ghunche يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:52 
سىزنىڭ ئىملا ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزنى قوللايمەن.
سىز ...
بۇ مۇنبەردىشىمىزنىڭ دېگەن كۆپ قاراشلىرىغا تامامەن قۇشۇلىمەن،سىزگە دېسەم،ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز،دۇنيا تارىخىدا ئۇيغۇرلاردەك كۆپ دىن ئالماشتۇرغان،ئېتىقاد سېستىمىسىنى يېڭىلاپ تۇرغان مىللەت يوق دېيەرلىك.
ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر بولدى،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇش مەشھەددە نەچچە مىڭ خەلق ئاممىسىنى باشلاپ،‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر››كەلىمىسىگە شاھادەت ئېيتىپ،ئىسلام دىنغا كىرگەن،دۇنيا تارىخىدا ئىسلام دىنغا دۆلەت،خاقان بويىنچە كىرىش پەقەت مۇشۇ زېمىندا كۆرۈلگەن.
ئەلۋەتتە،جوڭگۇ ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن ياخشى ئەسەلەر بار،دۇفۇ،چۈيۈەن،باجىن،لۈشۈن....قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات كىتابىمىز دەرسلىكىدە بار،ئەدەبىيات كىتابى ئەسلى ماھىيىتىدىن قاراپ تۇنۇپ يەتسە،مىللەتنى مەدەنىيەت،پەلسەپە،ئۆرپ-ئادەت،تارىخ قاتارلىقلاردىن ئورتاق تەربىيلەيدىغان،ئۇيغۇرتىلىنىڭ گىراماتىكىلىرىنى توغرا تۇنۇتۇپ،ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى ئىدى.
مەنمۇ ھازىر ئۇكا-سىڭىلىرىمنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىىگە قاراۋاتىمەن،چوقۇم بالىلارنى مائارىپتا توغرا تەربىيلەش ئۈچۈن ئەدەبىيات خەزىنىسىدە جاھان يۇلتۇزىنى چاقناتقان مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى چۈشۈپ قالدى،تۇلۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا‹‹ئاقچۇق سېيىدا››دېگەن ئەسەر بار ئىدى،مەن شۇ ئەسەرنى كۆرۈپلا،ئابدىرھىم ئۆتكۈرنىڭ كىتابلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان بولغان،ئۇ ئەسەرنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ماڭا بەك چوڭ.
ئەلۋەتتە،دېيىشىمىز زۆرۈر بوپ قالدى،لۈشۈن،باجىن،دۇفۇ،چۈيۈەن قاتارلىق يازغۇچى،شائىرلارنىڭ ئەسىرى تەسىرى چوڭ،مەشھۇر ئەسەرلەر،ئۇنىمۇ ئۆگىنىش كېرەك،ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخ شۇ يەردىن چىقىدۇ،ۋەتىنىمىز جوڭگۇنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى كارتىنىسى شۇ ئەسەرلەرنى ئۇقۇغاندىن كېيىن ،بۈگۈنكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەقىياتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
مەن ‹‹ئاQنىڭ تەرجىمالىنى ››ئۇقۇپ،توختى باقى ئارتىشى ئاكىمىز تەرجىمە قىلغان لۈشۈننىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىققان،ئەلۋەتتە،كۆپ ياخشى ئەسەرلەر چىقمىدى،بۇ تېما يوللىغۇچىنىڭمۇ ئاشۇ بۇددا دىنى توغۇرلۇق بىر تېما چىقارغۇچە،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى چىقسىچۇ دېگىنى ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس.
بىزنىڭمۇ نۇرغۇن بۇددا دىنغا ئائىت كىتابلار بار،ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز،بىز بۇرۇنقى مەدەنىيەتلىرىمىزنىمۇ قەدىرلەيمىز!