كۆرۈش: 9858|ئىنكاس: 71

«مەكتەپلەرنى يىغىش» زادى پايدىلىقمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10883
يازما
139
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4701
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 12:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[color=Red

]«مەكتەپلەرنى يىغىش» زادى پايدىلىقمۇ؟



«مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرۇش» 2001-يىلدىن باشلانغان، يېزابازارلاردىكى مەكتەپلەرگە قارتىلغان مائارىپ ئىسلاھاتى بۇلۇپ،  ئەسلىدىكى يېزا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى شەھەردىكى بىر جايغا يىغىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 2001-يىلى گوۋۇيۈەن « گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسى مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» دېگەن ھۆججىتى چۈشۈرۈلدى. ھۆججەتنىڭ 13-ماددىسىدا « جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرى مائارىپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشىنى تەڭشىسە بۇلىدۇ» دىيىلگەن بۇلۇپ،  باشلانغۇچ مەكتەپلەر چۇقۇم ئۇقۇغۇچى بالىلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايغا يېقىن بۇلۇش، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر نىسبەتەن مەركەزلىشىش، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە، مەكتەپلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، قاتناش قۇلايسىز بولغان رايۇنلاردىكى ئۇقۇتۇش نوقتىللىرىنى ساقلاپ قېلىش ، مەكتەپلەرنى قايتا ئۇرۇنلاشتۇرۇش تۈپەيلى ئۇقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ  مەكتەپتىن چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم، دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگۇيېزىللىرىدا «مەكتەپلەرنى يىغىش» ئەسەبىلەرچە ئېلىپ بېرىلدى.

1997-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە يېزاباشلانغۇچ مەكتەپ سانى ئىستاتىكىسى

       
1997-يىل        2009-يىل        كەمەيگەن ئۇمۇمى مەكتەپ سانى        ئوتتۇرچە ھەركۈنى كەمەيگەن سانى
مەملىكەت بۇيىچە باشلانغۇچ مەكتەپ سانى        512993        234157        278836        64
مەملىكەت بۇيىچە يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ سانى        628840        280184        348656        80
(جۇڭخۇاخەلىق خۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سان)
بىرىنجى: «مەكتەپلەرنى يىغىش» نىڭ باھانە- سەۋەپلىرى:1-
يېزىلاردىكى ئۇقۇغۇچىلار مەنبىئى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن كەمەيگەن .2- يېزىلاردىكى كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يىغىۋەتكەندە، ئۇقۇتقۇچى ۋە مائارىپ سېلىنمىسى جەھەتتىن ئىقتىسات قىلغىل بۇلىدۇ. 3-  مەكتەپلەرنىڭ كۈلۈمى كەڭەيگەندە، كۈلەم ئارقىلىق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى كۈتۈرگىلى بۇلىدۇ.4- يېزاباللىرىنىڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇقۇشى بىلەن شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ.
يۇقارقى سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنجىسى چەك باسقاندىن سىرىت، قالغانلىرى پەقەت يەرلىك مائارىپ سىياسەتلىرىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تېپىپ چىققان سەۋەپلەردۇر. كىيىنكى ئەمەلىيەت بۇخىل ئارزۇ- ئۈمۈتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما يەرلىك ھۈكۈمەتلەر «مەكتەپلەرنى يىغىش»ئىشغا تەلۋىلەرچە قىزىقىشىدىكى سەۋەپ يۇقارقى تۆت تۈرلۈك سەۋەپ بىلەننمۇ  مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بۇنىڭدىكى ھەقىقى سەۋەپ ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ بۇلۇپمۇ ناھيە دەرىجىلىك ھۈكۈمەتنىڭ يەرلىك مالىيە بېسىمىنى زور دەرىجىدە يىنىكلەتكەنلىكىدە.
2001- يىلى، دۆۋلەتنىڭ باج ھەق ئىسلاھاتى ئۇمۇمىيۈلۈك ئېلىپ بېرىلدى.  بۇئىسلاھات ئېلپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مائارىپ سېلىنمىسنى ئاساسىلىقى يېزابازارلار ئۈستىگە ئالاتتى (دېھقانلاردىن يىغىۋالاتتى). 2001-يىلى باج ھەق ئىسلاھاتى (باجنى ھەققە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى) ئۇمۇمىيۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، ھەرخىل يېزائىگىلىك قۇشۇلماباج ۋە ھەرخىل كوللىكتىپ جۇغلانمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ناھيەيېزىلارنىڭ مالىيەكىرىمى كەمەيدى.
2001-يىلى دۆۋلەت مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، بۇ «مائارىپ گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرلىك ھۈكۈمەتلەر مەسئۇل بۇلۇپ، دەرىجىگە بۈلۈپ باشقۇرۇشتەك ناھيىنى ئاساس قىلىدىغان مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈلمىسى»دىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ سېلىنمىسى زور دەرىجىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. چۈنكى مەركەزدىن يەرلىك مائارىپقا مەبلەخ ئاز بىرىلدى، ئەمما يەرلىكلەر باج ھەق ئىسلاھاتى تۈپەيلى كىرىمى ئازىيىپ كەتكەچكە مائارىپقا سېلىنىمىسى تېخىمۇ يىتىشمىدى، شۇنىڭ بىلەن «مەكتەپلەرنى يىغىش» نى ئەسەبىلەرچە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق چىقىمىنى تىجەشكە ئۇرۇندى.
ئىككىنجى: «مەكتەپلەرنى يىغىش» يەرلىك مالىيىگە زادى قانچىلىك پايدا ئەپ كەلدى؟2009-يىلى خۇاشاڭ گېزىتى مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىشلىگەن بۇلۇپ، مەلۇم بىر يېزا مەكتىپىنى نوقتا قىلغان، بۇمەكتەپنىڭ «مەكتەپلەرنى يىغىش»تىن بۇرۇنقى چىقىمى 263مىڭ 816يۈەن بولغان بولسا، «مەكتەپلەرنى يىغىش» دىن كىيىنكى چىقىمى 213مىڭ 744يۈەن بولغان. شۇنداق بولغاندا بىرمەكتەپ يىلدا50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تىجەپ قالسا، پۈتۈن ناھيەبۇيىچە يىگىرمە مەكتەپتىن يىلىغا بىرمىلىيۇندىن ئارتۇق مەبلەخ تىجىگىلى بۇلىدۇ، ئوتتۇزيىلدا 30مىلىيۇندىن ئارتۇق تىجىگىلى بۇلىدۇ.
«مەكتەپلەرنى يىغىش» نىڭ ئەسلى مۇددىئاسى مانامۇشۇنداق ھەم تىجەشلىك ھەم ئۈنۈملۈك بۇلۇشنى كۆزلىگەن بولسا، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان.
«مەكتەپلەرنى يىغىش» تىن تېخىمۇ كۆپ ئىسراپچىلىق كىلىپ چىققان. بىرىنجىدىن ئەسلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرى يېڭى مەكتەپكە ئېلىپ كەلمەي تاشلىنىپ قالغان. كونامەكتەپنىڭ سىنىپ-ئىشخانا بىنالىرىنى يەرلىك ھۈكۈمەت ئىسكىلات قىلغان، ياكى كارخانىلارغاساتقان ياكى باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن، ھەتتا چارۋاباقىدىغان قۇتان قىلىۋالغان. يېڭى مەكتەپتە بولسا «مانچىلىك يېڭى ئۇقۇغۇچى يېڭىدىن كەلدى» دەپ ئۇنىڭغا يەنە كىشى بېشىغا پۇل سۇندۇرۇپ يېڭىدىن ئەسلىھە سېتىۋالغان. ئىككىنجىدىن ناھيەدەرىجىلىك مالىيە چىقىمى كېمەيگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا چىقىملار ھەسسىلەپ ئاشقان. مەسىلەن: يېڭى كەلگەن بالىلارغا ياتاق، سىنىپ، تەنتەربىيەمەيدانى، ئىشخانا، كۈتۈپخانا ۋە باشقا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بۇلۇپ نەچچەئون ھەسسە مەبلەخ كەتكەن. ئۈچۈنجىدىن، دېھقانلارنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئاشقان. مەجبۇرى ھالدا شەھەر-بازارلارغا يۆتكەلگەن بالىلار يەنە نۇرغۇن قاتناش ھەققى، تاماق ھەققى، ياتاق ھەققى، دەرىس تۇلۇقلاش ھەققى ۋاھا-كازا ھەقلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تاماقنى ئۈيىدىنلا يەپ چىقىدىغان، ھېچقانداق قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى كەتمەيدىغان بالىلار ئەمدى نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغراكەلگەن، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەن، بۇلۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىشقا سەۋەپ بولغان. ئەسلىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ئەمەس بەلكى چۇڭايتىۋەتكەن.
ئۈچۈنجى: مەكتەپەرنى يىغىشتىكى دەسلەپكى باھانە-سەۋەپ « كۈلىمى كىچىك، ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ئاجىز، شارئىتى ناچار...» دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسىلانغاندا، مەكتەپلەر يىغىلغاندىن كىيىن بالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە ياخشىلىنىش بولمىغان. ئۇنداقتا ئاتالمىش شەھەردىكى ئىسىل مۇھىت، ياخشى ئەسلىھە، داڭلىق ئۇقۇتقۇچىلار يەنە نىمەئۈچۈن بۇبالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۈتۈرەلمىدى؟ يېزاباللىرى شۇنداق دۆتمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭىدىكى سەۋەپ كۆپ تەرەپلىمە بۇلۇپ، ئاساسىلىقى بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلى توق، رۇھى جەھەتتىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ، مەكتەپلەر يىغىلغاندىن كىيىن بالىلار كىچىكىنەك تۇرۇپلا ئاتا-ئانا ۋە ئۆيدىن ئايرىلىپ، رۇھى جەھەتتىن يىتىمسىرايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆسىتىدۇ. بالىلار يىراقلاردىن كېلىپ ئۇقۇيدىغان بولغاچقا، يولدىكى قاتناش قىيىنچىلىق ۋە ھارغىنلىق مەلۇم جەھەتتىن ئۈگۈنۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار كىچىك بولغاچقا نەچچەمىڭ بالىلار يېتىپ ئۇقۇيدىغان ياتاق تۇرمۇشىغا  كۈنەلمەي رۇھى جەھەتتىن بسىمغا ئۇچۇرايدۇ. كىچىكىنەك تۇرۇپلا ئاشخانىلاردا ئۈچىرەتكە تىزىلىپ تاماق ئېلىپ يىيىشمۇ تەس تۇيۇلىدۇ، نەچچەمىڭ كىشىلىك ئاشخانىلارنىڭ تازىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردىن تەلەپكە لايىق بۇلىشىمۇ ناتايىن.  يىغىلغان مەكتەپتە ئادەم سانى ھەددىدىن كۆپ بولغاچقا،  ياتاقتا ئاغرىپ قالغان بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش مېھرىبانلىققاتەشبۇلىدۇ-يۇ ئەمما دەمال ئۇنىڭغا ئىرىشەلمەيدۇ. ماناشۇنداق سەۋەپلەر ناھايىتە كۆپ. مانابۇمەسىللەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ، ئەمما يەرلىك ھۈكۈمەت پۇل تىجەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشى بولغاچقا، بۇمەسىلەر يەنىلا ھەل بولمايدۇ.
ئەۋرىشكەئېلىپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، نەچچەمىڭ كىشىلىك مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماق قۇۋىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن، ئۇزاق يىل تاماق قۇۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى تۈۋەنلەپ، ئاخىرىدا بىرئەۋلات تىنى ئاجىزبالىلار مەكتەپتىن چىقىدىكەن. ئوخشاش ياشتىكى بالىلاربىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇبالىلارنىڭ تەن ئىگىزلىكى، ئەقلى سەۋىيىسى، بەدەن ساپاسى، پىسخىك ھالىتى، جەمىيەت ئۇمۇمى ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر مەسىللەر ساقلانغان. دېمەك بىرئەۋلات بالىلار ھەممە جەھەتتىن نابۇت بولماقتا.
بۇبالىلارنىڭ چۇڭى 11-12ياش بولسا كىچىكلىرى بەكلا كىچىك، بالىلار بالدۇرلار ئائىلىسىدىن ئايرىلغىنى ئۈچۈن ئائىلە تەربىيىسىدىن مەھرۇم قېلىش، ئاتا-ئانا مېھرىگە قانماسلىق، كۆڭلىدە مېھرى-مۇھەببەت كەمچىل بۇلۇپ يىتىلىش، پىسخىك جەھەتتىن نۇرمال يىتىلمەسلىك قاتارلىق بىرقاتار زور بەدەل تۈلەيدۇ. بۇلار بەئەينى خۇددى «ماشىنائادەم» بۇلۇپ چوڭ بۇلىدۇ خالاس.
ياتاق، تاماق ۋە قاتناش ھەقلىرىگە چىقىنالمىغان ئائىللەر باللىرىنى مەكتەپتىن بالدۇرلا چىكىندۈرۈشكەمەجبۇر بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىرتۈركۈم بالىلار نابۇت بۇلىدۇ.
مانابۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى «شەھەر يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش» دېگەن شۇئار قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ.
تۆتىنجى: مەكتەپ ماشىنىللىرنىڭ ھادىسىگە ئۇچۇراش مەسىللەر شىددەت بىلەن كۈپەيگەن. يېقىنقى نەچچەيىل مابەينىدە مەكتەپلەرنى يىغىش شامىلى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئۇقۇغۇچىلار ئولتۇرغان مەكتەپ ماشىنىللىرىنىڭ قاتناش ھادىسىگە ئۇچىراش ۋەقەلىرى كۈپەيدى. بالىلار كىچىكىنە تۇرۇپلا ئېچىنىشلىق ئۈلۈپ كەتمەكتە، بۇكىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ.
خۇلاسە كالام، ئاشۇنداق ئاتالمىش سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مەبلەخ تىجەش شۇئارى ئاستىدىكى مەكتەپلەرنى يىغىش شامىلى ئۇچۇرۇپ نابۇت قىلىۋاتقان يېزاباللىرى قاچانلىققا ھەقىقى مەنىدىكى، قىلچە يالغانچىلىق ئارلاشمىغان ئۇقۇش شارائىتىغا ئىگە بۇلىدۇ؟ مۇشۇخىل خاتا سىياسەتنى تەلۋىلەرچە يولغا قۇيىۋاتقان ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنىڭ ئەنەشۇنداق رۇھى، جىسمانى جەھەتتىن نابۇت بۇلىشىغا چىداپ تۇرالامدۇ؟  ئۈزىنىڭ ئارزۇلىق باللىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئېچنىشلىق ئۈلۈپ كىتىشىگە  چىداپ تۇرالامدۇ؟ نېمەئۈچۈن گوۋۇيۈەننىڭ بۇ«قارار» ىنىڭ 13-ماددىسىدىكى « ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈيىگە يېقىن بۇلۇش ، ئۇقۇشىغا قۇلايلىق بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش» دېگەن بەلگىلىمىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ؟
2010-يىلى، «مەكتەپلەرنى يىغىش» تىكى كۆپلىگەن مەسىللەر تۈپەيلى گوۋۇيۈەن يەنە « مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرۇشنى ۋاقتىنچە كىچىكتۇرۇش» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى، ئەمما كاللىسى قىزىغان يەرلىك ئەمەلدارلار نىڭ «قىزغىنلىقى» تېخى تۈگۈگىنى يوق.
ھەممىمىز سىياسەت يولغا قويغۇچىلارنىڭ ئۈزىنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىپ ئاندىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن،  ھەقىقى خەلىقپەرۋەرلىكنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قۇيىشىغا تەشنابىز.


مەنبە: تىڭشۈن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 15:36  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18907
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 13:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ يا خشى يىزىپسىز   بۇتىمىنى  ،ئەسلىدىنلا ئويلىنىشقا تىگشلىك ئىدى بۇ مەسىلە ،باللارنى كىچىكلا ئۆيدىن ئاتا-ئانىدىن ئايرىش باللاردىكى پىسخىك كەم تۈكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقرشى ئۇنىڭدىن سىرىت«نۇرغۇن  جەھتلەردىكى »ئاتا -ئانا تەربىيەسىدىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن.......
  رەخمەت سىزگە     
   

UID
19691
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 14:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق !  يىزا باللىرى ‹شەھەرلىك› بولۇپ كەتتى لىكن يىزا تىحىمۇ ‹يىزا› بولۇپ كەتتى !!!!

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 14:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەبلەرنى يىعىپ باشقۇرۇش ،بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش  ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇشكە پايدىلىق .  بىزدىكى قىرىپ ئولگۇچە ئانىسىنىڭ ئەمچىگىدىن ئايرىلالماسلق پىسحىكىسى  توگىمىسە  تۇرمۇش ئەندىزىمىز  مەڭگۇ ئوزگەرمەيدۇ  .

UID
20789
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 15:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى   مۇستەققىل ياشاش  ئىقتىدارىنى  يىتىلدۈرىدۇ دەڭ  ،  ئۇلار بەكلا   مۇستەققىل بولۇپ كىتىپ ئائىلە   دېگەن  ئۇقۇمنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن   يەنە!~~~  مەكتەپلەرنى   يىغدى قانچىلىك خىزمەت   ئورنى بىكار بولدى ،بۇجەمئيەتكە  يەنە قانچىلىك  ئىشسىزلىق   بىسىمى   ئېلىپ كەلدى   بۇنى   كىم  ئويلايدۇ ئەمدى~~~~~  مەنچە   بۇئىش   تۈپتىن   خاتا ~~~    پەقەت   پۇللا  مۇھىمما   بۇ  جەمئىيەتتە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
15037
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 15:59:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بەزى مەكتەپلەردە گورۇخۋازلىق شەكىللىنىپ، توپ-توپ بولۇپ سوقۇشىدىغان ئىشلار نىڭ چىققىنىنى ئاز دەپ،بالىلاردىن! كىنولاردىكى قارا جەمىيەتنىڭ تۈسىنى ئېلىپ ،يامانلىرى ئاجىزلىرىدىن قوغداش ھەققى ئالىدىغان بوپتۇ.بۇنىڭغا ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئامالى قالمىغان.

UID
15037
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 15:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بەزى مەكتەپلەردە گورۇخۋازلىق شەكىللىنىپ، توپ-توپ بولۇپ سوقۇشىدىغان ئىشلار نىڭ چىققىنىنى ئاز دەپ،بالىلاردىن! كىنولاردىكى قارا جەمىيەتنىڭ تۈسىنى ئېلىپ ،يامانلىرى ئاجىزلىرىدىن قوغداش ھەققى ئالىدىغان بوپتۇ.بۇنىڭغا ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئامالى قالمىغان.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 17:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،يۇقارقىلارنى كۆرۈپ شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم  كىلىۋاتىدۇ.
مەكتەپلەرنى يىغىش ئارقىلىق بەزى ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن يەرلەر بار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ،تاماقلىرىنى ،ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە  ھەتتا 15 كۈندە 4 كۈن قىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە مەخسۇس ئاپتۇبۇس بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان ،24 سائەت ھەر بىر قەۋەتتە دۇجۇرنى دوختۇر ،ئوقۇتقۇچىلىرى بار دۆلەتتىن مەخسۇس تاماق ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىنىپ ،يوتقان -كۆرپە ،ھەتتا چىش پاستىسى ،لۆڭگە ،داسلارغىچە بىر يۈرۈش مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ،ھەركۈنى سۈت ئىچىش ئۆلچەم قىلىنغان ،ساپالىق ئوقۇتقۇچى بىلەن ساپاسى يوق سەۋىيىسىزلەرنى تولۇق ئايرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ بار.ئەمما مۇشۇنداق ياخشى شارارئىتلارنى يارتىپ بەرسىمۇ يەنە ماسلاشمايدىغان ،قەدرىگە يەتمەيۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ،شۇ ڭا ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ .
مەن پەقەت ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەننى دەپ  قويدۇم.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 17:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،يۇقارقىلارنى كۆرۈپ شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم  كىلىۋاتىدۇ.
مەكتەپلەرنى يىغىش ئارقىلىق بەزى ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن يەرلەر بار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ،تاماقلىرىنى ،ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە  ھەتتا 15 كۈندە 4 كۈن قىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە مەخسۇس ئاپتۇبۇس بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان ،24 سائەت ھەر بىر قەۋەتتە دۇجۇرنى دوختۇر ،ئوقۇتقۇچىلىرى بار دۆلەتتىن مەخسۇس تاماق ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىنىپ ،يوتقان -كۆرپە ،ھەتتا چىش پاستىسى ،لۆڭگە ،داسلارغىچە بىر يۈرۈش مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ،ھەركۈنى سۈت ئىچىش ئۆلچەم قىلىنغان ،ساپالىق ئوقۇتقۇچى بىلەن ساپاسى يوق سەۋىيىسىزلەرنى تولۇق ئايرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ بار.ئەمما مۇشۇنداق ياخشى شارارئىتلارنى يارتىپ بەرسىمۇ يەنە ماسلاشمايدىغان ،قەدرىگە يەتمەيۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ،شۇ ڭا ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ .
مەن پەقەت ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەننى دەپ  قويدۇم.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 17:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرسا قانداقسىگە ئىشسىزلىق كەپ چىققىدەك؟ تېخى جەمىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردىن ئىمتىھان ئارقىلىق ،ئاشپەز ،ئىشچىلارنى قوبۇل قىلۋاتىدۇ (توىتاملىشىپ ،5 خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ)ھەتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتكەن ،ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نە نەلەردىن كىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-29 17:49):
بۇ پەقەت باشقۇرۇشتىكى مەسلە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش