altuntarim09 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 15:12 
بۇ يەردە گەپنى خېلى ئوچۇق قىلدىم، بىراق ئوقۇتقۇچىلار ...
ئاۋال سىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن بەرگەن جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت . قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالدىم . ئەسلى ئەمدى ئىنكاس يازماي دىگەن ، بىراق سىزنىڭ ئاخىرقى ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ يەنە ئىنكاس قالدۇرۇشقا باشلىدىم .
سەل ئۇزۇن بۇلۇپ كەتتى ، كۆپرەك ۋاقتىڭىز چىققاندا ئالدىرىماي كۈرۈپ باقارسىز ...
بۇ ئىنكاسىتا سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز قىزىل رەڭلىڭ ، مىنىڭ ئادەتتىكى رەڭدە ئايرىلغان . ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ‹‹ئىككى قۇر ›› ، ۋە كىتاب تۈرگۈچىلەرگە بولغان چۈشەنچەمنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويماپتىكەنمەن ، شۇڭا سىز باشقىچە چۈشىنىپ قاپسىز ... مەن يالقۇن روزى ئاكا تۈزگە ئۇقۇتقۇچىلار قوللانمىسىنى ھازىر تېپىشقا ئىمكانىيتىم يوق . ھەم زۆرۈرىيتىمۇ قالمىدى . چۈنكى سىز ئىنكاسىڭىزدا ئەمدى دەرسلىكلەرنىڭ ئىسلاھات قىلىنغانلىقىنى ئېيىتتىڭىز ...
بۇ قوللانمىلارنىمۇ شۇ يالقۇن روزىلار تۈزگەن، شۇنىڭدا بەك تەپسىلى مەزمۇن بار، بىز شۇنى يەتكۈزىمىز، ئاندىن تېكىستنى تونۇشتۇرىمىز، ئۇنى قوشۇپ قويسا كىتاب بەك كېلەڭسىز بوپ قالىدۇ، سىز ئىككى قۇر دەپسىز، بىر پۈتۈن تارىخنى ئىككى قۇر بىلەن ئىپادىلەيمەن دېسە بەك چولتا بوپ قالىدۇ، بىز تەپسىلى سۆزلەيمىز، بولۇپمۇ مەندەك ئۇيغۇر تارىخىغا خېلى پىششىق ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق، قالغىنى قوللانمىدىن ئۆگىنىپ تەپسىلى سۆزلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ، بۇنى مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ياخشى بىلىدۇ.
سىز بىرلا كىتابنى بىلگەن بىلەن بىز ئۈچ يىللىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 كىتابنىڭ مەزمۇن سېستىمىسى ۋاھاكازالارنى تەتقىق قىلىپ ئاندىن دەرس ئۆتىمىز. بىز ئالدىمىزدا نېمە كىتاب بولسا شۇنى دېمەيمىز، دەرسلىكنى، بالىلارنى بىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق، تاڭسېڭدىن باشقا بۇددىزىم ھەققىدە بالىلارغا گەپ تەشكۈدەك نېمە بار؟مەسىلەن........؟بىزدە قېلىپ قالغان ئادەتلەرنى سۆزلەيمىز تېخى، جىق گەپ بۇ.
ئىككى قۇر ئۇ ئەسلى ‹‹›› ئىچىگە ئېلىنىشى كىرەك ئىدى . مەن سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز گە جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن تىل ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قىسقارتىپ ئازراق قالدۇرۇپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردىم .
مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى
7- يىللىق 1- قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكى .
بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بەتلىرى ياخشى ساقلانغانلىرىنى تاپالمىدىم . ساقلىنىپ قالغان مەزمۇندىن كىلەيلى :
مارى كىيۇرى خانىم تۇنۇشتۇرۇلغان دەرسلىك .بۇنىڭدىكى ‹‹مىنىڭ ئەقىدەم ›› ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن كىيۇرى خانىمنى يەنە
بىر بەت ئەتراپىدا ئايرىم تۇنۇشتۇرغان .
مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە نىكۇلاي ئوستىروۋىسكىنىڭ ‹‹پولات قانداق تاۋلاندى ›› ناملىق رومانىدىن پارچە بىرىلگەن ،مۇھاكىمە سۇئاللىرى تۈگىگەندىن كىيىن ئاپتورنى قۇشۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى دەۋىرنى
بىر يېرىم بەت ئەتراپىدا تۇنۇشتۇرۇغان .
ئۈچىنجى بۆلەك ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئۆرىپ ئادەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان (مەشرەپ ، قارلىق ئۇيۇنى ،نوروزنامە )بۇ دەرسلىك ئىنتايىن جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ . مەن قايىل بولدۇم كىيىنكى يەردە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دىن ئېلىنغان ئازراق پارچە بار ئىكەن . بۇ پارچە ئاستىغا ئازراق بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇش يېزىپ قۇيۇپتۇ . مىنىڭ دىگىنىممۇ ‹تىگىننىڭ ھىكايىسى› غا مۇشۇنچىلىكمۇ بولسا ئىدىقۇد خانلىقى توغرىلىق ماترىيال بۇلىشى كىرەك ئىدى . دىمەكچى . يەنە تۇرپان كارىزى تۇنۇشتۇرۇلغان دەرسلىكمۇ بار . بۇ تەپسىلى يېزىلىپتۇ . ئەسەت سۇلايماننىڭ ئەسىرىمۇ باركەن تېخى .بۇ كىتابقا بىر بۆرە توغرىلىق ئەسەر بار بۇلۇپ
دەرىسلىك مەزمۇندىن سىرىت پەقەت بىر بۆرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ بەت قىستۇرما ھىكايە ۋە پايدىلىنىش ماترىيالى بار .
بۇ كىتابنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىغا لىف تولسىتوي ، تۇرگىنىف ، ئاندېرسون ئەسەرلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىمۇ كىرگۈزۈلۈپ بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە قىزىقىىشغا ئالاھىدە ماسلاشتۇرۇلغان
مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى
7- يىللىق 2- قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكى .
بىرىنجى بۆلەكتە ئاساسلىقى ئۇلۇغبەگ ،كۇمارا جىۋا ،مەمتېلى ئەپەندى ،بىتخوۋېن قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ بۇلاردىن سىرىت يەنە بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئۆمەرجان بوزقىر ،سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئەسەرلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان . بۇمۇ بىر ئۇستىلىق بىلەن لاھىيلەنگەن يېڭى ئىسلاھاتتىكى دەرسلىك ئۇسلۇبى .
ئىككىنجى بۆلەكتە ئۆمەر ئەھمىدى ،ۋاڭ ئەنيى ،جورجى ۋىتولكاس (گېرىتسىيىلىك ئالىم .1932ـ يىلى تۇغۇلغان ، 1996-يىلى نوبىل مۇكاپاتى ئالغان) ئەخەت ھاشىم ،ئابدۇراخمان ئەبەي ،مۇھەممەتجان راشىدىنلارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ،ئەلۋەتتە ئاستىدا ھەر قايسى يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمھاللىرى چۈشۈپ قالمىغان . يىتەرلىك يېزىلغان .
3-بۆلەك بىناكارلىق سەنئىتى تۇنۇشتۇرۇلغان .
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى توغرىلىق يېزىلغان ئەسىرى بىلەن باشلانغان ،
(سېلىشتۇرما بۇ يەردە ئىزدىنىش ۋە مەشىق قىسمىدا بۇددا دىنى توغرىلىق تەكىتلەنمىگەن ) ، كىيىنكىلىرى ۋېرسال سارىيى (جى زۇ يىڭنىڭ ئەسىرى ) ئاپاق خوجا مازىرى (راھىلە داۋۇت ئەلچىن خانىمنىڭ ئەسىرى )(سېلىشتۇرما : بۇ يەردىكى ئىزدىنىش ۋە مەشىق قىسمىدا ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇنۇشتۇلغان، ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن .گەرچە بۇ بىناكارلىق ھەققىدىكى دەرسلىك بولسىمۇ ئاپاق خوجىنىڭ مەخسۇس ''سارىيى'' بولغاندىكىن چۇقۇم ئۇ توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بۇلىشى كىرەك ئىدى .) زاغۇنلىق قەدىمى قەبرىستانلىقى (ئابدۇقەييۇم خوجا .) كىيىنكىسى رىملىقلارنىڭ گلادىئاتورلار مەيدانى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقى تۇنۇشتۇرۇلغان پايدىلىنىش ماترىيالى
تۆتىنجى بۆلەكتە ھايۋانلار تۇنۇشتۇرۇلغان .
تىيىن (ئاپتورى :بۇفۇن، فىرانسىيە) قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە (ساتتار سالىخ ، تاتار ) ياپونىيە ماي قوڭغۇزى (فابىر ،فىرانسىيىلىك ھاشاراتشۇناس ) بۈركۈت ، گۇناھكار ئىشەك (بۇ ئىككى ئەسەر دەرسلىك مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇلغان ، ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتە ئالاھىدە پايدىسى بار ) ئاندىن مەشھۇر ئەسەرلەردىن ‹‹كەلىلە ۋە دېمىنە ›› بۇ كىتاب تۇنۇشتۇرىشى ئۈچ بەت ، ئەسلى كىتابتىن ئېلىنغان مەزمۇن ئالتە بەت ،كىتابقا مۇناسىۋەتلىك
تارىخى ئارقا كۆرىنىش ماتېرىيالى ئىككى بەت ئېلىنغان سىزنىڭچە بۇ يەرگە شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياۋايى ھايۋانلار توغرىلىق ماتېرىيال بىرىلسە تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ ؟
بەشىنجى بۆلەك ئاخبارات ۋە ئۇچۇر
................ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ بۆلەكتىكى سىتفان زىۋىگ ، رېگان ،ئەسەرلىرى ۋە مەركىزى خەلىق راسىئو ئىستانسىنىڭ خەۋەر ئورگىنالى توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم . شياڭگاڭ ۋەتەن قوينغا قايتىپ كەلدى مەزمۇنلىق بۇ خەۋەرنى مەن 2008- يىلى مۇنبەرگە يوللىسام تور باشقۇرۇش خادىملىرى ھېچقانداق باھانە سەۋەبسىز ئۈچۈرىۋەتكەن . بۇ بۆلەك ئاخىرىدا يەنە ئېنتېرنىت توغرىلىق خېلى كۆپ چۈشەنچە بىرىلگەن بۇلۇپ ، ئىلىكتىرونلىق پوچتا ساندۇقى ، ئىزدەش ، خەۋەر تور بەتلىرى ، توردا ئەسەر ئەۋەتىش قاتارلىقلار تۇنۇشتۇرۇلغان (ياخشى يېرى ، ماكانىم ،مەيىن شامال ،دىيارىم ، ئىزباسار تور بەتلىرىنىڭ ئاددېرسىنى قالدۇرۇپ قويغان )
كىيىنكى مەخسۇس ئات توغرىلىق مەخسۇس تىما بۇلۇپ چۈشەندۈرۈش ، بىر ئىككى ماقالە ، ۋە تاڭ دەۋرىدىكى بەزى شىئېلار بىرىلگەن بۇلۇپ پەقەت بىر ئات توغرىلىق يېزىلغان بۇ مەخسۇس سەھىپە
17 بەت ئوروننى ئىگەللىكەن . (ئالدىنقى ئىنكاستا ئىككى قۇر خەت قۇشۇپ قويماي دىسەم ، مۇئەللىم ،ـ كىتابنى ئىخچام چىقىرىدۇ دەۋاتاتتى ... )
ئالتىنجى باب شىئېرلا سەھىپسى
ئاساسلىقى پۇشكىن ،روبىرىت فروست ،شەيخ سەئىدى ،دۇفۇ ،ئەھمەت يۈكنەكى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،ئوسمانجان ساۋۇت ، مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن ،تىيىپچان ئېلىيۇف ،ياسىن مۇخپۇل ،سادىر پالۋان شىئېرلىرى بىرىلگەن . بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى ئاۋال يېقىنقى زامان شىئېرلىرى ، كىيىن كىلاسسىك شىئېرلار ، ئاخىرىدا چەتئەل شىئېرلىرى بىرىلسە تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ... )
سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ قىسلىقى سەۋەبلىك 6 مەۋسۇملىق دەرسلىكنى تۇلۇق قالدۇرمىدىم ھەم ھازىر تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولسا ھېچقانچە ئەھمىيتى يوق بۇلىدۇ .
تۈۋەندىكىسى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ تىل ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىغا كىرگۈزۈلۈپ بىرلەشتۈرۈلگەن قىسمى .
7-1 دەرىسلىكىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە ئائىت 17 بەت مەزمۇن بىرىلگەن
7-2 دەرىسلىكىدە ئۇيغۇت تىلى دەرسلىكىگە ئائىت 8 بەت مەزمۇن بىرىلگەن
8-1 دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىگە ئائىت 7 بەت مەزمۇن بىرىلگەن
8-2 دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە ئائىت 5بەت مەزمۇن بىرىلگەن
9-1 دەرىسلىكىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە ئائىت 12 بەت مەزمۇن بىرىلگەن
9-2 دەرسلىكىدە ئۇيغۇت تىلى دەرسلىكگە ئائىت 4 بەت مەزمۇن بىرىلگەن
‹ فونتىكا ،لېكسىكا ،مورفولوگىيە ،سىنتاكسىس ›
ئۈچ يىللىق ئوقۇتۇش مەزگىلىدە ئۈتۈلىدىغان دەرسى يىللىقىغا 20 بەتتىنمۇ توغرا كەلمەيدىكەن ...
تاڭسېڭدىن باشقا بۇددىزىم ھەققىدە بالىلارغا گەپ تەشكۈدەك نېمە بار؟مەسىلەن........؟بىزدە قېلىپ قالغان ئادەتلەرنى سۆزلەيمىز تېخى، جىق گەپ بۇ.
ئەگەر بۇددا دىنى ھەققىدە گەپ ئاچمىساق، بىر دەۋر تارىخىمىزنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟ ئاشۇ بۇددىست كاپىرلارنىڭ بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئىكەنلىكىنى، بۇ يادىكارلىقلارنى قەدىرلىشىمىز ئىلمىي نۇقتىدىن ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدۈرىمىز ئۇكام؟ زۆرۈرىيىتى يوقمىكەن؟كىتابقا بىرنى بەرگەن بىلەن يۈزنى سۆزلەيمىز. خاتىرجەم بولۇڭ، بۇرۇن تولۇقسىزنىڭ بالىلىرى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى، ھازىر ئاز بولسىمۇ بىلىدۇ، يەنە تولۇق ئوتتۇرا بار ئەمەسمۇ؟
شۇنداق لىكىن ،(يەنە جاھىللىق قىلدىم دە ) سىزنىڭ دىگىنىڭىز بۇيىنچە بولغاندا بۇ يەردە خاتالىق بار بۇلىدۇ .
16 بەت ئەتراپىدىكى ھىكايە ، بىر پارچە قسىتۇرما رەسىم (تىما مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇلغان ) بۇلارنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن مۇھاكىمە قسىمىغا تۈۋەندىكىدەك يازىدۇ .
‹‹1.بۇددا دىنى خرىستىئان دىنى ، ئىسلام دىنى بىلەن بىللە ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ .(مىنىڭچە بۇ يەردىكى بىر پەشتە لوگىكىلىك خاتالىق باردەك قىلىدۇ )
بۇ دىننىڭ ئۆزىگە خاس ئېتىقاد پىرىنسىپلىرى ۋە دۇنيا قاراش سىستېمىسى بار .
بۇ ھىكايىدىكى ئاق نىيەت تىگىننىڭ
ۋۇجۇدى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ تۈپ روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان .بۇنى ئۇنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ۋە سۆز مۇئامىلىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالدىلى بۇلىدۇ . سىلەر ‹‹غەرپكە ساياھەت ›› فىلىمىدىكى تاڭ سېڭ ئوبرازىغا سېلىشتۇرۇپ
ئاق نىيەت تىگىننىڭ بۇددا ئەخلاقى ئۇنىڭ قايسى سۆز - ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار .››
ئىخچاملانغان دەرسلىك مۇشۇنداق بۇلامدۇ ؟ بىر ئات توغرىلىق بىرىلگەن ئورۇن 17 بەت . ئۇنىڭغا تېخى جۇڭگۇ ئىنسكلوپېدىيىسىيى بىئولوگىيەدىكى ئات سۆزلىكى دىن بىر بەتتىن ئارتۇقراق چۈشەنچە بىرىپتۇ )سېرىق رەڭدىكى جايلار يازسىمۇ بۇلىدىغان يازمىسىمۇ بۇلىدىغان مەزمۇنلار ، قىزىل رەڭلىك قۇرغا ياخشى قاراڭ . مۇھاكىمە قىسمىدا ھېچقانداق بىر تارىخقا ئائىت ماتېريال يوق ،تىگىننىڭ بۇددا ئەخلاقى شۇ دەۋىردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى خالاس (يەنە كىلىپ تەرجىمە ھىكايە . تەرجىمە ھىكايە بىلەن شۇ دەۋىرنىڭ ئۆزىدىكى يازغۇچى يازغان ھىكايە پەرقىنىڭ خېلى چوڭلىقىنى سىز بىلىسىز ، تەرجىمە ھىكايىدە پەقەت شۇ دەۋىردىكى تىلنىڭ ئىشلىتىش ۋە ئۆزگىرىشىنىلا بىلگىلى بۇلىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسى ،ئەخلاقىنى بەلگىلەپ بىرىىش ناتايىن ، بۇنىڭغا قايىل بولمىسىڭىز ماڭا ھازىرقى زامانغا تەۋە ، كىتابخانىلاردا تىز تاپقىلى بۇلىدىغان ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا پۈتۈنلەي ئوخشاش يېزىلغان كىتابتىن بىر نى تەۋسىيە قىلىڭ ) . بۇنىڭ غۇنچە دىگەن تورداش ئېيىتقاندەك قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق . مىنىڭ بۇ سۈزۈم چۈشنىشلىك بولدى ھەقىچان. يەنە مىنىڭ قارىىشمچە شۇ دەرسلىككە ئەسلى مەزمۇندىكى (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى كونا يېزىقتا ئىپادىلەپ ) ماترىيالدىن بىرەرنى بىرىپ ، ئاندىن مۇھاكىمە قسىمىغا دىنغا، ياكى شەخىسكە ئەمەس شۇ دەۋىردىكى تىل ئۆزگىرىشىنى مۇھاكىمە قىلىشى كىرەك ئىدى . ئۇ ھىكايە باراناس دۆلىتىنىڭلا شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى ئارقا كۆرىنىشنى تۇلۇق ئىپادىلىيەلەيدۇ ، بىزگە نىسبەتەن ئىشلىتەلەيدىغان (بىردىنبىر ) پايدىلىق يېرى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش خالاس . ھەرگىزمۇ ئۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنى ئەمەس .
‹‹(پەقەت مۇشۇ تىمىدا پايدىلىنىش ئۈچۈنلا يېزىلدى ). ... شۇنىڭدەك ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىغا قارىغاندىمۇ، فونتىكا ، گرامماتىكا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنىڭ ئانچە گەۋدىلىك بولمىغانلىقىنى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ 8دىن توققۇزغىچە ئىكەنلىكىنى ، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ 20 دىن 25 كىچە بۇلۇپ كەلگەنلىكىنى ، گرامماتىكا جەھەتتە تەدرىجى ياخشىلىنىش ، ئىخچاملىنىش ... ›› بۇ ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تەپسىلى يېزىلغان . ئىككى تىكىننىڭ ھىكايىسى پەقەت تىل يېزىق ئۆزگىرىشىدىنلا خەۋەر بىرەلەيدۇ . ئەگەر سىز شۇ ھىكايىگە ئاساسەن بالىلارغا چۇقۇم بۇددىزىمنى چۈشەندۈرۈش كىرەك دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بۇلىسىز ، ئەگەر بۇ ھىكايە ئەجدادلىرىمىز يازغان مەڭگۈ تاشلار بولغىنىدا ئىدى ، ئاندىن ھەقىقى شۇ دەۋىر تارىخى ئارقا كۆرىنىشتىن خەۋەر بىرەلىگەن بۇلاتتى .
مىسال : ‹‹ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇق يالتىرىقلىغ قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلگى ئاتلىغ نوم بىتىگ ››
يەشمىسى :‹‹ ئالتۇن رەڭلىك نۇرلۇق يالتىراقلىق ھەممىدىن ئۈستۈن نوم پادىشاھى ئاتاقلىق نوم پۈتۈگ ››
(بۇ ‹‹ئالتۇن يارۇق›› ناملىق ئەسەرنىڭ تۇلۇق ئىسمى )
ئاندىن مۇھاكىمە قسىمىغا ھازىرقى تىل بىلەن قەدىمكى تىلنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى ھەققىدە مەزمۇن بىرىلسە ھەقىقى تۈردە سىز دىگەندەك تارىخلاردىن خەۋەر بىرىلگەن مۇكەممەل دەرسلىك بۇلالايدۇ .
تىل خەلىقنىڭ ئۆتمۈشى ،ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلىككە ،تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپىسلىققا ئىگە قىلغۇچى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ، ئەڭ باي ،ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر
ــــــــــــــــــ ك . د . ئوشنىسىي
بۇ سۆز 7-1 مەۋسۇم تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىن ئېلىندى .
ئەمدى يەنە قېلىنلىق قىلىپ ئىنكاس يازغانلىقىمدىن خىجىلمەن ، مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىددىيىسىدىن ئۆتمىگەن ئىشلارنى پىكىرلىشىپ پىكىر بىردەكلىكىگە كىلىش ، بىلمىگەنلەرگە بىلگەننى دەپ بىرىش بىلمىگەننى سۇراش ، مۇنازىرىگە تىگىشلكنى ئوتتۇرىغا تاشلاش مۇنازىرە مۇنبىرىدە قىلىدىغان ئاساسلىق ئىش دەپ ئويلايمەن .
يۇقىرىقى ئىنكاسىم پەقەت مىنىڭ ئۆزەمنىڭ كۆز قارشى ھېچقداق شەخىس ۋە ئورونغا قىلىنغان نارازىلىق ئەرزى ياكى ئىلتىماس ئەمەس .