توغرا يېزىش ئۈچۈن ئىملا قائىدىسىگە ، تۈرلۈك بەلگىلەرنىڭ جايىدا قۇيۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . بۇنداق قىلىشقا بەلگىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشقا كۈچ چىقىرىشقا توغرا كىلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر ھەرىپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ، ئورونغا يېزىلىش تەرتىپىگە ۋە قانۇنىيتىگە ئىگە .ئەگەر بىرەر خەت قائىدىگە خىلاپ ھالدا يېزىلسا ئاشۇ ھەرىپنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يىتىپلا قالماستىن ،توغرىلىقىغىمۇ تەسىرى يىتىدۇ .ھەرىپلەردىكى چىكىت بەلگىلەر تۇغرا قۇيۇلمىسا مەنىدە ئۆزگىرىش كىلىپ چىقىدۇ .بۇ كىتاب مۇقاۋىسىدىكى سۈيۈملىك يۇرتىمىز ، شىنجاڭنىڭ ئىسمى ئوقوغۇچىلارغا قانداق تەسىر بىرىدۇ ؟13 ياشلىق بالىلارغا ؟ بۇنى نىمىشقا ئويلىمايدۇ ئۇلار ؟ (شىنجاڭ دەرىسلىكىگە )
ئوقوغوچىلار ئۆزىگە توغرا بولغان ئۆگىنىش مۇددىئاسى تۇرغۇزۇش كىرەك ، يۇقىرىقى دەرسلىكنىڭ بالىلارنىڭ ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پىسخىل ئامىلى توغرىلىق ئويلىنىپ باققاندىمۇ ؟ئوقوغوچىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە ۋە ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى تاللىۋېلىشىغا ، ئۈگىنىش ئاڭلىقى بىلەن ئاكتىپچانلىقىنىڭ قوزغىلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟
ئۈگىنىشتىن ئىبارەت بۇپائالىيەت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپ پائالىيتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ .ئوقۇتۇشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈگىتىشى ،ئوقۇغۇچىسىنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەرەپ ماسلاشتۇرۇلغاندا كۈتكەن مەقسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ .
ئوقۇتۇش ــ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش پىلانى ، تەسسىس قىلىنغان دەرسلەر ۋە ئوقۇتۇش پروگرامممىسىغا ئاساسەن دەرس ئۈتۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل پەنلەرنى ئۈگىنىشكە يىتەكلەپ ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدىكى پائالىيەت .
ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى نىمە ؟
ئوقوغوچىلارغا ھەرخىل پەن مەلۇماتلىرىدىن ئاساسى بىلىم بېرىش ۋە ئۇنى ئۈگىتىش ، ئاساسىي ئىقتىدار ۋە ماھارەت شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت .
بۇ توغرىلىق سىزگە كۆپ چۈشەندۈرمىسەممۇ سىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن بىلەرسىز ، بۇلار مىنىڭچە ئۇقۇتۇشتىكى ئاددى ئۇقۇم .
‹‹دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى ئاساس قىلىپ ، كۆپ خىل ئۇچۇر مەنبەلىرى ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش ھەمدە يېڭى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى مۇۋاپىق گەۋدىلەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلدى ؛ بىلىم ۋە قابىلىيەت ، جەريان ۋە ئۇسۇل ،ھىسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تەربىيلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ،
مەزمۇن جەھەتتە ئەمەلى تۇرمۇشتا قوللىنىش ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىندى .›› مانا بۇلار نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ سۆزى .
ئەسلى بۇ ھىكايە توغرىلىق سىلەرگە ئەمەس نەشىرياتتىكىلەرگە يوللاي دىگەنتىم ، بىراق ئاستىغا قاراپ باقسام ‹‹ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ، ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەرنى نەشىرياتىمىزغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .›› دەپ يېزىپتىكەن ، مەن بۇلارنىڭ ھېچقايسىغا چۈشمەيدىكەنمەن ، شۇڭا ... توردا سىلەر بىلەن مۇنازىرەلىشىۋاتىمە

