almas888 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 11:12 
غۇنچە خانقىزغا:
1.مەزكۇر يازما ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىمۇ ...
تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئاساسى بار ، ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئەسىر چاغاتاي تۇرك تىلىنىڭ داۋامى ۋە بىۋاستە ۋارىسى ،، لىكىن ئۆزبېك تىلىمۇ شۇندلق لىكىنن ئۇ تىلدا قىپچاق تىلىنىڭ ئىلىمىتلىرى بار ،چۈنكى ئۆزبىېكلەر دەشتى قىپچاق دالاس د ارۋىچىلار بولۇپئمۇ ئۇلار مۇھەممەد شاھىبانەخان(مۇھەممەد شاھىبانې خان بولسا چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولغان جۇجى خاننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى شىباننىڭ ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ،لىكىن جۇجى خاننىڭ كېچىك ئوغلى شىباننىڭ ئۇلۇسى ۋە ئۇنىڭىغا بولۇپ بېرىلگەن قەۋملەرنىڭ14-ئەسىرلەردە مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن نىمىشقا ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ئېنىق ئە،مەس، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۆزبېك دىگەن نام شۇقەۋمنىڭ نامىغا ئايلىنىپ قالغان ) باشچىلىقىدا 1500-يىللىرى كۈچىيىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى يەنى ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەلىكىنى ئىستىلا قىلغان ،يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستىلاچى ئەمىر تومۈرنىڭ ئەۋلادى بولغان بابۇرخاندىن( بابۇرخان بولسا يەركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان ئەئىدخان بىلەن بىر نەۋرە قېرىنداش) ئوتتۇرا ئاسىيانى تارتىۋالغان ،ۋ ە شاھىبانە خان ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزبېكىستاندا ئۈچ خانلىق قۇرغان ۋە ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان ، ئەمدى ئۇلارنىڭ تىلىغا كەلسەك ، دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن بۇ رايۇنداياشاۋاتقان تۇركىي خەلىقلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنى قوللىناتتى، ئۆزبېكلەر كەلگەندىن كىيىن ئۆزبېكلەردىكى قىپچاق تىلىغا خاس ئالاھىدىلىكلەر ، شىۋە دىيالىكىتلار يەرلىك خەلىق تىلىغا تەسىر كۆرسىتىپ ھازىرقى ئۆزبېك تىلىنى شەكىللەندۇرگەن ،ھازىرمۇ دىققەت قىلىدىغان بولساق ئۆزبېك تىلىدا قىپچاق تىلىنىڭ چارىسلىرى بولغان ھازىرقى زامان تۇركىي مىللەتلىرىنىڭ تىل ،تلەپپۇز ھالىتى ساقلانغان ، لىكىن ئۇيغۇر تىلىدا قىپچاق تىلى ئىلىمىنتى يوق،،، مانا بۇ ئۆزبېك تىلى بىلەب ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرقى ، شۇنىسى ئېنىقكى ئۆزبې كبىلەن تىلىمىز ئوخشاشلىق ھىسىياتى بىلەن ئۇلارنى بىز بىلەن بىر مىللەتمىكى دەپ قاراش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس ،