altuntarim09 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 00:09 
مەن بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى تېما بىلەن باغ ...
رەھمەت سىزگە ھەدە . سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن ھەقىقى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنكاسىنى كۆردىم . تەپسىلى چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ، يالقۇن روزى ئاكىنى ‹‹كۆرەش رەجەپكە يېزىلغان خەت ›› ناملىق ئوبزورىدىن تۇنۇغان ، ۋە شۇنىڭدىن كىيىن ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان بولغان . (ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ بەزىللىرىنى ھازىرغىچە ئىزدەۋاتىمەن ) ... مۇشۇ ئىككىيلەننىڭ دەرىسلىكنى تۈزۈش ھەيئىتىدە تۇرۇپ شۇنداقلا كىرگۈزۈپ قويغانلىقى تازا ئەقلىمگە سىغمىغان ئىدى . ئەمدى ئويلاپ باقسام بەك يۈزەكى ئويلىۋەتكەن ئوخشايمەن ... ، بەزى مەسىلىلەرنى كونكىرىتراق ئويلىماپتىمەن . مىنىڭ ئارزۇيۇم ھازىرقى ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ رېئال قىممىتى يۇقىلىپ ،سىمۋوللۇق خاراكتىرىگە ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئىدى . لىكىن بەزى ئىنكاسلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئەسلى ئەنسىرەيدىغان ئىش سىمۋوللۇق خاراكتىرگە ئۆزگىرىشى ئەمەس ئۇلتىرا رىئاللىققا ئۆزگىرىشى ئىكەن .
بۇددىزىمنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈش شۇنچە مۇھىممۇ ؟ ئىدىقۇت دەۋرىدە بالىلارغا چۈشەندۈرگىدەك باشقا ھېچقانداق رىئال قىممىتى بار ماترىياللار يوقما ؟ (كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، بۇ سۇئالنى ئەسلى سىزدىن سۇرىماسلىقىم كىرەك ئىدى . ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تىل - يېزىق ۋە يازما ئەدەبىيات نامايەندىلىرى تىل - ئېتنىك تەۋەلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى . يېزىق مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كەشپىياتلارنىڭ بىرى .مەلۇم مىللەتنىڭ مۇئەييەن دەۋىردىكى مەدەنىيەت سەمەرىلىرى بىلەن تۇنۇشۇشتا، تىل ۋە يېزىق تەرەققىياتىغا نەزەر ئاغدۇرۇش بەكمۇ مۇھىم ، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئاياندۇر ، ئۇيغۇر مەدەنىيتى جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى . تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ۋە سېسىمىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر . ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىردە ، ئوخشىمىغان رايۇنلاردا ، ئوخشاش بولمىغان يېزىقتا نۇرغۇن ئېسىل يادىكارلىقلارنى يېزىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات دەۋرىنى قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ، (ئورخون دەۋرى ) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (چاغاتاي ) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بۇلىدۇ . ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە بولسا تۈركى تىل بۈلۈنۈشكە باشلىغان، ئۆز ئالدىغا ئەدەبى يېزىق تىلى بۇلۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ، ئاخىرىدا ئەدەبى يېزىق تىل شەكىللەنگەن . ھەرقانداق بىر تىل ناھايتى ئاستا بولغان تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ . شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىغا قارىغاندىمۇ ، فونتىكا ،گرامماتىكا ،جەھەتلەردىكى تەرەققىياتنىڭ ئانچە گەۋدىلىك بولمىغانلىقىنى ،گىرامماتىكا جەھەتتە تەدرىجى ياخشىلىنىش ، ئىخچاملىنىش ، سىلىقلىشىش ،مۇكەممەللىشىش تۇلۇقلىنىش بولغان بولسىمۇ ، لىكىن ، بىر پۈتۈن گرامماتىكا سېستىمىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرىمىز .لىكىن لېكسىكىدا ئۆزگىرىش تىز بولغان . بۇلۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇنداق ئۆزگىرىش گەۋدىلىك بولغان . قاراخانىلار دەۋرىدە ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ، ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر شۇ دەۋىرنى تۇلۇق نامايەن قىلغان بولسا ، ئىدىقۇت دەۋرىدە تەرجىمە ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنىلىرى بولغان ‹‹ئالتۇن يارۇق ›› ، ‹‹ شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى ›› ،‹‹ئىككى تىكىننىڭ ھىكايىسى ›› ... قاتارلىق ئەسەرلەردە نامايەن بولغان . بۇ دەۋردە لىكسىكا جەھەتتىكى مۇھىم خۇسۇسىيتى تۈركۈم تۈركۈملەپ يېڭى سۆزلەرنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەنكى ئايان بۇلىدۇ . (ئىزاھات: بۇ سۆزلەر مىنىڭ ھازىر ئۈگىنىۋاتقان ئىدىقۇت خانلىقىغا ئائىت ماترىياللاردىن ئۈگەنگەنلىرىم . )ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ دەۋىرگە ئائىت ‹‹چاشتانى ئېلىگ بەگ›› قىسسىسى (باتۇرلىق قىسسى ئىكەن شۇ دەۋردىكى تۇنجى خاتىرىگە ئېلىنغان باتۇرلىق ھەققىدە قىسسە ) سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىغان ،‹.رەسسام بىلەن ياغاچچى ›› ... قاتارلىقلارمۇ بار . بۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا مۇھىم رۇلىنى جارى قىلدۇرماقتا ، بىراق ئىدىقۇت دەۋرىگە ئائىت كىرگۈزۈلگەن ئۇ دەرسلىكنىڭ مۇھاكىمە قىسمىغا يۇقىرىقى سۆزلەردىن بىر قۇرمۇ قۇشۇپ قۇيۇلمىغان ، سىز ئىنكاسىڭىزدا تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ يەرلىك تارىخىمزىنى ئۈگىتىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئېيتىپسىز بۇ ئەقەللى بىر ئىش . بىراق سىز يەنە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ . مەن مىسالغا ئالغان دەرسلىك كىتابنى تاپالىسىڭىز 18- دەرس ۋە ئاستىكى مۇھاكىمە قىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇپ بېقىڭ ئاندىن ئۆزىڭىزنى بىر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەپ ئويلاپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ . قانداق تەسەۋۋۇر قىلارسىزكىن ؟ سىز ماڭا شۇ دەرسلىكتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت ئوچۇق يېزىلغان بىر قۇر خەت بار دىيەلەمسىز ؟ ھېچ بولمىغاندا مۇھاكىمە قىسمىغا سىز دىگەندەك ، ياكى يۇقىرىدا مەن يازغاندەك ''
بۇ ئەسەر ئىدىقۇت ئۇيغۇر خالىقى دەۋرىدىكى ..... '' دەپ بىر قۇرمۇ يېزىپ قويماي .ئەكسىچە دىنلار ۋە تىگىن توغرىسىدا بۇلىدۇ ؟ ئەجىبا بۇ ھىكايىدە باراناس دۆلىتىنىڭ قايسى دەۋىردىكى قايسى زىمىنغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ ، بىراق ئاتالمىش تارىخ ئۈگەتمەكچى بولغان تۈزگۈچىللىرىمىز ئىدىقۇت خانلىقى پالانى يىلدا قۇرۇلغان ، پالانى يەرگە تەۋە دەپ بىر قۇر خەت يېزىپ قويماپتۇ ؟ دەرس ئۈتۈش جەريانىدا بۇددا دىنىنى فىلىم بىلەن چۈشەندۈرمەيمۇ باشقا ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدىغانلىقى سىز بىلىسىز ، چۈنكى سىز بىر ئوقۇتقۇچى ، بالىلارنىڭ ئۈگىنىش پىسخىكىسىغا يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ زور تەسىرى بارلىقىنى بىلىسىز .دەرسلىكتە ئۇ فىلىمنى تەۋسىيە قىلىش توغرا بولمىغان ئۇسۇل .(قارىشىمچە ئۇ فىلىم بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنە كىلىپ مىنىڭ ئەڭ ئاچچىغىم كىلىدىغان يېرى تەرجىماننىڭ ئىدىقۇت تېغىنى يالقۇنتاغ دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغىنى يەنە مىنىڭ ئىددىيەم بەك قاتمالمىكىن يول بۇيى تاماق تىلەپ ماڭغان تاڭسىڭ ھەزرەتنىڭ تۇرپانغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا نان بەرگەنلىكى پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ ھا ھا ھا ) يەنە كىلىپ سىزنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇئال دىگىنىڭىزگە مەن قايىل ئەمەس. مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى . يەنى : ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىدا ئىپادىلىنىدىغان ئاساسى پاكىت ،ئاساسى ئۇقۇم ،ۋە ئاساسى پىرىنسىپ . بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى مەقسدى ئۆگەنگەن ئاساسى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ،مەلۇم جىسمانى ياكى ئەقلى، پائالىيەتنى ئورۇنلىيالايدىغان بۇلۇش ۋە تەدرىجى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىش . مەكتەپكە بېرىش ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس مەزمۇنىنى ‹‹كۆشەش ›› ئەمەس ، بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش ، مۇستەھكەملەش ۋە ئىشلىتشكە ئاساس ھازىرلاش ،ھەرخىل زۆرۈر ماھارەتلەرنى ئىگىلەش،ئەقلى قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، تەسەۋۋۇر قىلىش ، تەپەككۈر قىلىش قاتارلىقلارنى ئۈگىنىشتىن ئىبارەت . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى .
ماھىرلىق بىلەن ئۈگىنىش ، نىشانى ئېنىق بۇلۇش ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلتىش ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇلۇش ، ئەخلەق پەزىلەت يىتىلدۈرۈش ،ئىجتىمائى پەننىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن . مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ دىگەن قاراشقا مەن تۇلۇق قوشىلىمەن
بۇ سىزنىڭ تىل ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بولغان قارشىڭىز . مەن بۇنى تامامەن قوللايمەن . مىنىڭ شۇنچە كوتولدىشىممۇ دەرىسلىككە تۈۋەندە سىز دىگەندەك مەزمۇنلاردىن ئازراق بولسىمۇ چۇقۇم بار بۇلىشى كىرەك دەپ ... .
«
ئەدەبىياتتا تېكىست ئۆگەنگەندە دەۋر ئارقا كۆرۈنىشىنى، يەنى ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگىنىش كېرەك، ئەدەبىياتنىڭ يۈرىكى تارىخ، بىز يازما ۋەسىقىلىرىمىز ئارقىلىق بىر بۆلۈك تارىخنى ئۆگىنىمىز، بىزنىڭ ئانا تىل-ئەدەبىياتىمىز بىزنىڭ يەرلىك تارىخىمىزنى ئۆگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان،»
مەن بۇ دەرسلىكنىڭ 5- بۆلىكىنى ، يەنى كىلاسسىك ئەسەرلەر سەھىپىسىنى كۆرۈپ سىز دىگەن بۇ مەزمۇننىڭ بارلىقىغا ئانچە قايىل بولمىدىم . ئىشەنمىسىڭىز تۈۋەندىكىسى شۇ بۆلەككە بېغىشلانغان سۆز .
بەشىنجى بۆلەك
كىلاسسىك ئەسەرلەر
«
بۇ بۆلەكتىكى ئەسەرلەر كىلاسسىك ئەسەرلەردۇر . كىلاسسىك ئەسەرلەر دىگىنىمىز ــ مول مەزمۇنلۇق ، ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ھاياتى كۈچىنى يوقاتمايدىغان ، ئۆلمەس ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنى يېڭىۋاشتىن تونۇيدىغان ،ۋە ئاچىدىغان ئەسەرلەردۇر . ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھەر بىر ئوقۇغۇنىمىزدا ،يېڭى تەسىراتقا ئېرىشىمىز . مۇھىم نۇقتا شۇكى : بۇ ئەسەرلەرنى ‹‹كۆشەش ›› ئۇسۇلى بىلەن ئەستايىدىل ئۇقۇشىمىز كىرەك . ››
يۇقىرىقى سۆزگە يەنە سىز دىگەن مەزمۇنلار قۇشۇپ قويغان بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە ؟
ئەمدى ھەرقانچە سۆزلىسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، شۇ بىر تۈركۈم نەشىردىكى كىتابلارنى ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىيى شۇنچىلىك بولسا كىرەك . مىنىڭچە بولغاندا ئىككى تىكىننىڭ ھىكايىسى ئورنىغا باشقىنى تاپالمىغان بولسا شۇ دەۋىردىكى (ئوتتۇرا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ) گىرامماتىكا ئۆزگىرىشى ،لېكسىكا ئۆزگىشى ھەققىدە ئىككى قۇر بولسىمۇ مۇھاكىمە تىمىسى قۇشۇپ قۇيىشى كىرەكقۇ ؟
مەن يەنىلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى بارلىق ئازسانلىق مىللەت بالىلىرىغا شىنجاڭ توغرىلىق مەخسۇس تارىخ دەرسلىكى قۇشۇپ بىرىشنى، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۈمىد ۋە ئىلتىماس قىلىمەن . چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىخى مىلادى بىلەن تەڭ ھىسابلانغان تەقدىردىمۇ ئۈچ يىللىق ئوقۇتۇشقا يىتىپ ئاشقۇدەك يازما يادىكارلىقلار ۋە تارىخى ماتىرياللارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن . (بىلمىدىم ، سىياسى ھۇقۇقى بار ، ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئەمەس ، يەنە كىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ تۈزۈك ئۇقۇيالمىغان پۇقرالارنىڭ مائارىپ دەرىسلىكىگە تەكلىپ بىرىش ھۇقۇقى بۇلامدۇ - يوق ؟ )
ئەگەر بۇ ئىنكاسىمنى قايتا كۈرۈپ قالسىڭىز ۋاقتىڭىزنى ئالغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن ، ناۋادا مىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇم بولغان بولسا ئىدى ، چۇقۇم شۇ ئوقۇتقۇچۇمدىن سۇرىغان بۇلاتتىم ... بەئەينى ياۋا مىۋىلىك دەرەختەك ئۆزۈم خالىغان تەرەپكە شاخلاپ ئۆز قىزىقىشىم بۇيىنچە تارىخ بىلىملىرى ۋە خەنزۇتىلى ئۈگىنىپ قۇيىمەن . مەن قىزىقىدىغان ھەر ئىككى تۈر مۇئەللىمزسىز ئۈگەنسە ئاسانلا خاتالىشىپ قالدىغان بولغاچقا مىنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى دەپ قاراپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
سەل ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ ئىنكاسىڭىزنى 12 يېرىم بىلەن بىلەن كۈرۈپتىكەنمەن،ئىنكاس يېزىپ بولغىچە 2گە ئاز قاپتۇ ...