كۆرۈش: 11319|ئىنكاس: 114

ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى

تۇردى توختى

-دۇنيا پەقەت ئۆزىدىن غالىپ كەلگەنلەرنىلا تۇنۇيدۇ
                                                        _ لوئى پېرتون[ئامرىكا]
ئىنسانلار ھامان بىر بۇيۇك نوقتىغا(ئۈزى نىشان قىلغان نوقتا) يىتىشكە ئىنتىلىدۇ.بۇنداق بۇلۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ،ئىنسان- ئۈزىنى-ئۈزى باشقۇرۇپ،ئۈزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى بەلگۈلۈك دەرجىگە كۈتۈرۈپ،ئۈزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن،ئۈزىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆمۇر بۇيى تىرشىدىغان ئاڭغا ئىگە،ھەم شۇ ئاڭ بولغانلىغى ئۈچۈن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئۇلۇغ تەبىيەتلىك مەخلۇقتۇر.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن بىز تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كەلىمىز ئىنسانلار- ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى ياسايالايدىغان ۋە ئۇنى ئىشلەتەلەيدىغان يىغىنچاقلىغاندا تەپەككۈر قىلالايدىغان  ۋە ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇردىغان بىردىن-بىر ھاياتلىقتۇر.
ئىنساننىڭ ئۇمۇمىي تەبىيىتىدىن بىز يۇقارقىدەك ھۈكۈملەرنى چىقىرالايمىز.بىراق، بىز ئىنساننى شەخسى ئادەم سۈپىتىدە چۈشەنگىنىمىزدە ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا بىز دىگەن بۇيۇك(ئۈزىنىڭ نىشانى)نوقتىغا يىتىپ بارالمايدۇ.بۇنداق بۇلۇشنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلىرى بولسىمۇ،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئىنسانلاردىكى روھى ئۆلۈكلۈك .بۇ –ئىنسانلار،ئۆزى پەيدا قىلغان، ئۈز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان شەپقەتسىز رىياللىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا بەزى ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولسا بەزىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى تۈۋەن بۇلۇدۇ.بەزىلەر غالىبىيەتچىلەردىنن بولسا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مەغلۇبىيەتچىلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ.يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۈزى ئىگە بولغان نىسىۋىدىن رازى بۇلۇپ،شۇككىرى-قانائەت قىلىپ ئۈتۈشتەك تۇرغۇنلۇققا ئىگە ھايات يۇلىنى تاللىۋالغان بۇلۇدۇ.
ئىسان تەپەككۇرى دىگەن نىمە؟
ئىنسان تەپەككۈرى دىگىنمىز- ئىنسانلارنىڭ ئۈزى،باشقا شەيئىلەر ۋە ۋەقە-ھادىسىلەر(ئۇلارنىڭ رۇلى،خۇسۇسىيىتى،ھالىتى،تەسىرى ۋە ئورنى) ئۈستىدە چىقارغان ئەقلى يەكۈنىدىن ئىبارەت.ئۇ ئىنسان تەبىيىتىدىكى ياۋۇزلۇق بىلەن مىھرىبانلىق، ئېتىقات قىلىش بىلەن ئىنكار قىلىش،ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھاماقەتلىك، ھىسىيات بىلەن پۇزۇتسىيە ،بىلىش دەرىجىسى بىلەن تەرەققىيەت ئېڭى ...قاتارلىقلاردا نوقتىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئىنسان ئىقدىدارىدۇر(ئىنساننىڭ بىلىش ئىقدىدارىدۇر).
تەپەككۇر ئادەمنىڭ سۇبىكتىپ ئېڭى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بۇلۇپ،ئاڭ(ئادەمننىڭ ئەقلى ئامىللىرى)نى ئىككى تەرەپتىكى چۈشەنچىگە يىغىنچاقلاشقا بۇلۇدۇ.ئۇنىڭ بىرى يۇزەكى-ئاشكارە ئاڭ(ئەقلى ئاممىللار)-تەپەككۇر،يەنە بىرسى يۇشۇرۇن-يۇقىرى دېرىجىدىكى بىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان(ئاشكارلايدىغان) پارتىلاش خارەكتىرىگە ئىگە ئاڭ-تەپەككۇر(غەيرى ئەقلى ئامىللار)دىن ئىبارەت.
ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،ئۈزىنىڭ نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدا ئۈزىدىكى ئەقلى ئامىللار ۋە غەيرى ئەقلى ئامىللىرىنى قېزىش-قازالمالىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇ ئىككى نوقتىنى بىرلەشتۇرۇپ ئۈزىدىكى يۇشۇرۇش ئىقدىدارنى ئېچىپ تەرەققى قىلدۇرغانلار ئۈزىنى بۇيۈك نوقتا(ئۈزىنىڭ نىشانى)غا يېقىنلاشتۇرۇپ،ئۆز تەپەككۈرىنى نامايەن قىلىپ،ئۈزىنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇپ،جەمىيەتتە بەلگۈلۈك نىسپەتتىكى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلالايدۇ(خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئورۇن).ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىرى بولسا جەمىيەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالالمايلا قالماي،كۈندىن-كۈنگە زەيىپلىشىدۇ.بۇ ماھىيەتتە تەپەككۇردىكى زەيىپلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
پەپەككۈر زەئىپلىكى دىگىنىمىز-ئىنسانلارنىڭ روھى جەھەتتىن زەئىپلىشىپ،ئۈزىنىڭ نىشانىنى يۇقۇتۇپ،ئۈزىنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن تىرىشماسلىقتىن ئىبارەت،تەرەققىيات ئېڭىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكىنى تۈۋەندىكى مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1.ئۈزىنىڭ خاسلىقنى يارتالماسلىق(ئۆزلۈك يارتالماسلىق)
ھەر بىر ئادەمدە ئۈزىگە خاس ئالايىدىلىك بۇلۇدۇ.مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇش،ئالاھىدىلىكىنى بايقاش،ۋە شۇ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ ،ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش-خاسلىقىنى يارىتىش -يارتالماسلىق تەپەككۈرنى قاناتلاندۇرۇپ،ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بەزى كىشىلەر ئۈزىدىكى خاسلىقنى بايقاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ،ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارنىڭ تەجىربىسىگە تايىنىپ،ئۈزىنىڭ قارىشىنى شۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكىى ئۈزىگە خاس بولغان تەپەككۈر قىلىش شەكلى ئۈزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرالماي،ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرلەشتەك ئىجادى پالىيىتىنى توسۇپ قۇيۇدۇ.بۇنداق روھى ھالەت كىشىلەردىكى ئۆزلۈك(خاسلىق)يارتىش پۇرسىتىنى يوقۇتۇپ،ئۇلاردا تۇرغۇنلۇقنى پەيدا قىلىدۇ.
2.مۇستىقىل ياشاش ئېڭى تۈۋەن بۇلۇش(ئۈزىگە تايانماسلىق)
ئۈزىگە تايىنىش- ئىسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئۈزى ھەل قىلىپ،ياشاش مەزمۇنى بېيىتىشتىكى تۈپ ئۈسۈل،ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول،ئىرادىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ سورۇنى،تەپەككۈرنى ئۇرغۇتۇشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى-كۈچ.
بەزى كىشىلەر ئادەملەرنىڭ ئۈزىگە تايىنىپ ياشاشتىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتنى يۇقۇتۇپ،باشقىلارغا تايىنىپ،باشقىلارغا يۈلىنىۋېلىپ،ياشايدۇ.باشقىلار نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىدۇ.باشقىلاردىن <<پەيشەنبىلىك>>تىلىيدۇ.بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭكىنى راست،ھەقىقەت دەپ قارىغاچقا ئۈزىنىڭ مۇستىقىل قارىشىنى شەكىللەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.بۇ ھال ئۇلاردىكى يولىنىۋېلىش پىسخىكىسىنى كۈچەيتىپ،مۇستىقىل ياشاش(ئۈزىگە تايىنىش)پىسخىكىسىنى بوغۇپ قۇيۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ تىپتىكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ تەپەككۈرىنى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى يۇقۇتۇپ باشقىلارنىڭ تەپەككۇرى بۇيۇچە ياشاشقا  مەجبۇر بۇلۇدۇ.
3.تىرىككەكلىك(ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق)
تىرىككەكلىك ئەمىليەتتە ئىنسان پىسخىكىسىدىكى ئېقىلنى بۇغۇشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق جەريان بۇلۇپ،بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىچى تار بۇلۇدۇ.شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ئادەملەر چىدىماس كېلىدۇ.قانداقلا گەپ،قانداقلا ئىش بولسا ئۈزىگە ئېلىۋېلىپ،كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.باشقىلارغا ئاچچىقلاپ،باشقىلاردىن خاپ بۇلۇپلا يۇرۇيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈزىنى كۇنتۇرۇل قىلىش ئىختىدارى تۈۋەنلەپ،ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش ئىقدىدارى ھىسيات بىلەن ئىش قىلىشقا ئايلىنىپ،ئەقىلنى ھىسىيات بوغۇپ قۇيۇدۇ،بۇ خەلقىمىزنىڭ<<ئاچچىق ئېقىلنى كېسىدۇ>>دىگەن ھىكىمەتتىكى مەنا بىلەن بىردەك بولىدۇ.بۇ يەردە دىيىلگەن ئەقىلنىڭ كىسىلىشى ئەمىليەتتە ئىنساندىكى تەپەككۈرنىڭ كىسىلىشىدۇر.
4.ئۈزىگە ئىشەنمەسلىك(ئۈزىنى ئىتىراپ قىلماسلىق)
ئۈزىگە ئىشەنمەي باشقىلارغا ئىشىنىش،باشقىلارنىڭكىنى ھەقىقەت بىلىش،شۇ ئاساستا ئۈزىنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقدىدارىدىن مەھرۇم قېلىش ئەمىليەتتە ئىنسانلاردىكى ئۈزىنى ئىتىراپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت ئەڭ زور تەپەككۈر زەئىپلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۈزىنى ئىتىراپ قىلمىغان كىشىلەردە يېڭىلىق يارتىش ئىستىكى بولمايدۇ،يېڭىلىق يارتىش بولسا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ(كىشىلەرنىڭ سۇبىكتىپ ئېڭىنىڭ) تۈرۈتكىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان جەريان.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى ئۈزىنى ئىتىراپ قىلالمىغان(ئۈزىگە ئىشەنمەيدىغان) كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئۈزىنىڭ رولىنى نامايەن قىلىشى مۈمكىن ئەمەس.بۇ ھال ئىنسان تەپەككۈرىنى بۇغۇچلاپ قۇيۇدۇ.
5.قارغۇلارچە چۇقۇنۇش(ئۈزىنى تۈۋەن كۈرۈش)
ئىنساننىڭ ئىنساننى ئىتىراپ قىلىشى - ئىنسانلاردىكى ئىچكى باغلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ،ئىنسانلار ئوترىسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى پەيدا قىلىدىغان ، سۇبىكتىپ ئاڭنىڭ پالىيەتچانلىغى(تەپەككۈر) كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىكىلىق بىلىش جەريانى بۇ قارىغۇلارچە چۇقۇنۇشتىن رۇشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئىچكى ئېتىياچ.
قارىغۇلارچە چۇقۇنۇش بولسا  ئاق-قارىنى پەقەتمەيلا قارا-قۇيۇق ھالدا باشقىلارنىڭ قارىشىنى،شۇ كىشىنى ياكى بەلگۈلۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنى تۇتقا قىلىپ،ئادەمنى ئىلاھقا ئايلاندۇرۇپ چۈشىنىدىغان پىسخىلىق بىلىش جەريانىدىن ئىبارەت.
بۇنداق قارۇغۇلارچە چۇقۇنىدىغان كىشىلەردە چۇقۇنغۇچىسىنىڭكىدىن باشقا ھەقىقەت يوقتەك خاتا-ئىنكاس شەكىللىنىپ،قانداقلا قىلسا ئۈزىنى ئۇنىغا يەتمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ،،ئۈزىنىڭ دۇنياغا بولغان چۇشەنچىسىنى،تەرەققى قىلىش ئېڭىنى ياشاش شارايىتىنى چۇقۇنغۇچىسىنىڭ ھايات پەلىسىپىسى بىلەن ئۆلچەپ،شۇ بۇيۇچە پالىيەت قىلىدىغان روھى قۇللۇق شەكىللىنىپ،ئۈزىنى تۈۋەن كۈرۈشتەك پىسخىكا توسالغۇسى پەيدا بۇلۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇنداق كىشىلەر ئۈزىنىڭ تەپەككۈرى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ خىيالى بىلەن ئش قىلغۇچىلارغا ئايلىنىپ،ئۈزىدىكى تەپەككۈرنى قوزغاتمايدۇ،بۇ ھال تېبئى ھالدا كىشىلەردىكى تەپەككۈر زەئىپلىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
6.ئىرادىسىزلىك(ئۆزىدىن ھالقىيالماسلىق)
<<زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ>>دىگەن كىتاپتا بىزگە مۇنىلار ئۇچرايدۇ:<<ئۇ ھاياتنىڭ سىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى،(ئۇنتىمىغىنكى،مەن دەل ئۈزەمدىن ھالقىپ كەتمىسەم بولمايدىغان كۈچتۇرمەن)>>[1]
يۇقارقىلاردىن ، ھەرقانداق بىر ئىنسان چۇقۇم ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئۈزىدىن ئېشىپ كىتىشى،شۇ ئاساستا ئۈزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ياشاش جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ،ئادەمدەك ياشاش شارايىتىنى ھەر جەھەتتىن ھازىرلىشى، شۇ ئاساستا ،دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ،ئۈزىنىڭ بۇيۈك نوقتىسىنى رىياللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۈرۈپ يىتىش تەس ئەمەس.
ئۈزىنى بىلىش،ئۈزىنى يېڭىلاش،خاسلىق يارتىش،يېڭىلىق يارتىش،تەرەققى قىلىش دىگەنلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئادەمنىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئىرادىسى مۇستەككەم كىشىلەر ياشاشنىڭ بۇ داۋانلىرىدا توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ،قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئېقىل تېپىپ،قىيىنچىلىقنى ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ پەلەمپىيى قىلىدۇ،بۇ جەرياندا ئۇلار ئۈزىدىكى يۇشۇرۇن ئاڭ(غەيرى ئەقلى ئامىللار)-تەپەككۈرنى قوزغۇتۇپ،بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىچىلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ.ھەم يېڭى نەتىچىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئېقىل ئىشلىتىپ،تەجىربە توپلايدۇ.ئىرادىسىز كىشىلەر بولسا مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالماي چۈشكىنلىشىپ،ئۈزىدىن-ئۈزى قورقۇپ قايتا ئالغا بېسىش نىيىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ.بۇنداق نىيەتنى ھازىرلىيالمىغان كىشىلەردە تەپەككۈر تېبىئى ھالدا داتلىشىپ،ئادەمنى كۆرگەن كۈنىگە شۈككىرى قىلىشتىن ئىبارەت تۇرغۇنلۇققا باشلاپ قۇيۇدۇ.
7.ئۈزىنى يەڭەلمەسلىك
ئۈزىنى يىڭىش –ماھىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئۈزىدىكى تۇرلۇك پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى يىڭىپ،ئۈزىنى پەزىلەتكە،ئادىمىيلىككە يىتەكلەش جەريانىدىن ئىبارەت.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا خىلمۇ-خىل توسالغۇلار ساقلانغان بۇلۇدۇ.بۇ توسالغۇنى قانداق قىلغاندا يىتەكلەپ،ياخشى خارەكتىر ھالىتىگە ئۆزگەرتكىلى بۇلۇدۇ  بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە.
بۇ مەسىلىنى كىشىلەر ۋاختىدا تۇنۇپ يىتىپ،ئۈزىدىكى توسالغۇلارنى توغرا چۈشىنىپ،ئۈزىنىڭ خارەكتىرىنى يىتەكلىيەلىسە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بېسىش،غەلبە قازىنىش،يېڭىلىق يارتىش،تەپپەككۈر قىلىش قاتارلىق ئىقدىدارىلىرى كۆرىنەرلىك دەرجىدە ئۈزىنى نامايەن قىلىپ(بۇلار ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى يىڭىش جەريانلىرىدۇر)، باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرشەلەيدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا ئادەم داۋاملىق يۇقىرى بېسىمدىكى بۇرۇقتۇملۇق ھالىتىدە ياشاپ،ئۈزىنى-ئۈزى ھالەك قىلىدۇ.بۇنداق ئادەملەر ئىچىدىن سېسىپ تۇگىشىدىغان ئادەملەر بۇلۇپ،بۇلارنىڭ تەپەككۈرى <<قانداق قىلغاندا باشقىلارنى ئازاپلىغىلى بۇلۇدۇ >>دىگەننىڭ ئۈستىدە يورغىلايدۇ.ئەمىليەتتە بۇ خىلدىكى تەپەككۈرمۇ ئىنسانلاردىكى تەپەككۇر زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر.
8.مەيدانسىزلىق(ئۈزىگە كەسكىن بولالماسلىق)
مەيدانسىزلىق- ئىنسانلاردىكى ئۈزىگە قەتتى بولالماسلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.مەيدانسىز كىشىلەرنىڭ مۇستىقىل پىكىر قىلىش كۈچى بەك ئاجىز بۇلىدۇ.ئۇلار داۋاملىق ئىككى ئارلىقتا قېلىپ،باش ئاغرىغى تارتىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ.ئازراق ئىشنى مۇستىقىل قىلسا تاغنى تالقان قىلۋاتقاندەك كۆپتۈرۈپ سۆزلەيدۇ.ئىككى يۈزلىمىلىككە ئىگە بۇلۇپ،ھاياتىدا بىچارىلەرچە ياشايدۇ.ھەق-ناھەق تۇيغىسى ئىنتايىن تۈۋەن بۇلۇدۇ،نىمىنىڭ ياخشى،نىمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرىشتىن قورقىدۇ قىسقىسى ئۈزىگە ئىشەنمەي خەقنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇدۇ.بۇندا ئادەملەر تولىمۇ بىچارە كېلىدۇ.
ئۈزىگە كەسكىن بۇلۇش جەريانى ئىنسانلار چۇقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك جەريان.ئادەم دائىم ئارسالدا يۇرۇپ،ئۈزىنىڭ مۇستىقىل مەيداننى ئىپادىلىيەلمىسە،ئۈزدە مۇستىقىل پىكىر قىلىش،مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقدىدارىنى ھازىرلىيالمىسا،بۇنداق كىشىلەردە تەپەككۈرنى قوزۈۇتۇپ،ئۈزىنى يېڭىلاش شارايىتى ھازىرلانمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەيدانسىزلىقمۇ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرىنى بۇغۇپ قۇيۇدىغان،ئىنسانلاردىكى پىسخىكىلىق ئاجزلىقنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
###                               ###                          ###
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا يۇقارقى ئامىللار ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى بوغىدىغان،كىشىلەرنىڭ تەرەققىيەت ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىگە دەخلى قىلىدىغان ئامىللار بۇلۇپ،پىسخىكىسىدا يۇقارقىدەك پىسخىكىلىق ھالەت ساقلانغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا نەتىجە قازانمىغى تەس بۇلۇدۇ،ئۇلۇغ ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرىشى قىيىن بۇلۇدۇ،ئاددىسى ئادەمدەك ياشاش ئىستىكىمۇ مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ ئاساسى يەنىلا- بۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرى زەيىپلەشكەن،روھى ئۆلىگەن كىشىلەردۇر.

پايدىلانغان ماتىرياللار:
[1]لوئى پېرتوننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىريات نەشىر قىلغان<<قەلىپنىڭ قۇتقۇزۇلىشى>>دىگەن كىتاۋىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى 86-بەتكە قاراڭ
(ئۆز يازمام)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 21:03:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ھۈكۈمدىن بىز تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كەلىمىز ئىنسانلار- ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى ياسايالايدىغان ۋە ئۇنى ئىشلەتەلەيدىغان يىغىنچاقلىغاندا تەپەككۈر قىلالايدىغان  ۋە ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇردىغان بىردىن-بىر ھاياتلىقتۇر.
-----------------------------------
خۇلاسىڭىزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغانغۇ دەيمەن

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 00:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luna
ياخشىمۇ سىز؟
يۇقارقى خۇلەسسە كائىناتتىن ئادەمدىن باشقا يەنە بىر تەپەككۈر قىلالايدىغان،ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇرالايدىغان ھاياتلىق بايقالغۇچە ئېقىلغە مۇۋاپىق خۇلاسسىدۇر.تېخى پۈتكۈل كائىناتتىن ئادەمدىن باشقا تەپەككۈر قىلىپ،ئۈزىنى تاكەممۇللاشتۇرىدىغان ھاياتلىقنىڭ بارلىغى توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىك خەۋەرنىڭ ئىسپاتلانغانلىغى توغرىسىدا مەلۇماتلار يوق.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەكۈننى توغرا دەپ قارايمەن.
يەنە ئورتاقلىشارمىز،سالامەت بۇلۇڭ!

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 10:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كائىناتتىن ئادەمدىن باشقا يەنە بىر تەپەككۈر قىلالايدىغان،ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇرالايدىغان ھاياتلىق بايقالغۇچە ئېقىلغە مۇۋاپىق خۇلاسسىدۇر.تېخى پۈتكۈل كائىناتتىن ئادەمدىن باشقا تەپەككۈر قىلىپ،ئۈزىنى تاكەممۇللاشتۇرىدىغان ھاياتلىقنىڭ بارلىغى توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىك خەۋەرنىڭ ئىسپاتلانغانلىغى توغرىسىدا مەلۇماتلار يوق.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەكۈننى توغرا دەپ قارايمەن.
------------------------------------------------------
ياخشىمۇسىز، بايقالمىغانلىقى يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھازىر بايقالغان جانلىقلاردا سىز دېگەن خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يوقلىقىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك.ئاندىن كائىناتتا بىز بىلمەيدىغان ھاياتلىقنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك.  مېنىڭچە مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ يەتمەك قىيىن بولغان نىشان. بىزدىكى ئەدىبلەردىغۇ ئىلمىي ئاساستا گەپ قىلماي ھېسياتىنى چىقىش قىلىپلا يەكۈن چىقىرىدغان ئىشلەپ بەك كۆپ، شۇنداقتىمۇ ھېچبولمىغاندا مۇشۇنداق تىپتىكى ماقالىلەردە گەپ سۆزدە دىققەت قىلساق «مۇتلەق، بىر دىنبىر» دېگەندەك سۆزلەرنى ئامال بار ئازراق ئىشلەتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luna
ياخشىمۇ سىز؟
ئىلمىي قاراشلىرىڭىزغا تەشەككۈر،سىز دىگەندەك ئىسپاتلانمىغىنى يوق دىگەنلىك بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كىيىنكى يازمىلىرىمدا دىققەت دىققەت قىلىمەن.
سىزگە رەھمەت،سالامەت بۇلۇڭ!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان تەپەككۇرى تۆت تۇرلۇك بۇلىدۇ
1.لوگىكىلىق تەپەككۇر. مۇشۇ يازمىنى لوگىكىلىق تەپەككۇر دىيىشكە بۇلىدۇ.ھازىر دۇنيا مىقياسىدا مۇشۇ خىل پىكىر ئۇسۇلى بازازلىق بۇلىۋاتىدۇ.بۇخىل تەپەككۇردا بىلىش چوڭقۇر بۇلىدۇ، بىر تۇرنى بىلىش چوڭقۇر ، كەڭ دائىرلىك باغلاشقا ئاجىز.سايمان ئارقىلىق چىققان تەجىربە نەتىجىسى نۇپۇزلۇق بۇلىدۇ.
2.ئوبرازلىق تەپەككۇر.ھازىر بەزىلەر ھىسسىي دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئوبرازئۇلگە ئارقىلىق سىلىشتۇرىلىدۇ. مەسلەن ؛كەلىلە ۋەدەمىنە مۇشۇ خىل تەپەككۇردا يىزىلغان. ئۇندىن باشقا قىقىنۇس توغرىسىدىكى ‹ئەلكۇيىدىكى› يۇسۇپ ھۇسەيىننىڭ جاۋابىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەكىس ئەتكەن.بۇنىڭدا چۇشۇنۇش ناھايتى قۇلاي.
3.لوگىكا بىلەن ئوبرازلىق پىكىر ئۇسۇلى تەڭ سىڭگەن، ئىجادىي كۇچنى ياقىلايدىغان بىر خىل بىلىش تىپىدىكى پىكىر ئۇسۇلى بۇلۇپ.ئىجادىيەت بايقاش جەريانىدا ئەكىس ئىتىدۇ. مەسلەن ھەرىنى مىسال ئاساق.ئۆسۇملۇك يۇپۇرمىقى ھەرەچىشلىق ئىكەنلىگىنى بۇرۇن بايقايدۇ. بۇلوگىكا. ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش تۇمۇردە ياسىسا ، ياغاچ كىسەلەيدۇ. بۇ ئوبرازلىق.بۇخىل پىكىر ئۇسۇلىنىڭ ئەشەددىي ئاجىزلىقى ئايرىپ مۇلاھىزەقىلىدۇ. بۇغۇم بۇغۇمدىن ئايرىيدۇ.  
4. ئوبرازلىق ھەم لوگىكا تەڭ ئەكىس ئەتكەن . تادۇچە باغلاش تىپىدىكى پىكىر ئۇسۇلى. ئالدى بىلەن خاراكتىرى ئايرىلىدۇ. لوگىكا . ئاندىن  سۇ ئوت مۇناسىۋىتى بۇيىچە ھۆكۇم قىلىنىدۇ. پىكىر تىيىزرەك بىراق باغلاش ھالىتى ئەكىس ئىتىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىنىلەر تاشقى پىلانىت توغرىسىدىكى گەپلەر پۇتۇنلەي ئىغۋا،يەرشارىدا ئىنسان جىن ھايۋان ئۆسۇملۇكتىن باشقا جانلىق يوق. ھىكمەت يىتەرلىك.ھىكمەتتىن سىرىت سۆز مەدىنىيەت بۇيىچە ئاساسسىز.

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى  تادۇ  يولداش؛  تادۇچە  باغلاش تىپىدىكى تەپەككۇر  دىگەننى  سىزنىڭ  ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن ..سىزنىڭ ماۋۇ 4 نۇقتىغا  ئايرىغان  تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى  ئۆزىڭىز  ئويلاپ چىقارغانمۇ يا،،،ئەگەر شۇنداق بولسا مېنىڭ ھېس  قىلىشىمچە  دىگەننى قوشۇپ قويغايسىز ...بولمىسا  ئۇنداق ئومۇملاشتۇرىۋەتمەڭ .
تادۇ ئۇسۇلى بوىچە  تەپەككۇر ئۇسۇلىنى  كۆپ ئادەملەر  چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.

ئورۇنسىز  دەپ قارىمىسىڭىز  شۇنى  بىر  چۈشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ،،بىلمىگەنلەر بىلىۋالايلى

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتىچۇ؟

پەرىشتىنىڭ جىنى بارمۇ؟ جانلىقمۇ؟ياكى قىيامەت كۇنىسى سورىلامدۇ؟ ياكى ئىنسانغا ئوخشاش تاللاش ھۇقۇقى بىرىلگەنمۇ؟
ئاغىنىلەر؛ بۇدۇنيادىكى مەخسەت ئىنسان جىن. تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەر بار. ھەتتا بەزىلەر ئىنسانىيەتنى شۇنىڭغا باشلايدۇ. ئادەم ئاتا ھاۋا ئانا دەپ تۇرسا، مەنبەنى شۇلارغا ئۇلايدۇ.يا ئۇلار ئۇقىغان كىتاپتا تاشقى پىلانىت دەپ چىقامدىكى. بۇخىل ئازغۇنلۇقتىن نىرى تۇرىشىمىز. ياكى ھىكمەتتىن خالىغانچە نەقىل ئىلىپ ، مۇنداق سۇكەشتۇرۇپ بىقىشتىن قاتتىق ساقلانغان ياخشى.

زامانى ئاخىردا مۇشۇنداق، ھەرەڭ سەرەڭلەر چىقىدۇ. يەجۇج مەجۇج لارغا ئوخشاش. بىردەملىك قىزىقىشلار دىن ئۆزىمىزنى تارتىپ،ھەق يولدا تۇرالىغانلار پايدا ئالىدۇ. ئىسمە ئەزەم ئوقۇدۇم. جىنغا تۇقۇم توقۇدۇم. جىن سەكرىسە سەكرىسۇن ، مەن سەكرىمەي ئوقۇدۇم

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..سىزنىڭ ماۋۇ 4 نۇقتىغا  ئايرىغان  تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى  ئۆزىڭىز  ئويلاپ چىقارغانمۇ ؟‹گىرىم قىز›

تادۇ چە پىكىر ئۇسۇلىنى مەن ئۇيلاپ چىقىرالىغىدەك ئۇنداق سەۋىيىلىك ئەمەسمەن. بۇتادۇچە پىكىر ئۇسۇلى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز تەگ پىكىر ئۇسۇلى. مىللىي تىبابىتى نەزىريە سىستىمىسى تۆت تادۇ پىكىر ئۇسۇلى ئاساسىغا قۇرۇلغان. قۇتادغۇ بىلىگ، تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى پەلسەپە، سىياسەت، جەمىيەتشۇناسلىقتا يۇقرى پەللىگە كۆتۇرگەن.ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئەمىلىيتىدە تادۇ بۇيچە پىكىر قىلىدۇ. ئىسىق سۇغۇق ، سەپرا دىگەن سۆزلەر ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ. تۆت كىتاپ، مەشھۇر تۆت پەرىشتە، تۆت دىن، مەشھۇر تۆت پەيغەمبەر،تۆت ساھابە،چاھار قۇل، دىگەن گەپلەر نەزىرىڭىزنى ئويلىنىپ بىقىشقا يىتەكلىيەلمەسمۇ؟

باھا سۆز

ghemkvz  ئىسمىمنى توغرا ئوقۇڭ.غەمكۈز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 16:19:26
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش