matimatika يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:55 
يېنسېي قىرغىزلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېنسىېي قىرغىزلىرى ...
دوستۇم، بۇ ماتېرىياللارنى قايسى كىتابتىن ياكى قايسى مەنبەدىن ئالغانسىز؟ بۇنى ئەسكەرتمەپسىز، بوپتۇ، مېنىڭ مەخسىتىم سىزنى مات قىلىش ئەمەس تەنقىدىي ئۇسۇلدا پايدىلىنىش بولغاندىكىن ئارتۇق ئەيىپلەپ يۈرمەي، لېكىن بۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلار بەكلا كونىراپ قاپتۇ.
قىرغىزلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 5مىليون ئەتراپىدا، ئاساسىي گەۋدىسى قىرغىزىستاندا ئۈچ مىلىيون804مىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزبىكىستاندا 231864، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا160823، تاجىكىستاندا 65مىڭ، قازاقىستاندا 40مىڭ، روسىيەدە 32مىڭ ئەتراپىدا قىرغىز ئولتۇراقلاشقان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ۋېكىپىدىيە تورىنىڭ تۈركچىسىدىن ئېلىندى. تۈركىي مىللەتلەرگە ئائىت ئۇچۇرلار تۈرك تور بەت يۇزلىرىدە بىر قەدەر توغرا ئېلىنغاچقا تۈركچە مەنبەدىن ئالدىم. ئەمەلىيەتتە، باشقا تور بەت يۈزلىرىدىكى قىرغىز نوپۇسىمۇ 4مىلىيوندىن 5مىلىيون ئەتراپىدا، ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا ئەپەندىم ئېيىتقاندەك 2مىلىيون 870مىڭ ئەتراپىدا ئەمەس.
تور بەت ئادرېسى:
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6 ... B%E5%AD%9C%E6%97%8F
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-12 23:26):
بايامقىسى جۇڭگوچە ۋېكىپىدىيەنىڭ ئادرېسى، تۈركچە ئادرېسى:
http://tr.wikipedia.org/wiki/K%C4%B1rg%C4%B