ئىگىسى: turditohti

ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 00:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 15:57
ئەنۋەرجۇلا ئەپەندىنىڭ يۇقارقى  ئىنكاسىىغا قول قويدۇم.
...

تادۇچە  تەپەككۇرىڭىزنڭ سەۋيىسى  يەتمەيدۇ ئۇنىڭغا  ھى ھى ھى،،چاخچاق ھە ...
تادۇ توغرىسىدا  يەنە  چۈشەنمىگەن  يىرىم بار ،،ئوت سۇ ھاۋا  تۇپراق .....بۇنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن نىمە ئالاقىسى بار

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:15:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hakikatqi
مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرمەپتىمەن،سىز شۇنچە كۈچاپ قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرنى پارچىلىغۇچە شۇ كۈچىڭىزنى چىقىرىپ،خۇدانىڭ ئىساننى نىمە ئۈچۈن ياراتقانلىغى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى كۈرۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلسىڭىز بولغۇدەك،شۇ چاغدا ئىنكاسىڭىز ئۈستىدە ئۆزىڭىز چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولاتتىڭىز!
ئالدىراپ پىكىر قىلىپ گۇناككار بۇلۇپ قالماڭ،پىكىر قىلىپ،تەپەككۈر يۈرگۈزىۋاتقانلار سىزنىڭ قېرىداشلىرىڭىز!
كۆپ گەپنىڭ ئورنى يوق

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلار  بىرەر  سۆزنى  شەرىئەتكە  لايىق  قىلىپ چۈشەندۇرۇشسە  ياكى ھۆكۈم قىلماقچى بولسا  قۇرئان ئايەتلىرىنى مىسال ئالىدۇ ،،قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنىمىز  بۇنى
نەقىل ئالدى  دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدىغۇ..
ئەنۋەر  ئەپەندى  پارچىلىدى  دىسىلا ئەگىشىپ مۇقام  توۋلاپ كىتىدىغان  باللاكىنا بۇ ؟

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghemkvz
سىز ھەقىقەتچىنىڭ ئىنكاسىدىكى ئاخىرقى ئازاس بىلەن باشلىنىش قىسىنى يەنە بىر ئۇقۇپ باقامسىز؟

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 02:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم توغرا ! ئىسلام (يەنى ھەق قۇرئان )ئۇ بىر پۈتۈن ھەقىيقەتتۇر . شۇڭلاشقا بىر پۈتۈن نەرسىدە ئۇنىڭدىن ئېلىۋېتىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا قۇشۇپ قۇيۇش مەۋجۇت ئەمەس . چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق مۆجىزلەرگە ئۇرۇنمۇ قالدۇرمايدىغان بىر پۈتۈن ھەقىيقەتتۇركى  ،  قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ ،  ئۇنىڭ ھەربىر ئايەتلىرنى پىكىر تەپەككۇر قىلىپ كۆرىدىغانلا بولساق پۈتكۈل مەزمۇنىنىڭ شۇ ئاللاھ نىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەتكە مەرگەزلەشكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . بۇ ھەقىيقەتلەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشۈنەلەيدۇ . دىمەك ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىلىرىلا (يەنى پىكىر تەپەككۇر ھەم مۆجىزلەر  ئارقىلىق ) ئۆزلىرگە توغرا يول تاپقان  ئالىملارلا بىلەلەيدۇ . مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ئۇلار بارلىق ئىشلىردا پەقەت يالغۇز ئاللاھغىلا تەۋەككۇل قىلالايدىغان كىشىلەر بۇلۇپ . ئۇلار ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ،قىلماقچى بولغان  شۇ ئىشىغا شۇنىڭدەك قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئايەتلىرى بۇيىنچە ھۈكۈم قىلىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئاننى پارچىلىۋەتكەنلىكى بولمايدۇ . چۈنكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغاندىمۇ ، پەيغەمبىرىمىز قايەردە ؟ قانداق  مەسىللەرگە دۇچ كەلگەندە ؟ شۇ يەردە ، شۇ مەسىلىگە ھۈكۈم قىلالايدىغان ئايەتلەر نازىل بولغان . شۇڭلاشقا ئىنسان ھەرقانداق ئىشقا قۇرئان بۇيىنچە ھۈكۈم قىلىپ ، توغرا يولدا بۇلىمەن دەيدىكەن قۇرئان كەرىمنى پىكىر تەپەككۇر قىلىشتا ئۇنىڭ ھەربىر ئايەتلىرگىچە ھەممىنى پىكىر تەپەككۇر قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىش كىرەك ! سەن شۇنداق قىلالىساڭ ئاندىن سەنمۇ  ئۆزىڭنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ توغرا يولدا بۇلۇپ ، بولمىغانغا باھا بىرەلەيدىغان بۇلىسەن .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 02:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقەتچى:
بۇ ھەقىيقەتلەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشۈنەلەيدۇ . دىمەك ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىلىرىلا (يەنى پىكىر تەپەككۇر ھەم مۆجىزلەر  ئارقىلىق ) ئۆزلىرگە توغرا يول تاپقان  ئالىملارلا بىلەلەيدۇ . مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ئۇلار بارلىق ئىشلىردا پەقەت يالغۇز ئاللاھغىلا تەۋەككۇل قىلالايدىغان كىشىلەر ...
____________________________________________________________
ئالىم بولالمىغان مۇسۇلمانلار سىزنىڭچە قانداق ئادەملەر؟مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ؟ئۇلار تەپەككۈر،ئېقىل - پاراسەتسىز بىر توپ ھايۋالار ئوخشىمامدۇ؟سىز ئالىملارنىڭ ھەممىسىنى پەزىلەت ئىگىسى دەپ قارامسىز؟سىزنىڭچە بولغاندا دۇنيادىكى بىر مىليارتىن ئارتۇق ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ خۇداغا سېغىنىپ يۇرگەنلەرنىڭ ئىچىدە نەچچە ئالىم باردۇ؟ئالىم بولمىغانلىرى بىھۆدە ئىش قىلىۋاتامدۇ؟...
بەزى مەسىلىلەردە ئەمىليەتچانراق بۇلۇڭ!

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 11:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتچى ئىنكاس يېزىۋاتقان مۇشۇ كومپىيۇتېر، كومپىيۇتېرنى ماڭدۇرىۋاتقان توكلارنى كىملەر بايقاپ كەشپ قىلغان بولغىيتى

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 22:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ توغرىسىدا  يەنە  چۈشەنمىگەن  يىرىم بار ،،ئوت سۇ ھاۋا  تۇپراق .....بۇنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن نىمە ئالاقىسى بار   ھۆرمەتلىك گىرىم قىز.

ئادەم، تۇپراققا سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي بولغاندىن كىيىن، ھۇنەر بىلەن شەكىلگە كىرگۇزۇلۇپ، ئاندىن ھاۋادا ، ئاپتاپتا چەكسە جاراڭلايدىغان، ھالەتكە كەلگەندە روھ پۇدەلگەن.تۆت تادۇ ئىنساننىڭ خۇرچى. ئىنسان جىسمى تۆت تادۇدىن تۇزۇلگىنىگە ئوخشاش ، ئىنسان روھىيتىمۇ بىلىش، ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزىلىدۇ.
تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكى‹ئاخىرلاشتۇرغۇچىنىڭ بايانى بۇيىچە› بەزى ئىلغار ئەللەردە خاتىرلەنگەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن. مەسلەن چىلىشنى ئىلىپ ئىيتساق، چىلىشنىڭ نۇرغۇن پەم ھەركەتلىرىنى دەپتەر يۇزىدە خاتىرلەش مۇمكىن. بىراق ھەقىقى چىلىشقا كەلگەندە ئۇنۇملۇك پايدىلىنالايدىغانلىرى يەنىلا ئۇيغۇرلار.
شۇڭا تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى ئۇيغۇرلار ۋايىغا يەتكۇزەلەيدۇ. تۇغۇلماشۇنداق.
مىنىڭچە تادۇ بۇيچە قارساق، ئۇيغۇرلاردىكى تەپەككۇرنىڭ ئىللەت كىسەلى مەنبىيى دەل تەپرىقچىلىق.بۇ كىسەل چەتنىڭ نەزىريە قاراش، پىكىر ئۇسۇللىرىنى قوۋزىمىزغا راسا ئىلىپ  چاينىغانغا ساقايمايدۇ. بەلكى نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە بىزنى مۇشۇ يوللارغا مۇيەسسەر قىلغان ئۆزىمىزدىكى تەگ پىكىر ئۇسۇلى ، خاسلىق نەتىجە بىرىدۇ.ساقايتالايدۇ. بۇرۇنمۇ ساقايتقان.
تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى سەل چاغلىماڭلار،يىشىلمىگەن نۇرغۇن چىگىشلەرنى قىينالمايلا ئاددىي كاللا بىلەن يىشەلەيدۇ.
ھازىرغىچىلىك تىخى تورلىرىمىزدا تەنقىد ، ياكى ئىللەتنى سۆكۇش توغرىسىدا تۇززۇك بىر قايىل قىلارلىق جاۋاپ يوق. بۇنىڭ چەك چىگىرالىرى قايەردە؟ بۇنىمۇ مىللىي ياكى مەدىنىيەت نوختىسىدىن تۇرۇپ مۇئەييەن بىر نىشانى بىكىتىلمىگەن. ئازىراق ئىنكاس ئەۋجىگە چىقسا ، دىنىي نوختىدا سۇرىنى پارچىلاپ سۇقۇيۇشقا تىرشىمىز.بىرىمىز بىلىش نۇختىسىدا بىلىشنى گەۋدىلەندۇرسەك. بىرىمىز ئادىللىق نوختىسىدا كىسىمىز. بىرىمىز پەزىلەت بىلەن ئوڭشاشقا تىرىشساق، بىرىمىز تەقۋادارلىق نوختىسىدا باھالايمىز. بۇلارنىڭ چەك چىگىرلىرىنى تادۇچە تەپەككۇر بىكىتمىسە، ياكى باغلىمىسا نەتىجە چىقمايدۇ.

باھا سۆز

oxkantag  سىز ئادەمنىڭ يارلىشىدىكى بايانلارنى ياخشى ئۈگىنىڭ!كەچكىچە تادۇ دىمەي!  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 21:58:14

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 22:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 22:02
تادۇ توغرىسىدا  يەنە  چۈشەنمىگەن  يىرىم بار ،،ئوت سۇ ھا ...

يەنە  بىر  قېتىم  ئەسكەرتەي   ئىسمىمنى  توغرا  ئوقۇڭ  غەمكۈز،

تەپەككۇردىكى ئىللەت ھەممە  مىللەتتە  بار .سىزچە  چەتنىڭنى بىلىشنىڭ ھاجىتى  يوق؟ .ئۆزىمىزنىڭ  مىڭ  يىللار  بۇرۇنقى  ئۇسۇل  ھازىرقى  مەدەننيەتلەر  گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا  خاس  نەتىجە بېرىدۇ شۇنداق دىمەكچىمۇ سىز ؟
دۇنيادا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار  مەۋجۇت بۇنى چوقۇم بىرلككە كەلتۈرۈش مۇمكىنسىزلا  بىر گەپقۇ تالاش  تارتىشنىڭ  بۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى  
ھازىر مەن  ۋاقىت تونىلىدىن ئۆتۈپ خۇددى ئوتتۇرا  ئەسىردە  ياشاۋاتقان ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك  تۇيغۇغا  كەپ قالدىم.
تادۇچە  تەپەككۇر  بېكىتمىسە  ياكى باغلىمىسا  نەتىجە چىقمايدۇ دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋىتىشىڭىز
ئىدىيەدىكى  چېكىدىن ئاشقان رادىكاللىقىڭىز  سىز بىلەن  تادۇ توغرىسىدا مۇنازىرلىشىشنىڭ بىھاجەتلىكىنى  بىلدۈرگەندەك قىلىدۇ

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 14:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇنبەرداشلار ! سىلەر مىنى ئىنسانلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشكە تەۋسىيە قىپسىلەر بۇلىدۇ قەنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئىنساننىڭ زادى قانداق مەخلۇقلىقى ئۈستىدە پىكىرلىشىپ باقايلى! بىز مۇشۇ تەپەككۇرلىرىمىز بىلەن ئىنسان مەسىلىسىدە ئورتاق بىر چۈشەنجىگە ئىگە بۇلۇپ قالساقمۇ ئەجەپ ئەمەس . خوش ئەمدى ئۆز مەخسىتىمىزگە كەلسەك ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى "ئىلاھ " مەسىلىسىدە بىردەك بولمىغىنىدەك ، ئىنسان مەسىلىسىدىمۇ بىردەك بۇلالمىدى . خوش ئۇنداقتا ئىنسان دىگەن نىمە ؟ ئۇ مەڭگۈلۈك روھمۇ ؟ ياكى يۇقايدىغان ماددىمۇ ؟ ئاسماندىن چۈشكەن نۇرمۇ ياكى زىمىندىن پەيدا بولغان تۇپىمۇ ؟ پىرىشتە سۈپەت مەخلۇقمۇ ياكى قىممىتى يوق ھايۋانمۇ ؟ تەپەككۇر قىلىش ، ئويلاش سالاھىتىگە ئىگە ئەقىلمۇ ياكى ئىختىيارسىز شەھۋەتمۇ ؟ ئۆزگۈرىشچان نەرسىمۇ ياكى ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىمۇ ؟ شەخسىيەتچىمۇ ياكى باشقىمۇ ؟ يەككە مەخلۇقمۇ ياكى ئامما بىلەن بىللە ياشايدىغان ئىجتىماھى مەخلۇقمۇ ؟ تەربىيە ئۈنۈم بىرىدىغان مەخلۇقمۇ ياكى ئۈنۈم بەرمەيدىغان مەخلۇقمۇ ؟ بۈيۈك مەخسەتلەر ئۈچۈن يارىتىلغان ئىسىل مەخلۇقمۇ ياكى تېرىغۇچىسىز ئۆزلىكىدىن پەيدا بۇلۇپ قالىدىغان قۇرۇغلۇقنىڭ ئۆسۈملۈكىمۇ ؟
ئىنساننىڭ ھەقىييقىتى زادى نىمە ؟ ئۇ ياراتقۇچىسىز يارىتىلدىمۇ  ياكى ئۇنى مۇئەيەن بىر ياراتقۇچى ياراتتىمۇ ؟ ئۇ قايسى مەخسەتلەر ئۈچۈن يارىتىلدى ؟ نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى  ۋەزىپىسى نىمە؟  ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇ فانى دۇنيادىلا داۋاملىشىپ ئاخىرى ئۆلۈپ تۈگەيدىغان قىسقا ھاياتمۇ  ياكى بولمىدى پەقەتلا بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا يوتكۈلۈپ  باقى دۇنيادىمۇ داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتمۇ ؟ئىنسان ھاياتىدىن ھىساپ ئېلنىدىغان  ئەقىللىق مەخلۇقمۇ ياكى ھايۋانغا ئوخشاش ھىساپ ئېلىنمايدىغان ئەقىلسىز مەخلۇقمۇ ؟ ئىنسان دىگەن زادى قانداق نەرسە ؟ ئۇ ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بۇلىدۇ ؟ بۇ مەسىلىگە ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە  پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ جاۋاپلىرىمۇ بىردەك بولمىغان .
بۇ جەھەتتە قەنى بىز رىئاللىققا نەزەر تاشلايدىغان بولساق  ھەقىيقەتكە قايتايلى دەپ چاقىرۋاتقانلارنى ۋە ھەقىيقەتكە قايتايلى دىگۈچۈلەرنى نادانلار قاتارىدىن سانايدىغانلارنى . دىمەك بەزىلەر ئىنساننى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن (يەنى ياراتقۇچىسنى تۇنۇيدىغان  تەربىيە قۇبۇل قىلالايدىغان ، ۋەز نەسىيئەتنى ئاڭلايدىغان ، ئۆزۈنىڭ ئىنسانلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالايدىغان ) ئەقىللىق مەخلۇق دەپ قارىسا ، يەنى بەزىلەر ئىنسان ئۆزۈنىڭ ياراتقۇچىسنى بىلمەيدىغان ، شۇنداقلا  ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن يارالغانلىقىنى ، ۋەزىيپىسنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلمەيدىغان ، ئۆزلىرى ئەقىللىق ئىنسان تۇرۇپ ، ئەقىلسىز ھايۋانغا ئوخشاپ قالغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈپ قالغان مەخلۇقتۇر دەىيدىغانلارنى ، يەنى بەزىلەر  ئىنساننى  بىر ئىلاھى قانۇنىيەت ئىچىدە ياشايدىغان مەخلۇق دەپ قارىسا ، يەنى بەزىلەر ئىنساننى  ئىختىيارى (يەنى زىمىندا خۇددى سۇراققا تارتىلمايدىغان ئىلاھتەكلا  ئۆزى خالىغانچە ئىش ئېلىپ بارالايدىغان مەخلۇق) دەپ قارايدۇ . يەنى بەزىلەر ئىنساننى ياراتقۇچىسى ئۇنىڭ بىلەن قۇشۇپ ياراتقان شۇ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ، ئۆزىدە مۇستەققىللىق بىر يۈكسىلىش ھاسىل قىلالايدىغان مەخلۇق دەپ قارىسا ، يەنى بەزىلەر ھايۋانغا ئوخشاش ئەگەشمىچى ئۆزىنىڭ بىر مۇستەققىل قاراشلىرى بولمىغان دورىمىچى (يەنى ھەر قانداق ئىشقا ئۆزۈنىڭ پىكىر تەپەككۇرى بولمايدىغان ) ھە دىسە باشقىلارنىڭ توغۇرمۇ خاتامۇ ئۇنىڭ ھەقىيقىتى بىلەن  ھىساپلىشىپ يۈرمەيلا (يەنى ئۇنىڭ ھەقىيقەتلىكى بىلەن كارى بولماستىن بەلكى  پاسائىتى بىلەنلا قالىدىغان ) مەخلۇق دەپ قارىغان . ھەتتا  يەنى بەزىلەر تەرىپىدىن ئىنسان  خۇددى ئەقىلسىز ھايۋانغا ئوخشاش سۇراققا تارتىلمايدىغان ، بۇ دۇنيادىن ئۈلۈپلا تۈگۈشىدىغان باقاسى يوق مەخلۇق دەپ قارالسۇن  . بەر بىر  ئىنساننىڭ پۈتۈن ھايات سەپىرى " ئىلاھى " قانۇنىيەتلەرگە چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ ، دىمەك ئۇلار
بۇ قانۇن تۈزۈملەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتەلمەيدۇ ۋە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتلالمايدۇ ، ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش پۈتۈنلەي تەبىئەتنىڭ ئىلاھى قانۇن- ھۈكۈملىرگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇردۇر .
بىراق ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇش بولماسلىقى ، يەنى ئىسلامنى قۇبۇل قىلىش ۋە ياكى رەت قىلىش ئۇ ئۇنىڭ ئەركۈنلىكىدۇر . چۈنكى ئىنسان ئەقىل ۋە ئىدىراككە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان ، دىمەك ئۇ ئويلاش ،چۈشۈنىش ، مۇھاكىمە قىلىش ، تاللاش ، قۇبۇل قىلىش رەت قىلىش ، خالاش ۋە ياكى خالىماسلىققا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە . ھاياتتا خالىغان تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەركۈنلىكىگە ئىگە . خالىغان بىر چۈشەنجىنى يەنى ئىدىيەنى قۇبۇل قىلىپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن ھايات شەكلىنى ۋە تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ ، باشقىلارنىڭ تۈزۈم ۋە پىرۈنسىپلىرنى خالاپ قۇبۇل قىلالايدۇ .
مانا بۇ جەھەتلەردە ئىنسان باشقا مەخلۇقاتلارغا قارىغاندا يۇقۇرقىدەك نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلنىپ يارىتىلغان . چۈنكى   "جانابى ئاللاھ "يارىقتىشتا ئۇلارنى  ئەقىل بىلەن قۇشۇپ ياراتقاچقا ئۇلارغا شۇنىڭدەك ئويلاش (يەنى پىكىر تەپەككۇر قىلىش )، تاللاش ،  مۇستەققىل پىكىريۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەركۈنلىك بىرىلگەن . دىمەك شۇ سەۋەپتىن  ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇش ياكى بولماسلىق (يەنى ئىسلامنى قۇبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ) ئۇمۇ ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىدۇركى .  بۇ ئەركىنلىك ئاساسىدا ئىنسانلار مۆمىنلەر ۋە كۇپارلار  دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان . مۆمىنلەر دىگىنىمىز  (يەنى ياراتقۇچىسنى تۇنۇپ ئۇنى مۇتلەق ھاكىم دەپ ئىتىراپ قىلغان ، ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمىر پەرمانلىرغا چىڭ كۆڭنىدىن ۋە كەم -كۈتۈسىز ئەمەل قىلىپ بوي سۇنغان ،خۇسۇسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتىدا ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىنغان پىرىنسىپلارغا رايە قىلغان ) كىشىلەردۇر . كۇپارلار دىگىنىمىز (يەنى خەۋەرسىز ، ئاڭسىز سۈرئەتتە ئىلاھى قانۇنىيەت ئاساسىدا ياشايدۇ ، ئەمما ياراتقان ئىگىسنى تۇنۇش ئۈچۈن ئەقلىنى زېھنىنى ۋە سىزىم قابىلىيتىنى ئىشلەتمەستىن بەلكى ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىپ خۇداغا  ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلىدىغان )كىشىلەردۇر . ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى مانا مۇشۇنداق ئالاھىيدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بۇلۇپ . ئىنسان ئۆز تەبىئىتىنى قۇقۇتۇپ قۇيدىكەن ئەقىلسىز ھايۋانمۇ توت پۇتلۇق ھايۋان ، ئەقىللىق ئىنسان تۇرۇپ ھايۋانغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان ئىنسانمۇ ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندۇر .  




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-22 14:58):
ھەتتا ئىنسان ھايۋانلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان شۇ ئەقلى بىلەن بۇنداق ئۆز  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش