈكۈم قىلىدىغانلىقى .
قۇرئاندىكى  مۆجىزلەرنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچ قانداق مۆجىزلەرگە ئېھتىياچ  قالدۇرمايدىغانلىقى . دىمەك قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار مۇھتاچ بۇلىدىغان  ھەرقانداق مەسىللەرگە جاۋاپ چىقىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . شۇڭا ھەرقانداق  ئىشقا  قۇرئان ئارقىلىق ھۈكۈم قىلالىغانلار . قۇرئاندا بايان قىلىنمىغان  سۆز ، ھەركەتلەرنى ئىنكار قىلالىغانلار ئەنە  شۇلار  ئالىملاردۇر . ئالىم بۇلۇش ئۈچۈن شۇڭا قۇرئان كەرىمنى  پوننى  بىلىش  كىرەك !  چۈنكى ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە قۇرئان كەرىمنى پەقەت  ئالىملارلا چۈشۈنەلەيدۇ .  شۇنداق  ھەقنى (يەنى قۇرئان كەرىمنى ) بىلەلىگەن  ئالىملارلا  ئەنە شۇلار ھەقىيقى ئىلىم ئەھلىلىرىدۇر .

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 17:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك شۇ ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ، ئىنجىنىر ئالىملار ياساپ چىققان شۇ ئىجادىيەتلەر ئەگەردە ئىلاھى ۋەھى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەيدىكەن .ئۇنداقتا شۇ ئىنسان خاس ئەقلىگە تاينىپ ھۇجۇتقا كەلدۈرگەن كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلەرئىنسانغا روھى ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ . دىمەك ئىنسانلاردىكى  بۇنداق ئىلىم قارىماققا ئىنسان جىسمىغا  نان بىرىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمىشىغا  ھوزۇر ھالاۋەت بېغىشلىيالغىنى بىلەن ، ئەمما شۇ كەشپىياتلارنى ئىجات قىلىپ چىققان ئىنسانغا روھى ئەركۈنلىك بىرەلمەيدۇ  . بۇنداق روھى ئەركۈنلىكتىن مەھرۇم قالغان شۇ ئىجادىيەتلەر ئاخىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆز جېنىغا زامۇن بۇلىدۇ خالاس .

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 17:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك ئىنسان روھى ئەركۈنلىكنى خاس ئەقىلغا تاينىپلا تاپالمايدۇ . بۇ ھەقتە يەنى قىسقىغىنە توختىلىپ ئۈتەيلى . توغرا! ئەقىل ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن كاتتا نىممىتى . بىراق  ئىنسان ئۈچۈن ئەقىل ھەمىگە قادىر بۇلالمايدۇ . چۈنكى ئىنسان خاس ئەقىلىگە تاينىپ نۇرغۇن كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلەرنى يارىتىپ ، ئۇنىڭ نېنىنى يىيەلگىنى بىلەن . ئەمما شۇ  ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان بۇ ئەقىل  ئىنسانغا روھى  ئەركۈنلىك بېغىشلىيالمايدۇ .  
مەسىلەن ئالايلى : ئامىركىدەك شۇنداق كەشپىياتجانلىقى كۈچلىك بولغان ،  دىمەك ئىنسانلارنى ئاي شارىغا ئاچىقالىغان تەرىقىياتلار  ئۇلارغا يەر شارىدىن  روھى ئەركۈنلىك بىرەلمىدى . ياپۇننىيەدەك  ئىجاتجان دۆلەتلەردىمۇ  ئۇلارنىڭ خاس ئەقلىگە تاينىپ ياسىغان ئاتوم بومبىلىرى ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ جېنىغا زامۇن بولدى.  كائىناتقا بىر نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ  ئىنسانلارنىڭ خاس  ئەقلىگە تاينىپ ھاسىل قىلغان  ئىجادىيەتلىرى  گەرچە ئۇلارغا ناراقنى يېقىن قىلىپ ، تەسنى ئاسانلارشتۇرۇپ ، يوقنى بار قىلىپ ، قارىماققا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ ، ئۇلارغا نان بىرەلگىنى بىلەن ئەمما يەنىلا  ئۇلارغا روھى ئەركۈنلىك بىرەلمىدى . رىئاللىقتىن  ئىزدىنىپ كۆردىغان بولساقمۇ ئەڭ ئاددىيسى 4ئادەم بار يەرگە كىلىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇ كىسەل بۇ كىسەل بىلەن سېقىدىن بىرەرسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ . شۇنچە دۇختۇرخانلارنىڭ كۆپلىكىمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە قىلىپ بىرەلمىدى . دىمەك ئىنسانلار  زىمىندا نۇرغۇن كاتتا بايلىققا نۇرغۇن تۇرمۇش قۇلايلىقىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ . ئەمما ئۆزىگە روھى ئەركۈنلىك تاپالمىدى .  ئەمدى ئىنسان بۇ روھى ئەركۇنلىكنى قايەردىن تاپىدۇ ؟ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى مانا مۇشۇ يەردە بۇلۇپ.
ئىنسان ئۆزىگە روھى ئەركۇنلىكنى پەقەت  ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزلىرنى بىرگە قۇشۇپ ياراتقان شۇ ئەقلىنى ، ئىلاھى ۋەھى (يەنى قۇرئان كەرىم) بىلەن زىچ  بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ،  ياراتقۇچىسىنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنىڭ قىل سىغمايدىغان بىر ھەقىيقەت ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلدۈرۈش بىلەن تاپالايدۇ .


UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 19:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش  ھەقىقەتچى ،،،ھۆكۈم  خۇلاسە  خاراكتىرلىك گەپلەرنى  ئازراق ئىشلەتسىڭىز قانداق ‹؟

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 19:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتچى ئەمدى ئەلكۈيىدە پەيدا بوپتۇدە         قەتتى گەپ يىمەيدىغان تورداش بۇ

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 23:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەرگىز مۇنبەرداشلار بىلەن تالاشقانلىق ئەمەس . ئىنكاسلىرىمدا پەقەت شۇ مۇنبەرداشلار ئۆز ئارا ئايدۇڭلاشتۇرۇپ كىتەلمىگەن بەزى مەسىللەردە ئۇلارنىڭ پىكىر تەپەككۇر قىلىپ بېقىشلىرى ئۈچۈن چۈشەنجە بىرىلدى خالاس .  

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇنبەرداشلار ! سىلەر شۇ ھەقىيقەتلەرنى بىلىپ قېلىڭلاركى ، ئىسلام دىنى ئۇ ئاللاھ نىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دىن قىلىپ بىكىتىپ بەرگەن ھەق دىن بۇلۇپ . شۇڭلاشقا بۇ دىن مۇقەيرەرلىككە ئىگە بولغان دىندۇر .شۇڭا ئىسلامدا ئوتتۇردا يول يوقتۇركى ،   دىمەك ئىسلامنىڭ ھۈكىمى بۇلىدۇ دىسە بۇلىدۇ . بولمايدۇ دىسە بولمايدۇ . دىمەك ھەرقانداق ئىشتا ھۈكۈم ، خۇلاسە دىگەنلەرنى ئىنسان ئەمەس ، بەلكى ئىسلام (يەنى ھەق قۇرئان )چىقىرىدۇ . شۇڭا سىلەر قۇرئان كەرىمنى ئوبدانلا پىكىر قىلىپ كۆردىغانلا بولساڭلار ھەققە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھۈكۈم ،خۇلاسە دىگەنلەرنى  سىلەرمۇ چىقىرالايدىغان بۇلىسلەر . شۇنداقلا ئۆزۈڭلاردا  ئىشەنجە تۇرغۇزۇپ ، ئۆزۈڭلارنىڭكىنى ئۆزۈڭلار راس دىيەلەيدىغان بۇلۇپ ، ماڭا ئوخشاش ئوزۈڭلانىڭ پىكىرىدە  چىڭ تۇرالايدىغان بۇلۇسلەر .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 10:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hakikatqi
ياخشىمۇ سىز؟
ئەقىل بىلەن تەپپەككۈر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نىممىتى،ئەگەر ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەقىل ئىشلەتمەي،تەپەككۈر ئارقىلىق ئۈزىنى،ئۈزى تۇرۋاتقان ماكان-زاماننى تەرەققى قىلدۇرمىسا،ئۈزىنىڭ ئەقلى-پاراسىتىگە تايىنىپ،ئۈزىنىڭ ئەجدادى ۋە ئەۋلادىنى تۇنىمىسا ،بۇلۇپمۇ ئەۋلاتلىرىنى كىشىلەرنىڭ قۇلىغا قارىتىپ قويسا...ياراتقۇچى ئىگىمىز ئۇنداق مۇسۇلماندىن بىزار بۇلۇدۇ.بۇنداق مۇسۇلماندىن قىياممەتتە سوراق ئالىدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بولىدىكى ىۇدا ئادەمگە ئەقىل-پاراسەت،تەپەككۈر قىلىشتەك تىمەن ئېڭنى ئاتا قىلغان.ئىنسانلار چۇقۇم بۇ خۇدا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىپ دۇنيانى گۈزەللىككە،مىھرى-مۇھابەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.سىز شۇنى ئېنىق ھىس قىلىشىڭىز كېرەككى ياراتقۇچى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى تەپەككۈرنى بوغۇپ،ماشىنى ئەمەت ياراتسۇن،يەنا بىرنى سەمەت ياراتسۇن....قالغانلار كالىدەك ياشاپ ئۆتۈڭلار دىمەيدۇ.چۈنكى خۇدا ئادەملەرنى ياراتقاندا بىرنى ئېزىز،بىرنى خار قىلىپ ياراتمىغان.بۇ دۇنيادا قانچىلىك ساۋاپلىق ئىش قىلىپ،خەلىقنىڭ غىمىنى يەڭگىللىتەلىسىڭىز ئۇ دۇنيادا يۈزىڭىز يۇرۇق بولىدۇ(ئىسلام پەرىزلىرنى ئادا قىلغان ئاساستا)،سىز قانچىكى بىچارە ياشا ىۇدانى سېغىنىپ خۇدانىڭ تاشلاپ بىرىشنى كۈتسىڭىز خۇدا چۇقۇم سىزدىن بىزار بولىدۇ چۈنكى بۇنداق ئادەملەر خۇدا بەرگەن ئالاھىدە نىممەتنى ئىشلىتەلمىگەن گالۋاڭ كىشىلەردۇ.
سالامەت بۇلۇڭ!

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 19:42:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تۇردىتوختى ئەپەندىم ! توغرا راس دەيسىز ئاللاھ ئادەمگە ئەقىل-پاراسەت،تەپەككۈر قىلىشتەك نىممەن ئېڭنى ئاتا قىلغان  . شۇنداق سىزمۇ شۇ ھەقىيقەتلەرنى بىلىپ قېلىڭكى ، ئىنسان خاس ئەقىل ، پاراسەت ، تەپەككۇرغا تاينىپلا ئۆزلىرگە ۋە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەنلا ئۆزلىرگە توغرا يول تېپىپ كىتەلمەيدۇ . چۈنكى جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىمان ئېتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار توغرا يولدا بولغانلار بۇلۇپ ، ئەنە شۇلارنى  بۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە ياخشى ياشىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن .  دىمەك بۇ يەردە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم نوختا شۇكى ، ئۇ ئىماندىن ئىبارەت بۇلۇپ . ھەرقانداق بىر ئىنسان ئالدى بىلەن ياراتقۇچىسنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنىڭ بىردىن بىر  قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەتلىكىگە ھەقىيقى رەۋېشتە ئىمان كەلدۈرمەي تۇرۇپ ، ئۇ ھەرقانچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋاتسۇن ئۇنىڭ ئىمانى بولمىغان سەۋەپلىك ، گەرچە ئۆزلىرى ياخشى دەپ بىلىپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرى يوققا چىقىرلىپ ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىتىۋارغا ئېلىنمايدۇ . شۇڭلاشقا  ئىنسانلار چۇقۇم بۇ خۇدا ئاتا قىلغان كاتتا نىممەتلەرگە چەكسىز شۈكۈرلەرنى قىلىش يۈزۈسىدىن ،ئالدى بىلەن خۇداغا باشقا مەخلۇقاتلارنى شىرىك قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان كەلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ،ئۇلارنىڭ ئىمانى بولغان سەۋەپلىك ياخشى ئەمەللىرىمۇ يوققا چىقمايدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان چۈقۈم ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن شۇ ئەقىلى ،ھەم تەپەككۇرىنى ئىلاھى ۋەھى (يەنى قۇرئان كەرىم بىلەن )زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك ! شۇنداق قىلىپ مۆجىزلەر ئارقىلىق توغرا يول تاپقانلار ئاندىن ھەقىيقى بىر راسچىل مۇسۇلمانلاردۇر . دىمەك ئىلاھى ۋەھى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىگەن ھەرقانداق مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ ئاقىۋېتى ھالاكەت بىلەن تۈگەنلىنىدۇ خالاس ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش