ئىگىسى: arman03

«مەكتەپلەرنى يىغىش» زادى پايدىلىقمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20644
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 23:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي   يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا  بۇ ئىشلار راستىنلا خاتا.ئويلاپ بېقىڭلار قېرىنداشلىرىم  بىر ئائىلدە ئاتا ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇستازى،پەرزەنتلەر ئۇلاردىن مىھرى-مۇھەببەتنى،قانداق ئادەم بولۇشنى،ئەدەپ -ئەخلاقنى،ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىشنى...........دىگەندەك نۇرغۇن تەربىينى ئۇلاردىن ئالىدۇ ،ئەمما پەرزەنتلەر ئۆيدىن ئايرىلسىچۇ؟  بالىلاردا چوقوم يۇقارقىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ،ھەرقانچە ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار بولسىمۇ شارائىت ھەرقانچە ياخشى بولغان بىلەنمۇ  ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى 100  100 1000 ......بوپ كەتسىمۇ  كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ لۇغىتىدىن ۋەتەن خەلىقسۆيگۈسى،مىللەت،ئانا تىل غۇرۇرى،ئىمان -ئتىقاد ...ھېچقايسسىنى تاپقىلى بولمايدىغان سىياقى ئادەم    لەرلا يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.بولدلا جىق گەپ قىلماي ھەممىمىزدە كاللا بولغاندىكىن تەپەككۇر قىلايلى،چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرەيلى

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 00:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا مەمتىلى تەۋپىقمۇ ئاتۇشنىڭ ھەر بىر كەنتىدە بىردىن مەكتەپ ئېچىپتىكەن، يىغىپلا ئاچماپتىكەن، ھەي!!! ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭلار، مەكتەپ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئارتۇق ئىشتاتى ياكى كېلەڭسىز بوپ كەتكەن ئاپاراتى ئەمەس، يىغىپ مەركەزلەشتۈرىدىغان زاۋۇت- كارخانا ئەمەس، مەيلى شارائىتنى ھەرقانچە ئالى قىلىپ بەرسىمۇ، بۇنداق قالايمىقان يىغىپ باشقۇرۇش  ئوتتۇرا-باشلانغۇچقا نۆزەمبىللا ماس كەلمەيدۇ، خالاس.


UID
20698
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەن سەبىلەرنى روھ بىسىمغا سورەپ كىرىدۇ.چۇنكى باللارنىڭ تۇرمۇش
جەمىيەت ۋەئىېزدىماھى مۇناسىۋەتلەرگە بوغان تونىشى سۇنداقلا چۇشەنچىسى تولۇق يىتىشمىگەن بولدۇ.
ئائىلە سەبىلەرنىڭ مىھىرى-مۇھابەتكە تويۇندۇرسا،مەكتەپ باللارنى كەلگۇسىگە ئۇمۇت ئارزۇسىغا تۇيۇندۇردۇ.
دىمەك ئائىلە بىلەن مەكتەپ باللارنىڭ بىر پۇتۇنلكىگە ۋەكىللىك قىلدۇ .ناۋادا بىر كەم بولسا سەبىلەرنىڭ روھ
دۇنياسىنى قاراڭغۇلۇق  قاپلايدۇ،مەكتەپلەرنىڭ  كوپلەپ ئىچىلشى بىر مىللەتنىڭ مەدىنيەت-سەۋىيسىگە كىملگىگە ۋەكلىك قىلدۇ...بۇنى نىمەدەپ چۇسەنشەك بولا؟؟؟؟؟؟؟؟؟
قولىمىزدىن كىلدىغىنى ئوكۇنۇش،ئازاپ،تىڭرقاش،ھەيرانلىق،ئومۇت سىزلك خالاس.......

UID
10883
يازما
139
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4701
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھيىسى ماناشۇئىشىنى تۇنجى قىلغان ناھيە. شۇيەردىكىلەر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىڭلار قېنى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركۆرگەن ئەلا دەپتىكەن. سىلەر ئۆزكۈزۈڭلاربىلەن كۈرۈپ تۇرغان دىكىن. ھازىر ھەممە ناھيىلەر بەس-بەستە باشلاپ كەتتى بۇكاتتا ئىشىنى.

UID
10883
يازما
139
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4701
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:52:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا «بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتا-.ئانىسىنىڭ نامازئۇقۇپ رۇزاتۇتقىنىنى كۈرۈپ چوڭ بولغاچقا، ئۇلارمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىدىكەن، مەكتەپلەرنى يىغىۋەتسەك، «ساغلام» چوڭ بۇلىدۇ» دېگەن گەپمىش ئاخىرىدا.

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 17:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yurichi نىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ ، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئىككى ئوغۇلغا ئانا بولغان مەن كۆز ياشلىرىمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم، ئېسىت!!!
تازا جايىغا چۈشكەن كىنايىلەرنى ئوقۇپ يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىۋېتىپتىمەن، ئىچىمنى خۇددى بىرنېمە تاتىلىغاندەك بولۇپ قالدىم، ئوتۇننىڭ كۆيۈپ تۈگىگىنى بىلەن ھېساپلىشىشنى ئويلاپمۇ قويماي، كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈش بىلەن پايپېتەك بوپ يۈرگەن بىر توپ ھاماقەت باشلىقلار، بىر ئېغىزمۇ ھەققانى گەپ قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرغان نىمجان مائارىپ رەھبەرلىرى.....ئاخىرىدا بىزنىڭ غۇلجىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى 3-سىنىپتىن باشلايمەن دەپ چاڭ چىقىرىپ، ئۆزى چىقارغان چاڭغا 4 يىلدىن كېيىن كۆمۈلۈپ يوق بولغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كالۋا شۇجىسى بىر-بىرلەپ كۆز
ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن ئەمدى يەنە يېڭى بىر ئازاپنى تېپىۋالغىنىمغا ئىشەندىم.
yurichiنىڭ بۇ يازمىسى ھەقەقى ئېسىل ئىنكاس بوپتۇ.

UID
18860
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق مەسىلىنى ئانالىز قىلىشتا ئۇنى ئىككى تەرەپتىن ئانالىز قىلىش كېرەك، يەنى «ياخشى» تەرەپ ۋە «يامان» تەرەپ، بۇ يەردىكى مەسىلە مۇشۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭ نوقتىسىنى تېپىشتۇر. ئەگەر بۇ يەردىكى تەڭپۇڭ نوقتا ياخشى تېپىلمايدىكەن. ئەسلىدىكى ياخشى ئىش ئەكسىچە ناچار تەسىر بېرىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ.
مەسىلەن، ئاشقا تۇز كەم بولسا، تۇزسىز تاماقنى ھېچكىم يېمەيدۇ. ئەمما ئازراق تۇز سېلىۋەتسەك بۇ ئاشقا باشقىچە تەم كىرىپ ئادەمنىڭ تامغىقىدا قالغۇدەك، ھەتتا بەزىدە تامغىقىنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ يەيدىغان مەززىلىك تاماق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئەگەر ئاشپەز تۇز سالسا تەمى ياخشى بولىدىكەنغۇ دەپ ئاشۇ تۇزنى سەللا كۆپ سېلىۋەتتە بۇ مەززىلىك تاماق ئەسلىدىكى تۇزسىز تاماقتىنمۇ ناچار بولۇپ كېتىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا پەقەت تۇزنى مۇۋاپىق سېلىش كېرەك.
ئەمدى ماۋۇ مەسىلىگە كەلسەك، بۇ يەردىمۇ ئەسلىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ناچار دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما دۆلىتىمىز ھەددىدىن زىياردە چوڭ، ھەددىدىن زىياردە چوڭ بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى مەسىلە ئەسلىدىكى ياخشى سىياسەتنىڭ تەڭپۇڭ نوقتىسى يامان تەرەپكە بېسىپ كەتكەن خالاس. قانداق قىلغاندا مۇشۇ تەڭپۇڭ نوقتىنى ئەڭ ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ ھەممىمىزنىڭ كاللىمىزنى سىلكىپ تۇرۇپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

UID
18860
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 19:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yantak0731 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-29 22:20
سېز نىڭ دىگىنىڭىز  مۇ  توغرا.لىكىن ئوقۇغۇچىلارگە مەكت ...

ئوقۇچقۇچى تۇرۇپ «ق» دېيەلمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟ مۇمكىن بولسا دىققەت قىلغايسىز....

UID
18860
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 19:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman03 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 10:52
مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا «بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتا-.ئانىسىن ...

بۇ خىل ئەھۋال يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەستۇ، ئىچكىرىدىمۇ باردۇ...

UID
18873
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 20:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە مەكتەپلەرنى تىغماسلىق كىرەك .ئامرىكدەك تەرەققى قىلىغان ئەللەردىمۇ ئۇقۇغۇچى سانى ئوتتۇزغىمۇ يەتمەيدىغان يېزا مەكتەپلىرى كۆپ ئىكەنغۇ ،(بۇ مىنىڭ ئامېرىكا كىنولىرىنى كۈرۈپ ھىس قىلغانلىرىم)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش