قىپچاقلار توغرىسىدا
«قىپچاق»دېگەن بۇ نام ئەڭ بۇرۇن م ب 1-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا كۆرۈلگەن بولۇپ،تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . ئۇلار تارىختا كۆپلىگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى قۇرغان .بىرىنچى قېتىمقى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى :م ب 3-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ ،م ب 1-ئەسىردە كۈچىيىپ، خەلقىنىڭ سانى 600مىڭ كىشىگە، ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 200مىڭغا يەتكەن. زېمىن دائىرىسى شەرىقى ياۋرۇپاغىچە كېڭەيگەن.
1 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە جەنۇب تەرەپتىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق تالىشىش يۈز بېرىپ ،تەدرىجى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. ئەمما شىمال تەرەپتىكىلەر ئۆزۈلۈكسىز زورايغان.
ئىككىنچى قېتىملىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى: 448~450-يىللىرى ئاتتېللانىڭ باشچىلىقىدا نايمان،قىپچاق،ئۇيسۇن قاتارلىق تۈرك قەبىلىلىرى بىرلىشىپ تۆت ئەتىراپقا قاراپ كېڭەيگەن . يەنى، شەرقتە ئارال دېڭىزدىن غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغىچە،جەنۇپتا دوناي دەرياسىدىن شىمالدا بالتىق دېڭىزىغا كېڭەيگەن.
ئۈچىنچى قېتىملىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى: 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن12-ئەسىرگىچە بولغان دەۋىر بولۇپ، بۇ تارىختا دەشتى قىپچاق دەۋرى دەپ ئاتالغان. بۇ دەۋىردە ئۇلار ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرىغا 400 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 11-ئەسىردە قىپچاقلارنىڭ شەرقتىن جەنۇبى رۇس دالىلىرىغا يۈرۈش قىلىشى باشلانغان. قىپچاقلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان پەنەجەكلەرنىڭ بىر قىسىمى غەرب تەرەپكە سۈرۈلگەن ۋە ماجارلار (ۋېنگىرلار) سىڭىشىپ كەتكەن.
پەنەجەكلەرنىڭ قالغان قىسىمى شۇندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قەبىلىۋى نامىدىن مەھرۇم قالغان. بۇلار كېيىن قىپچاقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە قىپچاقلارنىڭ كۆچمەنلىك ماكانى دەشتى قىپچاق دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غەربى جەنۇبى قىسىمىنى، ۋولگا ۋە دوناي دەريالىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىملىرىنى ۋە قىرىمنىڭ يايلاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىننى ئېگىلىگەن.
بىراق 1237-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسىدا، ۋولگا دەريا بويىدىكى قىپچاق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كۆپ قىسىم زېمىنلىرى ۋە خەلقلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە بولغان. شۇندىن باشلاپ قىپچاقلارنىڭ سىياسى ھوقۇقى ئادداققىچە يوقالغان. كېيىن ئۇلار ئاستىرخان، قازان ، قىرىم خانلىقلىرىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن.
ئاز بىر قىسىمى ئۆزبەك ۋە چوڭ نوغاي ئوردىلىرىغا قۇشۇلغان. تىل جەھەتتىن بۇلغانلارغا قىسمەن ئاسلىماتسىيە بولۇپ، ئالدى بىلەن ئالتۇن ئوردىغا ، ئاندىن قازان ۋە ئاستىرخان خانلىقلىرىغا قوشۇلغان قىپچاقلارنىڭ تەركىبىدىن ھازىرقى تاتارلار ۋە باشقورتلار بارلىققا كەلگەن.
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ يىغىنچاقلىغاندا، قىپچاقلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن تارتىپ تاكى يېڭى دەۋىردىكى تۈرك ئۇلۇسلىرى شەكىللەنگىچە بولغان ئارلىقتا ئەتىراپتىكى باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شەرقى ياۋرۇپادىن ئاسىيانىڭ غەربى ۋە شەرقى جەنۇبى رايونلىرىغىچە كېڭىيىپ، باشقا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىگىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن، كۆپ قىسىم تۈركىي تىللار قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرگەن.
يەنى:
1.قىپچاق-بۇلغار تارماق گۇرۇپپىسى:a›قەدىمكى تىل- ئالتۇن ئوردا ئەدەبىي تىلىنىڭ شەرىقتىكى خارەزىم ۋارىيانتىدىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان غەربى ۋارىيانتى. b›ھازىرقى تاتار ۋە باشقورت تىللىرى.
2.قىپچاق –پولۇۋ تارماق گۇرۇپپىسى: a›قەدىمكى تىل-پولۇۋ ۋە كۇمان تىلى. b›ھازىرقى قارايىم ، قاراچاي-بالقار ، قۇمىق، قىرىم تاتار تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.قىپچاق-نوغاي گۇرۇپپىسى: ھازىرقى نوغاي، قاراقالپاق، قازاق تىللىرى ۋە ئۆزبەك تىلىنىڭ بەزى ۋارىيانتلىرى كىرىدۇ.
تۆۋەندە ھەممىمىز بىرلىكتە قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كېرىدىغان تىللارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى :
فونىتېكىلىق تۈزۈلمىسىدە: 1 .سەككىز-توققۇز سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ï، i، ü، u لاردىن ئىبارەت تولۇق ياسالمىغان تار سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
2.قوشۇمچىلاردىكى تار سوزۇق تاۋۇشلار لەۋلەشمەيدۇ.
3.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋلىشىش ئاھاڭداشلىقى ئاجىز بولىدۇ. لەۋلەشكەندىمۇ پەقەت تار سوزۇق تۋۇشلارلا لەۋلىشەلەيدۇ.
4.سوزۇلما(ئۇزۇن) سوزۇق تاۋۇشلار يوق.
5.ئاغ ئاۋ /؛ ئېگ/ ئىي؛ ئۆگ /ئۈي دېگەنلەردىكىğ/ g سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلىىرىنىڭ يېڭىچە نۆۋەتلىشىشى قەدىمكى نۆۋەتلىشىشلەرگە توغرا كېلىدۇ.
6.سۆز بېشىدا جاراڭلىق b كېلىدۇ (باشقا تىللارنىڭ سۆز بېشىدىكى p نىڭ ئورنىغا)، لېكىن يەنە سۆز بېشىدا، جاراڭسىزt ۋەk مۇ كېلىدۇ ۋە بىرىنچى شەخىس ئالمىشى«مەن» دە، دەل بۇنىڭ ئەكسىدىكى ئالامەت كۆرۈلىدۇ.
7.سۆز بېشىدىكى j~z~y لارنىڭ كېلىشى تۇراقلىق ئەمەس.
8.ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئۇتتۇرىسىدا كەلگەندە، К/k، g/ğ،b
دېمەك، قىپچاقلار ھازىرقى زاماندىكى نوغايلار، ئۆزبەكلەر، قاراقالپاقلار، قىرغىزلار ، باشقورتلار، تاتارلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇلار تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىمۇ زور رول ئوينىغان.
تەييارلىغۇچى: غۇنچە